پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئاياللار جىنسى ئەزا ئاناتومىيسى
  • بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
  • ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...
  • چىرايلىق ئاياللار
  • ئاددىي رېتسىپ
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟
  • بوۋاقلارغا قايسى مەزگىلدە كالتسىي تولۇقلاش مۇۋاپىق
  • بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئوينىشى
  • بوۋاقلارنىڭ چىشىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلمىغىنى ياخشى
  • بوۋاقلارنىڭ ئۆيىگە گۈل قويماسلىق كېرەك
  • بالىلاردىكى پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش
  • بالىلارغا ئەملەش زۆرۈر بولغان 11 خىل ۋاكسىنا
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 10 سائەتكە يېتىش كېرەك
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ھامىلدار ئاياللار يىمەكلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ل ...
  • مۇئاشىغىلا تايىنىۋالماي قوشۇمچە پۇل تىپىشنى ئويلايدى ...
  • بالىلار دورا بويۇملىرىدىن يىراق تۇرىشى كېرەك
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • بالىسى بار ئاياللار
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ داۋاسى
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • سېمىز ئاياللار پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىكى كېرەك
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  •  
    بالىلاردىكى پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش
    يوللىغان ۋاقىت:2011-07-19 ئاۋاتلىقى:20435
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    «بالىلاردىكى پسىخىكىلىق مەسىلىلەر » دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىككى قاتلاملىق مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيىتى ۋە ئىپادىسىنىڭ تەڭ ياشتىكى باشقا بالىلارغا نىسبەتەن نورمالسىزلىقنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، « پسىخىكىلىق تۇسالغۇغا ئۇچراش » ئۇقۇمى بىلەن مەنىداش. يەنە بىرى، روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بولۇپ، نورمال بالىلار بىلەن روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرگە يەنى بالىلارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان قورقۇنچاقلىق، تەشۋىشلىنىش، يالغان سۆزلەش، كېكەچلەش، سىيگەكلىك قاتارلىق ئانچە ئېغىر بولمىغان بىر قىسىم پسىخىكىلىق مەسىلىلەرگە قارىتىلغان. بۇ مەسىلىلەر گەرچە بالىلار يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي يوقالسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پسىخىكىلىق تەرەققىياتىغا ۋە ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ تېنچلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، پسىخىكىلىق مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

    تۆۋەندە بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان پسىخىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى داۋالاش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

     1. خامۇشلۇق كېسەللىكى 

    بۇ بىر تۈرلۈك روھىي خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كۆپرەك كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ قىزلاردا كۆپرەك كۆرىلىدۇ. خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ. يەككە - يىگانە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەمراھلىرىغا ۋە ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ، ھېچقانداق ئىشقا قىزىقمايدۇ، ئۆز - ئۆزىنى كەمسىتىدۇ، مىجەزى غەلىتە ۋە تەرسا بولىدۇ، دائىم ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ. بۇ، بالىلاردا باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: بالىلاردىكى خامۇشلۇق كېسەللىكى ئاساسلىقى پسىخىكا جەھەتتە تەسىرگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئىمتىھان نەتىجىسى ناچار بولۇش ۋە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ھېسسىيات جەھەتتە زەربىگە ئۇچراش، ئىززەت - ئابرويى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىش، ناچار خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچراش، ھەمىشە يەككە - يىگانە يۈرۈش، ئاتا - ئانىسىنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراش، ھەددىدىن زىيادە ئىچ مىجەز بولۇش بالىلاردىكى خامۇشلۇق كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەردۇر. 

    داۋالاش تەدبىرلىرى: بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا پسىخىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتە « تونۇتۇش ئارقىلىق داۋالاش » ۋە « پسىخىكا جەھەتتە ئانالىز قىلىپ داۋالاش » ئۇسۇللىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىدۇ.

    2 . تەنھالىق كېسەللىكى 

    بۇ خىل كېسەللىك كۆپىنچە بوۋاقلىق ۋە گۆدەكلىك مەزگىلىدىكى بالىلاردا كۆرىلىدۇ. بۇ، بالىلاردا كۆرىلىدىغان بىر تۈرلۈك روھىي توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتە بالا ئۈچ ياشتىن بۇرۇنلا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئوغۇل بالىلاردا قىزلارغا قارىغاندا كۆپ كۆرىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى باشقا بالىلار بىلەن ئويناشقا قىزىقمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئويىنىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، ھەتتا چاقىرسىمۇ ئويۇنغا قاتناشمايدۇ. ئادەتتە ئىنتايىن ئاز گەپ قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى ھەمىشە قول ئىشارىتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، قىزىقىش دائىرىسى تار بولىدۇ، يېڭى مۇھىتقا ئاسانلىقچە ماسلىشالمايدۇ، مەلۇم شەيئىلەرگە مەسىلەن، ئويۇنچۇق ۋە ھايۋانلارغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ ۋە ھەر ۋاقىت ئۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ زېھنىي قابۇلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى مەلۇم جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار تەرىپىدىن تالانتلىق ئۆسمۈر دەپ قارىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ھېسسىي بىلىش، تىل، ھېسسىيات، ئەقلىي قابىلىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئېھتىمال ئائىلە مۇھىتى، ئىرسىيەت، مېڭە كېسەللىكلىرى ۋە ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىستېمال قىلغان مەلۇم بىر خىل دورا قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. 

    داۋالاش تەدبىرلىرى: تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاشتا ئالاھىدە تەربىيىلەش، ھەرىكىتىنى تۈزىتىش ۋە دورا بىلەن داۋالاشنى زىچ بىرلەشتۈرگەندە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، تىل مەشقىنى كۈچەيتىش، ھەرىكەت ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كېسەل بالىلارنى ئۈنۈملۈك داۋالاش كېرەك.

    3. قورقۇش كېسەللىكى 

    بالىلاردىكى قورقۇش كېسەللىكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بالىلاردا پەيدا بولغان ئادەتتىكى كونكرت شەيئىي ۋە ئەھۋاللارغا قارىتا ھەددىدىن زىيادە قورقۇش ۋە تەشۋىشلىنىشنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلار ئىت ، توخۇ قاتارلىق ھايۋانلاردىن ھەددىدىن زىيادە قورقىدۇ، كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشتىن، زەخىملىنىشتىن، قاراڭغۇدىن، چاقماق چېقىشتىن قورقىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە نەزەر سېلىشىدىن ۋە ناتونۇش ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: بالىلاردىكى قورقۇش كېسەللىكىنى ئاساسلىقى مۇھىت ۋە تەربىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاتا - ئانىنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەربىيىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: قورقۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاشتا ئاساسەن ئۇخلىتىپ داۋالاش، ئائىلىدە داۋالاش، دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

    4. جىم تۇرالماسلىق كېسەللىكى 

    بۇ خىل كېسەللىك بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان دىققىتىنى يىغالماسلىق ۋە ھەرىكىتى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە ئوقۇش يېشىغا توشماستىنلا كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، لېكىن ئانچە گەۋدىلىك بولمايدۇ، توققۇز ياشقا بارغاندا ئىپادىسى ئەڭ روشەن بولىدۇ. ئوغۇللارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى قىزلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. بالىلار ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، بىر جايىدا جىم تۇرالمايدۇ، كىچىلىرىمۇ تېنچ ئۇخلىيالمايدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ، كەيپىياتى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ، ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، ئىنتىزامچانلىقى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار بولىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسەللىكىنى ئاساسلىقى ئىرسىيەت ئامىلى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ كىچىكىشى ياكى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئويغىنىشى يېتەرسىز بولۇش، بالىلار تېنىدىكىMHPG.SO4 ، سىنىك، مانگان قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل، قوغۇشۇن، كادمىي قاتارلىقلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇشى، ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىق، ئاتا - بالىلىق مۇھاببەتتىكى بۇزۇلۇش، ئاتا - ئاتا بالىنى  ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىۋېتىش، ئوزۇقلۇق، ۋىتامىن كەمچىللىك قاتارلىقلار پەيدا قىلىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا تەربىيىلەپ يېتەكلەش، بىئولوگىيىلىك ئىنكاس ئارقىلىق داۋالاش، دورا ئارقىلىق داۋالاش، يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىدۇ.

    5.  تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى 

    بۇ خىل كېسەللىك بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان كەيپىيات جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئەندىشە قىلىش ۋە تەشۋىشلىنىش ئالامىتى ئىپادىلىنىدۇ. تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ. بىرى جىددىي خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ھەددىدىن زىيادە ئەنسىزلىنىش، قورقۇش، يۈرەك سېلىش، نەپىسى قىيىنلىشىش، باش ئاغرىش، ئىچى سىقىلىش، تەرلەش، پات - پات سىيىش، قاراڭغۇدىن قورقۇش ئالامەتلىرى تەڭ كۆرىلىدۇ. يەنە بىرى ئاستا خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش كېسەللىكى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلاردا خاتىرجەمسىزلىنىش، ھەرىكىتى كۆپىيىش، دىققەت دائىرىسى تارىيىش، ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋنلەپ كېتىش، ھەمراھلىرى بىلەن ئارىلىشىشى ئازلاش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئۇيقۇسى ناچار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبى: ئاتا - ئانىنىڭ تەسىرى، ئائىلە مۇھىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولىشى، بالىغا نىسبەتەن ئومىدنىڭ بەكلا يۇقكىرى بولىشى قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا ئالدى بىلەن بالىلاردىكى تەشۋىشلىنىش كېسەللىكىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كېسەللىككە قاراپ دورا بېرىش ۋە داۋالاش، جىددىي خاراكتېرلىككە دورا ئارقىلىق داۋالاش، سوزۇلما خاراكتېرلىككە پسىخىك داۋالاش بىلەن تەربىيە ئارقىلىق داۋالاش بىرلەشتۈرۈلۈپ داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. 

    6.  بارماق ۋە تىرناقنى شۈمۈش

    بۇ بىر تۈرلۈك ناچار ئادەت بولۇپ، پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بالىلىق مەزگىلىدە بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيد بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بالىلار قولىدا ياكى ئاغزىدا بىر نەرسە بولمىسىلا بارمىقىنى پۈتۈن كۈنلەپ ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ. ئادەتتە ئاغزىغا سېلىۋالىدىغان بارماق بىرلا بولىدۇ. بۇ ئاسانلا بالىلارنىڭ بارمىقىدا سۇلۇق ئىششىق، ئىنچىكىلەش، قاپارتقۇ، چىش تەكشى بولماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: سۆيۈلۈشكە نىسبەتەن ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلماسلىقى، تەڭ دىمەتلىك ھەمراھلىرى بولماسلىقى، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماسلىقى، يەسلىدىكى دوستلىرىنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى دورىشى، تەربىيىنىڭ ۋاقتىدا بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، ناتوغرا ئىمىتىشتىن ساقلىنىش، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورا بېرىش، توغرا تەربىيە ئېلىپ بېرىش، بالىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش، بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئويۇنچۇق ۋە ئويۇن سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بېرىش، بالىنىڭ تىرنىقىنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش، رايىنى ياندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.

    7.  كېكەچلىك كېسەللىكى 

    بۇ، بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بىر تۈرلۈك تىل جەھەتتىكى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى بولۇپ، گەپ قىلغاندا مەلۇم سۆزلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا قايتا - قايتا تەكرارلاش، سۆزلەرنى سوزىۋېتىش ياكى توختاپ قېلىش ئىپادىلىرى بولىدۇ. 4~2 ياشتىكى بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: كېكەچلىكنىڭ سەۋەبلىرى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئادەتتە ئىرسىيەت ۋە مېڭە ئىككى يېرىم شارىدىكى مەلۇم مېڭە فۇنكسىيىسىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، روھىي جەھەتتە ساغلام بولماسلىقى، تىلنىڭ فۇنكسىيىسى توسالغۇغا ئۇچرىشى، مېڭىنىڭ يۇقۇملىنىشى، باش قىسمىنىڭ زەخىملىنىشى، كۆكيۆتەل، قىزىل چىقىش، يۇقۇملۇق زۇكام، ئىسكارلاتىنا قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولۇشى، بالىلاردىكى دورامچانلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    داۋالاش تەدبىرلىرى : بالىلاردىكى 4~2 ياش مەزگىلىدىكى كېكەچلىك ئالامىتى ۋاقىتلىق بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ. گۆدەكلىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ياكى ئوقۇش يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېكەچلىككە قارىتا ئاساسلىقى « بىئولوگىيىلىك قايتۇرما تەسىر ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى » دىن ئىبارەت پسىخىكىلىق داۋاش ۋە تىل جەھەتتىن تۈزىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ.

    8.  سىيگەكلىك كېسەللىكى 

    بۇ خىل كېسەللىك بەش ياشتىن ئاشقان بالىلارنىڭ سۈيدۈكىنى كونترول قىلالماسلىق ئەھۋالىغا قارىتىلغان بولۇپ، خەلقئارادىكى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بويىچە 6~5 ياشلاردىكى بالىلار ھەر ئايدا ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم كارىۋاتقا سىيىپ قويسا، ئۇنىڭدىن چوڭراق بالىلار ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم كارىۋاتقا سىيىپ قويسا سيىگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. سىيگەكلىك كېسەللىكى كىچىسى سىيىپ قويۇش( كارىۋاتقا )، كۈندۈزى سىيىپ قويۇش ( ئىشتانغا)، كىچىسى ۋە كۈندۈزى سىيىپ قويۇش قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىسى سىيىپ قويۇش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ كۆرىلىدۇ. 10~ 5ياشتىكى بالىلاردا سىيىپ قويۇش ئەھۋالى كۆپ ئۇچرايدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 10 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ناھايىتى ئاز كۆرىلىدۇ. ئوغۇللاردا قىزلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبى: بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئىرسىيەت ئامىلى، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، بالىلاردىكى روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، ھەددىدىن زىيادە چارچاش، ئۇيقۇسى قاتتىق بولۇش، تەربىيىلەش ۋە بېقىش ئۇسۇلىدىكى نامۇۋاپىقلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا، ئاتا - ئانىلار بالىلاردا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈتۈش، كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش، « بىئولوگىيىلىك قايتۇرما تەسىر ئارقىلىق داۋالاش» ، تەربىيىلەپ مەشىق قىلدۇرۇش، دورا ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.

     9. سېمىزلىك كېسەللىكى 

    بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسەللىكى بالىلار تېنىدىكى قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ سەرپ قىلىنغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، بەدىنىدىكى ماي ھەددىدىن زىيادە توپلىنىپ قېلىپ، ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن ( بەدەن ئىگىزلىكىگە ئاساسەن نورمال ئېغىرلىقنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ) %20 ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. سېمىزلىك ماددا ئالمىشىش توسالغۇسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۆلچەم بويىچە ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. يەنى يېنىك دەرىجىدىكى سېمىزلىك ( نورمال ئېغىرلىقتىن %30~%20 ئېشىپ كەتسە)، ئوتتۇرا دەرىجىدىكى سېمىزلىك ( نورمال ئېغىرلىقتىن %50~%30 ئېشىپ كەتسە) ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى سېمىزلىك ( نورمال ئېغىرلىقتىن %50 ئېشىپ كەتسە ) تىن ئىبارەت.

    سېمىزلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، تەڭ دېمەتلىك بالىلارغا قارىغاندا كۆپ يەيدۇ؛ تەركىبىدە كراخمال ۋە ماي كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە قاتارلىق يەڭگىل يېمەكلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ؛ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى نورمال بالىلارغا قارىغاندا تېز بولىدۇ. بەدىنىدىكى ماي ئاساسلىقى قورساق، يانپاش ۋە قول - پۇتىغا تاپلانغان بولىدۇ. بۇنداق بالىلار گەرچە كۆرۈنىشتە ساغلام كۆرۈنگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بەدىنى ماغدۇرسىز بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: سېمىزلىك كېسەللىكىنى ئاساسلىقى بالىلار بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى، ئوزۇقلۇقنىڭ كۆپ، ھەرىكەتنىڭ ئاز بولىشى، ئاتا - ئانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى، مۇھىتنىڭ تەسىرى، ئىرسىيەت ئامىلى، ماددا ئالمىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا، بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قوشۇمچە يېمەكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش، ھەرىكەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، ھەرىكەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ئىلمىي بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بالىلاردا ئۆزىنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى ئۆزى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    10.ئوزۇقلىنىش جەھەتتە پسىخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى 

    ئادەتتە بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ئوزۇقلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكلىرىدىن ئىشتىھاسىزلىق، تاماق تاللاش، غەيرىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈۋېلىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىشتىھاسىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۇزۇن مەزگىلگىچە يېمەكلىككە قىزىقمايدۇ، ئىشتىھاسى ناچار بولۇپ ئاز يەيدۇ، تاماقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، مەجبۇرلىسا دەرھال ياندۇرىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن تۆۋەن بولىدۇ. تاماق تاللايدىغان بالىلار مەلۇم بىر خىل يېمەكلىكنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ. غەيرىي ئوزۇقلىنىش ئادىتى بار بالىلار بولسا نورمال ئادەملەر يېمەيدىغان ۋە يېيىشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرنى يەيدۇ، يېيەلمىگەن چاغلىرىدا بىئارام بولىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: بالىلارنى بېقىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىقنى ياكى تاماق تاللاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ كەمچىل بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ- دە بۇنىڭغا ئەگىشىپ غەيرىي ئوزۇقلىنىش ئادىتى شەكىللىنىدۇ. ئېمىتىشتىن توختىتىش، يەسلى ياكى مەكتەپكە بېرىش قاتارلىقلار بالىلاردا روھىي توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئوزۇقلىنىش جەھەتتە پسىخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىرسىيە ئامىلى ۋە ئاتا - ئانىنىڭ يامان تەسىرى بالىلاردا ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا ئوزۇقلىنىش جەھەتتە پسىخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن كېسەللىك سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ، شۇنىڭغا قارىتا پسىخولوگىيىلىك داۋالاش، تەربىيە بېرىش ئارقىلىق داۋالاش ۋە دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلىدۇ.

    11. ئۇخلاش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى 

    ھەر قانداق سەۋەبتىپ كېلىپ چىققان ئۇخلاش ئاز بولۇش ۋە سۈپىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۇخلاش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى، دەپ ئاتىلىدۇ. بالىلىق مەزگىلىدىكى ئۇخلاش توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى ئۇخلىشى قىيىن بولۇش، خاتىرجەم ئۇخلىيالماسلىق، كىچىسى چۈچۈپ ئويغىنىش، قورقۇنچلىق چۈش كۆرۈش، تۈن سەيلىسى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

    كېسەللىك سەۋەبلىرى: بۇ خىل كېسەللىكنى فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بالىلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق بىلەن فۇنكسىيىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، تىزگىنلەش ۋە ھاياجانلىنىش ماسلىشىشچانلىقىنىڭ تەڭپۇزسىزلىقى؛ پسىخىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەددىدىن قورقۇش ۋە ھاياجانلىنىش، جىددىيىلىشىش، تەشۋىشلىنىش؛ سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەلۇم كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش، بىر يېرى ئاغرىش، بىئارام بولۇش؛ تەربىيىلەش جەھەتتىن ئېيتقاندا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، ئاتا - ئانا ياكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قورقۇتىشى؛ ئۇخلاش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئولتۇرغان ئۆي شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    داۋالاش تەدبىرلىرى: داۋالاشتا، بالىلارغا پسىخىك جەھەتتىن داۋالاش ئېلىپ بېرىپ بالىلاردىكى جىددىيلىك ئامىلىنى چىقىرىپ تاشلاش، مەشغۇلات جەدۋىلىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇخلاش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىلمىي ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورا ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىقلار قوللىنىلىدۇ.

    قىسقىسى، ئاتا - ئانىنىڭ بىلىم ساپاسى ۋە ئائىلە تەربىيىسى بالىلارنىڭ ساغلام پسىخىكىغا ئىگە بولىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ