
مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆسىتىشلىچە ،بالىلارنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى بىلەن كىرىستال تەنچىسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغانداسۈزۇك بولغاچقا ،ناھايىتى ئاسانلا ئىنفىرا قىزىل نۇرىنىڭ زىينىغا ئۇچرايدىكەن .ئەگەر ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئېپىتېلىيە توقۇلمىسى زەخمىلىنىشى بىلەن بىللە ،كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغلار كۆيۈپ زەخمىلىندىكەن ،ھەتتا كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كۆز كېسەلىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن .شۇڭلاشقا يازدا بالىلارنىڭ تېرىسىنى ئاپتاپتىن ساقلىغاندىن سىرت ،يەنە كۆزنىمۇ ئاسراش كېرەك .بالىلار قۇياشقا بىۋاستە قارىماسلىق ،چۈش سائەت 12:00دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 2:گىچە بولغان ئارلىقتا ئىنفىرا قىزىل نۇرئەڭ كۈچلۈك بۇلۇپ ،بۇ ۋاقىتتا ئامال بار سىرتقا چىققان ۋاقىتتا ئۇچى ئۇزۇن شەپكىلەرنى كىيىۋېلىش،كۈنلۈك تۇتۇۋېلىش كېرەك .ئاپتاپ كۆزەينىكىنى تاقاش ھەممە بالىلارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئاپتاپ كۆز ئەينىكىنىڭ سۈپىتى ناچار بۇلۇپ ،بالىلارنىڭ ئاپتاپ كۆزئەينەكى سۈپەتسىز بىر قىسىم ياكا ئادەتتىكى ئەينەكتىن ياسىلىدۇ ،ھېچقانداق ئىنفىرا قىزىل نۇردىن ساقلاش رولى يوق .بۇنداق سۈپىتى ناچار ئاپتاپ كۆزئەينىكنى تاقىغاندا كۆز قارۇچۇغى كېڭىيىپ كېتىدۇ ،ئىنفىرا قىزىل نۇر كۆز ئەينىكىنى تاقىمىغانغا قارىغاندا بەكرەك كۆزنى زەخمىلەندۈرىدۇ.
مۇنتىزىم كۆز ئەينەك دۇكانلىرىغا بېرىپ UV بەلگىسى ئويۇلغان كۆز ئەينەكلىرىنى تاللاپ سېـتىۋېلىش كېرەك .كۆز ئەينەكنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى كۈلرەڭ ،چاي رەڭگىدىكنى تاللاش،ئەينەكنىڭ يۈزى ۋە جازىسىنى بالىلارنىڭ يۈز قىسمىغا ماس كېلىشى ،بەك ئېغىر ۋە چوڭ كۆز ئەينەكلەرنى تاللىماسلىق كېرەك ،بولمىسا ئاسانلا سېيرىلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ.شۇنداقلا ھەر قانچە سۈپەتلىك كۆز ئەينەكنى بىرەر سائەت تاقىسىلا كۇپايە.