پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇ ...
  • ياشانغانلار ۋە ئاچچىقسۇ
  • ياشانغانلار كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدىغان يېمەكلىكل ...
  • ئۇخلاش ئالدىدا
  • ھايات ھەققىدە ياشلارغا بېرىلىدىغان تەكلىپلەر
  • ياشانغانلارىكى يۆتىلىش، ھاسىراشنى ئائىلىدە داۋالاش ئ ...
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ياشانغان ئەرلەر ۋىتامىن K ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ئىنسۇ ...
  • جورىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ روھىي ھال ...
  • ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەتنى داۋالاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • بالدۇر قېرىپ كەتمەي دىسىڭىز....
  • ياشانغانلار ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا گرىپ ...
  • ياشانغانلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىدىكى 12 پەرھىز
  • ياشانغانلار قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا . ...
  • ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
  • قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدى ...
  • ياشانغانلار بار ئائىلىدە قايسى خىل دورا ياكى ئەسۋابلا ...
  • ياشانغانلار دائىم ھەسەل ئىستېمال قىلىپ بەرسە
  • ياشانغانلار ھەر كۈنى 20 مىنۇت مېڭىپ بەرسە...
  • ئاچچىقسۇنىڭ ياشانغانلارغا بولغان پايدىسى
  • ياشانغانلار نېمىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك ؟
  • ياشانغانلار كۈندۈزى كۆپ ئۇخلىسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپت ...
  • ئوتتۇرا ياشتىكى كېشىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆت يولى كېسەللىكل ...
  • ياشانغانلارنىڭ باش ئاغرىقىغا سەل قارىماڭ
  • ياشانغانلاردا بولىدىغان مەزى بېزى يوغىناش كېسىلى
  • قېرىلىق ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە
  • ياشانغانلار سەمىگە
  • قېرىلىققا قەدەم قويغاندا ئۈچدىن ساقلىنىش ...
  • قايسى دورىلار ياشانغانلاردا كىسەللىك پەيدە قىلىدۇ؟
  •  
    قايسى خىلدىكى ئادەملەر دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
    يوللىغان ۋاقىت:2012-03-26 ئاۋاتلىقى:2623
    كىچىك | نورمال | چوڭ             
            دىيابېت كېسىلى بىر خىل سوزۇلما، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئىچكى ئاجرالما مېتابولىزم كېسىلى بولۇپ ، ئاساسلىقى ئىچكى ئورگانىزىمدىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسبىي ھالدا يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قەنت، ياغ، ئاقسىلنىڭ مېتابولىزملىشىشىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك. ئالاھىدىلىكلىرى قان شېكىرىنىڭ بەك يۇقىرىلاپ كېتىشى ھەم قەنت سىيىشتە ئىپادىلىنىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، قان شېكىرى بەك يۇقىرىلاپ كەتكەندە ‹‹ ئۈچ كۆپ، بىر ئاز ›› يەنى كۆپ سىيىش، كۆپ ئۇسساش، كۆپ يېيىش شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىش، بۇنىدىن باشقا يەنە ھارغىنلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، روھسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغاندا مىس كېسىلى كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېببىي خادىملار كلىنىكىدا كۆزىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 خىل ئادەمنىڭ دىيابېت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان:

      1. بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كەتسىمۇ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئىشتىھاسى نورمال ئادەملەر . بولۇپمۇ ئىلگىرى تېنى سېمىز بولۇپ يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ ماغدۇرسىز بولۇپ قالغانلار .

      2.ئالاھىدە چوڭ ( 7400 گىرامدىن ئارتۇق ) بوۋاق يەڭگىگەن ئاياللار .

      3. ھامىلدارلىق ئەگەشمە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار. مەسىلەن، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجراش ، ھامىلدار مەزگىلىدە زەھەرلىنىش، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىش، ئۆلۈك بالا تۇغۇش قاتارلىقلار .

      4. يېشى 40 تىن ئاشقانلار .

      5. پۇت- قولىغا جاراھەت چىقىپ ئۇزۇن مەزگىلگىچە ساقايمىغانلار .

      6. ئۇرۇق- ئەۋلادىدا 30 ياشتىن ئاشقاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى بارلار .

      7. سېمىرىپ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بولۇپمۇ قورساق سېلىپ كەتكەنلەر .

      8. يۇقىرى قان بېسىپ ، قاندىكى ماي تەركىبى ئارتىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلار .

      9. رېئاكسىيىلىك قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر .

      10. چات ئارىلىقى قىچىشىش ، كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ كېتىش ، تېرىسى تەكرار ياللۇغلىنىش ، ئىككى پۇتى ئاغرىيدىغان ياكى غەيرىلىك ھېس قىلىسىمۇ ئەمما سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلار .

      تېببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، يۇقىرىقى 10 خىل ئادەم ناھايىتى ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇپ شەكىللىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ