
شىنخۇا تورى ئېرۇسالىم 28 – ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 28 – ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە ، ئىسرائىلىيىدە مېكسىكىغا ساياھەتكە بېرىپ كەلگەن بىر ئەر كىشىنىڭ چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان .
ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىسىتىرلىكى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن ۋاجىم يېقىندا مېكسىكىغا ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، 26 – ئاپرېل چوشقا زۇكىمى
بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمانلىنىپ ، دوختۇرخانىدا داۋالانغان ھەمدە 28 – ئاپرېل چوشقا زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىئاگنۇز قويۇلغان . ئىسرائىلىيە رادىئو ئىستانسىسسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ۋاجىمنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسرائىلىيىدە يەنە بىر مېكسىكىدىن قايتىپ كەلگەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرنىڭمۇ چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئايرىپ داۋالىنىۋېتىپتۇ .
شۇ كۈنى ئەتىگەندە ، ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى چوشقا زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈچىنچى دەرىجىدىن تۆتىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .