|
|
شەرق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى |
يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:2719 |
|
|
|
1992- يىلى كۈزدە، دوستۇم چىڭ چۇڭدې ناتۇنۇش خەت چېكىلگەن بىر مەڭگۇ تاشنى باھالاشقا ياردەملىشىشنى سورىغان ئىدى. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ فوتۇ سۈرىتىنى ئۇ ب د ت مائارىپ پەن- مەدەنىيەت، يىپەك يولى، ئوتلاق يولىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى مۇڭغۇلىيىدە ئارقا خانگاي ئۆلكىسى، چېچېرلېگ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا تارتقان ئىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەزكۇر مۇزېينىڭ خادىملىرى ۋە ئېكسكۇرسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئابىدىگە چېكىلگەن خەتنىڭ قانداق يېزىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن [1] سۈرەتنى چوڭايتقاندىن كېيىن، ئابىدىگە چېكىلگەن خەتنىڭ قانداق يېزىق ئىكەنلىكىنى دەرھال بىلدىم، مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ چىقىپ، بۇ ئابىدىنىڭ ھازىرغا قەدەر بايقىغان تۈرك يېزىقىدىكى ئەڭ ئاۋالقى مەڭگۈ تاش بۈگۈت مەڭگۈ تېشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىنىق بىلدىم، بۇ مەڭگۈ تاشنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى لېۋشتىس (李夫什茿 ۋە كلىياشتورنىي (克里亚托尔内) لار 1971- يىلى ئۇقۇپ مەزمۇنىنى يېشىپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسى شەرقىي ياۋرۇپا ئىلمىي ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولغاچقا [2]، مۇشۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن باشقا، بۇنىڭغا دىققەت ئېتبارىنى قوزغىغانلار ناھايىتى ئاز بولغان، ئۇنىڭ مۇھىم ئىلمىي قىممىتى ئۈستىدە كۆڭۈل بۆلۈش تېخىمۇ يېتەرسىز بولغان. شۇڭلاشقا، مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ بايقىلىشى ۋە ئىلمىي قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرۈيتى بار. تۈركلەر مىلادى VI-VIII ئەسەرلەردە مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى ئىدى. قەدىمكى دەۋر تۈرك تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، كېيىنچە بىر قانچە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىر قانچە ئون خىل قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان تىل دىيالىكىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەدىمكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىر قانچە قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى تەپەيلىدىن، تۈرك تىلى ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كەڭ تارقالغان ئىدى. قەدىمكى تۈرك تىلىدا تۈرك، ئۇيغۇر، قىرغىز، بىچەن قاتارلىق تىللار بار ئىدى. قەدىمكى دەۋىر تۈرك تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى تۈرك تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، كېيىنچە بىر قانچە ئون خىل قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان تىل دىيالىكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قەدىمكى كۆچمەن چارۋۇچى مىللەتلەرنىڭ بىر قانچە قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە يۆتكىلىشى تۈپلىدىن، تۈرك تىلى ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىغا كەڭ تارقالغان ئىدى. قەدىمكى تۈرك تىلىدا تۈرك، ئۇيغۇر، قىرغىز، بىچەن قاتارلىق تىللار بار ئىدى. ھازىرقى زامان تۈرك تىلى ئۇيغۇر قازاق، تۈركىيە، تاتار، قىرغىز، سالار، يۇگۇر، تۈركمەن قاتارلىق 30 خىل تىلدىن ئىبارەت. ئەڭ. ئەڭ بۇرۇنقى تۈرك تىل يېزىقىدەك ماتېرىياللارغا ئۈرخۇن يېنسىېيدا بايقالغان VII- X ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش ۋەكىللىك قىلالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى چۆرىن مەڭگۈ تاشى، تاڭ سۇلالىسى چۈيخۇڭ 44- يىلىدىن تيەنشۇ 2- يىلى (691-688- يىلى) چېكىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان تۈرك تىلىدىكى مەڭگۈ تاشلار ئىچىدە ئەڭ ئاۋالقى مەڭگۈ تاش ھېسابلىنىدۇ [3] . بىراق، «جۇرجانلىقى تارىخى، تۈركلەر تەزكىرسى» گە ئاساسلانغان، تۈركلەر رۇنىك يېزىقىنى كەشىپ قىلىشتىن ئىگىرى يەنە بىر خىل يېزىقنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر كىتابتا: «ئۇلارنىڭ تارىخى. تۈركلەر تەزكىرىسى» گە ئاساسلانغاندا، تۈركلەر رۇنىك يېزىقىنى كەشىپ قىلىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر خىل يېزىقنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر كىتابتا: «ئۇلارنىڭ (تۈركلەرنى دېمەكچى) تىل- يېزىقى غۇزلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.» دېيىلگەن. «جۇ خانلىقى تارىخى» دا تىلغا ئېلىنغان جەنۇبىي ۋە شىمالىي خانلىقلار دەۋرىدىكى تۈركلەرنىڭ يېزىق تىلى قانداق يېزىقتا يېزىلغان بولغىدى؟ بۇ ئۇزۇندىن بۇيان بىر سىر بولۇپ كەلگەن ئىدى. 70- يىللارنىڭ بېشىدا، بۈگۈت مەڭگۈ تېشىنىڭ ئوقۇپ يېشىلىشى تۈركلەر ئۆزىنىڭ يېزىقىنى كەشىپ قىلشتىن ئىلگىرى سوغدى يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بىلەن تۇنجى بولۇپ ئىسپاتلاپ بەردى. بۈگۈت مەڭگۈ تېشى مۇڭغۇلىيە ئارخېئولۇگىيىلىك ئالىمى دورجى سولۇن 1956- يىلى بايقىغان. مەزكۇر مەڭگۈ تاش مۇڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ئارقا خانگاي ئۆلكىسى ۋە خون دەريا ۋادىسىدىكى بۈگۈتنىڭ غەربىدىن 10 كېلومېتر يېراقلىقىدىكى بىر قەدىمىي تۈركلەر قەبرىستانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تۇرغۇزۇلغان. شۇڭا بۇ تاش «بۈگۈت مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «جۇ خانلىقى تارىخى. تۈركلەر تەزكىرسى» دە خاتىرىلىنىشچە: «خاقان ئۆتۈكەن تېغىدا ماكان تۇتقان. ئوردا دەرۋازىسى شەرققە ئېچىلاتتى، كۈننىڭ كۆتۈرۈلىشى تەرەپ قىبلىگاھى ئىدى، ھەر يىلى مۆتىۋەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئەجدادلىرىنىڭ گۆرۈستانلىقىنى تاۋاپ قىلاتتى» دېيىلگەن. «ئۆتۈكەن تېغى» دېگىنى ھازىرقى خانگاي تېغى بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە «يەن رەنشەن» دەپ ئاتىلاتتى. «ئەجدادلىرىنىڭ گۆرىستانلىقى» دېگىنى، تۈركلەرنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن شاھلىرىنىڭ مەقبەلىرىنى تاۋاپ قىلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «بۈگۈت مەڭگۈ تېشى» نىڭ بەزىبىر مەزمۇنلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئەسلى ئورنى بۈگۈتتە بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. دۈرجى سولۇن ۋە ئۇنىدىن كېيىنكى كلىياشتورنىي بىلەن لېۋشىتسنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۈگۈت مەڭگۈ تېشىنىڭ قويۇت رەڭلىك يىرىك قۇم تاشقا چېكىلگەن، بولۇپ تىك تۆت بولۇڭ شەكلىدە، ئېگىزلىكى 1.98 مېتر، تاپىنىنىڭ كەڭلىكى 0.7 مېتر، قېلىنلىقى 0.2 مېتر، تۆت تەرىپىگە خەت چېكىلگەن. ئوڭ تەرەپ ئەشتىدىكى بۈرجىكى پۈچۈلۈپ كەتكەن، بىر مۇنچە خەتلىرى ئۆچۈپ كەتكەن ۋە مەڭگۈ تاشنىڭ گەۋدىسى سۇنۇپ ئۈچ پارچە بولۇپ كەتكەن. تاشنىڭ ئاستى جۇڭگۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە تارقالغاندەك تاشپاقا نۇسخىسىدا بولۇپ، تاشنىڭ تۆت تەرىپىدىكى يەر ئۈستىدە ئالتە تۈۋرۈك ئازگىلى ۋە بىر قىسىم سۇنۇق ساپال- كاھىشلار تېپىلغان. بۇ ھال، مەڭگۈ ياشقا ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ يۇسۇنى بويىچە ئابىدە شىپاڭى ياسالغاندىن دېرەك بېرىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇڭى مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى قىسمىغا زىننەتلەنگەن ئويمىنى، كلىياستورنىي بىلەن لېۋشىتسلار تۈرك خان جەمەتىدىن ئاشىنا جەمەتىنىڭ توتېمىگە مەنسۇپ ئانا بۆرە، دەپ قارايدىكەن. چۈنكى، تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى رىۋايەتلىرىدە، ئاشىنا جەمەتىنىڭ توتېمىگە مەنسۇپ ئانا بۆرە، دەپ قايرىدىكەن. چۈنكى تۈركلەرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقەى رىۋايەتلىرىدە ئاشىنا جەمەتىنى ئانا بۆرە توغۇپ قاتارغا قوشقان، دەپ خاتىرلەنگەن («بۇ خانلىقى تارىخى. تۈركلەر تەزكىرسى» ). ئۇلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسى بىلەن بىللە يوللىغان رەڭسىز سۈرەت ئىنتارىن تۇتۇق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ھۆكۈم قىلىشقا مۇمكىن بولمىدى، چىڭ ئپەندىكىرەڭلىك سۈرەت ناھايىتى ئۇچۇق ئىكەن. بىراق ئەسلى مەڭگۈ تاشنىڭ بىر قىسىم نەقىشلىرى كەمتۈك ئىكەن. پروفېسسور سۇبەي : رەڭلىك سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ نەقىشتە ئىپادىلەنگەن ېتما قانداقتۇر ئانا بۆرە بولماستىن، بەلكى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئوخشاش تىپلىق مەڭگۈ تاشلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەجدىھا بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى؛ نەقىش قوپالراق بولغاچقا، پەرق ئېتىش تەس. تۈركلەر ھەقىقەتەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قەبرە تېشى ياكى تۆھپە خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلاردىكىگە ئوخشىتپ ئەجدىھالارنى نەقىش قىلىپ چەككەن ئەھۋاللارمۇ بولغان، مەسىلەن، ئورخاندا تېپىلغان كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئۈستى تەپىگە ئەجدىھانەى نەقىش قىلىپ چەككەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ مەسىلىنى يېڭىباشتىن چۈشىنىشكە توۈرا كېلىدۇ. دەسلەپكى خەۋەرلەەدە، ۈگفۈت مەڭگۈ تېشى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئابىدە، دەپ خاتا قارالغان، لېۋشىتىسنىڭ باھالىشىچە، بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈچ تەرىپىگە سۇغدى يېزىقىدا تىك 29 قۇر خەت چېكىلگەن؛ قالغان بىر بېتىگە براھمى يېزىقىدا توغرىسىغا 20 نەچچە قۇر خەت چېكىلگەن. مەڭگۈ تاشنىڭ يېزىقىنى ئوقۇپ يېشىش دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئېلىمىزدىكى تۈرك شۇناسللارنىڭ دىققىتىنى دەرھال قوزغىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تاشتا تەمىن ئېتىلگەن يېڭى ماتېرىياللارغا ئاساسەن، تۈرك يېزىقىنىڭ كېلىش مەنبىئى، بۇددا دىنىنىڭ شىمالىي چۈللۈككە تارقىلىشى، شۇنىڭدەك تۈرك خان جەمەتلەرە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزدىنىش ئېلىپ باردى. بۈگۈت مەڭگۈ تېشى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات مەن يېقىندا ئېلان قىلغان «بۈگۈتتىن تېپىلغان سۇغدى يېزىقىدىكى خاقان تۆھپىسى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاش ھەققىدە ئىزدىنىش» [4] دېگەن ماقالە بولدى، بۇ ماقالەم 1992- يىلى يىلىنىڭ بېشىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا بۈگۈت مەڭگۈ تېشىنىڭ سۈرىتىنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، بەزى قاراشلاردا ئەسلىدە ئېلان قىلغۇچى ئاپتۇرنىڭ پىكرىگە ئەگەشكەن ئىدىم. ئەمدى بۇ ماقالىدە مەن ئاساسەن ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچىمەن: 1. مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگۇ بىلەن تۈرك خانى ئەسلىدە قارالغاندەك جۇڭگۇ خانى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرك خانلىقىنىڭ ئۇلۇش خاقانى تابارخاقان ئاشىننا قۇت؛ 2. مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان ماھا تېگىن بۇرۇنقى قاراشلاردىكىدەك قانداقتۇر مۇقان بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركلەرنىڭ ئەك ئالىي ھۇقۇقىنى تۇتقان تۈرك خاقان بولماستىن، بەلكى بۈيۈك مۇقان خاقانىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر كىچىك قاغان بولۇپ، خەنزچە تارىخىي مەنبەلەردە «ئېتىز قاان» دەپ ئاتالغان، ئېتىز خاقان مۇقام خاقانىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ چوڭ خاقان بولغاندىن كېيىن ئىسمىنى «تابا قاغان» دەپ ئۆزگەرتكەن.ماھاتېگىن دېگىنى، تابا خاقان بوددا دىنىغا كىرگەندىن كېيىن بىرىلگەن راھىبلىق نام؛ 3. مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئېلىنغان تابار خاقان شىمالىي چۆللۈكتە بۇددا ئىبادەتخانىسى سېلىشقا پەرمان چۈشۈرگەن. دېگەن ئىش بىلەن «سۈي سۇلالىسى تارىخى تۈركلەر تەزكىرسى» دە خاتىرىلەنگەن شىمالىي چى خانلىقى زامانىسىدا سىرامان خويلاننىڭ تۈركلەرگە بۇددا دىنىغا كۆچۈش ھەققىدە مەسلھەت بەرگەن ھەمدە بۇددا ئىبادەتخانىسى سالغان، دېگەن ئىشلار بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى تارىخىي ۋەقەدىن ئىبارەت. شىمالىي چۈللۈكتە بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىش 577- يىلىدىكى ئىش. شىمالى چى خانلىقى دەۋرىدىكى خۇيلانىنىڭ ئىبادەتخانا سېلىشى 577-يىلىدىكى ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن،مەن تۈكلەر 577- يىلى سالغان بۇددا ئىبادەتخانىسى «راھىبلەر تەرجىمىھالىنىڭ داۋامى. جىناگۇپتا تەزكىرسى دەپ بايان قىلىنغان شىمالىي چى خانلىقى دەۋرىدىكى باۋ شىيەن قاتارلىق راھىبلار شىمالىي چۆللۈكتە سالغان بۇددى ئىبادەتخانىسى بولۇش ئېھتىمالغان ناھايىتى يېقىن، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇگۈت مەڭگۈ تېشىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۈچۈن پايدىلىق بولۇر، دەپ ئويلاپ مەڭگۈ تاشقا چېكىلگەن خەتلەرنىڭ تەرجىمىسىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمەن: (مەزكۇر [...] مەڭگۈ تاش، تۈرك بىەن قۇڭگۇ شاھى قۇت ئۈچۈن ئورنىتىلدى. تۈرك تەڭرى خان ئارفا خاقاننىڭ [پەرمانى] [بىجا كەلتۈرۈلدى] ماھاتېگىن (خانلىىققا ئولتۇرغاندىن بويان)، موقان تەڭرى خان بىلەن تەڭرى ماھاتېگىن [شۇنىدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە پۈتكۈل دۇنيانىڭ نىجاتچىسى بولۇپ قالدى. [...] بىراق، كېيىنچە تەڭرى مۇقان... قازا تاپتى... شۇڭلاشقا، ماھاتېگىن ئاسمان ئىلاھىغا تىۋىنىپ دۇئا- تەلەپ قىلدى [...] بارلىق شادلار، بارلىق ئەمەلدارلار، بارلىق مۆتىۋەرلەر بارلىق تۈتۈنلەر، بارلىق سانغۇنلار [بارلىق مۆتىۋىۋەتلەرجەمەتى ۋە پۇقرالارنىڭ ھەممىسىدىن قوشۇلدى.] شۇندىن كېيىن، [ئۇنىڭغا مۇنداق پەندى نەسىھەت قىلىندى:] «سىزنىڭ ئاغىڭىز مۇقان خاقان قازا تاپتى، مال- مۈلكىنى [ئادىل] تەقسىم قىلاتتى، پۇقرالارغا رەھىمدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشڭىز كېرەك]». (تەڭرى خان ماھاتېگىن) بۇ پىكىرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، توشقان يىلى تەخىتتە ئولتۇردى. (تەڭرى خان ماھاتېگىن) بۇ پىكىرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، توشقان يىلى تەخىتتە ئولتۇردى. (ئۇ 6 يىل ھۆكۈم سۈرگەندە) [تەڭرى تابارخاقان، ماھاتېگىن خاقان] يەنە بارلىك كۆ ئىلاھلىرىدىن دۇئا تەلەپ قىلدى. بارلىق شادلار، بارلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى، بارلىق مۆتىۋەرلەر، بارلىق تۈتۈرن، سانلارلار ۋە بارلىلق مۆتىۋەر زاتلار ئۇرۇق-تۇققان جەمەتلىرمۇ بۇنى قۇۋەتلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، تەڭرى بومىن خاقانىدىن مۇنداق تەربىيەت بولۇپ ئاۋاز كەلدى: «ھەي! تەڭرى تابار خاقان! سىز [بىر كاتتا ھەم يېڭى ئىبادەتخانا سېلىشىڭىز كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرمان چۈشۈرۈپ:] «بىر يېڭى كاتتا ئىبادەتخانا سېلىنسۇن» دېدى. شۇنىڭغا ئىگىشىپلا، [...] تەڭرى تابار خاقان يەنە شۇبھىلەنگەن. نەۋرىلەر ئىچىدە كىم ئۇنىڭغا قادىر؟ بارلىق شادلار، بارلىق ئەمەلدارلار، بارلىق موتىۋەرلەر، بارلىق تۈتۈن سانغۇنلار، بارلىق مۆتىۋەر زاتلار، ئۇرۇق- تۇققان جەمەت ۋە دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدە كىم [بۇنىڭغا قادىر؟ ئۇ يەنە دېدى: «...] بىراق چەۋەنداز ، تۆكەرلەر غەنىمەتنى شۇنداقلا تەقسىم قىلىشۋالماقچى [...]. «ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بولغاندىن، [...] ئۇ [...] ئىككى پادىشاھ [...]ئۇلار [...]بەكلى[...] ئۇلار بەك ئەقىللىق ئىدى. بەلكى [...] پۇقرالار [...] قۇراللىق كەلگەن لەشكەرلەر [...] ئۇلار [...] بويسۇندۇرۇپ، دۇستلارغا ئايلاندى. ئۇلار نۇرغۇن ئوبدان كېلىشلەرنى تۈزدى، ھەمدە [...] ئۇلار بۇنداق بولسا ئىنتايىن ياخشى، دەپ قوشۇلدى. ئۇلار مەدھىلىدى، [ئۇ، چۈنكى بارلىق شادلار، بارلىق ئەمەلدارلار، بارلىق مۆتىۋەرلەر، بارلىق تۈتۈن، سانغۇنلار، بارلىق مۆتىۋەر زاتلار، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە] پۇقرالار ئىچىدە مۇشۇنداق بىر [شۇنچە ئىقتىدارلىق] كىشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭرى ماھاتېگىن) [تابار خاقان خەتتە ئولتۇرىدى... يىلى ئىدى؟].يۇقىرىدا، مەڭگۈ تاشتا تىلغا ئىلىنغان قۇت دېگىنى خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن ئېتىز قاغان ئاشتا قۇت بولۇپ، شىمالىي چى خانلىقىنىڭ ۋۇپىك بىرىنچى يىلى (570- يىلى) مۇقاننىڭ ئورنىغا دەسسەپ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغانىدى، نامىنى تابار خاقان دەپ ئۆزگەرتكەن. ئۇ تەخىتتە ئولتۇرغاننىڭ 6- يىلى، شىمالىي چى خانلىقىنىڭ چىڭگۇاڭ يىلى (577- يىلى)، مەڭگۈ تاشتا دېيىلگەن توشقان يىلى ئىدى. مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنىڭ يىللار يېزىلغان قىسمى ئۆچۈپ كەتكەن. مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ خىل مەڭگۈ تاش تونيۇقۇق مەڭگۈ تاش ۋە توققۇز ئويغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشىغا ئوخشايدىكەن... بۇ مەڭگۈ تاشلار كەبرە تېشى بولماستىن، بەلكى تۆھپە خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈت مەڭگۈ تېشى تابار خاقان تەخىتتە ئولتۇرۇپ 6- يىلىدىن ئۇ ۋاپات بولغان يىللار ئارىلىقىدا بولۇشى، يەنى 577-581- يىللار ئارىلىقدا بولۇشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر مەڭگۈ تاش ھازىرغىچە بايقالغان تۈرك تىلىدىكى ئەڭ بولدۇرقى مەڭگۈ تاشتىنمۇ 100 نەچچە يىل بالدۇر ئىكەن. خەنزۇچە قەدىمىي كىتابلاردا ئاشۇ ۋاقىتتىكى تۈرك تىل- يېزىقىدىكى خاتىرىلەرنى بەك قىسقارتىپ تۇنۇشتۇرغان. بىراق، شەرقىي رىم تارىخشۇناسى مېناندىر پراتېكتورنىڭ «گرىتسىيە تارىخىدىن پارپىلار» دېگەن ئەسىرىدە، VI ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىكى غەربىي تۈرك خاقانى ئىستەمى بىلەن شەرقى رىم خانى جۇستىن II نىڭ ئۆز ئارا ئەلچى ئالماشتۇرغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىدىكى تۈرك يازما تىلىنىڭ ئەھۋالى سۆزلەنگەن. مېناندېرنىڭ خاتىرىلىشىچە، مەزكۇر تۈرك ئەلچىلەر ئۆمىكى سۇغدىلاردىن تەركىب قاپقان، ئۆمەك باشلىقىمۇ شودىلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشمى مانىئاك ئىكلەن. ئۇلار 568- يىلى شەرقىي رىمنىڭ خانى جۇستىن II گە سىكىفلار تىلىدا يېزىلغان تۈرك دۆلىتىنىڭ دۆلەت خېتىنى سۇنغان. تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، رىم خانى ئىنتايىن خوشال بوۇپ، بۇ تۈرك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان[5] رۇشەنكى، بۇ تۈرك دۆلىتىنىڭ خېتى سىكىفلار تىلىدا يېزىلغان بولماستىن، بەلكى، سۇغدى تىلىدا يېزىلغان. شۇڭا سۇغدىلار ئۇنى لاتىن تىلىغا ناھايىتى ئوڭايلا تەرجىمە قىلىپ، رىم خانلىقىغا ئوقۇپ بەرگەن. سۇغدىلار ئەجدادلىرىدىن تارتىپ ئورتتۇرا ئاسىيادىكى زەرەپشان دەرياسى ۋەدىسىدا ياشىغان بولۇپ، سەمەرقەندنى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى قىلغان. ئۇلارنىڭ تىلى ھىندى ياۋرۇپا تىل سىستىمىسىنىڭ پارىس تىل ئائىلىسىدىكى ئىران تىلى شىۋىسگە كىرىدۇ. يېزىقى بولسا، ئارامىلار يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇغدىلار يىپەك يولىدا خەلقئارا سودىگەرلىرىدىن بولغان، سۇغدى تىلى ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان خەلقئارالىق سودا تىلىغائايلانغان ئىدى. خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، سۇغدىلار خېلى بۇرۇنلا مۇڭغۇلىيە يايلاقلىرىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تېرىمىچى خەلق بىلەن شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار ئوتتۇرسىدىكى «ئات- شالى سودىسى» نىڭ بىدىكلىرى بولۇپ، سۇغدىلار بىر مەھەل مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا توپلىشىپ ياشاش ھالىتى شەكىللەنگەن. [6]يىپەك يولى سودا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، دىن، سەنئەت ۋە مەدەنىيەتمۇ تارقىتىدىغان يول ئىدى. لىۋېشىتسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈت مەڭگۈ تېشىدىكى سوغدى يېزىقىدىكى بۇددا نومى نۇسخىسىدا يېزىلغان ئىكەن. رۇشەنكى، ئۇ، بۇددا دىنى بىلەن بىللە تۈكلەرگە تارقالغان. بۇ خىل بۇددا نومى نۇسخىسىدىكى سوغدى يېزىقى خەنزۇ مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . مەسىلەن: قەدىمكى سۇغدى يېزىقىنىڭ يېزىلىش شەكلى ئوڭدىن سولغا تۇغرىسىغا يېزىلاتتى. كېيىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ تۇز يېزىشقا ئۆزگەرتىلگەن. دۇنخۋاڭدىكى بۇددا نومى ساقلانغان ئۆڭكۈرلەردىن مۇشۇنداق يېزىلغان سۇغدى يېزىدىكى بۇددا نومىدىن بىر مۇنىچسى ئۇچرىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بۇددا نۇملىرى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان [7]. تۈركلەر ئەسلىدە ئوتقا چۇقۇنىدىغان ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى، تەخمىنەنە VIئەسىرنڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىمالىي چى خانلىقىدىن سرامان خۇيلاننىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن بۇددا دىنىغا كۆچكەن ھەم شىمالىي چى خانلىقىغا «پاكلىنىش»، «نىرۋانا»، «بۇدداۋاتام ساكاماخاۋا يىپۇليا سۇتىرا»، «بۇددانىڭ ئون قانۇنى» قااتارلىق بۇددا نوملىرنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتكەن («سۇي سۇلالىسى تارىخى. تۈركلەر تەزكىرىسى»گە قارالسۇن). «شىمالىي چى خانلىقى تارىخى. قوغۇر سۇچاڭ ئاقساقاللىرى تەزكىرىسى»، دە خاتىرىلىنىشىچە، «كېيىن شاھ ليۇشىچىڭنى ‹نعرؤانا›نؿتۈركچە تىلغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ، ئۇنى تۈرك خاقانىغا سۇنغان، دىۋان يانداش بېگى لى دېلىڭ مۇقەدىمە يېزىپ بەرگەن» دېيىلگەن. ئىلگىرى كىشىلەر ليۇشىچىڭنىڭ نومنى تۈركلەرگە زادى قانداق يېزىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلمىگەن، ئەمدى قارىساق، ئۇ ئېھتىمال سوغدى يېزىقىدا تەرجىمە قىلغان بولسا كېرەك. سوغدى تىل يېزىقىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىغا تارقىلىشى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇڭغۇل يېزىقى بولسا، ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېلىپچىققان. مانجۇچە يېزىق موڭغۇل يېزىقىدىن كەلگەن. مۇشۇنداق قىلىپ، مىلادىدىن XIIئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى فېنكىئانلار كەشىپ قىلغان. ئېلىپبەلىك يېزىق (مۇتلەق كۆپ سانلىق ياۋروپا يېزىقىنىڭ ئەجدادى ئىدى) ئاۋۋال ئارامى يېزىقىغا، ئاندىن كېيىن شوغدى يېزىقىغا ئۆزگەرگەن، ئىككى مىڭ يىلدىن كېيىن ئۇدا شەرققە تارقىلىپ، يىنچ ئوكياننىڭ بويلىرىغىچە بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مانجۇ يېزىقى ھاسىل بولغان. يېزىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. بۈگۈت مەڭگۈ تېشىنىڭ قادىلىشى، كېيىن تۈرك، موڭغۇل ۋە مانجۇ يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى، شۇڭا شەرق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى، دېيىشكە بولىدۇ. ئىزاھات: [1]شەرق مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىر كىشى چىڭ چۇڭدېنىڭ بىزگە مۇنداق قىممەتلىك مەڭگۈ تاش سۈرىتىنى تەمىنلەپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۇر ئېيتىشى كېرەك. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ سۈرەت بۈگۈن مەڭگۈ تېشىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سۈرىتى ھېسابلىنىدۇ. [2] S.G.Kjastornyi /V.A Livisc. «The sogdian Inscription of Bugut Revised.» Acta orinetelia Academiae Scientiarum Hungaricae Budapest, 69-94. [3] «جۇڭگۇ چوڭ ئىنسكلوپردىيسى. تىل- يېزىق جىلدى»، بېيجىڭ، چوڭ ئېنسكلوپېدىيە نەشرىياتى، 1988- يىل، 386- بەت. [4] لىن مېيسۇن: «بۈگۈتتە بايقالغان سۇغدى يېزىقىدىكى تۈرك خاقانىنىڭ تۆھپىسى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاش ھەققەدە مۇھاكىمە» ، «مىللەتلەر تەتقىقاتى» (بېيجىڭ) 1994- يىلى، 2- سان 71-، 64- بەتلەر. [5] جياڭ شىڭلياڭ: «جۇڭگۇ قاتناش تارىخىي ماتېرىياللىرى توپلىمى» 4- كىتاب، بېيجىڭ جۇڭگۇ كىتاب ئىدارىسى، 1997- يىل نەشرى، 284- بەت. [6] E.G pulleybiank, «A Sogdian Colony in lnner Mongolia,» T’oungpao 41, 1952, 317-356. [7] D.N Mackenze(ed0), »The Buddhist Sogdian Texts of the british Library, «ActaIranica 10 Leiden: E. J. BriII, 1976.
|
|
|