ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • قىلاي دېسىڭىز تىجارەتنىڭ كىچىكى يوق
  • مۇستەقىللىق داۋاسىمۇ بۆلگۈنچىلىك ماجىراسىمۇ ؟
  • «ئۇيغۇر» ئاتالمىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى
  • رەخت سېتىۋالغاندا ...
  • قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىغا ن ...
  • مەدداھلىق ۋە داستانچىلىق سەنئىتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ...
  • قەدىمقى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سودا بازارلىرى
  • ئۇيغۇرلاردا خاسىيەتلىك سانلار
  • خۇتەننىڭ قەدىمقى تامغا مەدەنىيتى
  • تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
  • يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ تارىخىي تەسۋىرى
  • ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيتى
  • قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بايرام كۈنى
  • ئەبۇ نەسىر فارابى ئەسەرلىرىدىن
  • قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟
  • ستەيىننىڭ دەشتئاتادىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئې ...
  • ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
  • شەرق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى
  • ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بىرلىكلىرى
  • بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناس ...
  • تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەكىس ئەتكەن مەدەنىيەت!
  • ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ...
  • غايىپ بولغان 10 چوڭ مەدەنىيەت
  • ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى توغرىسىدا
  • قومۇل كۆك مەشرىپى
  • بۇگۇنكى ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە دىئاگنوز
  • مەدداھلىق ۋە داستانچىلىق سەنئىتى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-05-26 ئاۋاتلىقى:3373
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

       خەلقىمىز ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە بىر يۈرۈش ئاغزاكى ۋە غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەنە شۇ مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا مەدداھلىق ۋە داستانچىلىق خاس  ئورۇنغا ئىگە. مەدداھلىق- ھېكايە- چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەت، قىسسە ۋە جەڭنامىلەرنى سۆزلەش ئاساس قىلىنغان ئورۇنداش سەنئىتى. ئۇ كۆپ ھاللاردا نەغمىسىز جارى قىلدۇرىلىدۇ. داستانچىلىق- خەلق داستانلىرى مۇزىكا ۋە ھەرىكەتنىڭ بىرىكىشىدە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئىجرا قىلىنىدىغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە سەنئەت شەكلى. خەلق داستانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نەسرىي ھەم نەزمىي شەكىلدە تۈزۈلگەچكە، ئۇنى ئورۇنداشتا ھېكايە  شەكلىدە  سۆزلەش  بىلەن  ناخشا  بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

      ئىلگىرى، يەنى دىرامما- تىياتىرچىلىق مەيدانغا كەلمىگەن، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزور، تور دېگەندەك زامانىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى پەيدا بولمىغان زامانلاردا بازار- رەستىلەرنى، سەيلە- تاۋاپ مەيدانلىرىنى، بەزمە - مەشرەپ سورۇنلىرىنى ئاساسلىق كۆرەك سەھنىسى قىلغان ئەلنەغمە، جۈملىدىن مەدداھلىق،   داستانچىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى، خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرىنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد يەتكۈزۈش، بېيىتىشتا مەدداھلىق، داستانچىلىقنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان. شۇڭا   مۇقاملىرىمىزنىڭ  شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى مەدداھلىق  ۋە   داستانچىلىقىمىزدىن   ئايرىپ  قارىغىلى بولمايدۇ.

      مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىمىز ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭدا بۇددىزىم گۈللەنگەن دەۋرلەردىلا ئەلنەغمە- مەدداھلىق سەنئىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن كۆلەم ۋە سەۋىيىگە يەتكەنلىكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم. بۇدددىزىم مەزمونىدىكى ئەسەر "مايتىرى سىمىت" بۇنىڭ دەۋرىمىزگىچە يەتكەن ئۈلگىسى ھېساپلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلار ئۇنى ئەينى دەۋردىكى مەدداھلىق ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەر، دەپ قارىماقتا. ئۇنىڭدىن   باشقا، خەلقىمىز ئارىسىدا كىتابىي ھەم ئاغزاكىي شەكىلدە ساقلىنىپ كەلگەن" ئىسكەندەرنامە"،" جەمشىدنامە"،" قەھرىمان قاتىل"، "رۇستەم داستان"،" قاتارلىق قىسسە ۋە جەڭنامىلەر، " يۈسۈپ- ئەھمەد"،  "يۈسۈپ- زۇلەيخا"، "غېرىپ- سەنەم"، "تاھىر -زۆھرا"، "ھۆرلىقا ھەمراجان"، "قەمەرشاھ-شەمسىجانان"، "شاھ سەنۇبەر"، "بوز  يىگىت"، "ھەۋزىخان"، "زىۋىدىخان"، "يىلپىزخان" قاتارلىق تالاي خەلق داستانلىرى ۋە داستان تەرىزىدە ئېيتىلغان قىسمەن سيۇژىتلىق شېئىرىي ئەسەرلەر مەدداھلىق، داستانچىلىقىمىز  ئارقىلىق زامانلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نەمۇنىلەردۇر.

      مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىمىزدە جارى بولۇپ كەلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ تېماتىك مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ. ئۇلاردا يۇرتىمىز تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر، مۇھىم شەخسلەر تەسۋرىلەنگەندىن باشقا، ھەرقايسى    دەۋىرلەردىكى ۋەقە- ھادىسىلەرمۇ ئىنكاس قىلىنىدۇ. ئۇلاردا يەنە شەرق خەلقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئاشق- مەشۇقلار ھەققىدە قىسسە، رىۋايەتلەرمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئۆزىگە تەڭكەش قىلىنغان ناخشا- مۇزىكا بىلەن بىللە ، مىللىتىمىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتى، فولوكلورى، ئېتنوگرافىيىسى، تىلى، سەنئىتى، دىنىي ئېتىقادى، پەلسەپىسى، ئىجتىمائىي ئىدىيىسى، ئەخلاقىي تەشەببۇسلىرى، ئەدەبىياتى، تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى بىلىم- چۈشەنچىلىرىردىن ئۇچۇر  بېرىدىغان، بىزنى بۇ جەھەتتە قىممەتلىك ماتىرىياللار  بىلەن تەمىنلەيدىغان قامۇس ھېساپلىنىدۇ.

       مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتىدە   ئېيتىلىدىغان ئېغىز ئەدەبىياتى مىسرالىرىنىڭ ۋەقەلىكى جىددىي، دەبدەبىلىك، ھەيۋەتلىك، يومۇرلۇق، دىراماتىك تۈستە  تۈزۈلگەن بولۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى زور. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى كلاسسىك شائىرلار قەلىمىدە ھەمدە مەدداھ، داستانچىلارنىڭ ئىجابىي بېيىتىشى نەتىجىسىدە مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق، چوڭ ھەجىملىك، كوللىكتىپ ۋە شەخسىي ئىجادىيەت  ئامىللىرى بىرلەشكەن نادىر سەنئەت ئەسەرلرىگە ئايلانغان. مەدداھلىق، داستانچىلىقىمىز  كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسال خاراكتېر ۋە تىياتىرلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىكى ئىجراچى مەدداھ، داستانچىلار سۆزلەش ، بايان قىلىش سەنئىتىدىن باشقا، خەلق ئاھاڭلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن، ئورۇنداش سەنئىتىگە ماھىر  كىشىلەر بولغان. ئۇلار ئەسەرنىڭ نەسرىي بۆلىكىنى ھېكايە شەكلىدە بايان قىلسا، نەزمىي قىسمىنى راۋاپ، تەمبۈر ياكى دۇتارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ناخشا شەكىلدە بايان قىلغان. ئەسەردىكى ۋەقە- ھادىسىلەرگە ماسلاشقان كەيپىيات ۋە ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان جانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنى ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىگە بىئىختىيار باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى تىترەتكەن، ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالالىغان. 

      يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتى چوڭ ھەجىملىك، كۆپ تەرەپلىك سەنئەت. ئۇ تۇغما تالانتقا ئىگە، تەربىيىلەنگەن، ئەتراپلىق ئىقتىدار ھازىرلىغان ماھارەت ئىگىلىرىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇلارنىڭ جاپالىق مەشق قىلىشى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ سەنئەت ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر بۇنداق سەئەتكارلارنىڭ يېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، مەدداھلىق، داستانچىلىق سەنئىتى يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ. ئەپسۇسكى، 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن سەنئىتىمىزنىڭ بۇ نادىر تۈرلىرى ئۈزۈلۈپ قېلىش، ھەتتا  تەدرىجىي  يوقىلىشقا يۈزلەنگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يوقىلىشقا يۈزلەنگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دۇنيا مىقياسىدا قۇتقۇزۇش تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت  مىراسلىرىنى قېزىش، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جانلاندى. مۇشۇنداق ياخشى شارائىتتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بويىچە ئىش كۆرۈپ، بۇ ساھادە قېزىش، قۇتقۇزۇش، قوغداش، ۋارىسلارنى تەربىيىلەش، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش دەۋرنىڭ تەقەززاسى، مەدەنىيەت - سەنئەت  خادىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇقەرەر مەجبۇرىيىتىگە ئايلانماقتا. ئىشىنىمىزكى، كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ ساھادىكى ئىزدىنىشلەر يەنىمۇ چېچەكلەپ مېۋە  بەرگۈسى.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ