لەڭپۇڭدىن ئىبارەت بۇ قوشۇمچە يېمەكلىككە ئامراق كىشىلەر خەلقىمىز ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ. شۇڭا دەسمايىسى ئاز، كۆپ كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان، بازىرى ئىتتىك بۇ خىل يېمەكلىكنى تەييارلاپ سېتىشمۇ پۇل تېپىشنىڭ ياخشى يولىدۇر. پىچان ناھىيە بازىرىدا لەڭپۇڭ سېتىپ ياخشى كىرىم قىلىپ كېلىۋاتقان ئەخمەت نوھ كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئىستېمال يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ پۇل تېپىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن ئەخمەت نوھ بىرەر كەسپ بىلەن شوغۇللىنىپ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىپ، لەڭپۇڭ ۋە سېرىقئاش ئېتىشنى ئۆگەندى. ئۇ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ- كېلىش جەريانىدا لەڭپۇڭ ساتىدىغانلارنىڭ ئاساسەن خۇيزۇلار ئىكەنلىكى، تەمى ئاساسەن ئوخشاش بولۇش بىلەن بىرگە ھەممىسىنىڭ سودىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆگەنگەنلىرى بويىچە لەڭپۇڭ ۋە سېرىقئاشنىڭ خۇرۇچلىرىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا تەييارلاپ، كەچلىك بازارغا چىقىپ بىر سىناپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەييارلىقلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەينەك بىلەن جاھازىلانغان قول ھارۋىسىنى لەڭپۇڭ، سېرىقئاشلار بىلەن توشتۇرۇپ، پىچان بازىرىنىڭ مەركىزىي تۆت كوچىسى بويىغا جايلاشقان كەچلىك بازارغا چىقتى.
ئۇنىڭ تىجارىتى دەسلەپتە تازا يۈرۈشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر تېزلا بۇ يېگىتنىڭ لەڭپۇڭ، سېرىقئاشلىرىدا ئۆزگىچە تەمنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ پىچاننىڭ كەچلىك بازىرىغا چىققان دەسلەپكى يەتتە ئايدىلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ھازىر ھەر ئاخشىمى كەچلىك بازاردىن قىلىدىغان كىرىمى 200 يۈەندىن چۈشمەيدۇ. ھاۋا ئىسسىق مەزگىللەردىكى ئايرىم كۈنلىرى بىر ئاخشامدىلا قىلغان كىرىمى 5 - 6 يۈز يۈەنگە بارىدۇ. ئەخمەت نوھ مۇنداق دېدى:- ئۈچ يىلدىن بۇيان خېلى ئوبدان كىرىم قىلدىم. ھازىر قولۇمىكى پۇل كۆپ ئەمەس، بۇ سودامنى يەنە بىر نەچچە يىل ئۈزۈپ قويماي قىلالىسام، چوڭراق رېستۇران ئاچالايدىغانغا كۆزۈم يېتىدۇ.