گېزا ئۇراڭ (ۋىنگىرىيە)
«دونخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1986- يىللىق 1- سان (خەنزۇچە) دىن ئېلىندى.
(I)گىزا ئۇراي ۋىنگىمسيىلىك مەشھۇر تىبەتشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەڭ چېتشىلىقى بولغىنى «تىبەت ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان كېيىنكى گەنسۇ ۋە خۇتەندىن ئوردىللىرىدا تىبەت تىلىنى ئىشلىتىش مەسىلى» دىگەن ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر پەن- مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش كومتىتىغا تاپشۇرۇلغان ماقالە ئىدى. كېيىنچە بۇ ماقالە ھارماتتا تۈزگەن «ئالدىنقى ئىسلامىيەت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەن. ماقالىنىڭ ئىلملىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇررچىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سونۇلىدى.
__ تۈزگۈچىدىن
تىبەت ئېگىزلىكى جۇڭگۇ، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىسىغا قاپسىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن جۇغراپىيىلىك مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن دۇنيا بىلەن ئايرىۋېتىلگەن، تاكى مىلادىيە 7- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاۋالقىدەكلەر قەبىلە تۈزۈمى ۋە كىچىكرەك قەبىلە ئىتتىپاقى تۈزۈمى ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولۇپ ئەمدىلىكتە ئاستا- ئاستا بىرلىشىپ بۈيۈك ئېمپىرىيىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. مىلادى 6- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 670- يىللارغىچە تىبەت ئىگىزلىكىدە مۇھىم سىياسىي ۋەقە مەيدانغا كەلدى. 670- يىلى تىبەت مەركىزىنىڭ سەل شەرقىي جەنۇبىي رايونىدىكى يارلۇن (yar-lun)يىلىدىكى بەگ تۆرىلەر تەدرىجى ھالدا يارلۇڭزاڭبۇ (Gsan-90، بىرھمانپوترا دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىمى) ۋادىللىرىدىكى تىبەت قەبىللىرىنى بويسۇندۇردى، كېيىنچە يەنە تىبەت ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى تىبەتلەردىن بولمىغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقنى بويسۇندۇردى، مۇشۇنداق قىلىپ بىر يىرىم ئەسىردە تىبەت ئېمپىرىيىسى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلاندى ھەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا مۆلچەرلىگىلى بولمىغان مۇھىم رول ئوينىدى، ئېمپىرىيىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرجىدە كۆپلىگەن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆكۈمەت ئارخىپى، تارىخى ھۆججەتلەر ۋەردىنى ئەسىر قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللار مۇخىلى كۆپ.
(2)بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى قەدىمكى تىبەت ماتىرىياللىرىنى تۈنجى بولۇپ بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك رەتلەش ۋە تەپسىلى ئىزاھلاپ خاتىرە قالدۇرۇش خىزمىتىنى يېرىم ئەسىر ئېلگىرى تۇماس (Thomas. W.F.) ئىشلىگەن.
ئەڭ باشقا ئۇ «جۇڭگۇ شىنجاڭ قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر» (Tidetam Documents concernin9 chinese) دىگەن نامىدا بىر تۈركۈم ماقالىلارنى ئېلان قىلدى («ئاسىيا ژورنىلى» 1927،1928، 1930،1931،1933،1934- يىللىرى)، كېيىن يەنە بۇلارنى كېڭەيتىپ تۆت توملۇق قىلىپ «جۇڭگۇ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ۋەسىقە ۋە ھۆججەتلەر» دېگەن نامدا ئېلان قىلدى.
Tidetam Litarary texts and Docments concerning chinese Turkestan, london, 1935, 1951, 1955, 1963)
بۇ ئىككى ئەسەردە تۇماس تۇنجى بوۇپ مازارتاغ (Mazar- tagh) خارالىق (khadalik)، مىرەن (Miran)، ۋەدۇنخۇاڭ مىڭئۆيدىن تېپىلغان كۆپ قىسىم قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ ئىزاھلاپ چىقتى ھەن مورفولوگىيە نوقتىسىدىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتى، بۇلاردن باشقا بۇددا نوملىرى ۋە 14- ئەسىردىن 17- ئەسىرگىچە بولغان تىبەت يېزىقىدىكى تارىخ ئەسەرلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك نورغۇن ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلدى ۋە ئىزاھلاپ چىقتى.
تۇماسنىڭ ئەسىرى بىر پارچە بۈيۈك ماتېرىياللار توپلىمى ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە شۇ ئەسەرنى تىبەت تىلشۇناسلىقى ۋە تىبەت تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى بىر قېتىملىق زور ئىسلاھات دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ گەرچە ھەرقانداق «يول ئاچقۇچىلار» ساقىلىنالمايدىغان ئاشۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۇسۇل نەزىرسىدىمۇ ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى توغرا ئوقوپ يەشكەن. ئۇ تارىخشۇناسلىق ۋە جۇغراپىيشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئوتتۇرغا قويغان بىر بۆلۈك قاراشلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇنىڭ ئەسىرى يەنىلا تىبەتشۇناس ئالىملار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان قورال كىتاب بولالايدۇ.
بىراق، يېڭىۋاشتىن پىلان بويىچە ئوتتۇرا ماتېرىياللىرىنى توپلىغان، بىز پەقەت قىسمەن ھالدا تۇماسنىڭ قەدىمىكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللاردىن ئالغان نەقلى ۋە شەرھىلەرگە تايىنىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:
(1) تۇماس ئېلان قىلغان ماتېرىياللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا يېڭىدىن تۆزۈلگەن ماتېرىياللار توپلىمىدىن چېقىرىۋېتىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ چېتىشلىق بولغان ۋاقىت بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك دائىرسى ناھايىتى چوڭ ئىدى.
(2) ئوخشاش ۋاقىتتا بىز يېڭىدىن تۈزگەن ماتېرىياللار توپلمىغا نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلارنى قوشىشىمىز زۆرۈر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللار بىلەن تۇماس ئەزەلدىن ئۇچىشىپ باقمىغان، بەزى ماتېرىياللارنى تۇماس دەۋرىدە كىشىلەر پەقەتلار بىلمىگەن
(2) پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالغاندا بارلىق ماتېرىياللارنى چۇقۇم تەنىقدى يوسۇندا بايان قىلىشىمىز لازىم. بۇنى بۈگۈنكى كۈندە قىلغىلى بولسىمۇ بىراق تۇماس دەۋرىدە قىلغىلى بولمايتتى.
يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمى بىلەن تۇماسنىڭ ئەسىرىنى سىلىشتۇرغاندا ھەرقايسى جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى نامايەن بولىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئىشلەيدىغان خىزمەت بولسا بارلىق قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ۋە ماتېرىياللار بارچىسىگە قاراپ چىقىش كەينىدىنلا بۇ ماتېرىياللارنى ئېلان قىلىش، ئوقۇپ يېشىش، تەتقىقلەش قاتارلىق مەسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ ماقالىنىڭ بىر سانى چەكلىك بولغاچقا يۇقارقى خىزمەتلەرنى قىلىغىلى بولمايدۇ. پەقەت مىلادى 7- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى سۆزلەش، يېزىش بىلەنلا چەكلىنىمىز. شۇنداقتىمۇ يەنە يۈزەكى ھالدا مۇھىم تارىخى ماتېرىياللارنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقىمىز، قالغانلىرىنى مۇنداقلا سىزىپ كېتىمىز خالاس. ئەلۋەتتە، بەزى چاغلاردا مەلۇم مەسىللەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىچىك ھالقىلارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
(3)ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن مىلادى 7- ئەسردىن 9- ئەسىرگىچە بولغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ۋەسقىلەردە مەمۇرى ۋە شەخسى ھۆججەتلەر ئەڭ ئىشەنچىلىك چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى چاغدىكى ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى دوكلات قىلغان.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل خاراكتىرگە ئېگە ھۆججەتلەر يېڭىدىن تۈزۈش پىلانلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىمىغا ئاساسەن كىرگۈزۈلمىدى ئۇلار تىبەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمى، تارىم ئويمانلىقى ۋە دۇنخۇاڭدىن بايقالغان قانۇن ھۆججەتلەر خان جەمەت يارلىقلىرى تاشقا ئويۇلغان بېغىشلىملار قاتارلىقلارنى يەنە تارىم ئويمانلىقى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ھەرخىل ۋەسقىلەر قەزىر ھۆججەتلىرى، سالام خەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئەمەلدارلا تۈزگەن ئۇمۇمىي تارىخ باشقارمىسى بۇ قارىقىغا تەۋە ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ياكى 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى تەۋە بولۇپ تېخىمۇ بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ۋەقەلەر بىلەن قىلچىمۇ چېتىشلىقى يوق.
بۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا بىر قانچە ھۆججەتنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويماقچىمىز. ئۇزۇن تىبەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندا ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى يەنىلا يەرلىكلەر ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلگەچكە قەدىمكى بىر قىسىم ئۆرپ ئادەت ۋە تۈزۈملەرنى ساقلاپ قالغان، بىز ھازىز تاغدىن تېپىلغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردىن بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى ئۇرۇن دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە ئالاقىدار قىممەتلىك ماتىرىياللارنى تاپالايمىز. ھازىر تاغ، خادالىق ۋە مىرەن قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان باشقا بىر قىسىم ھۆججەتلەر قەدىمكى خوتەن رايونى ۋە كىرورەن رايونىنىڭ تارىخ جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىياللاردۇر، ۋەسقىلەردە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىران تىلىدىكى يەر ناملىرى ساقلىنىپ قالغان. خىرى سرون
- لىېدئو بىرسان (khri sronlde- brcan- 755- 779- يىللار (؟) دا تەخىتتە ئولتۇرغان) زەنپونىڭ بىر پارچە خېتىدىن ھېندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نامىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ گەرچە بۇ خەلقنىڭ يېزىلغان ۋاقتى تالاش ئۇرۇشىدىن 20، 30 يىل كېيىن يېزىلغان بولسىمۇ، 751- يىلىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ياردىمى زور، (يۇقارقى ماتېرىيال ئۈچۈن: «جۇڭگۇ شىنجاڭ توغرىسىدىكى قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ۋە ۋەسقىلەر» دېگەن ئەسىرگە قاراڭ.
(4)قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ئوردا تۈزگەن ئومۇمىي تارىختا بىر گۇرۇپتا ئالاھىدە ۋەسقىلەر ساقلىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تارىخ جۇغراپىيە ھۆججەتلىرى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا تىبەت ئېمپىرىيىسى ۋە ئېمپىريىسى ۋە ئېمپېرىيىدىكى بىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ كۈندىلىك سىياسىي پائالىيتى يىلمۇ- يىل خاتىرىلەنگە. بۇ نەرسىلەرنى خاتىرلەش سىياسىي ياكى ئىدىلوگىيە ساھەسىدىكى تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماستىن بەلكى ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى مەمۇرىي ئورگانلار ئۈچۈن ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن بوۇپ تارىخ ئەسەرلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۇچۇن بىر تارىخى باسقۇچنى تەتقىق قىلىشتىكى ھەقىقى ئىشەنچىلىك ماتېرىيالدۇر.
دۇنخۇاڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان ئىككى پارچە سالنامىنىڭ كەمتۈك قىسمى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە تىبەتلەر ھۆكۈنرانلىق قىلغان دەۋردە يېزىلغان «A-za khaganate سالنامىسى»
(84. stein collection. Val. 69, fol) بوزلۇشى ناھايىتى ئېغىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدا ھېچقانداق ماتېرىيال خاتىرلەنمىگەن، شۇڭلاشقا يېڭىدىن تۈزمەكچى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرىدا بۇنىڭغا ئورۇن قالدۇرلمىدى.
بىر قەدەر مۇھىم بولغىنى تىبەتلەرنىڭ «خان جەمەت سالنامىسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدا خاتىرلەنگەن مەزمۇنلار 7- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن ئېلگىرىكى، ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى تىبەت ھاكىمىيىتىنىڭ قورۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مىلادى 649- 650- يىلدىن ئېلگىرىكى تىبەت تارىخى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يېتىپ كەلگەن ئاغزاكى ماتېرىياللار ئاساسىدا ئادىيلا يېزىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئەك كېيىنكى تارىخى يەنىلا ئەسلىمە ئارقىلىق يېزىلغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن khri Manlson Man- rcan زەنپو (650- 651- يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن خەت چەكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ خىل يېزىق ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللار ھەريىل ئارتىلىپ بارغان.
ھازىر ساقلىنىپ قالغان «خان جەمەتى سالنامىسى» نىڭ كەمتۈك قىسملىرى ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم تاللاش ئارقىلىق كېيىنچە قىسقارتىلغان نوسغا قىلىپ تۈزۈلگەن يەنى ئەمىلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاللاپ تۈزۈپ چىققان. بىراق مىنىڭ تەكشۈرۈشىمچە بۇخىل مايىلىققا ئىگە تېلغا نوسغا تۈزۈتىلىپ باقمىغان. ئۇنىڭدا مىلادى 629- يىلىدىن 747- 748- يىللارغىچە، 755- 756- يىلىدىن 763- 764- يىلىغىچە بولغان خەتچەكلەر دوكلاتى ساقلىنىپ قالغان. تۆت يىللىق (743- 744- يىلىدىن 747- 748- يىلىغىچە بولغان) خاتىرىلەر ئىككىنچى قېسقارتىلما نوسخىسىدا كۆرۈلىدۇ. (قىسقارتىلغان 1- نوسخا: پېللئوت. تىبەتچە 1288- نومۇرلۇق ھۆججەت، سىستەيىن 79- viii, ch 7- نومۇرلۇق ھۆججەت، قىسقارتىلغان 2- نوسخا: بۈيۈك بىرتانىسيە موزىيىدا ساقلانغان [187] 8212. or نومۇرلۇق ھۆججەت)، يوقىرىدا بايان قىلىنغان «خان جەمەتى سالنامىسى» نىڭ قىسقارتىلغان نوسخىسىدىن مىلادى 675- يىلىدىن 760- يىلىغىچە بولغان تىبەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تاشقى ئالاقە ۋە ئۇرۇش ئىشىلىرى بىلەن ئالاقىلدار بىر قانچە قىممەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ چىقىلايمىز.
7- ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن كېيىنكى ماتېرىياللاردىن Dru-gu-yui (تۈرك خانلىقى) ۋە تونبانجۇقاغان (Ton ya-bgo kha- gan) ئىسىملىك بىر تۈرك (Dru- gu) ھۆكۈمدارىغا ئائىت خاتىرىلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز مەسىلەن، 675- يىلى يازنىڭ ئاخىرى «ۋەزىر ( بۈيۈك مىگار)...(bcan- asn (idam-bu تۈرك (Dru-gu-yui) لەرنىڭ ltan yo غا باردى» ؛ 676- 677- يىلى قىشتا «ۋەزىر bcan- sha (تارماق قوشۇننى باشلاپ) تۈرك (Dru-gu-yui) لەرگە ئاتلاندى» ؛ 686- يىلى يازدا «بىر قوشۇنغا ۋەزىر khri-brin (bcan- brod) قوماقدانلىق قىلىپ Dru-gu-yui (تۈركلەر) گە ئاتلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن (ئۇ) (تىبەتلەرنىڭ) سىرتنى قوغداشقا قولدۇدى»؛ 687- يىلى يازادا «(بىر قوشۇن) ۋەزىر khri- brin قوماندانلىغىدا Dru-gu-yui غا يۈرۈش قىلدى»؛ 689- يىلى يازاغا قەدەر. «ۋەزىر khri- brin Dru-gu-yu (تۈركلەر) دىن نوسرەت قوچۇپ قايتتى». 694- 695- يىلى قىش ۋە 699- 700 يىلى قىشتا، «Ton ya- bgo kho- gan (تىبەت زەنپوسىغا) ئىسھتىرام بىلدۇردى.»، بۇنىڭدىن كېيىن 700- يىلى يازادا «Dhu-gu- yui, Tohya bgo kha- gan» غا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى».
خەنزۇ يېزىقىدىكى يارىخى ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ دەۋىر (626- يىلىدىن 705- يىلىغىچە) دەل تىبەتلەر غەربىي تۈركلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن چاغ بولۇپ تىبەتلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقچى قوشۇنلىرى ئېلگىرى تارىم ئويمانلىقى ۋە پەرغانە (Fergana) گە يۈرۈش قىلغان. بۇ يەردە مەن توماسنىڭ پىكرىنى كېڭىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇ Dru-gu-yul نى قوچۇ (ku-cheng, Gucheng) بىلەن تۇرپاننىڭ يېقىن ئەتراپى دەپ تەستىقلىگەن، بىزلە، لىسگېت (L.LiGet) نىڭ قارىشىنى قوللىشىمىز كېرەك، ئۇ Dru-gu-yul نى غەربىي تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان جاي دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە Dru-gu-yul دېگەن سۆز تەڭرى يېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىدىكى «ئون ئوقلا» نىڭ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى ئكز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن يەنە تارىم ئويمانلىقى ۋە پەرغانە، ھەتتا توخارىستان (Toxaristan) ۋە قەندىھار (gan dhara) نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن Dru-gu-Gu- zan yul (تۈرك گوزان دۆلىتى) قوچۇ ۋە تۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغاندەكمۇ قىلدۇ، ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى كۆسەن (kuca، تۈرك تىلىدا kusanدىيىلدۇ) نى كۆرسەتكەن ياكى تۈرك شاھى سۇلالىسى the turk sahi dynasty)) ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەدىمكى زىمنلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ھە، ساتو H. sato)) بىلەن ج. ھارماتتا (J.Harmatta) لارنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىياش قىلىشقان. ئەڭ ئاخىرىدا بىز ل. پېتېچ (L.petech) نىڭ تەلىماتىدىن Ton-ya-bgo khagan غەربىي تۈركلەرنىڭ قوتلۇق ئۇرۇقنىڭ ئاتامانى ئاشنا توزى (A-shih-na tui- tzu) نى كۆرسىتىدۇ. دەپ ھېسابلىدۇ. ئۇ تىبەتلەر ئۇن ئوق قاغانى دەپ نام بەرگەن قاغان بولۇپ 674- يىلى جۇڭگۇ ( تاڭ سۇلالىسى) قوشۇنى تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 700- يىلىدىن كېيىن ئاشنا توزى تىبەتلەرنىڭ يۆلىنىشى بىلەن بىر مەزگىل پەرغانىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان Dru-gu-yul پەرغانىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ ( «خان جەمەتى سالنامىسى» قىسقاتىلغان بىرىنچى نۇسخا.)
7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى خاتىرىلەردە يەنە سۇغدى (sag-dag) لارمۇ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، 694- يىلى يازادا Ri- zun) Mgar sta- gu سوغداق (sog- dog) لار تەرپىدىن ئەسىر ئېلىنغان» دېگەندەكلەردىن ئىبارەت. بۇ يەردە بىز sog-dag (سوغداق) لارنىڭ زادى شىنجاڭدىكى سوغدى كۆچمەنلىرى ياكى سوغدىيانىدىكى يەرلىك سوغدىلارنى كۆرسىتەمدۇ بۇنى تېخى ئېنىق مۇئەييەنەشتۈرەلمەيمىز. مىنىڭ قاشىمچە بۇ خاتىرە خوففمانىن H.H.R. Hffmann)) نىڭ قارىغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئۈشىنكسىز ئەمەس ئىدى. مىنىڭ قارىشىم ئەمەلىيەتتە خواامانىن بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەن «شىنجاڭدىكى ئازغىنە سوغدى كۆچمەنلىرى تەۋەككۈلچىلىك قلىپ ئەينى ۋاقىتتىكى قۇدرەتلىك تىبەت ئەمەلدارلىرى» نى تۇتقۇن قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن. 692- يىلى تىبەتلەر تارىم ئويمانلىقىغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى. تىبەت ھۆكۈمرانى جۇڭگۇدىن بو رايوننى قايتا تارتىۋېلىش نىيىتىدە قىلغان ھەركەتلىرىدىمۇ 694- يىلى باھاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. خۇددى كىلياشتورنى (klyashtornx) قىياش قىلغاندەك شىنجاڭدىكى سوغدىلار ئەينى چاغدا جۇڭگۇ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا زېمىنى پەرغانە نىڭچە يەتكەن تىبەت ئېمپىرىيىسى ھەتتا سوغدىيانىدىكى سوغدىلارنىڭ ھەرقايسى ئەللىرى بىلەن بىۋاستە جەڭ قىلغان بولۇشى مۇمكىن. («خان جەمەتى سالنامىسى» قىستارتىلغان بىرىنچى نوسخا).
«قان جەمەتى سالنامىسى» 8- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى خاتىرىلەر بىلەن «يۇقارقى رايون» (upper Region) نىڭ مۇناسىۋېتىگە دائىر بىر قانچە مەزمۇنلار بار. يۇقارقى رايون دېگىنىمىز ئەينى چاغدىكى تىبەتنىڭ غەربىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنى بولۇپمۇ پامىر ئەتراپىدا قورۇلغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتەتتى. 731- يىلى يازدا يۇقارقى رايوندىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەر (تىبەت زەنپوسىدىن) ئامانلىق سوردى. 737- 738- يىلى «ۋەزىر skyes- bzan (بىر قوشۇنغا بېشچىلىق قىلىپBru- za لارنى زېمىنىنى بويسۇندۇردى، قىشتا (تىبەت زەنپوسى) شىن، bra- za, brog- mar خانلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، (ئۇ يەردە) تىبەت زەنپوسىدىن ئامانلىق تىلىدى.»؛ 740- يىلى يازادا مەلىكە khri- ma- lod پادىشا بىروزا (Bru-za) غا ياتلىق قىلىندى. 745- يىلى يازدا «كوڭيول (kog- yol)دىكى ئاتلىق لەشكەرلەر، خەنزۇلاردىن ماجاڭجۈن (Ba can- kun، خەنزۇ تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى 夫蒙灵? نى كۆرسىتىشى مۇمكىن) قوشۇن تارتىپ يىراققا يۈرۈش قىلغان». 747- يىلى يازادا، «جۇڭگۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى Bru- sa, Gog- yol (byim-po) ۋە Gog دا پەيدا بولۇپ يۇقاپ كەتتى»، بىراق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تىز بولدى. 756- 757-يىل «يوقارقى رايوندىكى ئەلچىلەر، (يەنى) قارا Gog, Ban- Jog ۋە sig- nig قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن ئەلچىلەر،(تىبەت زەنپوسنى) تاۋاپ قىلىپ قايتتى. pa- gor- na- don ۋە ce snan- rcan ئىككى كىشى ئۆز ئارا ئارا ئەلچى ئەۋەتىپ تۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چۈشۈردى» 760- يىلى «يۇقارقى رايوننىڭ ئەلچىللىرى (تىبەت زەنپوسىغا) ھۆرمەت بىلدۈردى.
بۇ ۋەقە خەنزۇ يېزىقىدىكى تارىخ كىتابلاردا خاتىلەنگەن شۇڭلاشقا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنى تەكشۈرۈش تەھىققلەشتىمۇ ناھايىتى قىيىن ئىش. مەسىلەن، Bur- za كېيىنكى تارىخچىلار ئۇچۈن ئېيتقاندا ناتۇنۇش دۆلەتنى لائوخېر (B.laofer) خەنزۇ ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەنگەن كىچىك بۇلۇر ۋە ئەرەپ يازما ۋەسقىلىرىدە خاتىرىلەنگەن Belur يەنى بۈگۈنكى گىلگىت (Gilgit) قەدىمكى Buruso دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تەھىققىلەپ چىقتى. لائوخېرنىڭ تەكشۈرۈپ تەھىقلىشى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى. چۈنكى «خان جەمەتى سالنامىسى» بىلەن خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بىلەن ماس كېلىدۇ. يەنە مەسىلەن. Sig- nig نى توماس پامىرغا جايلاشقان سىغناق (sugnan) ئىكەنلىكىنى تەھىققلەپ چىقتى. خەنزۇ تارىخ ئەسەلىرىدە ؟؟؟ياكى ؟؟؟ دەپ ئاتالغان بۇلۇپ خەنزۇ تىبەت نامىلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ ئوخشاشلىقىمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. Ban- jag بەلكىم ھازىرىقى بۇنجى (Bun ji) رايونىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ يەردە پۇترا دەرياسى بىلەن ھىندى دەرياسى ئۆز ئارا قوشۇلغان يەرگە جايلاشقان. پەقەت Gog- yul- kog- gol نى بېكىتىش بىر قەدەر قېيىن بۇ يەردە تەپسىلى مۇھاكمىە قىلىپ ئولتۇرمايمىز.
«خان جەمەتى سالنامىسى» دا تىبەتلەر بىلەن ئەرەبلەر
(Ta- chig. 大?) ھەمدە تىبەتلەر بىلەن غەربى تۈركلەرنىڭ باشقا بىر قەبىلىسى تۈزگەش (turgis, Dur- gyis) بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار خاتىرگە ئاساسلانغاندا، 732- يىلى يازدا، «جۇڭگۇ ئەلچىسى Li khen ۋە ئەرەپ، تۈزگەشلەنىڭ ئەلچىسى Bcan- yul دا (تىبەت زەنپوسىنى) تاۋاپ قىلدى.» 734- يىلى مەلىكە Dron- ma lod تۈرگەش قاغان (Turgis qavax) غا ياتلىق قىلىندى». 744- يىلى يازدا «جۇڭگۇ ئەلچىسى can, cvan- ge بىلەن تۈزگەشلەرنىڭ بىر ئەلچىسى (تىبەت زەنپوسىنى) زىيارەت قىلىغىلى كەلدى. بۇ ماتېرىياللار بىلەن خەنزۇ تارىخ ماتېرىياللىرى ئۆز ئارا ماس كىلىدۇ. خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا خاتىرلىنىشچە تىبەتلەر ئېلگىرى تۈزگەش، ئەرەبلەر بىلەن ئۇزۇنغىچە ئىتتىپاق تۈزگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركەشلەرنىڭ قاغانى سۇلۇ su-Lo) 717- يىلىدىن 737- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) تىبەت مەلىكىسىدىن بىرنى خوتۇنلۇققا ئالغان.
726- يىلىدىن تارتىپ 750- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تىبەت قوشۇنى ئىككى قېتىم Dru-gu-yul (تۈرك دۆلىتى) گە يۈرۈش قىلغان، «خان سالنامىسى» دە بۇ توغرىسدا خاتىرلەرمۇ بار: 729- 730- يىلىنىڭ ئاخىرىدا«Dru-gu-yul نىڭ ئاتلىق قوشۇنىغا زەربە بىرىلدى»؛ 736- يىلى يازادا، «khxi-chun, cog- roman- po- rje» قوشۇن تارتىپ Dur-gu-yul غا قارشى ئاتلاندى»؛ بۇ يەردىكى Dru-gu-yul زادى قەيەرنى كۆرسىتىدۇ بۇنى يەنە تەكشۈرۈش تەھىققلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەلكىم تارىم ئويمانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، بىراق خەنزۇ يېزىقىدىكى ماتېرىياللاردا مىلادى 717- يىلى ۋە 727- يىلى تىبەت تۈركەش بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ ئىككىسىدىكى مەزمۇنلار بىر- بىرىگە زىت ئىدى. بىراق قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر Dru-gu-yul غەربىي تۈركلەرنىڭ يېرىنى كۆرسەتكەن، چۈنكى بىزنىڭ بىلىشىمىزچە تىبەتلەر ئەزەلدىن شەرقىي تۈركلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ باقمىغان.
(5)
بۇ يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككى خىل سالنامە ئەسىرىدىن باشقا دۇنخۇاڭدىنمۇ بىر قىسىم تىبەت يېزىقىدىكى تارىخى ئەسەرلەر بايقالغان بولۇپ بەزىللىرى ناھايىتى تۇلۇق ساقلانغان بەزىللىرى بولسا پۈتۈنلەي بوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە «تىبەت سالنامىسى» (پېئېللىئوت تىبەتچە ھۆججەت 1287- نومۇر. peLLiot tidetqin NO 1287 ) شەكشۈبھىسىزكى ئەڭ قىممەتلىك ئىدى. بۇ ئەسىرنىڭ كۆپ قىسىمى خېلى ياخشى ساقلانغان. بايان قىلىنغان تارىخنىڭ بېشى Dri- gum bcan- po نىڭ ئۆلىشىدىن باشلىنىپ ئاخىرى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈگىگەن، بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى مەزمۇنى مۇرەككەپ بولۇپ ئۇنىڭدا رىۋايەت، باياننامە، ئېيتىشىش سۆزلىرى، مەلۇم زەنپونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۆھپىللىرىنىڭ باياز، دۆلەت مۇراسىم ناخشىلىرى، يەنە مۇنازىرە سۆزلىرى قاتارلىقلار بار،
«تىبەت سالنامىسى» مىلادى 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنخۇاڭدا يېزىلغان. مۇئەللىپنىڭ ئەسەر تۈزۈش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ماھاتىنى ئىنىق ئىپادىلەنگەن. بىز بىر كىتابنىڭ ئىچىكى تەرتىۋى ۋە مۇئەللىپ بىۋاستە نەقىل ئالغان باشقا بىر كەمتۈك تارىخ ئەسىرىدىمۇ بۇ نوقتىنى كورىۋىلالايمىز. مۇئەللىپ ئالدى بىلەن زەنپولارنىڭ تەرتىۋى بويىچە كونكىرت تارىخى ۋەقەلەرنى تېرىپ چىققان. بىراق ھەمىشە ھەرقايسى زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرنىڭ يىل تەرتىۋىگە سەل قارىغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككى زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى ئىككى بۈلەككە بۆلۈپ خاتىرلىمىسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلانغان جۈملە يېڭى تېكىستنىڭ باش ئاخىرىلىق مۇناسىۋىتىگە ماس كېلىشى كېرەك. «ۋەزىرلەر جەدىۋېلى) دە مىسال كەلتۈرگەن ئەك ئاخىرىقى بىر قانچە نام بەلكىم بۇ خىل ئەسنى بېلىشتىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. باشقا تەرەپلەر توغرىسىدا. «تىبەتلەر سالنامىسى» بۇرۇنقى چاغدىكى قىسمەن تارىخى ئەسەرلەرنى سادىقلىق بىلەن كۆچۈرۈپ چىققاندەكمۇ قىلىدۇ. بىراق ھەربىر قىسمى قاچان تۈزۈلگەن. قانداق مايىللىق بار، قانداق ماتېرىيال قىممىتى بار، بۇنى كونكىرىت تەھىلىل قىلىش كېرەك.
«تىبەت سالنامىسى» دىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت بۆلەكلەر توغرىسىدا مەن ئالدى بىلەن «zin- po- rje خاتىرىسى» دە تىلغا ئېلىنغان Dru-gu-yul (تۈرك دۆلىتى) دېگەن ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن بۇ خاتىرە ئاخىرقى مەزگىلدىكى قەدىمكى تىبەت يېزىقىدا يېزىلغان مايىللىق خاراكتىرگە ئىگە لىدىكلىق نەسرى ئەسەر ئىدى. ئۇنىڭدا Nas-po (لاسانىڭ شىمالىغا جايلاشقان) بېگى zin-po-rje khri pan- sum (يەنە Dgu-gri zin- po- rje دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ قانداق مەغلۇپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ زىمىننىڭ 6-،7- ئەسىرلەردە قانداقلارچە تىبەت خانلىقىغا قوشۋىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايىلەر بايان قىلىنغان، zin- po- rje نى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى بايان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىر كوپىلىت بېيت قىستۇرۇلغان بۇلۇپ ئىنقىلاب بۇرۇنقى تارىخ كىتاب ياكى خەلق رىۋايەتلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان. بېيت:
دەرياسۇي كۆتۈرلۇپ گۆركىرەپ ئاقتى،
سىپىل ئۆرۈلۇپ ھەممە يەرنى سۇ باستى.
yu- san قورغىنى ئىشغال قىلىندى،
Dru- gri- zin-po- rje يوقۇلدى،
Dru-gu-yul Man- rje-sum- bu تەرەپكە قاراپ قاچتى».
بېيتتىكى Man-po rje sum-bu بەگنىڭ Dru-gu-yul غا قاچتى ئىشى مۇئەييەن دەرىجىدىن ئالغاندا تارىخى ئەمىلىيەت ئۆز- ئارا ماس كىلىپ قىلىشقا بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ يەردىكى Dru-gu-yul ھەقىقى تۈرك دۆلىتىنى كۆرسەتمىگەن بولىشى مۇمكىن، ئۇ كىشىلەر ناتۇنۇش يىراق جاي دەپ قارايدىغان شىمالغا سىموۋۇل قىلىنغان ئىدى.
«تىبەت سالنامىسى» تىبەت ئېمپېرىيىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە Dus-sron (676- يىلىدىن 704- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان)، khrilde –gcug -brcan (755- يىلىدىن 779- (؟) يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) دىن ئىبارەت ئۈچ زەنپونىڭ ھەربىي مۇۋاپىقىيەتلىرىنى بايان قىلغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئائىت ئاز بولمىغان خەۋەرلەرنى خاتىرلىگەن، كۆرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشۇ زەنپۇ ۋەتىبەت قوشۇنلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى مەدھىلەيدىغان سۆزلەر بولسىمۇ بىراق بۇ ماتېرىياللارنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگىدە ئاساسەن ھېچقانداق مەسىلەن يوق چۈنكى بىز بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا بىر قىسىم قوشۇمچە پاكىت ماتېرىياللىرىنى تېپىپ چىقالايمىز.
بۇ يەردە مەن پەقەت مۇناسىۋەتلىك بۆلەكتىلا تەرجىمە قىلماقچى، خاتىرلىنىشچە khridus- sron زونپۇ تەخىتتە ئولتۇرغاندا «ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسىلەن، Dru-gu (غەربىي تۈركلەر) قاتارلىق (مىللەتلەر) لار ئەل بوۇپ ئولپان تاپشۇردى». شۇ زەنپۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا «يۇقارقى رايوندىن كەلگەن يەنى (Bru- za ۋە) kog قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشالىرى، چەنۇپتىكى رايون (ھىمالايا تېغىدىكى ھەرقايسى ئەللەر) لاردىن كەلگەن پادىشالار ئوردىغا كىرىپ ئەل بولغانلىقىنى بىلدۈردى.» 727-يىل جۇڭگۇنىڭ گۇاجۇ (kva-cu) شەھىرىنى ئىشغال قىلغانلىقى توغرىسدا مەلۇمات بەرگەن بىر پارچە ئىسپاتنامىدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقئارا سۇدىدا تۇتقان ئالاھىدە ئورنىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىپ بەرگەن: «ئەينى چاغدا، جۇڭگۇدا كۈچلۈك ئىدى. بارلىق تۈركلەر ئۇنىڭغا قارام بولغان كەرەپ زىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇغا تەۋە ئىدى. يۇقارقى رايون (upper Region) لارغا توشۇلدىغان جۇڭگۇنىڭ نورغۇن ئۈنچە مەرۋايىتلىرىنىڭ ھەممىسى تىبەتلەر تەرىپىدىن ئولجا ئېلىندى، ھەتتا قارا باشلىق قاللار (قارا بۇرۇن- بوسيۇندۇرۇلغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ) مۇ نۇرغۇنلىغان چىرايلىق جۇڭگۇ يىپەكلىرىگە ئىگە بولۇشى.» تۆۋەندىكى ئىككى پارچە ماتېرىيال قەدىمىكى جۇغراپىيە ۋە «يۇقارقى رايون» ئوقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. گەرچە بايان قىلىنغان ۋەقەلەر 8- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ۋە 790- يىللىرىدىن كېيىن بولسىمۇ شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ: «sbran-Rgyal-sgra-leg zigs» (بىر تارماق قوشۇننى) باشلاپ يۇقارقى رايوننى بويسۇندۇرۇشقا ئاتلاندى. Mu-yuns غا يەتكەندىن كېيىن ھەل قىلغۇچ جەڭ بولدى تاكى nun-kog دەريا جىلغىسىدىكى ھەرقايسى پادىشالار مەغلۇپ بولۇپ ئىتائەت قىلغىچە ئۇرۇشتى... Bro khri-gzu-ram-sags (بىر قوشۇننى) باشلا يۇقارقى رايونغا يۈرۈش قىلدى. Li (ئۇرۇن) بويسۇندۇرغاندىن ھەريىلى تاپشۇرىدىغان بولدى.
«تىبەت سالنا» دىن باشقا، يەنە بەش پارچە ھۆججەت (پىللىئوتنىڭ تىبەتچە 996- نومۇرلۇق ھۆججىتى،
(peulot tidelqian 996 No) نى ئادىيلا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. بۇدىيانا مەزھىپىدىكى بەش نەپەر پىركالانىنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئەسەر بولۇپ تىبەتلەرنىڭ ئەڭ بورۇنقى دىن تارىخى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇئەللىپ نامسىز بىر تىبەت بولۇپ يېزىلغان جاي خۇاڭخى دەرياسىنىڭ يۇقارقى ئېقىمىدىكى رايونلار ئىدى. ئۇنىڭغا تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ئىدى. بىراق ئالدى ئۈچ نەپەر پىركالان رىۋايىتىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىىدا خەنزۇچە ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ بىر قىسمى خەنزۇچىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ 8- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بىر يېرىمىدا ھىندىستاننىڭ upadhyaya دىگەن يەردىن كەلگەن Arten- hvyer ئىسىملىك بىرسىنىڭ كۇچا (kuca) دىكى پائالىيىتى، ئىستقامەت كەچۈرمىشلىرى سۆزلەنگەن، ئۇنىڭدا كۇچا An-se (خەنزۇتىلىدا 安西 دېيىلگەن)، ئۇ يەرنىڭ يادىشاسى kva-ci-,van (خەنزۇتىلىدىكى ؟؟؟؟ نى كۆرسىتىدۇ) دەپ ئاتالغان.
باشقا تارىخ ئەسەرلىرى، مەسىلەن ئاتالمىش «دۇنخۇاڭ شەجەرسى» (Genealogy of Tun huam, pelliot tide tain 1286 No)