بىراق، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە پەيدا بولغان مۇتەئەسسىپ ئىشان ھىدايىتۇللا خوجا (1626 - 1694) قاتارلىقلار تەركىدۇنيالىقنى، جاھالەتنى تەرغىب قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى چىقتى. ئاخىر 1677 - يىلى كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە ئوتۇپ، دالاي لامانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەرز - شىكايەت ئوقۇدى. دالاي لاما جۇڭغار گېنېرالى غالدانغا خەت يېزىپ، ھىدايىتۇللا خوجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى قەشقەرگە ئەۋەتىشنى تاپشۇردى. تۈمەن بويىدىكى جەڭدە سەئىدىيە قوشۇنلىرى يېڭىلىپ قالدى. نەتىجىدە ھىدايىتۇللا خوجا "ھەزرىتى ئاپئاق" دېگەن ئۇنۋان بىلەن قورچاق ۋاڭ بولۇۋالدى ۋە سوپىزمنى كۈچىنىڭ بېرىچە تەرغىپ قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" ئىچىدە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلدى. پەلسەپە، ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە پەنلىرىنى ئۆگىنىشنى ئۇ، "پەرەڭلەرنىڭ سەھرىسى"، "جەدىتلىق" دەپ جار سېلىپ مەنئىي قىلدى، "پانىلىق ناساراغا مەنسۇپ، بىزگە قىيامەتلىك" دەپ چۇقان كۆتۈردى. ھالبۇكى، دەل شۇ چاغدا دۇنيانىڭ يېڭى مائارىپى تېز راۋاجلانماقتا ئىدى. "ناسارا پەرەڭلىرى" (1) بەس - بەس بىلەن ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى قۇرۇشماقتا ئىدى. ھىدايىتۇللا خوجىنىڭ سوپى دەرۋىشلىرى بولسا، ئەكسىچە جەندى - كۇلالىرىنى كىيىشىۋېلىپ، ھەممىلا جايدا تەركىدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىشاتتى. خوتۇن - قىزلار ھەرەم ئىچىدە تۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىناتتى. بۇ خىل روھىي كىشەنلەرگە قارشى خەلق ئىچىدىكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرەتتى. خەلق ئىچىدە جاھىل سوپىلار گۇرۇھىنى مەسخىرە قىلىدىغان قوشاق - شېئىرلار پەيدا بولغانىدى. مەسىلەن:
قولۇڭدا دالۋىيىڭ بولسا، "قۇ" نىڭ نېمىشى،
دىلىڭدا ئىمانىڭ بولسا، "ھۇ" نىڭ نېمىشى.
سوپى - ئىشانلارنىڭ جاھالەتتە قالدۇرۇش ۋە نادانلاشتۇرۇش ئاقىۋەتلىرىدىن پايدىلانغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى كېيىنرەك شۆتاڭ مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پەقەت تىلماچ (تۇڭچى) لارنى تەييارلاشنى مەقسەت قىلدى. شۆتاڭ مەكتەپلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىنغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئېغىر جىسمانىي ئازاپ چېكەتتى، ئۇلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى، غۇرۇرى دەپسەندە قىلىناتتى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم كىيىشىگە يول قويۇلمىغانىدى. ئۇلارغا بېشىغا سەككىز قىرلىق تەقى، تەقى ئۇستىدە قۇببۇ شەكىللىك قىزىل مارجان پۈپۈك بېكىتىلگەن ھەمدە ئۇچىسىغا سېرىق زەي تۇتۇلغان ۋە قارا ئىزمە تۈگۈلگەن قۇيازى كىيگۈزۈلەتتى، قارا لەمبۇقتىن ئۇچىغا جۇلا ئورۇپ ئۇلانغان بىر ئۇزۇن يالغان ئۆرۇمە چاچ قۇيرۇقىغىچە تېگىپ تۇراتتى. مانا بۇ شۆتاڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مانجۇچە ئوبرازى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋرى ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا زۇلمەتلىك دەۋر ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، مۇشۇ زۇلمەتلىك ۋە "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە ئۇيغۇر كلاسسىك مائارىپى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ نۇرلۇق شاملىرى ئۆچۈرۈپ تاشلانغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن نادانلىق ۋە قۇللۇق ھۆكۇم سۈردى. سوپىزم نادانلاشتۇرۇشنىڭ قورالى بولسا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى قۇللاشتۇرۇشنىڭ ئامىلى بولدى.
ئىزاھاتلار:
(1) "ناسارا پەرەڭلىرى" - ياۋروپا مەملىكەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.