ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلاشقانلىق
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-12 ئاۋاتلىقى:3662
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇر بەكرى 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 72-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 3-قېتىملىق تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تىل-يېزىق ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان. ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. تىلنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ھەتتا يوقىلىش جەريانى بولىدۇ. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بىرلىشىش تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا تېخىمۇ ئايلاندى. ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىش رايوننىڭ بىرىكىشىگە، مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشىگە، تىلنىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولدى ۋە تەسىر كۆرسەتتى. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان تىل قوللىنىدىغان ھەرقايسى مىللەتنىڭ نوپۇس، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى تەكشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى، ئىشلىتىش نىسبىتى، ئۇچۇر سىغىمچانلىق مىقدارى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدارىدىمۇ پەرق پەيدا قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىللارنى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا دائىملىق ئالاقىدە ئىشلىتىدۇ، ئوينىغان رولى كىچىكرەك؛ ئەمما بەزى تىللار دۆلەت، رايون ھەتتا دۇنيادا ئورتاق قوللىنىدىغان ئالاقىلىشىش قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، تىللار ئىچىدىكى چوڭ تىلغا ئايلاندى. نوقۇل ھالدا تىل ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالاقە قورالى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. لېكىن تېخىمۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ قارىغاندا، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىرەر تىل-يېزىق دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسا، بۇنداق تىل-يېزىق تەرەققىي قىلىپ روناق تاپىدۇ؛ ئەگەر بىرەر تىل-يېزىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، خەلق ئاممىسى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۆزلۈكىدىن قوللىنىدۇ. تىل-يېزىقنى بۇنداق ئۆزلۈكىدىن قوللىنىش خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
        ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىختىن بۇيان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل-يېزىق ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئۇچۇر دەۋرىدە خەنزۇ تىلنى ئۆگىنىش، ھەتتا چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق زور مىقداردا ئۇچۇر ئىگىلىگەندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زور دەرىجىدە پايدىسى بولسا بولىدۇكى، ھەرگىز زىيىنى يەتمەيدۇ. ئۇ نۆۋەتتە جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ »قوش تىل« ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى، رولىنى تونۇشىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم تىل-يېزىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە ماركسىزملىق نوقتىئىنەزەردە تۇرۇپ ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىغا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىغا پايدىلىقمۇ-ئەمەسمۇ دېگەن يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز، قوش تىل ئۆگىنىشكە »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى سىرتقا چىقماقچى بولسا، مەملىكەتنى ئايلانماقچى بولسا دۆلەت ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقنى ئۆگىنىشى لازىم؛ دۆلەتتىن چىقىپ خەلقئارانى ئايلانماقچى بولسا دۇنيادا ئېقىۋاتقان تىلنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ دۇنيادا نەزىرىنى يىراققا تاشلىغان مىللەتلەر باسقان ياكى بېسىۋاتقان يول، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باسىدىغان يول. بۇ بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىدىكى مۇقەررەر يول.

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ