ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت قەدىمكى تىبەت يېزىقىىكى ھۆججەتلەر ۋە قوليازما
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:3167
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      «دۇنخۇاڭ سالنامىسنىڭ كەمتۈك قىسمى»

     (the chronicle Fragments of Funhuang, pelliot tidetain 1144No stein ch, xv112 No
    ۋە «تىبەتلەرنىڭ تارىخدىن ئىلگىرىكى ئەھۋالى»
    )the sketch on tidetan prehistory, pelliot tidetain 1038-No)
    قاتارلىقلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسدا ھېچقانداق ماتېرىيال يوق.
    (6)
    يوقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى تىبەت يېزىقىىدىكى ئەسەر ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئاندا ساندا ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكەن. بىز بۇ پاراگراپتا تىبەتچە بولمىغان تىللاردىن تەرجىمە قىلنغان 6 پارچە ئەسەرنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز (ياكى ھېچبولمىغاندا سىرتتىن كەلگەن ئەسەرگە ئاساسەن يېزىلغان ئەسەرلەر) بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى Li (ئۇدۇن) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتنىڭ تارىخى ۋە دىن تارىخىنى مەرگەزلىك بايان قىلىمىز ئالتە چوڭ ئەسەرنىڭ ئىچىدىكى بەش پارچىسى ساكيامۇنى ۋە بۇددا دىنىدىكى ئەۋلىيالارنىڭ بىشارىتى بولغاچقا بۇ كىتابلار «خەنجۇ»،«دەنجۇر» نومىلىرىغا كىرگۈزۈلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇلار بولسا:
    (1) ۋىسمالاپرابھا پارىپرچچھا (vimalapradha-pariprccha)، تىبەت تىلىدا، Dri-ma med-pai od-kyis zus-pa, دېيىلگەن)
    (2) «گوسزاناگا تەلىماتى» (Gosrnga-vxakrarana، تىبەتچە Ri-glan-ru- lun- bstan-pa دىيىلگەن)
    (3) «ئارفات سامغاۋاردىھانا سۆزلىگەن تەلىمات»
    (سانسكىرتىچە، Arhat samghavardhana- vyakarana دېيىلگەن)
    (4) «ئۇدۇن ئافاتلىرىنىڭ تەلىماتى»
    (تىبەتچە liyul –gyidgra-dgra-dcom-pas lum bstan-po دېيىلگەن)
    (5) «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» (سانسكرىتىچە Gatana- vyakarana تىبەتچە Liyul- lun-bstan-pa دېيىلگەن)
    يۇقارقى بەش ئەسەرنىڭ ھەممىسى پەت تىلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى تەرجىمىسى ئىدى. بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئەسەرنى تىبەتلەر ئەڭ ئاخىرىدا تۈزگەن بولىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ئۈچ كىتابنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى مىلادىيە 800- يىلىدىكى ياكى 812- يىللىرى ئاللىقاچان بارلىققا كېلىپ بولغان، چۈنكى Dpal- brcegs ۋە nam khai shin- po  تۈزگەن «stod- than دىكى ldan-dlkar خان سارىيىدا ساقلانغان نوملار تەرجىمىسىنىڭ ئومۇمىي كاتالوگ» دا ئەسكەرتمە بىرىلگەن. تۆتىنچى كىتاپ «ئۇدۇن ئارخاتلىرىنىڭ تەرلىماتى» (تۇماس ھاكا ھالدا «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» دەپ ئاتىغان ھەم تىبەتتە تۈزۈلگەن دەپ قارايدۇ. بىراق پائول ئېللىئوت خوتەن ساك [khotanese saka] تىلىدىكى ئەسلى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغان دەپ قارايدۇ) نىڭ بۇددا نوملىرىدا ساقلىنىپ قالغان تەرجىمە نوسخسىدىن باشقا بىر يەنە 3 دانە تىبەتچە نوسخىسىنى بايقىدۇق ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنخۇڭدىن تېپىلغان (سىتەيىن ch.08 نومۇرلۇق، ch,09 I 3 نومۇرلۇق، ch73 vii3-2 نومۇرلۇق ھۆججەت) ھەتتا دۇنخۇڭدىن تېپىلغان خەنزۇيېزىقىدىكى بىر نوسخىسىمۇ بار (p.2139 نومۇرلۇق) بولۇپ تاڭ دەۋرىدىكى فاچىڭ (法成 770- يىلىدىن 858- يىلىغىچە) قەدىمكى تىبەت تىلىدىن تەرجىمە قىلغان. شۇڭا بۇ كىتاپنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى ھەرگىزمۇ 858- يىلىدىن كېيىن ئەمەس. ئەڭ ئاخىرىدا «ئۇدۇن دۆلىتى تەلىماتلىرى» (تۇماس خاتا ھالدا «ئۇدۇن (لىيال) دۆلىتى تارىخى» [The Annals of thr Li country] دەپ ئاتايدۇ. تۇماسنىڭ قىياسىچە بۇ ئەسەر (1046- يىلى ئوتۇندا تىبەت يېزىقىدا يېزىلغانمىش، بىراق ئېممېرىك (Emmerick) بۇ كىتابنى 890- يىلى ياكى 892- يىلى يېزىلغان دەپ بېكىتكەن. مىنىڭ قارشىمچە بىزنىڭ بۇ كىتاب خوتەن تىلىدىكى ئەسلى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئېھتىماللىقنى يوققا چىقىرىشىمىزغا تولۇپ ئاساسمىز يوق. ئۇنىڭدىكى ھىندىچە سۆزلۇق بىلەن خوتەن ساك تىلىنىڭ تەلەپپۇز شەكلى ھېچبولمىغاندا قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى نوسخىنىڭ بىۋاستە خوتەن ساك يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەردىكى ماتىرىياللاردىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تىبەتچە تەرجىمىسى كىچېكەندىمۇ 11- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن.
    بەش پارچە بىشارەت ئەسىردىن باشقا، «ئۇدۇن (لىيال) دىن تارىخى» (Li-yul-chos-kyi lo-rgyus) دەپ ئاتىلىدىغان بىر دىننى ئەسەر بولسىمۇ بىراق بۇددا نومىلىرىىغاا كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ دۇنخۇاڭدىكى كەمتۈك ھۆججەتلەر ئارىسىدىن تېپىلغان. (pelliot tidetain 960 No) بۇ كىتابنى ئۇرۇنلۇق راھىپ كالان Morgubdesi يازغان بولۇپ ئاساسلىغى ھەرخىل تەلىمات ماتېرىياللىرىدىن ئاساسلانغان ھەم بىر قەيەردىن چىققانلىقىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن،
    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەش خىل بىشارەت ئەسىرى ۋە «ئۇدۇن (لىيال) دىن تارىخى» نىڭ مەزمۇنى ھەم ئۇچتىلىدىغان تىلشۇناسلىق تارىخشۇناسلىق مەسىللىرى توغرىسىدا بۇ يەردە تەخمىنەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىنى ئويلىغان بولساقمۇ مۇمكىن بولمىدى ھەم مۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بۇ مەسىلىلەرنى بس مۇنازىرە بىلەن تەتقىق قىلىنغان ئېلمىي ئەسەرلەرنى تىلغا ئىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر توماسنىڭ بۇ ئەسەر توغرىسىدىكى تۇنۇشتۇرشى ۋە تەرجىمىدىن پايدىلانسا بولىدۇ. گەرچە تۇماسنىڭ نورغۇن كۆز قاراشلىرى توغرا بولغان تەنىقىدلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا مۇئەييەن بىر تەسىرلەرنى قالدۇرالايدۇ.
    بەخىتكە يارىشا بىز E.R ئېممېرك ((E.R.Emmenck نىڭ يىڭى ئەسىرى «تىبەت مەنبەرلىرىدە كۈرۈلگەن خوتەن»
    (Tibetan texts concerning khota) دىن خوتەن تارىخى ھەققىدىكى پۈتۈن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللارنى كۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئېممېرىك ئەپەندى «خوتەن دۆلىتىنىڭ تەلىماتلىرى» نىڭ يېڭى تەرجىمىسى ئىزاھات ۋە قوشۇمچە مەخسۇس ئىسملارنىڭ ئىندىكىسى، سۆزلەرنىڭ ئىندىكىسى بار «خوتەن (لىيال) دىن تارىخى» نىڭ يېڭى نوسخىسىنى ئېلان قىلدى، يەنە باشقا ئىككى خىل ھۆججەتنىڭ ئىزاھلىق نوسخىسنى ئېلان قىلدى. بۈگۈنگە قەدەر ئېلان بارلىق ئىزاھلىق ۋە سۆزلۈكلەردە ئېممېرىكىنىڭ ئەسىرى ئەڭ كاتتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تېكىستنىڭ دەلىللەپ تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگىمۇ زور تۆھىپلەرنى قوشتى. بىراق بىر قىسىم بۆلەكلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزگەرتىشگە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بىر قىسىم يەرناملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ئەمىلىي يەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن باغلىنىشى كېرەك.
    مەسىلەن، ئۇنىڭ بىرككەن سۆز sel-chu- sel-cu ۋە ھۆر مەن سۆزى شەكلى sel-chad نى چۈشەندۈرسى فىرانسىيىلىك .A .R سىتېن (R.A. stein) نىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. سىتېن :«ئېممېرىك دوكتۇر ھەممە يەردە sel-chu نى «دەريا» دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۇنىڭ «خىرۇستال» دېگەن مەنىدىكى سۈپەت سۆزىگە پۈتۈنلەي سەل قارىغان... «seL» دېگەن بۇ سۆزنىڭ «قاشتېشى» نى كۆرسىتىدىغانلىغىدا شەك يوق» دەپ قارايدۇ.
    سىستېن (stein) نىڭ چۈشەندۈرۈشى توغرا بولغان بىراق ئۇ نورغۇنلىغان تىبەتچە بولمىغان ھۆججەتلەردە ھەمدە بۇگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تىلدا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانى «قاش دەرياسى» «قاراقاش دەرياسى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن، ئېلگىرىكى كىلاستىك دەۋىر ۋە كىلاستىك دەرىدىكى سانسىكىرىت تىلىدىكى ھۆججەتلەردە sailada [ئۈنچە (يىنجۇ) دەرياسى] دېگەن بىر دەريا بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. Vayupurana نىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا بۇ دەريا ۋاكسۇ (oxus-caksus= vaksu ئامۇ دەياسىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن sita (قارىمىنى كۆرسىتىدۇ) ئارىسىدىن ئېقىن ئۆتىدۇ. خۇي لىن (8-9- ئەسىر) خوتەندىكى گوسرنگا (Gosirsa-cosrnga تېغىنىڭ ئۆستىدە قاش دەرياسى بار، دەيدۇ. بۈيۈك بىر تانىسىيە مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان (or.8212 نومۇرلۇق خوتەن ساك يېزىقىدىكى ھۆججەتتىمۇ ranijai taja («گۆھەر دەيا») دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەيا ئېقىنىنىڭ بارلىغى خاتىرىلەنگەن. 983- يىلىدىن 943- يىللاردا خوتەن ئېلىگە ئەلچىلىككە كەلگەن گاۋجۇخەي (高居浿 ئۆزى يازغان ساياھەتنامىسى («خوتەنگە ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى») دە خوتەننىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىنى ناھايىتى توغرا بايان قىلىپ بەرگەن ئۇ يۈرۈڭقاش دەياسى (yurung qax) نى «白玉河¿يېڭى دەريا (yangi Darya) نى «录玉河»ؿقاراقاش دەياسى (qara aas) نى «乌玉河¿دەپ ئاتىغان، ئۇنىڭدىكى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى نام تۈرك تىلىدىكى يۈرۈڭقاش غول (yrunk qas)، قاراقاش غول (xara qas vol) دىگەنلەر بىلەن پۈتۈنلەر ئوخشايدۇ، شۇڭاشقا تىبەت تىلىدا يېزىلغان ھۆججەتلەردىكى sel-chu-sel-cu ھەمدە ئۇنىڭ ھۆرمەت سۆزى شەكلى بولغان sel-chab نىڭ «قاشتېشى (قاش) دەرياسى» دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە نامى ھېچ بولمىغاندا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانىڭ چىرايلىق نامى بولۇشى كېرەك ئىدى.بىراق خوتەن جۇغراپىيىسى توغرىسىدىكى بىلەملەرنى تېخىمۇ كۆپ بېلىش ئۈچۈن قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەت ۋەسقىلەرگە باش چۆكۈرمەي بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەن كۆرەلەيدىغان قەدىكمى تىبەت يېزىقىدىكى ئەسلى ئەسەرلەر دىن پەقەت ئېممېرىك ئىزاھلىغان «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» «خوتەن (لىيان) دىن تارىخى» ۋە توماس تۇماس ئېلان قىلىنغان مازار تاش ھۆججەتلىرى بار. بۇلاردىن باشقا ئېممېرىك لىخاسا ۋە بېيجىڭدا نەشىر قىلىنغان« گەنجۇر» دىن تاپقان ھەم ماڭا دەپ بەرگەن «سۇرياگاربھا- سۇترا» (suryagarbha-sutara) دىن ئېلىنغان بىر قانچە ئابزاس ماتېرىياللاردىنمۇ پايدىلانغىلى بولمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللاردىن تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى كۆرۈۋالالايمىز:
    (1) ئەڭ بۇرۇنقى ھۆججەتلەردە قاراقاش دەرياسى Ga-ma-ti (سانىسكىرىتچە Gamati دېيىلگەن) ، Ga-ma دېيىلگەن. خوتەن ئىلىدە ئانچە ئومۇملاشمىغان «سورياگرابھا- سوترا» دا: «Go- ma- sa- la- gan- bha» دىگەن سىستۇپا كا-شا (kha-sa) دۆلىتىدىكى (يەر ئەمچىكى) (stana= sai- nu- ma
    Go-) يەنى khotan (خوتەن) نى كۆرسىتىدۇ) گە بارىدىغان Glan- ru (كالا بېشى) تېغىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى Go-ma-ti دەريا قىرغىقى (chu-bo Go-ma-ti) غا جايلاشقان». ئوخشاشلا بىز «گوسرناگا تەلىماتى» دىنمۇ chu-bo Go \- mai- gram (گۇما Go- ma) دەريا بۇي) دېگەن بىر سۆز بىرىكمىسىنى تېپىپ چىقتۇق بۇ دەل Go-ma- sa-la- gan- sa دېگەن ستۇپانىڭ جايلاشقان ئونى ئىدى.
    «كوسرنافا تەلىماتى» دا يەنە so)so- rcan-po دەرياسى) دېگەن باشقا بىر دەيانىڭ بارلىقىنى خاتىرىلگەن بولۇپ بۇددا ئېلگىرى خوتەننى بېسىۋالغان كۆپ سۈيىنى مۇشۇ دەرياغا باشلىغانمىش، تۇماس بۇنى يۇرۈڭقاش دەياسى دەپ تەكشۈرۈپ دەللەيدۇ. بۇنىڭ ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ،
    (2) Go-ma بىر قەدەر كېيىنكى ھۆججەتلەردە پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈلگەن. يەنى «خوتەن (لىيان) دۆلىتى تەلىماتلىرى» دا Mgo-ma سۆزى بولۇپلا قالماستىن يەنە sel-cha دېگەن ماس سۆزىدىن بىرى بار ئىدى. ئەسلىدىكى جۈملە تۆۋەندىكىچە ئىدى: chu- bo sel- chab Mgo- maigram- na (قاش سۈيى Mgo- ma دەريا قىرغىقى).
    (3) بۇ ماتېرىياللاردىن باشقا «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» ۋە «خوتەن دىن تارىخى» دا ئايرىم- ئايرىم ھالدا sel- chu ۋەsel- shab دېگەن ئىككى نام كۆرۈلىدۇ. مۇبادا بىز دىققەت بىلەن كۈزەتسەك بۇ ئىككى ئېسمىنى تۆۋەندىكى سۆز بىرىكمىللىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ:
    lu- then- gyi sel- chu- chab- gon- ma خوتەن (u-then) يۇقارقى قاش سۇ (دەرياسى) دىگەن مەنىدە)، u-thenl u-then)- gyi sel- chabog-ma تۆۋەندىكى قان سۈي (دەرياسى) دېگەم مەنىدە) sel- chu- chab- gon- ma  («يۇقارقى قاش سۈر دەياسى» دېگەن مەنىدە) sel- cultog og ma («تۆۋەندىكى قاش سۇ (دەرياسى)» دېگەم مەنىدە) sel-cu ltag- og- gngs, («يۇقارقى، تۆۋەندىكى قاش سۇ (دەياسى» دېگەن مەنىدە) sel- chu- dbus («قاش دەريانىڭ ئوتتۇرسى» دېگەن مەنىدە) sel- chu chu-nu («كىچىك قاش سۇ (دەريا)» دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىچىدىكى sel- chu- chu- nu ھېچقايسىسى بىلەن ئوخشىمايدۇ. روشەنكى ئۇ باشقا بىر دەريا ئېقىنى كۆرسەتكەن. يۇقۇرى ۋە تۆۋەنكى مەزمۇنلارغا ئاساسلىنىپ sel- chu/ sel-cu/ sel- chab  ۋە u- then- gyi- sel- chab نى باشقا يەرنىڭ نامى ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز، شۇڭاشقا، قېلىپ قالغان مەسىلە دەپ «يۇقارقى قاش سۇ (دەريا)» «تۆۋەندىكى قاش سۇ» «قاش سۇ ئوتتۇرسى» دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىشتىلا قالدى. تۇماس «شەرقىي دەريا» «غەربىي دەريا» «ئىككى دەريا ئوتتۇرسىدىكى جايلار» نى كۆرسىتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. سىتېن بولسا «قاش سۇ (دەريا) ئوتتۇرسى» «مەركىزى دەريا» (riviere centrale) نى كۆرسىتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، dbus دېگەن سۆزنىڭ «ئارىدىكى يەر» «ئۇتتۇرىدىكى جاي» دېگەن مەنىسى يوق، يەنە كېلىپ سۈپەتمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بىز sel- chu-dbus پەقەت «قاش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى» دەپ ئىزاھلايمىز. ئەسلى تېكىستتە sel- chu-chu-dbus دېگەن سۆز u- then- gyi sel- chab og ma ۋە sel- chu- gon-ma دېگەن ئىككى ئىسىمغا قارىمۇ- قارشى ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇڭاشقا كېيىنكى ئىككىنچىسى پەقەت «u-then قاش دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى» ۋە «قاش دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى» دەپ ئىزاھلايمىز. بۇ ئىككى خىل ھۆججەتتە جەمئى ئىككى «قارشتېشى دەرياسى» دەپ ئاتىلىدىغان دەريا ئىقىمى ئوتتۇرغا قويۇلغان، ئۇنىڭ بىرى sel- chu chu- nu (كىچىك قاشتېشى دەرياسى) دېيىلسە باشما بىرىسى sel- chu/ sel-chab (قاشتېشى دەرياسى) دەپ ئاتالغان ياكى u- then-gyi- sel- chu u-then) u-then gyi sel- chab/ ‹خوتەن‿قاشتېشى دەرياسى) دەپ ئاتىلاتتى. قەدىمكى تىبەت تىلىدا، u- then دېگەن خوتەن دۆلىتىنى كۆرسەتمەستىن خوتەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپنىلا كۆرسىتەتتى بۇ نوقتا ساك تىلىدىكى Hwam(4) 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى بىرسىدا تىبەتلەر خوتەننى ئىشغال قىلغان چاغدىكى بىر پارچە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ھۆججەتتىمۇ  sel- chab- og- ma sel- chab-gon- ma دېگەندەك سۆز بىرىكمىللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى بولسا تىبەت قوشۇنلىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسى ۋە باشلىقلارنىڭ نامى كۆرسىتىلگەن، شۇڭلاشقا، شۇنداق مۇئەييەنلۈشتۈرۈشكە بولدۇكى sel- chab بۇ يەردە يوشۇرۇن ئىسىم بولماستىن ئېنىق بولغا مەخسۇس ئىسىم ئىدى، باشقا ئىككى پارچە ھۆججەتتە يەنە so- rcan- gram بىر جاينىڭ نامى خاتىرىلەنگەن. بۇ بىرككەن سۆز بولۇپ دەريا نامى so-rcan- po («گوسىرناگا تەلىماتى» غا قاراڭ) بىلەن ئادەتتىكى ئىسىم gram (قىرغاق) دىن تۈزۈلگەن (مازار تاغ، تىبەتچە 0048، 0036-، 0052، نومۇرلۇق ھۆججەتكە قاراڭ)
    تۆۋەندە يۇقارقى مەزمۇنلارنى خۇلاسىلەيمىز، قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى ماتېرىياللار ۋە تىبەت يېزىقىدا بولمىغان ماتېرىياللاردا خوتەندىكى ئاساسلىق دەريانىڭ ئاتىلىشى ئۇنىڭ پەيدا بولغان ئىلگىرى كېيىنلىك تەرتىۋىنىڭ تىزلىشى تۆۋەندىكىچە: قاراش دەرياسى ئەڭ دەسلەپ Gamati (قەدىمكى تىبەت تىلى: Go-ma- ti) ياكى Go-ma (بۇنىڭ ئۆزگەرگەن ھالىتى Mao-ma) دېيىلگەن، يۈرۈڭقاش دەياسى so دەريا (قەدىمكى تىبەت تىلىدا so-rcan-po) دېيىلگەن، 7-8- ئەسرلەردىن كېيىن Go-ma دېگەن نام يەنە قوشۇمچە «گۆھەر دەريا/ قاش سۇ / قاشتېشى دەرياسى (خوتەن ساك تىلىدا ranija ttaji قەدىمكى تىبەت تىلىدا، sel-chab/sel-chu خەنزۇتىلىدا 玉河دېيىلگەن.) دېگەن مەنىلەردە ئىدى. بۇ ئالاھىدىلىكنى بىلدۈردىغان مەزمۇن بەلكىم بۇ دەريانىڭ سانسىكېرىنچە نامى sailoda («گۆھەر (دەريا») دىن كېلىپ چىققان بولشى مۇمكىن، كېچىككەندىمۇ 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «گۆھەر دەريا/ قاشتىشى سۈيى/ قاشتېشى دەريا» دېگەنلەر پۈتۈنلەي قاراقاش دېگەن كونا نامغا ئۇرۇن بوشاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاراقاش دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان يېڭى دەريامۇ «كىچىك قاشتېشى دەرياسى» (قەدىمكى تىبەت تىلىدا sel chu chu- nu, دەپ ئاتالغان) دېگەن تامغىمۇ ئىگە بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا تەخىمەن 9- 10- ئەسىرلەردە «قاشتىشى دەرياسى /قاشتېشى سۈي» دېگەن ناملار يۈرۈڭقاش دەرياسى دەپمۇ ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاققىتتا ئۈچ «قاشتېشى (قاش)  دەرياسى» ئىسمىنىڭ ئالدىنقى قىسمى «قارا» ، «يېشىل»، «ئاق» دىن ئىبارەت ئۈچ خىلرېەڭ ئارقىلىق پەرقلەندۈرلگەن،خەنزۇتىلىدىكى «乌玉河¿تۈرك تىلىدىكى قاراقاش (qara qas) نى، خەنزۇتىلىدىكى «白玉河¿تۈرك تىلىدىكى يۈرۈڭقاش (yurug qas) دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
    شۇنى ئۇنۇتماسلىق كىرەككى قاشتېشى خوتەن رايونىنىڭ مۇھىم ئېكىسپورت تاۋىرى بولۇپ 10- ئەسىردە دەريا ئېقىنلارغا نام بىرىشتىلا ئەمەس خوتەن دۆلىتىگە نام بىرىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان، ھەتتا جۇڭگۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنى ئاتىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بايلېي (H.w.Bailey) ئەپەندى ئاللىقاچان بۇ نوقتىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن. مەسىلەن: خوتەن ساك تىلىدا Gaustama-desa ranijajinave نىڭ مەنىسى «Gostana (قوستانا) دۆلىتى گۈھەرلەرنىڭ دۆلىتى» دېگەنلىك بۇلاتتى. خەنزۇتىلىدىكى «大宝于圎国¿نىڭ مەنىسى «بۈيۈك گۈھەر خوتەن دۆلىتى» دىگەنلىك بۇلاتتى، (بۇ خوتەن تىلىدا، (ttayi-pu yuttyeni kuhi: Jingve دىيىلگەن) سانىسكېرىت تىلىدا Ratnapadajana دېيىلگەن بولۇپ بۇنىڭ مەنىسى «گۇھەرزىمىن» دىگەنلىك بۇلاتتى.
    بىراۋنىڭ سۇئالى: خوتەندىكى دەيا ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇرايۇن ئالاھىدە نامىنىڭ پەيدا بولىشىنى شۇنداقلا جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ خوتەن دۆلىتى ئاتاش ئۇسۇلىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنمۇ ياكى بولمىسا 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرغىچە بولغان دەۋىردىمۇ خوتەن قاشتېشى ئېكىسپورتنىڭ ئالتۇن دەۋىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردىمۇ يوق؟
    (7)
    خوتەن تارىخى توغرىسىدىكى ئەسەرلەردىن باشقا جۇغراپىيسىگە ئائىت بىر كىتاپقا كۆڭۈل بۆلىشىمىز لازىم، بۇ كىتابنىڭ ئەسلى تۈزگۈچىسىمۇ ياقا يۇرتتىن كەلگەن، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان  كىتاپ ئىسمى «شىمالدىكى كۆپلىگەن دۆلەت پادىشا لىرىنىڭ خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ بايانى» (پىللىئوت، تىبەتچە ھۆججەتلەر، 1283- نومۇر) بولۇپ قوليازما نوسخىسى دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان. ئەسەردە 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى يايلاقتىكى نۇرغۇنلىغان چارۋىچى قەبىللەر ۋە قەبىللەر ئىتتىپاقى بايان قىلىنغان بىلەن بىر قەدەر بۇرۇنقى تارىخى ۋەقەلەر ۋە جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللارمۇ تىلغا ئېلىنغان. بايان قىلىش دائىرسى چاۋشىيەن ۋە جەنۇبىي سىبىرىيىدىن تارتىپ تاكى تەڭرى تاغ تىزمىللىرىغىچە چىتىلغان بولغاچقا يېڭىدىن تۈزۈش پىلانلانغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ماتېرىياللىرى توپلىما پەقەت مۇشۇ كىتاپنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتىمىز.
    بۇ كىتاپ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتىرىيالدۇر ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئىنتايىن مۇھىم شۇنداق ناھايىتى تەستە چۈشەنگەنلىكى بولىدىغانبۇ ماتىرىيالغا قارىتا تىلشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتىكى تەتقىقات تېخى ئەمدىلا باشلاندى.
    (8)
    ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى تىبەتچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىن ۋە پەلسەپە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بوددا نوملىرى بولۇپ تاش ئابىدە، ھۆججەت ياكى تارىخ، جۇغراپىيە ئەسەرلىرى ئەسەس ئىدى. بۇۋەسقىلەرنىڭ تەرجىمىللىرىنى ھەمىشە ئۇچراتقىلى بولسىمۇ ئۇنىڭ تىبەتچە ئەسلى نوسخىسىنى تاپماق بۇددا نوملىرى ئىپتىدائى تارىخ ماتېرىيال دەپ قاراشقا بولدىغان بىر قانچە ماتېرىيال بار. مەسىلەن. 823- يىلى يېىزلغان «De- ga- G, yu- chal (ۋە) يۆشى ئىبادەتخانىسى دۇئا- تىلاۋەت توپلىمى» (پائون پىللىئوت تىبەتچە ھۆججەتلەر 16- نومۇر، سىتەيىن 9137 .ch نومۇرلۇق ھۆججەت) ۋە زەنپۇ khri-sron-lde-dca (756- 779- (؟) يىللارغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ بىرلوگىكا كىتاپ ئۈچۈن يازغان كىرىش سۆزى (G-tucci: Minor Buddsit Texts II 122-125) قاتارلىقلار بار بولۇپ زەنپونىڭ كىرىش سۆزىدە تىبەتنىڭ دۆلەت دىنى بولغان بۇددا دىنى ۋە خان جەمەت تەسىرىدىكى كونا دىنى كۆز قاراش خوتەنگە ئائىت ھەرقايسى خاتىرىلەر ھەمدە «سۇرپاگاربھا –سذترا¿(suryagarha- sutra)، «گاندرا گاربھا- سۇترا» دىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەردىن باشقا، نۆۋەتتە قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى نوملاردىنمۇ 751- يىلىدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا ئائىت بىر پارچە ماتېرىيال تاپالايمىز. بۇ ماتېرىيال دۇنخۇڭدىن تېپىلغان «ئابىھىدھارما- سۇترا» (Abhidharma- sutro) نىڭ قىسقارتىلغان نوسخىسىدا ساقلىنىپ قالغان. ئون يىل ئىلگىتى ماكدۇ نالىد خانىم (Mme Macdonald) بىر قىسىم نوملانى شەھرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ؟؟ سىندۇ،  ؟؟؟، شتو قاتارلىق تۆت چوڭ دەريانىڭ ئانا ۋاكاپتا كۆلى (laka Anava tapta، قەدىمكى تىبەتچىدە Mcho- Ma- dros- pa دېيىلگەن) دىن باشلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.


     
    بۇ مەزمۇنلار يەنە ئاتالمىش «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى»

     

    Catalogue of the kings of the Four Regions of)  the world
    نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تىبەتچە تەرجىمىسىدىمۇ بار. تۆۋەندە بىر قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن: «شەرق زېمىنى ۋە «ئادەم گۆھىرى» (Jewel of Men) گە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى تەڭرىقۇت جۇڭگۇ تەڭرىقۇتى... جە تۈپتىكى ماگادىغا (Magadha) دۆلىتىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە« يىل گۆھىرى» (jewel of Elephants) تەڭرىقۇت ─ ھىندىستان تەڭرىقۇتى؛ ... غەرىپتىكى شىر زىمىنى (thr lion land) دىكى سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىقۇتى- phrom-Ge-sar ؛ ... شىمالدىكى مەلۇم جايدا ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى تەڭرىقۇتلار. پۈتۈن دۇلدۇللارنىڭ ئېگىسى «ئات گۆھىرى» (jewel of Horses) ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى Ta- zig (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرەپلەر)، Dru- gu (غەربىي تۈركلەر) ۋە Bug- cor (شەرقىي تۈركلەر) قەبىللىرىنىڭ تەڭرىقۇتى.» بۇ «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى» نىڭ قەيەردىن تېپىلغانلىقىنى تېخى تەكشۈرۈپ بىكىتىلمىدى. بىراق شەكشۈبھىسىزكى تالاس ئۇرۇشىدىن ئېلگىرىكى ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك ئەندىزسىنى بايان قىلىپ بەرگەن. (paul pelliot tibetain 958 No)
    بۇ ماتېرىيال ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا تالاش- تارتىشتا قالغان phrom- Ge-sar دېگەن نام بىرىنچى قېتىم كۆرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىر تارىخى شەخىس بولۇپ خوتەن پادىشاسى ۋىجاياساڭراما (viJaya sangrama، 8- ئەسىرنىڭ ئوتۇرلىرى) نىڭ قىيىن ئاتىسى ئىدى. تېخىمۇ كېيىن بولغان «تۆت تەڭرىقۇت تەلىماتى» نىڭ تىبەتچە تەرجىمىسىدە كۆپ ھاللاردا شىمالنىڭ تەڭرىقۇتى بۇ نام بىلەن ئاتىغان. كېيىنرەك تەلەپپۇز قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئۇنى khram- ge- sar دىيىشكە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىداGru- (يېقىنراق بىرىنچى مەسىلە ھەل قىلىندى. ھ. ھۇمباسىك (H.Humbch) بىلەن ج . ھارماتتا (j.Harmatta) ئۆز ئارا ئالاقە قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىرلا ۋاقىتتا شۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قەدىمكى پۇللار توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ۋە جەنزۇ مەنبەلىرىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ قەندىھار ئىككىنچى تۈرك ساھى خانلىقى (theIInd turk sahi Dynynasty of Gandhara) نىڭ بىر ھۆكۈمدارى (738- يىلىدىن 745- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ ئىسمى Fromo kesaro (باكتىرىيە تىلىدا opoMo kHEApo، خەنزۇ تىلىدا؟؟؟؟؟؟ دېيىلگەن) بولۇپ تۇغۇلغاندا ئائىلىسىدىكىلەر شەرقىي رىم ئىمپىېراتورىنىڭ 718- يىلى ئەرەپلەرنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئوغۇللىرىغا قويغان، ئىسىم يىلنامىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق قەندىھارلىق Fromo kesaro دەل «خوتەن دۆلىتى تەلىماتلىرى» دىكى phrom- Ge- sar نى كۆرسىتدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
    ئىككىنچى مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا كەلسەك «ئابدىدھارما سوتدا» نىڭ قىسقارتىلغا نوسخىسىدىكى دەسلەپكى مەزگلىدىكى «تۈت تەڭرى تەلىماتى» بىزنى مۇھىم قارار قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەھىلىندى
    Phrom- Ge-sar. دەل «غەرىپتىكى شىرلار ماكانى سودىگەرلەرنىڭ تەڭرىقۇتى ئىدى» ئەلىۋەتتە بىز بونى ۋىزانىتيە ئېمپىراتورى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقۇرىشىدىكى سودىگەرلەر مىلادى 1- ئەسىردىن6- ئەسىرگىچە پايدا قوغلىشىپ يىراقتا ھىندىستان پورتلىرىغىچە بارغان. قەندىھار ھۆكۈمرانى شۇنداقمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغىنىز ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭلاشقا ئىلگىرىكى شىمالدىكى phrom-Ge-sar ئەمەلىيەتتە غەرىپتىكى رىم (ۋىزانىتيە) ئىمپرا تورى ئىدى دىگەن پەرەز پۇت تىرەپ تورالايدۇ ھەتتا ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.
    (9)
    تىبەتتىكى بۇددا دىنى راھىبلىرى دەرۋەقە كۆپلىگەن بۇددا نوملىرى ۋە سىرتتىن كىرگەن ئەسلى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. لېكىن بۇددا دىنىدىن ئېلگىرىكى دىن (the Rre-Buddhist religion) مۇخلىسلىرىمۇ نورغۇنلىغان نوم دەستۇۋە پالنامىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇ يەردە بۇددا دىنىدىن ئىلگىرىكى دىن بىلەن كېيىنكى بىن (苿 دىنى ئوتتۇرسىدىكى پەرق ياكى باغلىنىشلارنى سۆزلەش بىئەپرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداقلا يېزىپ قويىغىلى بولمايدۇ. بىراق شۇنى كۆرسۈتۈپ ئۆتۈش كېرەككى؛ يېقىدا نورغۇنلىغان ئالاھىدە بۇددا دىنىدىن ئېلگىرىكى دىن بىن (苿 دىنى بىلەن ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، بىن دىنىنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى دىندىن كىلىپ چىققان دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى. بۇ تىبەت رىۋايەتلىرى ھەمدە تىبەتشۇناسلارنىڭ دەسلەپكى كۆر قارشى بىلەن ئاساسەن چوڭ پەرقلەنمەيدۇ.
    بۇددا دىنىدىن ئىلگىرىكى دىن ھۆججەتلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئالاقىدار ماتېرىياللار كۆپ ئەمەس، دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدىغاندا ئوقۇلدىغان گىرەلەشمە ناخشا ياكى پالنامىلەردىكى نەزمىلەردە تاسادىبى Dru-gu (تۈرك ياكى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ) نى تىلغا ئالغان، لېكىن بۇنىڭ ھېچقانداق تارىخى كۆرۈنىشى يوق، مۇبادا مەن ئۇلارنى مالىتلىسام پەقەت ئىككى پارچە ماتېرىيالنى تېپىپ چىقالىدىم.
    دۇنيانىڭ چېگرا پاسللىرىنى بايان قىلغان بىر پارچە تولۇق بولمىغان دىننى دەستۇردا  Drug- chen(بۈيۈك تۈركلەر) نى تىلغا ئالغان ھەم ئۇلار شەرقىي تۈركلەر ۋە غەربىي تۈركلەر دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان دېيىلگەن، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنىڭدىن كېيىنكى تىكىستلەر كەمتۈك ئىدى. بۇ بىر جۈملە سۆزدە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانى ئازراقلا تىلغا ئالغان. مۇبادا ئۇنى تەپسىلى بايان قىلىدىغان بولساق بەكلا يىراققا كېتىپ قالدىغاندەك قىلىمىز شۇڭا «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» (catalogue of the principalities) دىنمۇ قىممىتى بار ماتېرىياللارنى تاپقىلى بولىدۇ. «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» دە ئاساسەن تارىختىن ئالگىرىكى تىبەت مەزگىلىدىكى دۆلەت، قورغان- قەلئە، ھۆكۈمرانلار قارتارلىقلار مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ تارقىلىشچانلىقى دىنى دەستۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسمىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ ئۇ بىردەم يىغىنچاق بولسا بىردەم چىچىلاڭغۇ ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە پالنامىدە «بەگلەر تىزىملىكى» ساقلىنىپ قالغان ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەن 12 دۆلەتتە مۇنداق دىيىلگەن:»
    Byan- ka, snam-brgyad دۆلىتىدە، su-ba,-ba leg قەلئەسىدە، Drugu نىڭ خوداسى بولسا yol tam (t[e]n)ri پادىشاسى Hir-kim ۋە Dar-kan، ۋەزىرى Dur-rgyus ۋە A-ma- ca قۇراللىرى Nag-drug ۋە A-ma-ca، ئاتلىرى بولسا Hal-cun ۋە Thog-bya- rmad دۇر.» (پائۇل پېللىئوت تىبەتچە ھۆججەتلەر. 1060- نومۇر)
    ئەمدى بۇ ماتېرىيالنىڭ تۆۋەندىكى ئىنچىگە تەھلىلگە قاراپ باقايلى:
    (1) دۆلەت نامى ساپ تىبەتچە بولۇپ ئۇنىڭ شەكلى Byan-ka snam-brgyad/ sham-brgyod)Byad/ byan-ka-snam- gynd ئەسلىي تىكىستتە شۇنداق) ھەمدە Byan-ka snam- biz نىڭ مەنىسى «شىمالدىكى سەككىز (ياكى رايون» دېگەنلىك بولۇپ باشقا ھۆججەتلەردىمۇ بولۇپمۇ مىيت ئۇزۇتۇش ۋە پىرخونلارنىڭ ھېكايىلىرى ھەمدە، ئەڭ يوقىرى ئىلاھنىڭ بەلگىسى بولغان ياۋا قاتازلارنىڭ تورۇشلۇق ئونى شۇنداقلا قوتاز، تىكە ۋە كىيك ئوۋلاش سورۇنلىرىدىمۇ كۈزۈلىدۇ، شۇڭاشقا، داستاندىكى تىبەتنىڭ شىمالدىكى ئېگىزلىك نامى بىلەن بىرلىشىشىمىز لازىم، بىراق «بەگلەرنىڭ تىزىملىكى» دىكى «شىمالدىكى سەككىز رايون» مۇقىم يەرنى كۆرسەتمەيدىغادەكمۇ قىلىدۇ.
    (2) قەلئە نامىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى تۈرك تىلىدىكى 1.9- ba (بالىق، شەھەر) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى. قەلئە نا مىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ئەسلى شەكلى بويىچە بولغاندا چۈشەندۈرۈش بىر قەدەر تەس، بىراق ھۆججەتتە ھەمىشە خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مۇبادا بىز su-ba ba-leg نى su-ba-leg غا تۈزەتسەك su شەھىرى دەپ ئىنىق بېكىتەلەيمىز، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «دىۋانولۇتاتتىن تۈرك) گە ئاساسلانغاندا، su (شۇ) بالىق بالا ساغۇننىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ ئەينى چاغدىلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
    (3) دۆلەت ئىلاھى Drugu نىڭ ئىلاھى (تۈرك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھىنى كۆرسىتىدۇ) دۇ، ئىلاھ ئىسمى yol tan-er (ياكى t[e]n-er) شىمالدىكى تۈرك تىلى yol ton ru نىڭ ئاھال تەرجىمىسى ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە پال كىتاۋىدىمۇ بۇ ئىلاھ نامى تۈرۈلگەن.
    (4) بەگ- تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى hir-kin دەپ ئاتالغان بۇ ناممۇ «شىمالدىكى كۆپلىگەن دۆلەت پادىشالىرىنىڭ خانلىق ئەنئەنىسىنىڭ بايانى» دىگەن ھۆججەتتىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ Bas-smel (تۈركىي تىلىدىكى قەبىلە باسمىللار (Basmil) نى كۆرسىتىدۇ) زىمىندىكى ئىككى قەبىلە ئاتامانىنىڭ نامى ئىدى. بۇ نام تۈرك تىلىدىكى irkan/irkin- hirkin (ئىركىت) نى كۆرسىتىدۇ.
    (5) باشقا بىر خانىنىڭ نامى بولغان dar-kan تۈرك تىلىدىكى يۇقىرى ئەمەل نامى tar qan نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىدى.
    (6) تىلىغا ئېلىنغان بىرىنچى ۋەزىرنىڭ ئىسىمى Dur –rgyus باشقا بىر نەتىبەتچە ھۆججەتتىكى قەبىلە نامى Dur- gyis/Du-rgyus نى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرك تىلىدىكى Turgis/turgis دىن كەلگەن. مىللەت تانى ۋەزىر نامىغا ئىشلىتىش «بەگلەر تىزىملىكى» نىڭ تۈزۈلۈش ئەھۋالىغا بەكلا مەس كىلدۇ. «بەگلەر تىزىملىكى» دە ئاساسەن قەبىلە نامى بىلەن ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ۋەزىرلىرىنى ئاتىغان.
    (7) باشىر بىر ۋەزىر بىلەن بىرگە ئىككىنچى قولمۇ «A-ma-ca) دەپ ئاتالغان بولۇپ باشقا قەدىمكى تىبەت ھۆججەتلىرىدىكى mcha/a-ma-cha/a-ma-ca ۋە خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى «阿?支¿غا يەنە خوتەن ساك تىلىدىكى ama ca- سانسىكىرىت تىلىدىك amatya پالى تىلىدىكى amacca غا توغرا كىلىدۇ. شىنجاڭدىكى نورغۇن بەڭلىكلەر (مەسىلەن خوتەن، قوچۇ) تىبەتلەر ئىگەللىۋېلىشتىن ئېلگىرى ياكى ئىگەللىۋالغاندا بۇلارنىڭ ۋەزىرلىرى شۇنداق ئاتالغان. ئەڭ دەسلەپتە جۇڭگۇ تەڭرىقۇتى ھەتتا خوتەن ۋە كۇچا ناخلىرىغىمۇ (阿?政 دىگەن ئاتاقنى بەرگەن.
    (8) بىرىنچى قول Nag- drug دەپ ئاتالغان. بۇ قەدىمكى تىبەتچىدىكى بىر بىرككەن سۆز بولۇپ «قارا Dru-gu» (تۈرك ياكى ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى كۆرسىتىدۇ) دىگەن مەنىدە ئىدى. بۇ بىرككەن سۆزنىڭ شەكلىنىشى تۈرۈك تىلىدىكى qara budun (پوقرا دىگەن مەنىدە) دىگەن سۆزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن، بىراق بىر خىل قىياس ئۇنچە پوت تىرەپ تورالمايدۇ، چۈنكى قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى Nag-po نىڭ قوشۇنى بار ئىدى يەنى «قارا» ۋە «ئادەتتىكى» دېگەنگە ئوخشاش.
    (9) ئات ئىسمى بولغان Tohg-bya-rmad ۋە Hal-cun نى ئىزاھلاشقا ئامالىم يوق. Hal-cun دېگەن سۆزدىكى Hal تۈرك مۇڭغۇل تىلىدىكى Hala-ala (ئالا ئات) دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق سۆز ئارقىسىدىكى cnn نى دەلىللەش بىر قەدەر قىيىن.
    ئەمدى تۆۋەندىكىدەك خولاسىگە كېلىمىز، پالنامە ئاپتورى ئىلگىرىكى داستانلاردىكى تىبەتنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەرنىڭ نامى بولغان «شىمالدىكى سەككىز رايون» ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى تۈرك دۆلەتلىرىنى ئاتىغان. بو قاراشنى ئىسپاتلايدىغان يەنە ئىككى نوقتا بار. ئۇنىڭ بىرى تىبەتلەر (بولۇپمۇ دۇنخۇاڭدىكى تىبەتلەر) نىڭ شىمالىدىكى رايونلار 8-9- ئەسىرلەدە تۈرك تىلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلىتىنى كۆرسىتەتتى، ھەرگىزمۇ تىبەتنىڭ شىمالدىكى ئىگىزلىكىنى كۆرسەتى، بۇنىڭ ئىككىنچىسى پال ئات بىلەن موناسىۋەتلىك ئىدى. دۇنخۇاڭدىن بايقالغان ئات بېقىش كىتاۋى تۈرك قەبىلىلرىنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپىدىن چىقىرىدىغان ئاتلىرنىڭ تىبەتلەرنىڭ قارىش ئىلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ئۇنداقتا، «شىمالدىكى سەككىز رايون» تۈرك قەبىللىرىنىڭ ئىنىق قورۇلمىسىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ- يوق؟ يەنىلا بىر مەسىلە. «بەگلەر تىزىملىكى» نىڭ مۇئەللىپى ئەنئەنىۋى ماددىلار ئاساسىدا ئاددىيلا تۈركلەر ۋە شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەرخىل ناملىرى، ئەمەل- مەنسەپ ناملىرىنى تىلغا ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
    (10)
    قەدىمكى تىبەت تىلىدىكى ھۆججەتلەردە يەنە بەزى مەخسۇس پەنلەرگە ئائىت ئەسەرلەر ساقلىنىپ قالغان. تارىخى ماتېرىياللار نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئالدى بىلەن بىر قىسىم كىتابلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش كېرەك. مەسىلەن، 802- يىلى ياكى 814- يىلى تۈزۈلگەن «ئىسىم مەنىللىرىنى تەرجىمە قىلىش لوغىتى» (Mahavyutpatti) دا قەدىمكى تىبەت تىلىدا شەرھىلەنگەن بىر قىسىم سانسىكىرىت تىلىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائى تەرەپلەردىكى سۆزلۈكلەر ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشق 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا ئائىت بىر دانە سانسىكىرتچە- تىبەتچە لوغەتتە خان- تۈركلەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان 10- ئەسردىكى تىبەت خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن تىبەتەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بەگ- تۆرىلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى ماتېرىيال ئىدى، باشقا بىر قىسىم مەخسۇس ئەسەرلەر. مەسىلەن تىبابەتچىلىك، ئات دوختۇرلىقى، ئات بېقىش ئىلمى قاتارلىق جەھەتتىكى كىتاپلار ۋە كالىندارچىلىق ۋە جەدىۋەل قاتارلىقلار تىبەت مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى قىممىتى بار. ماتېرىيالدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بىلەن موناسىۋەتلىك بولغان ماتېرىياللار ئىچىدە ئەڭ قىممىتى بار بولغىنى بىر ئاز قىسقارتىلغان تىبەتچە- خەنزۇچە سۆزلۈك (pelliot tobetain) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەلۇم مىللەتنىڭ تىبەتچە تەرجىمە نامىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ سۆزلۈكنىڭ ناھايىتى پايدىلىنىش قىممىتى بار. مەسىلەن: A-za= تويۈۇن Dru-gu= ئۇيغۇر Drugu-rgyal-po= ئۇيغۇر قاغانى A-za-rje- تويغۇن پادىشاسى قاتارلقىلار ھېچ بولمىغاندا ئىلگىرى Dru-gu نى تويغۇنلار دەپ قاراشنىڭ پۈت تىرەپ تورالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. قەدىمكى تىبەت يېزىقىدىكى Dru-gu بىۋاستە ياكى ۋەستىلىك ھالدا «تۈرك» دېگەن مىللەت نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. يەنە مەسىلەن. Sog-po (ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، سۇغدىلارنى كۆرسىتىدۇ) دىگەن سۆز يېقىنقى يىللاردا مۇڭغۇللارمۇ sug-po دەپ ئاتاشقا ئۆزگەركەن بولۇپ ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىران تىلىدىكى خەلقلەر بەزى سوغدىلارنى ياكى خوخمان دېگەندەك ساكلارنى كۆرسەتكەنلىگىنى ياخشى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
    دۇنخۇاڭدىن بايقالغان بىر پارچە ئاتقا قارشقا ئائىت كەمتۈك ھۆججەت (pelliDt tibetani 1066No) بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئاتقاقاراش ئىلمىي توغرىسىدىكى بىلىممىزنى تېخىمۇ كۆپەيتتى، ئات باقمىچىلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئېقتىسادى ۋە ھەربىي ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئىلمى ئىدى. كەمتۈك ھۆججەتتە بىر قاچە توياق تىبەت ئېتى بىر تاق تىبەت ئېتى ۋە بىر توياق A-za (تويغۇن) ئېتى باھالانغاندىن كېيىن ئارقىدىنلا: «قارلۇق (qar luq,gar-log) ئات كۈرۈش ئۇسۇلى: ئۈچ چوڭ ئۈچ كىچىك بولسا ئەڭ ياخشى، ئۈچ چوڭ قايسىدۇ؟ دەپ سورالسا: كۆزى چوڭ، بۇرۇن تۇمشۇقى چوڭ، تۆشى چوڭ، ئۈچ كىچىك قايسىدۇ؟ دەپ سورالسا: قۇلىقى كىچىك، جىنسى ئازاسى، توياق بۇغىممى كىچك دىگەنلىكتۇر» دىيىلگەن بۇ بۆلەكتىكى ماتېرىياللار 8-10-ئەسىرلەردىكى يايلاق ئاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنىڭ بۈگۈنكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئاتنىڭ سىرتىغا قاراش ئۆلچىمىنىڭمۇ بۈگۈنكى ئۆلچىمىنىڭمۇ بۈگۈنكى ئۆلچىمى بىلەن پۈتۈنلەت ئوخشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا داشلاش ئۇسۇلىغا ئائىت بىر ھۆججەت (pelliot tidetain 1066No) نى تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇ ھۆججەت تىبەتلەرنىڭ تىبابەتچىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا قەممەتلىك ماتېرىيال ھېساپلىنىدۇ. مەن كۆپچىلىكنى بىغشلىمىنىڭ ئالدىدىكى ھۆججەتنىڭ ئاخىرىغا دىققەت قىلىشنى سورايمەن، ئەسلى تېكىستى مۇنداق: « Dru-gu(تۈركلەر) نىڭ تۆمۈردە داشلاش ئۇسۇلىمۇ بولۇپ قالىدىكەن».

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ