|
|
سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا |
يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2573 |
|
|
|
ھەممىمىزگە مەلۇم ، يېزا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى ، يەرلەر ھۆددىگە بېرىلدى ، نەچچە يىل نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ھەر ھالدا قورسىقى توق - كىيىمى پۈتۈن بولدى ، قۇلى پۇل كۆردى . بۇ خىل ئۆزگىرىش ئەدەبىي ئىجادىيەتتە روشەن ئەكىس ئېتىشكە باشلىدى ، سەھرا تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر كۆپلەپ يېزىلدى ، مەتبۇئاتلارمۇ بۇ خىل مەزمۇنلاردىكى ئەسەرلەرگە كەڭرەك ئورۇن بەردى . نەتىجىدە ياخشى ئەسەرلەرگە ئەگىشىش مەزمۇنى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ، ۋاقىتلىق سىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغان بىر قىسىم ئەسەرلەرمۇ كۆپلەپ مەيدانغا چىقتى . مەسىلەن « سەھرا قىزى » ، « سەھرا يىگىتى » ، « سەھرالىق ئايال » ، « سەھرالىق بوۋاي » ، « دېھقان شادلىقى » ، « يېزىلىق ئانا » ، « سەھرادا باھار » ، « سەھرا كېچىسى » ....دېگەندەك . ئەلۋەتتە سەھرا تېمىسىدا كۆپرەك يېزىلىشى كېرەك ، چۈنكى بىزنىڭ ئاھالىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى دېھقان - چارۋىچىلار تەشكىل قىلىدۇ ، سەھرا - ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ پۈتمەس -تۈگمەس بۇلىقى ، ئۇنى قانچە يازسان بولىۋېرىدۇ ، بىراق ھادىسە ئۈستىدىكى تەكرار تېمىلارنى چايناۋەرمەي ماھىيەت ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئىزدىنىشىمىز كېرەك . دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ روھىي - ھالىتىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشلەرنى ، ئارزۇسىنى ، ئوي - خىيالىنى ، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى پىنھان سىرلىرىنى ، ئۈنسىز پىچىرلاشلىرىنى ، ئىنچىكە ھېساباتتىن كېيىنكى ئۇھسىنىشلىرىنى ، كۆزلىرىدىكى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى يېزىشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك . مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك ئەكىس ئەتكەن ئەسەرلەرنىڭ بىر - بىرىدىن پەرقى ، ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرىراق بولىدۇ . بىر دېھقان ئېتىزدا ئىشلەۋېتىپ ناخشا ئېيتسا ، بەزى يازغۇچىلار بۇنى دېھقان شادلىقتىن ھاياجىنىنى باسالماي ناخشا ئېيتتى ، دەپ تەسۋىرلەيدۇ . ئىككى ئادەم پاراڭلىشىۋېتىپ كۈلسە ، دېھقان خوشاللىقتىن كۈلدى ، دەپ يازىدۇ . بۇ بەكمۇ يۈزەكى قاراش . يازغۇچى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ناخشىسىدا ئىپادىلەنگىنى ئۇنىڭ شادلىقىمۇ ياكى ھەسرىتىمۇ ، كۈلكىسى شادلىق كۈلكىمۇ ياكى ئاچچىق كۈلكىمۇ ؟ دېھقان نېمىدىن نەپرەتلىنىۋاتىدۇ ؟ دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتىگە يېتىپ ، رېئاللىققا يۈزلەنگەن ھالدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك . خوشاللىقنى ، كۈلكىنى ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرىگە ؛ ھەسرەتنى ، يىغىنى ئۆتمۈش ، كونا كونا دەۋىر كىشىلىرىگە مەنسۇپ ، دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراشتىن ۋاز كېچىشى لازىم . ھەر قانداق جەمئىيەتتە ، مەيلى ئۇ قايسى دەۋىردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىشىلەرگە قايغۇ ۋە شادلىق ، كۈلكە ۋە يىغا ھەمراھ بولىدۇ . ھازىرقى دەۋىر دېھقان - چارۋىچىلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ، ئۇلارنىڭمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەسرىتى - شادلىقى ، كۈلكىسى - يىغىسى ، ئارزۇسى - ئارمىنى بار ، ئاپتورلار بۇ خىل پىسخىك ئامىللارنى ، رېئالنى چىنلىق ، تۇرمۇش چىنلىقى ، بەدىئىي چىنلىق ، ھېسيات چىنلىقى ئاساسىدا ئەدەبىياتىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك ، ھادىسە ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتكەندە ماھىيەت خىرەلىشىپ كېتىدۇ . ھازىر سەھرا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەردە ئالدىن بېيىغان بىر قىسىم دېھقان - چارۋىچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىجابىي پېرسوناژلىرى ، بۇنىڭ ئەكسىچە نامراتلار سەلبىي پېرسوناژلار ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - 60 - يىللىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نامراتلار مەدھىيلىنىپ ، بايلار تەنقىد قىلىناتتى ، ھازىر بايلارنى مەدھىيلەپ ، نامراتلارنى تەنقىد قىلىۋاتىمىز . دېمەك ئەدەبىياتنىڭ مەقسىتىدە ئۆزگىرىش بولدى ، بۇنى ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى بەلگىلىگەن . ئەدىبلەر ئەينى ۋاقىتتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامرات قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى كونا تۈزۈمدىن ئىزدىگەنىدى ، ھازىرقى ئالدىن بېيىغان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باي بولۇش سەۋەبىنى ھازىرقى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەۋاتىدۇ ، بەلكى بۇنى ماھىيەت ئۈستىدىكى بىر تۈرلۈك ئىزدىنىش دەپ قارىساق خاتا بولماس . رېئاللىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا نامراتلىقنىڭمۇ ، باي بولۇشنىڭمۇ مۇئەييەن ئوبىكتىپ ، سۇبىكتىپ سەۋەبلىرى بولىدۇ . شۇڭا بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن يازغۇچىلارمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى ، دەۋرگە ماس ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىن تۇرۇشى ، رېئاللىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئاكتۇئال تېمىلارغا مۇراجەت قىلىشى كېرەك . ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى مەنىۋى كەچۈرمىشلەر ، پىنھان تۇيغۇلار ئىجادىيەتنىڭ قېزىش ئوبىكتى . ماددىي بايلىق مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، ئاددىي ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى گۈزەللىكنى ئەدەبىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرساق ئەدەبىيات ھەقىقىي ئەدەبىيات بولماي قالىدۇ . شۇڭا سەھرا تۇرمۇشىنى يازغاندا يازغۇچىلار تۇرمۇشنى سۆيۈش ، تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىش ، تۇرمۇشقا سادىق بولۇش ، تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى يېزىشقا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك .
|
|
|