مىلادىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىققا تەڭلا ئەھمىيەت بېرەتتى. چۈنكى چارۋىلارغا بوغۇز، يەم - خەشەك تەييارلاش ئۈچۈن ئارپا، بۇغداي، بېدە ئۆستۈرۈش زۆرۆر ئىدى. مۇشۇ زۆرۆرىيەت سەۋەبىدىن ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلىپ، خەلقنىڭ بىر قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپرەك قىسمى يەنىلا چارۋىچى ئىدى. چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۆگىتىۋالغان ھايۋىنى ئىت ئىدى. چۈنكى ئىت ئوۋ ئوۋلاشقا، چىدىر - ئاق ئۆيلەرنى بېقىشقا، پادىلاردىن خەۋەر ئېلىشقا بىردىنبىر كېرەكلىك ۋە قارانچۇق ھايۋان ھېسابلىناتتى.
چارۋىلارنىڭ كوپىيىشى ئارقىسىدا كۆچمە چارۋىچىلىق مەيدانغا كەلدى. ئاق ئۆيلەرنى كۆچۈرۈش، ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى يۆتكەش ئۈچۈن، ئات، ھارۋا، قوتاز كېرەك بولدى. ئات كۆندۈرۈش، ھارۋا ياساش ئۈچۈن ھۈنەر - سەنئەت كەسپى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىش، ئۇستا بىلەن شاگىرت مەيدانغا كەلدى. مانا بۇ ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپنىڭ بىشى ئىدى.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتقاد قىلاتتى. شامان، پېرىخۇئەن ۋە پالچىلار بۇ دىننىڭ مۇتەپەككۇرى (موللىسى) ئىدى. شامان دىنىنىڭ ئايال خۇداسىنى ئۇيغۇرلار "ئۇماي" دەپ ئاتايتتى. ئۇماي بولسا كېسەلدىن، دېۋە - شاياتۇنلاردىن ساقلىنىشنىڭ روھىي مەدەتكارى ئىدى. باخشى بولسا شامان دىنىنىڭ يەنە بىر روھىي مەدەتكارى ئىدى. كېسەل بولغان كىشىلەر باخشى - پېرىخۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئازايىم ئوقۇتاتتى. ئۆي ئىچىگە ياكى قورۇ ئوتتۇرىسىغا ياغاچ موما قاداپ پېرى ئوينىتاتتى، كېسەلنى قىزىتىلغان تۈمۈردىن ئاتلاتقۇزاتتى، گۈلخان يېقىپ، ئىسرىق سالاتتى، ئوت - سوقتىن ۋە "چەتنەك" تىن ساقلاش ئۈچۈن بوينىغا تۇمار ئېسىپ قوياتتى.
لېكىن، كېيىنرەك پەندى - نەسىھەتنى ئاساس قىلىپ ئەخلاقىي تەربىيە يۈرگۈزىدىغان تەبىرچى مۇئەللىملەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيتتى. يامان ھەرىكەتلەرنى توسۇيتتى. تەبىرچى مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پالغا تەبىر بېرىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: چۈشىدە قارا كورسە، ئامىتى كېلىدۇ؛ چۈشىدە ئاغرىق ئات مىنسە پالاكەت باسىدۇ؛ قوي پادىسى كۆرسە باي بولىدۇ؛ يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە، باياشاتلىق بولىدۇ؛ نان دەسسەپ چۈش كۆرسە، كۆزى كور بولىدۇ؛ ئېقىن سۇغا سىيىپ چۈش كۆرسە، جاراھەت باسىدۇ، دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئەخلاقىي پەندى - نەسىھەت قورالى قىلىنغان بۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى "تەبىرنامە" (ئەرىق پۈتۈك) ناملىق كىتابتا تېخىمۇ روشەن خۇلاسە قىلىنغان.
" ئەرق پۈتۈك " تىن بىر - ئىككى مىسال:
ئېيىق بىلەن تۇڭگۇز داۋان ئۈستىدە سوقۇشۇپتۇ، ئېيىقنىڭ قارنى يېرىلىپتۇ، تۇڭگۇزنىڭ چىشلىرى سۇنۇپتۇ. بىلگىنكى بۇ يامانلىقتۇر.
ئوغلان ئاتا - ئانىسىغا قېيداپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرەپكە كېتىپتۇ، چۆلدە غېرىپ بولۇپ قاپتۇ، كېيىن پۇشايمان يەپ قايتىپ كېلىپتۇ. بىلگىنكى بۇ ئەزگۇ (ياخشىلىق) دۇر.
بۇ ئىككى مىسالدا چوڭقۇر پېداگوگىكىلىق مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەلىم - تەربىيە مەقسىتى ئېنىق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.
شامانىزم ئېتىقادىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى قارىماققا ئىنتايىن ساددا ۋە كۈلكىلىك كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈرىشىنىڭ ئامىللىرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كۆپ ئەسىرلەر، نۇرغۇن دەۋرلەرنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە قارىماي، شامانىزم ئېتىقادى ۋە پالچىلىق ئادەتلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كېلىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس. مەسىلەن: ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسرىق سېلىش، نوكچا كۆيدۈرۈش، قەبرى بېشىغا چىراغ يېقىش، كېلىننى گۈلخان ئۈستىدىن ئاتلاتقۇزۇش، كۈن تۇتۇلغاندا يىغا - زار قىلىش... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئېتىقادنىڭ قالدۇقلىرى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېتىقادلىرى باشقا قەبىلە خەلقلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتە رىم تارىخچىسى مناند مۇنداق يازىدۇ: " زىمارك (1) يۇلتۇزدا ئىستەمى (2) تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندا، ئىستەمى قاغان ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىدىكەن، ئالتۇن تەخت چاقىغا قىزىل تاسما بېكىتىكلىك بولۇپ، ئۇنى ئاتقا سۆرىتىپ، باشقا چىدىرلارغىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن. چېدىر - بارگاھ ھەرخىل يىپەك پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن. بۇ پەردىلەرنىڭ ئۈستىگە قوراللىق جەڭچى، بۆرە، يولۋاس، شىرلارنىڭ سۈرەتلىرى كەشتىلەنگەن. قاغاننىڭ ئالتۇن كارۋىتى، ئالتۇن ئورۇندۇقى بولۇپ، تۇرنا ۋە توز قۇشلىرى سۈرىتىدە ياسالغان ئالتۇن ھەيكەل ئۈستىگە قۇرۇلغان. زىمارك چېدىر - بارگاھ ئالدىغا بارغاندا، بىر تۈركۈم ئادەملەر چىراغ يورۇتۇپ ۋە ئىس پۇرىتىپ ئەلچىلەرنىڭ يۈك - تاقلىرى ئەتراپىدا توختىماي يۈگۈرۈپ يۈرگەن. ئاندىن ئەلچىلەرنى تاغ ئارىسىدىكى چىمەنلىك ئوتتۇرىسىغا يېقىلغان گۈلخان ئۈستىدىن ئاتلاتقۇزۇپ، ئارقىدىن چېدىر - بارگاھقا باشلاپ كىرگەن ".
يورۇقلۇق سىمۋول قىلىنغان شامان ئېتىقادى ئاساسىدا مىلادىنىڭ 763 - يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار ئوموميۈزلۈك مانى ئېتىقادىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىدېئولوگىيىسىدە يېڭى بۇرۇلۇې پەيدا بولدى.
مانى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 274 - 215 - يىللار) ئىرانلىق بولۇپ، ئەينى زاماندا ۋائىز، شائىر ۋە ئاتاقلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ مىلادىنىڭ 241 - يىلى يەنى 26 يېشىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ دىنىي مەسلىكىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان. ئۇ: " پۈتۈن ھاياتلىق كۆرىشى يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش. نەپىسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ، بولمىسا ئۆزىمۇ، ماددىي دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ " دېگەن. مانا بۇ - مانى دىنىنىڭ يادروسى.
مانى دىنىنىڭ تەرغىباتچىسى پۇرۇستادان 696 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ مانى دىنىنى تەشۋىق قىلدى. نەتىجىدە مانى دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە يىلتىز تارتتى.
مىلادىنىڭ 755 - ۋە 762 - يىللىرى، تاڭ پادىشاھى خۇئەنزۇڭ (685 - 762) نىڭ تەكلىپى بىلەن ئوڭلۈك (ئەنلۇخەن) ئىسيانىنى باستۇرۇشقا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بارغان ئۇيغۇر گېنېرالى مويۇنچۇر بوكەھان قايتىشىدا لوياڭ شەھىرىدىن ئىرانلىق تۆت راھىبنى ئېلىپ ئۇرخۇنغا كېلىدۇ. بۇ تۆت مانى راھىبى ئۆزىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ۋە دوختۇرلۇق تەجرىبىسى ئارقىلىق ئۇرخۇندىكى شامان باخشىلىرىنى مۇنازىرىدە يېڭىۋالىدۇ. نەتىجىدە مانىزمنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا كوتۇرۇلۇپ كېتىدۇ. شەرقىي ئۇيغۇرلار مانى ئېتىقادىنى ئوموميۈزلۈك قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇ دىن دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ. مانى دىنى مەكتەپلىرىمۇ كۆپلەپ ئېچىلىدۇ. مويۇنچۇر ھەر ئون ئۆيلۇككە بىر راھىب (خەلپەت) بەلگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇتىدۇ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى پۈتۈنلەي مانى ئەقىدىلىرى بولىدۇ.
مانىزم ئەقىدىسى بويىچە شەرقىي ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ يورۇقلۇقنى سىمۋول قىلىپ، ئاق كىيىم كىيىدىغان، تام - تۇرۇسلىرىنى ئاقارتىدىغان، چېدىرلىرىنى ئاق كىگىزدىن ياسايدىغان بولدى. ھەتتا پۈتۈن ئەسكەرلەرمۇ ئاق كىيىم كىيەتتى(3).
768 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مانى راھىبلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ۋادىسىغا كۆپلەپ كېلىپ - كېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قول ھۇنەرۋەنلەر، بىناكارلىق ئۇستىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇر بىناكارلىق ماھىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرخۇن شەھەر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەشھۇر قاغان ئوردىسى، خاتون ئوردىسى قاتارلىق سارايلارنى بىنا قىلغان. شۇ چاغلاردا يەنە نۇرغۇن مانى ئىبادەتخانىلىرى، ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىمۇ قۇرۇلۇپ، بۇ يەردە مانى مائارىپى يىلتىز تارتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپى ۋە دۇنيا قارىشىدا مۇشۇ مەزگىللەردە گەرچە مانى مائارىپ ئىدىيىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىدە تۇتىمىزم ئەقىدىسى يەنىلا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى.
تۇتىم (توتىم) ھىندىئانچە " ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن " دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ھەرقايسى قەبىلە ۋە ئۇرۇقلارنىڭ كۈچلۈك ئېتىقاد سىماسىغا ئايلانغان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار بۆرىنى، خەنزۇلار ئەجدىھانى، رۇسلار ئېيىقنى، بابىلۇنلۇقلار ۋە ھىندىلار كالىنى " مۇقەددەس " دەپ چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىگە تۇتىم قىلىۋالغان.
تۇتىم ئەقىدىسى ئىپتىدائىي ئىدېئولوگىيە بولۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭدا ئىپتىدائىي تەلىم - تەربىيە ئامىللىرى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە " ئانا " نى ئەڭ مۇقەددەس دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ فامىلىسىنى " ئاسىنا قۇلى " دەپ ئاتايتتى. بۇ " ئانا ئۇرۇقىدىنمەن " دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ ئەقىدە خەنزۇ خەلقىدىمۇ قويۇق يىلتىز تارتقان. مەسىلەن: فامىلە (姓) دېگەن سوزمۇ " ئانا ئۇرۇقىدىن " دېگەن مەنىنى ئۇقتۇرىدۇ. بەزى مىللەتلەرنىڭ كالىنى تۇتىم قىلىشى، كالىنىڭ پايدىلىق ھايۋان بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ سۈتى، گۆشى، تېرىسى بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۈچى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغانلىقىدىن بولغان. شۇڭا ئۇ، مۇقەددەس ھايۋان دەپ قارىلىپ، ئەتىۋارلىنىپ، ئاسرىلىپ بېقىلاتتى ۋە كۆپەيتىلەتتى. بۆرە باشقا بىر سەۋەب بىلەن تۇتىم بولۇپ قالغانىدى. مەسىلەن: قەدىمكى زاماندا توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشمە كۈچى ئالتاي تاغلىرى ئارىسىدا ئادىۈىپ ئۆلۇم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، بىر كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن قامالدىن قۇتۇلۇپ نىجاتلىق تاپقانلىقىدەك تارىخىي رىۋايەت ئۇلارنىڭ بۆرىنى تۇتىم قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولغان.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ ئىدىيىسىگە - ياخشىلىق ۋە نىجاتلىقنىڭ تۇتىمى بولغان بۆرە رىۋايىتى، جىن - ئالۋاستىلارغا قارشى كۈرەش قورالى قىلىنغان شامان ئېتىقادىنىڭ سىماسى - ئوت ھەمدە قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە قارشى كۈرەش قورالى قىلىنغان مانىزم سىماسى - يورۇقلۇق قاتارلىق ئېتىقادلار چوڭقۇر سىڭگەن.
ئىپتىدائىي مائارىپ باسقۇچىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زامان، ماكان، بوشلۇق ۋە تەبىئەت توغرىسىدىكى بىلىمى خېلى دەرىجىدە كېڭەيگەنىدى. ئۇيغۇرلار " سارت " سانى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يىپەك يولى سودىسىنى ئىلكىگە ئېلىپ، چارۋا، دورا - دەرمەك ۋە ھەتتا قاشتېشى سودىسى يۈرگۈزەتتى. ئۇلارنىڭ سودا كارۋانلىرى چاڭئەن ۋە سوغدى شەھەرلىرىدە سودا ۋاكالەتخانىسى ئاچقان. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ، شەرقتە بوخەي دېڭىزىدىن غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېرروتورىيىدىكى تاغ - دەريالارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلەتتى. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېز قوبۇل قىلاتتى. بۇددىزىمنىڭ " قەندىھار سەنئىتى " شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوغۇرۇپ قوشقىنىغا ئوخشاش، ئۇرخۇندىكى بىناكارلىق سەنئىتىدىمۇ تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ (خەنزۇ، سوغدى، ئۇيغۇر) بىلىم - ھۈنەر - ماھارىتى ئەكس ئەتكەن.
ئۇرخۇن مائارىپى تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بىلىمىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تارىخىي بىلىمنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىدىن بىرى كالېندار" نى بىرىنچى بولۇپ تۈزگەن ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە كېڭەيتكەن. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فون. گابائىن: "ئۇيغۇرلار كالىندار سىستېمىسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ئىختىرا قىلغان" دەپ ئىسپاتلايدۇ.
كالېندار توغرىسىدىكى بىر تارىخىي ھېكايە ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئەدەبىياتىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا رىۋايەت بولۇپ كەلمەكتە.
"... خاقانلارنىڭ بىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سادىر بولغان بىر جەڭنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلىمەك بولۇپ، كالېندار ۋاقتىنى توغرا چىقىرالماي نۇرغۇن قېتىم ئادىشىپ قاپتۇ. كېيىن خەلق ئىچىدىن مەرىپەتلىك كىشىلەرنى توپلاپ مەسلىھەت سوراپتۇ. ئارىدىن بىر دانىشمەن پىكىر بېرىپ: (بۇ ئىشتا بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمىزنىڭمۇ خاتالىشىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن 12 ئاي ۋە 12 بۇرجقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھەر بىر يىلغا ئىسىم بەلگىلەيلى، تارىخ شۇ ئىسىملار رېتى بويىچە ھېسابلانسۇن. بىزدىن بۇ ھېسابلاش ئۇسۇلى مەڭگۈ يادىكار بولۇپ قالسۇن) دەپتۇ، خاقان ماقۇل بوپتۇ - دە، بىر كۈنى ئوۋغا چىقىپ، دالىدىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئالدىغا سېلىپ دەريا لېۋىگە ھەيدەپتۇ. ئۇلاردىن 12 ھايۋان دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۆتۈپ كەتكىنى چاشقان بوپتۇ، (يىلنىڭ بېشىغا چاشقان چىقتى) دېگەن تەمسىلدىكىدەك، دەسلەپكى يىل چاشقاننىڭ نامىدا ئاتىلىپتۇ. چاشقاندىن كېيىن ئۇي (كالا)، يولۋاس، توشقان، لەھەڭ، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە توڭگۇز رېتىمى بويىچە يىللارنىڭ كالېندار ئىسملىكى تۈزۈلۈپتۇ...".
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي مائارىپ - تەربىيىسىدە بولۇپمۇ فولكلور ۋاسىتىلىرى (قوشاق، تەمسىل، رىۋايەت) خېلى مۇھىم دېداكتىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭدا ئەمگەك سۆيۈش، قەھرىمانلىق، ياخىشىلىققا دالالەت، يامانلىققا نەپرەت بىلدۇرۇش ماھىيەتلىرى ئوبرازلىق بايان قىلىنىدۇ. "بوكەخان ھەققىدىكى رىۋايەت" ھەم "" ناخشا پىرى - چەڭگى " قاتارلىق رىۋايەتلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە قەدىمدىن تارتىپ دېداكتىك (تەلىم - تەربىيە، پەندى - نەسىھەت) دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىنقىسى بوكەخان توغرىسىدىكى تارىخىي رېئاللىقنى رىۋايەت شەكلىدە چۈشەندۈرىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا ئېستېتىكنىڭ كۈچىنى نامايەت قىلىپ بېرىدۇ...
ئىزاھاتلار:
(1) زىمارك - رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەلچىسى، مىلادىنىڭ 561 - يىلى يۇلتۇزغا ئەلچىلىككە كەلگەن.
(2) ئىستەمى - (530 - 581 - يىللار) غەربىي تۈركلەر سەركەردىسى.
(3) شائىر دۇفۇ: " چاڭئەن، لوياڭ شەھەر - دالالىرىنى ئاق كيىملىك چېرىكلەر قاپلاپ كەتكەن " دەپ يازغانىدى.