ئەسكەرتىش:
ل:ھەرىپ لوپنۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
خ:ھەرىپى خوتەنگە :
قە:قەشقەرگە:
قۇ:قۇمۇلغا:
ت:ھەرىپ تۇرپانغا :
ئا:ئاقسۇغا:
غ:غۇلجىغا:
كۇ:كۇچاغا:
كۆچمە:كۆچمە مەنىسى :
ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە:
ئا
ئاباختا-------ل:قاماق ،تۈرمە ،سولا دىگەن مەنىلەردە <<(ئاۋاختا)مۇ دىيىلىدۇ>>،مەسىلەن :ئۇنىڭ دادىسى ئاباختىدا ئۆلۈپ كەتكەن ....
ئاپا-------قۇ:ھەدە،ئاچا،ئىگىچە.
ئاپپاق-----قۇ:خانىم، ئاغىچا ،ئاپپاي،ئايىم(بۇ سۆزلەر ئەسلىدە ۋاڭ-غوجىلارنىڭ ئاغچىلىرىغا بېرىلىدىغان ھۆرمەت نام بولۇپ ،كېيىنكى چاغلاردا چوڭ ياشلىق مۆتىۋەر ئاياللار ھۆرمەتلىنىپ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدىغان بولۇپ قالغان ).
ئاپچىرىماق------غ :كىيىم -كېچەك ۋە رەختلەرنىڭ سۇ تېگىش :ياغاچتىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ قۇرۇپ قىسقىرىپ ،كىچىكلەپ كېتىشى .
مەسىلەن:كۆڭلىگىڭىز ئاپچىراپ قاپتۇ ..: ئىشىك ئاپچىراپ كېتىپتۇ:
ئاپچىماق-----قۇ:يۇقۇردىكى <<ئاپچىرىماق>>سۆزىنىڭ مەنىلىرىنى بىلدۈرگەندىن باشقا يەنە سۇ قۇيۇلغان يەرلەرنىڭ شامالدا قۇرۇپ قېلىشىغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئاپقۇناق-----قۇ:داپخان <<تونۇرنىڭ كۈل چىقرىدىغان تۆشۈگى>>
ئاپىتوللوغ----خ:مەزمۇت ،قاۋۇل ،مەسىلەن:ئاپىتوللۇغ ئادەم --بەك قاۋۇل ئادەم ...
ئات ئارقانلىماق -----غ:ئاتنى ئوتلاققا ئېلىپ چىقىپ ،بىر پۇتىنى ئۇزۇن ئارغامچا بىلەن چۈشەپ قويۇپ بېقىش ئۇسۇلى .
ئاتان ----ئاختا قىلىنغان تۆگە.
ئات بېشى----ئا:يىڭناغۇچ
ئات چىيى----غ:بوۋاقلارغا ئات قويۇش شەرىپىگە بېرىلىدىغان زىياپەت.
ئاتقوتان ----ل:ئات ئېغىلى ،ئاتخانا ،ماخو.
ئات قۇلاق----كۆل بويلىرىدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
ئاتقۇنە----قۇ:ئات،نام،ئاتاق،تەخەللۇس سۆزلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئېيتىلىشى ،قوشاقتا مۇنداق كەلگەن :
ئېلىپ بويلۇق ئاي سەنەم ،
ئاتىڭ نەدۇر يار سەنەم .
ئاتقۇنەڭنى بىلمەيمەن ،
زاتىڭ نەدۇر يا سەنەم .
ئاتلاق-----تاغ سىرتى،تاغ قىرى.
ئاتىغا---قۇ:ۋاڭ -غوجىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىمىتىپ چوڭ قىلىدىغان ئىنىگ ئانىلارنىڭ ئەرلىرى <<ئاتىغا>>دەپ ئاتىلىدۇ .
ئاتىغاز----غ:ئاتاغاز،ئەركەك غاز.
ئاتىلا-----قە:بۇغداي ئۇنى بىلەن جىگدە ئۇنىنى ئارلاشتۇرۇپ ياسايدىغان بىر خىل ئۇماشقا ئوخشاش تاماق .
ئات يارىتىش----غ:ئاتنى بەيگىگە سېلىشقا تەييارلاش.
ئاجرىق---قۇ:بىر ىل ئوتنىڭ نامى :چىمەن ،ئوتلاق مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ .<<ئەجىرىقمۇ دىيىلىدۇ>>.
ئاچارا----قۇ:چات ئارا،چاتىراق .
ئاچا قۇلاق----خ:گېلەم دۇكىنىنىڭ يان تەرىپىدىكى ياغاچ .
ئاچاكا---ئا:ئاچا،ھەدە.
ئاچچىغى تۈۋىدىن كەلمەك -----قە:بۇ ،قاتتىق خاپا بولغانلىقنى بىلدۈرۈشتە قوللىنىلدىغان بىرىكمە،مەسىلەن:شۇ تاپتا ئاچچىغىم تۈۋىدىن كېلىۋاتىدۇ جۇما....
ئاچماق----خ:ئېچىق ،باشلام ،ئاچما،ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ ئېچىقى .
ئاختۇرما---قۇ:تۇرۇپ ،لوبۇ،ئاقتۇرما.
ئاخشىمارا ----قۇ:ھەپىرەڭ،ئاخشىمى ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل.
ئاخلاق يەر----خالى يەر.
ئاخۇنباش---قە:موگۇ،يەر مەدىگى.
ئاخۋىشوت-----قۇ:ئاقباش ئوت<<تاغ چوققىلىرىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئوت بولۇپ ،تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بەدىنىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ>>.
ئاداپ----ئۆي ھايۋانلىرىغا ئاشنىڭ سۈيى بىلەن كېپەك ،نان ئۇۋاقلىرىنى قوشۇپ سۇيۇق قىلىپ چېلىپ بېرىلىدىغان ئاش.
ئادارگۈل---خ:قىپ-قىزىل چوغدەك ئېچىلدىغان بىر خىل گۈل <<شەپەق گۈلگە ئوخشايدۇ>>.
ئاداسقا----غ:ئاتا-ئانىلارنىڭ تەۋەرۈك بولۇپ قېلىپ قالغان كونا نەرسىلەر ،كونىراپ كەتكەن نەرسىلەر ،<<ئاداسقۇ»مۇ دىيىلىدۇ >>:
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك يوللاي ،،،داۋامىنى ئەتە كۆرگەيسىز
داۋامى بار:
مەنبە:غولام غوپۇرى تۈزگەن ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلىگىدىن ئېلىندى