ئىلىم - پەن تېخنىكىسى 20 - ئەسىرنى « ئىلىم - پەن پارتلىغان دەۋر » دەپ ھۆكۈم قىلىشماقتا . مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، ھازىر دۇنيادا يىلىغا 650 مىڭ خىل كىتاب يېزىلىپ، مىنۇتىغا بىر خىل كىتاب نەشر قىلىنماقتا. كۈنىگە 900 خىل كەشپىيات بارلىققا كەلمەكتە. ھەر كۈنى 1500 خىل ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە ئېلان قىلىنىۋاتقان دىسسېرتاتسىيە 5 مىليوندىن، ئىختىرا كەشپىياتچىلار 350 مىڭىدىن ئاشماقتا.
پەن - تېخنىكا ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئېلىمشۇمۇل ئىنقىلاب ( پار قۇۋۋىتى، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ھېسابلاش ماشىنىسى) نىڭ ھەممىسى مائارىپ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئالىملار « ھازىرقى زامان دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى - مائارىپ » دەپ مۇيەنلەشتۈرمەكتە .
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرىزىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىلىك ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى%43 ؛ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %108 ؛ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى %300 بولىدىكەن. بۇ پاكىتتىن مائارىپنىڭ تەرەققىياتتا نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.
ئېلىمىزدە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كۆرۈش نىشانىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرىمىز كۈندىن - كۈنگە گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. جۈملىدىن ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىمۇ تېز راۋاجلانماقتا. بۇ تەرەققىياتنى بىز مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە سېلىشتۇرما مائارىپلىق پرىنسىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ كۆرسەك تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالىمىز.
ئۇيغۇرلار مائارىپ تارىخىغا ئائىت ھازىرغىچە ھېچقانداق سىستېمىلىق ماتېرىياللارغا ئىگە بولمىغىنىمىز ئۈچۈن، دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىسى ئورنىدا مۇشۇ قىسقىچە تارىخ يېزىلدى. بۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخشۇناسلىقى ۋە مائارىپ سېلىشتۇرماشۇناسلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپچىلىرىمىز ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشىگە ئاز - تولا ئىلھام بەرگۈسى، دەپ ئىشىنىمىز.
1. مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولۇشى
ئىنسانىيەت ئەۋلادىنى تەربىيىلەش - ئومۇمىي ۋە مەڭگۈلۈك كاتېگورىيە بولغىنى ئۈچۈن، تەلىم - تەربىيە تارىخى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن باشلانغان. بۇ « ئىپتىدائىي مائارىپ » باسقۇچىدا ئاتا - ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەجرىبىلىك ئۇستازلار شاگىرتلارغا، پېشقەدەملەر كىچىكلەرگە مۇئەللىم ئىدى. ئۆگىتىلىدىغان دەرس تۈرلىرى بولسا قورال - سايمانلار ياساش ئۇسۇلى، ئوتياش يېڭىش، يىرتقۇچلاردىن قوغدىنىش ئۇسۇلى ماھارەتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە يۈرگۈزۈلەتتى، كەڭ ئورمانلىق ۋە دالالار دەرسخانا ئىدى.
كېيىنراق، ئىشلەپچىرىقىش پەندىن - پەي تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلات ئىشىنىدىغان بولدى. ئەمگەك تەقسىماتى بارلىققا كەلدى. كەسىپ تۈرلىرى ئايرىلىپ چىقتى. بۇنىڭ ئارىسىدا قۇلدارلىق تۈزۈم، دۆلەت ۋە ئۇرۇش پەيدا بولدى. مۇشۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېزىقنىڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىدى. شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندارىمۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى.
مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. « مەكتەپ » دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمى مىسىرنىڭ تەببىس دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم « ئوقۇتۇش ئورگىنى » دەپ ئاتالغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2870 - يىلى مىسىر پىرئونى ئېسسىنىڭ ۋەزىرى تەرىپىدىن يېزىلغان « سەبۇيەت » ۋە « ئەخلاقنامە » ناملىق كىتاب رەسمىي ئىجتىمائىي تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ بېكىتىلگەن. دەل شۇ مەزگىللەردە بالىلۇندا پادىشاھنىڭ ئوردا كۇتۇپخانىسى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدا 25 مىڭ خىل كىتاب سېلىنغان.
لېكىن كىتاب ۋە دەرسلىكلەرنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ھەرپلىك كىتاب ئىجاد قىلىنغاندىن كېيىنلا مۇمكىن بولدى. قەدىمى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى « ئېلىپبە » كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى. قەدىمى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى. بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، « ياللانما ئەپەندى » دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان ئاتالغۇ كېيىنراق مەنئى قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى « پېداگوگ » دەپ ئاتايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دىداكتىكا ئىلىمى مەيدانغا كەلدى. گرېك تىلىدا بۇ سۆز دىداكتىكوس « مەن ئوقۇتىمەن » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ قۇلدارلار تۈزىمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا « مۇئەدىب » دەپ ئېنىق ئايرىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قەدىمى يۇناندا مۇئەللىملەر ئىچىدىن چوڭ پەيلاسوپلار يېتىلىپ چىقىپ مۇئەللىملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە يۇقلىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنى كىشىلەر ئىلىم گۇرۇھى دەپ ئاتاشتى.
ئىلىم گۇرۇھىدىكىلەر چوڭ ئالىملار ۋە مەشھۇر ناتىقلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجابىي تۈرتكىسىدە، مىلادىدىن بۇرۇن قەدىمى يۇناندا ئارقا - ئارقىدىن ئاكادېمىيە ۋە ئىنستىتۇتلار قۇرۇلدى. مائارىپ تارىخىدىمۇ بۇ دەۋر « كلاسسىك دەۋرى » دەپ ئاتىلىدۇ.
كلاسسىك مائارىپنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرى بولغان مەشھۇر ئالىملار، پەيلاسوپلار ۋە پېداگوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرى تەلىم تەربىيىدە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان بىر يۈرۈش سىستېمىلىق پېداگوگىكا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بولۇپمۇ ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنىدا « روكيان » ناملىق مەشھۇر ئىنستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان. ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران ئالتۇن ھەدىيە قىلغان.
ئېلىمىزنىڭ خۇاڭخې ۋادىسى شەرق كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئېلىمىزدە مەشھۇر « "Jyagu » يېزىقى كەشىپ قىلىنغان. بۇ يېزىق دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان يېزىقلار قاتارىغا كىرىدۇ.
« "Jyagu » يېزىقى ئەڭ قەدىمى باسقۇچتا سۆڭەك ۋە تاشپاقا قېپىغىلا يېزىلاتتى. ئۇنىڭدىن پال تەبىرلىرى ھەم ياخشى - يامانلىق توغرىسىدىكى قىياسلار پۈتۈلەتتى. بۇ يېزىق تەدرىجىي ئىسلاھات قىلىنىش ئارقىسىدا ھازىرغىچە جۇڭگو يېزىقى ۋۇجۇدتا كەلگەن. قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى شەرق مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلى كوڭ فۇزى بولۇپ ئۇنىڭ خۇسۇسىي مەكتىپىدە 3000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن 70 تىن ئارتۇقراقى شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئالىملىرى ۋە پېداگوگى بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كوڭ فۇزىنى زامانىسىدىكى پەيلاسوپ لاۋزى ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن بىللە ئېلىمىزدە « مىنفۇ » ناملىق تۇنجى كىتابخانىنى تەسىس قىلغان ھەم ئۆزى ئۇ كۇتۇپخانىغا باشلىق بولغان. كوڭ فۇزىنىڭ « مۇھاكىمە ۋە بايان » ناملىق ئەسىرىدە ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيىسى خېلى كەڭ شەرھلەنگەن. ئۇ « ھەم ئۆگىنىش ھەم ئويناش كېرەك، ئۆگىنىپ زېرىكمەسلىك، ئۆگىتىپ ھارماسلىق » دەپ تەكىتلىگەن. كوڭ فۇزىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ يادروسى « ۋاپادارلىق » بولۇپ، ئۇ « ۋاپانىڭ شەرتى مېھرىبانلىق » دەپ تەشەببۇس قىلاتتى. يەنە « ئۆزۈڭ خالىمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما » دەپ تەكىتلىگەن.
كوڭ فۇزى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئېلىمىزدە مىلادىدىن بۇرۇن « مەرىپەتنامە » ناملىق پېداگوگ رىسالىسى يېزىلىپ چىقتى. بۇ ئەسەر شەرقنىڭ كلاسسىك مائارىپ تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندىكى مائارىپ تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، مېتودىكا مەسىلىلىرى شەرھلەنگەن.
ئېلىمىزدە كېيىنراق بىرمۇنچە يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىمۇ تەسىس قىلىنغان. مەسىلەن، مىلادىنىڭ 1 - ئەسىرىدە شۆتاڭ مەكتىپى، مىلادىنىڭ 276 - يىلى خانلىق مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. مەنسەپدارلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان.
تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىگە كەلگەندە جۇڭگو مائارىپى كۆپ دەرىجىدە گۈللەندى. دۆلەتلىك كۇتۇپخانىلار قۇرۇلدى. تېرە ۋە لاتا - پۇرۇچلاردىن يېڭىچە قەغەز ياساش كەشىپ قىلىندى. بۇ كەشپىيات شەرق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشتە زور تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە غەرب مەدەنىيىتى ۋە قەغەز سانائىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو شەرق مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغىنى ئۈچۈن، ياپونىيە قاتارلىق قوشنا ئەللىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېلىمىزگە كېلىپ بىلىم ئېلىپ تۇردى.