ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2825
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئوي – پىكىرنى توغرا ، تولۇق ئىپادىلەش ئۈچۈن يېزىق تىلدا يېزىقنىڭ قوشۇمچە ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بەلگىلەر << تىنىش بەلگىلىرى >> دىيىلىدۇ .
    تىنىش بەلگىلىرى يېزىق تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن ھەم تىل ۋە تەپەككۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىپ ، ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن سېستىمىسىنى تەشكىل قىلغان . ئۇنىڭ يازما نوتۇقتىكى ئەھمىيتى تۈۋەدىكىچە : 
    1 ) تىنىش بەلگىلىرى يازما نوتۇق ئوي – پىكرنى توغرا ، تەسىرلىك ، جانلىق قىلىپ ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
    2 ) يېزىق تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئوي – پىرلەرنى قسىم ۋە بۆلەكلەرگە ئاجرىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋىتى پەرقى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىش ، سۆز جۈملىلەرنىڭ ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىنىق چۈشىنىش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
    3 ) جۈملە ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ ئۈز - ئارا مۇناسىۋىتى ، باغلىنىشى ھەم ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
    4 ) يازما نۇتۇقتىكى سۈز – جۈملىلەرنى قانداق ئاھاڭدا ۋە قانداق سۈرئەتتە ئوقۇش ، توختاش ، تىنىش رىتىملىرىقلارنى ئىپادىلەشتە تىنىش بەلگىلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
    تىنىش بەلگىلىرى قويۇلماي يىزىلغان يېزىقنى ئوقۇشمۇ تەس . مەزمۇنىنى چۈشىنىشمۇ تەس بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئوي – پىكىر چۈشىنىكسىز ، تەسىرسىز بولىدۇ . شۇڭا ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ يىزىقىدا مەلۇم دەرىجىدە قېلىپلاشقان تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشنىڭ بەلگىلىك تۈزۈپ چىقىلغان قائىدىلىرى قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ . ئۇنى شۇ قائىدە بويىچە مەتبۇئاتلاردا قوللىنىلىدۇ ۋە ھەر قانداق خەتلەردە بۇ قائىدىلەرگە رىئايە قىلىنىدۇ . تىنىش بەلگىلىرى مۇۋاپىق ھالدا قوللىنىلىدۇ . تىنىش بەلگىلەرمۇ تىلنىڭ گرامماتىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ . ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قوللىنىۋاتقان تىنىش بەلگىلىرى سان ، شەكىل جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان .

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى تۈۋەندىكىچە :
    1 . چېكىت ( . )
    2 . سوئال بەلگىسى( ؟ )
    3 . ئۈندەش بەلگىسى(!) 
    4 . چېكىتلىك پەش( ؛ ) 
    5 . تىرناق( ( ) ) 
    6 . پەش( ، ) 
    7 . قوش تىرناق ( << >> )
    8 . يالاڭ تىرناق ( < > )
    9 . سىزىقچە ( - )
    10. قوش چىكىت( : ) 
    11 . سىزىق ( _ )
    12 . كۈپ چىكىت ( ... )


    1 . چېكىت ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى 
     
    بۇ بەلگە ئوي- پىكىرنىڭ بايان تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈۋەندىكىچە قويۇلىدۇ .
    1 ) بايان جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    ئالىمجان خەتكە ئۇستا .
    2 ) بۇيرۇق ۋە ئۈندەش ئاھاڭدا ئىيتىلغان ، بايان ئاھاڭدا ئىيتىلغان بۇيرۇق ، ئۈندەش جۈملىلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    بالىلار تاماقنى يەپ كەتسۇن .
    3 ) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ .
    4 ) قىسقارتىلىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : ز .  قادىر
    5 ) يىل ، ئاي ، كۈنلەر رەقەم بىلەن ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : 1918.1.10   
    6 ) ئونلۇق كەسىردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسىر سان ئارىسىغا ، جۈملىدىكى سائەت بىلەن تەڭ كۈرسىتىلگەندىن ، سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    سائەت 8:00 دە ( سائەت سەككىزدە )

    2 . سوئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ . ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە :
    1 ) ھەر خىل سوئالدىن كىيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    نىمە ئىش ؟
    2 ) كەينى – كەينىدىن ئۇلۇنۇپ كەلگەن سوئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    بۇ ئىشنى ئۇ ئۇقامدۇ ، ئۇقمامدۇ ؟
    3 ) جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كىيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى ( ؟ ) كۈپەيتتىم .
    4 ) ئۈندەش ۋە سوئال تەرزىدە ئىيتلغان جۈملىلەردە ئاۋال سوئال بەلگىسى ئاندىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    نىمە بۇ تۈگىمەس ، نازۇك تەسەۋۋۇر ؟ !

    3 . ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    بۇ بەلگە ئوي – پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق تەرزىدە ئىيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە :
    1 ) ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭدا ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىدىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    ياشىسۇن خەلق ! ( ئۈندەش )
    2 ) ئۈندەش ئاھاڭدا ئېيتىلغان ئىملىق سۆز ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ مەسىلەن :
    توۋا ! بۇلارنىڭ سېتىۋالغان قۇلىمىدىڭ ؟
    تىرناق ئىچىگە ئىلىنغان جۈملىنىڭ سوئال ، ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قورۇلمىدا كېلىشىدىن قەتئىنەزەر قويۇلىدۇ . تىرناق ئىچىگە ئىلىنغان جۈملىنىڭ چېكىت بولمايدۇ .

    4 . چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى .

    بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ . تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى پەشكە نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر .
    تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەر قايسىسى ياكى ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا ، ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    ھاياتلىق بولمىسا ، ئۆلۈم بولمايدۇ ؛ ئۆلۈم بولمىسا ، ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ ؛

    5 . پەش ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ، تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى چىكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۈۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى ، ئۇنىڭ قويۇلۇش ئورنى تۈۋەندىكىچە :
    1 ) جۈملە ئىچىدىكى تەڭداش بۈلەكلەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پەش قويۇلىدۇ . مەسىلەن : كوچا چىراغلىرى پىلدىرلاپ ، يول بويىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدا بىنالارنىڭ دېرىزىسى ئۇدۇلىدا بوشلۇقتا ئىسىلىپ تۇراتتى .
    2 ) مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ .
    مەسىلەن : مىڭىۋەردىم ، كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىۋەردى ، بۇرۇلۇپ قارىسام ، ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى كىلىۋىتىپتۇ .
    3 ) جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەرنى ( قاراتما سۆز ، قسىتۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق سۆز ) جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ . مەسىلەن : ئۇنىڭدىن باشقا ، رەيھاننىڭ يەنە ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار ئىدى .
    4 ) جۈملىدە يىزىق بىلەن كەلگەن ساندىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ .

    6 . يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى .
    جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ . بۇ خۇددى پەش بىلەن چىكىتلىك پەشنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش ، كۆچۈرمە تەركىبلەرنىڭ قاتلام مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ . مەسىلەن :
    مەن <<  پولات قانداق تاۋلاندى >> رومانى ھەققىدە قىسقىچە تەسىرات دىگەن ئوبزورنى ئوقۇدۇم .

    7 . قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور سۆزىدىن ئايرىم كۆرسىتىدىغان بەلگە . ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا نىسبەتەن چوڭ .
    جۈملىدە كەلگەن بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر جۈملىدىن كىتاب ، گېزىت- ژورنال ناملىرى ، ماۋزۇ ... قاتارلىقلار قوش تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ . مەسىلەن :
    << 1- ماي >> ئەمگەكچىلەر بايرىمى .

    8 . تىرناق ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ .
    1 ) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى تولۇقلاش ، ئىزاھلاش ، ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ . مەسىلەن :
    بىز بېيجىڭدا ( مەركىزىي مىللەتلەر داشۈسىدە ) ئوقۇيمىز .
    2 ) سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ پىرسوناژلارنىڭ ھەركىتى ، كەيپىياتى توغرىسىدا بەرگەن ئىلاۋىلىرى تىرناق ئىچىگە ئىلىنىدۇ . مەسىلەن :
    مەشرەپ : ( يۈگۈرۈپ كىرىپ ) نىمە بولدى ، نىمە بولدى .
    3 ) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ، ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ .

    9 . سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

    يېرىم قوشۇپ يىزىش ( ئاساسەن ) بەلگىسى سىزىقچە دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ :
    1 ) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا ۋە سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلمايدىغان جۈملىلەرنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : دەپتە – قەلەم .
    2 ) سۆزلەر قۇردىن - قۇرغا بوغۇم ئايرىپ كۆچۈرۈلگەندە ، ئايرىلغان بوغۇمدىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن :
    ئىن-
    قىلابىي
    3 ) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ سانلاردىن كىيىن قويۇلىدۇ .

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ