ئۇيغۇرلار قەدىمكى شەرق مەدەنىيىتىدە ئۆزىنىڭ يېزىق تىلى ئارقىلىق يۈكسەك مەدەنىيەتنى بەرپا قىلغان قەدىمكى مۇنەۋۋەر مىللەت . ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىل ئائىلىسىنىڭ ھون تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ . ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى قوللانغان . قەدىمكى تۈرك يېزىقى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا تېپىلغان بولۇپ بۇ يېزىقنىڭ شەكلى قەدىمكى شىمالىي ياۋروپادىكى رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئورخۇن - رونىك يېزىقى دەپ ئاتالغان . تۈرك يېزىقى ئەڭ دەسلەپتە يەنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا قاما دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان قىرغىزلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغانىدى . بۇ يېزىق قەدىمكى تۈرك - رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىپ كەلدى . شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ئاساسلىق تارىخ ئابىدىلىرى موڭغۇلىيىنىڭ ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا سىبىرىيىدىكى يەنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىقتىن كىشىلەر ئۇنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى دەپ ئاتىدى . تۈرك يېزىقى تاۋۇش ئامىلى بىلەن بوغۇم ئارىلىشىپ كەتكەن يېزىق . بۇ يېزىقنىڭ ھەرپى 38 - 40 بولۇپ ئۇنىڭدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇش تۆت قوشۇمچە بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . تاۋۇش ئىچىدىكى بەزى ھەرپلەر ئوخشاش بولمىغان ئىككى يۈرۈش بەلگە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . شۇڭا ، سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى خەت ئوتتۇرىسىدا قىسقارتىۋېتىلىپلا قالماستىن ، بەلكى ھەرپ بېشىدا كېلىدىغان سوزۇق تاۋۇشمۇ كۆپ ھاللاردا يېزىلمايدۇ . تۈرك يېزىقى ئادەتتە ئوڭدىن سولغا يېزىلاتتى . ئۇنى سولدىن ئوڭغا يازىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى . جۈملىلەر ئادەتتە قوش چېكىت (:) بەلگىسى بىلەن ئايرىلاتتى . ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدىن قارىغىنىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل يېزىقلاردا پۈتۈلگەن قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ جاپالىق تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىدىن قارىغىنىمىزدا قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل يېزىقلاردا پۈتۈلگەن قەدىمكى تارىخىي خاتىرىلەر يېقىنقى زامان ئارخېئولوگىيە خادىملىرىنىڭ جاپالىق تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىي كەم ھېسابلىغاندىمۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخى جەرياندا ئۇيغۇرلار ( جۈملىدىن باشقا تۈركىي قەلقلەر ) ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى ( بۇ يېزىقنى ئورخۇن - يەنسەي يېزىقى ياكى تۈرك - رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ ) ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، بىراخما يېزىقى ( قەدىمكى قارا شەھەر ۋە قەدىمكى كۇچار يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ ) ، قەدىمكى سۈرىيە يېزىقى ، سانسكرىت يېزىقى ( قەدىمكى ھىندى يېزىقى ) ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئەرەب يېزىقى قاتارلىق بىرنەچچە خىل يېزىقلارنى قوللىنىپ ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تىل مەدەنىيىتىنى خاتىرىلەپ كەلگەن . شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن شۇ نەرسە ئايانكى ، مىلادىيە 5 - ئەسىردە تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار سوغدى ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەپ يازىدىغان يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان . قەدىمكى قەبرىلەردىن تېپىلغان ، ئېنىق مەنبەسى بار بۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار بۇ يەكۈننى مۇنازىرىسىز ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . جامائەتچىلىككە ئايانكى ، تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، مىلادىيە 5- ئەسىردىلا ئۇيغۇرلار تۇرپان ئويمانلىقىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن . تارىخىي پاكىتلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە . مەنبە : ھاجى قۇتلۇق نۇرھاجىنىڭ "قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار" ناملىق كىتابىدىن . تېما مەنبەسى : يۇرتۇم مۇنبىرى Apla نىڭ يوللانمىسى
|