ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە!
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىر ...
  • قوش تىل ئۆگىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش دەۋرنىڭ ...
  • ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئېلىپبەسىدىكى32ھەرپىنىڭ بارلىققا ...
  • يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قان ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن يېزىقلىرى ...
  • 8 - باب "چىراغسىز جاھالەت ئەسىرى" دە تۇنجۇقتۇرۇۋېتىلگەن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • قومۇل يەرلىك شىۋىلىرى
  • ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى
  • ئۇيغۇر يېزىقى،تارىختىكى يېزىقىلار
  • ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم قەدىمى سۆزلەرنىڭ مەنىسى
  • ئانا تىلغا ھۆرمەت ۋە تىل ئۆگىنىش
  • ئۇيغۇر يېزىقلىرى
  • تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىشى
  • ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم قانۇن ئاتالغۇلىرى ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun
  • ئۇيغۇر مائارىپى
  • مۇئەللىم ۋە مەكتەپنىڭ پەيدا بولىشى
  • سەھرا ئەدەبىياتى توغرىسىدا
  • قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش
  • 8- ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيسىگە ئائىت ق ...
  • ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
  • 2 - باب ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىي مائارىپ
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • قوش تىللىق مائارىپ (2)
  • 6 - باب چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
  • ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى
  • 4 - باب بۇددىزم دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2438
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

        ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا ئەڭ كۈچلۈك يىلتىز تارتقان دىن بۇددىزم ئىدى.
    بۇددا - سانسكرىتچە "ئەقلى - ھۇشىغا كېلىپ، توغرا يولغا ماڭماق" دېگەن ئۇقۇمنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئېتقادنى ساكيامۇنى (1) (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 557 - 477 - يىللار) كەشىپ قىلغان. بۇ دىن توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلار مىلادىنىڭ 740 - يىلىغىچە 5048 تومغا يەتكەن.
        بۇددا دىنى تارىم ئويمانلىقىغا مىلادىنىڭ 75 - يىلىدىن تارتىپ كىرىشكە باشلىغان. نەتىجىدە خۇتەن، كۇچا، كېيىن ئىدىقۇتنى مەركەز قىلغان بۇددا مائارىپى ۋە سەنئىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. تۆۋەندە بىز ئەنە شۇ مائارىپ يېتىشتۈرگەن مەشھۇر ئالىملار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز.
        ئىزاھات: (1) ساكيامۇنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 557 - يىلى شىمالىي ھىندىستاندا بىر دەۋران ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا چىداملىق ۋە زېرەك بولۇپ ئۆسكەن. ماتېماتىكا، تىل، ناتىقلىق، ھەربىي، سەنئەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن. خىيالى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ساكيامۇنى 29 يېشىدىلا بۇددا دىنىنى كەشىپ قىلغان. بۇ دىن بارا - بارا دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى ۋە يىرىك دىنىي ئېتىقاد سىستېمىسى شەكىللەندۈرگەن.

       1. ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچى، تىلشۇناس كوماراجىۋا
     

      كوماراجىۋا (مىلادى 344 - 413 - يىللار) قەدىمقى كۇچا (كۇسەن) شەھرىدىكى بىر بۇددا ئالىمىنىڭ ئوغلى. ئۇنىڭ ئانىسى جىۋا بىلىملىك ئايال ئىدى. كوماراجىۋا 19 ياشقا كىرگەندە، ئانىسى جىۋا بىلەن بىللە چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان. غەربكە ئوقۇشقا چىققان جۇڭگولۇقلار ئىچىدە كوماراجىۋا ئەڭ كىچىكى، ئانىسى جىۋا بولسا تۇنجى ئايال ھېسابلىنىدۇ.
    كوماراجىۋا كۇچاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان؛ 30 ياشلىرىدا يۇقىرى ئابرۇيلۇق ئالىم بولۇپ داڭ چىقارغان، ئۇنىڭدا مىڭلىغان تالىپلار دەرس ئاڭلىغان. ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە شۆھرىتىنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا ئالتۇن مۇنبەر قويۇپ لېكسىيە سۆزلەتكەن.
        كوماراجىۋا - كۆپ تىل (سانسكرىت، تاڭغۇت، خەنزۇ تىلى، تۈرك - تۇخار، ئېپتالىتلار تىلى) ئۆگەنگەن ۋە شۇ تىللاردا لۇغەت - قامۇس تۈزگەن تىلشۇناس. ئۇ تىلشۇناسلىق ۋە تەرجىمشۇناسلىق توغرىسىدىمۇ ئىلمىي دوكلاتلار قىلغان. تارىم ۋادىسىدا تەرجىمشۇناسلىق تارىخى كوماراجىۋادىن باشلىنىدۇ. ئۇ نۇرغۇن بۇددا كىتابلىرىنى سانسكرىت تىلىدىن باشقا تىللارغا، جۈملىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. تىلغا تەرجىمە قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى كەشىپ قىلغان. كوماراجىۋانىڭ تەرجىمە ئەمگىكى ئارقىسىدا تۈرك - ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەخس كېلىش قوشۇمچىسىغا كۆپلىگەن سىپايى دەرىجىلەر قويۇق سىڭىپ كىردى. بۇنداق سىپايى دەرىجىلەر سانسكرىت تىلىدا كۆپ بولۇپ، قەدىمقى تۈرك - ئۇيغۇر تىلىدا يوق ئىدى.
        كوماراجىۋا ھەيكەلتىراشلىق ۋە مۇزىكا سەنئىتىگىمۇ ماھىر ئىدى. مەشھۇر "قىزىل مىڭ ئۆي" قاتارلىق تام سۈرەتلىرى كوماراجىۋا ياشىغان دەۋردە سىزىلىشقا باشلىغان.
        مىلادىنىڭ 401 - يىلى ئاخىرقى چىن پادىشاھى ياۋشىن دەۋرىگە كەلگەندە، كوماراجىۋا تەكلىپكە بىنائەن چاڭئەنگە بېرىپ، دىنىي ئالىي مەكتەپلەردە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ 800 تالىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى. بۇ تالىپلاردىن داۋشىن، سىن چى، داۋرەن، سىن خى قاتارلىقلار پۇتۇن جۇڭگو بويىچە "توت مەشھۇر ئەۋلىيا" دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان.
        كوماراجىۋا چاڭئەننىڭ ئالىي دىنىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىللە يەنە سانسكرىت تىلىدىن 384 توم كىتابنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇنىڭ تەرجىمە ماھارىتى ۋە تىل بەدىئىيلىكى جۇڭگودا ئىنتايىن ئابروي قازانغان.


       2. مائارىپچى ئالىم پورتىدىن
     

      پورتىدىن (مىلادى 233 - 348 - يىللار) 116 يىل ئۆمۈر سۈرگەن ئاتاقلىق مائارىپچى، پورتىدىن ئەسلى تۇرپاندىن بولۇپ، مىلادىنىڭ 310 - يىلى (غەربىي چىن سۇلالىسى دەۋرىدە) پادىشاھ يۇئەن جيانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت لوياڭغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
        پورتىدىن ئىچكىرىدە ئۇزۇن يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا 893 ئىبادەتخانا مەكتەپلىرىنى تەسىس قىلىپ چىققان. پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە چاڭجياڭنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار لوياڭغا توپلىشىپ، ئۇنىڭ تەپسىرىنى ۋە دەرسىنى ئاڭلىغان. ئۇ ئونمىڭلىغان شاگىرت يېتىشتۈرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن داۋئەن، فابا، فاتەي، فاھە قاتارلىق كىشىلەر پۈتۈن جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق بۇددا ئولىمالىرى بولۇپ داڭ چىقارغان.


       3. ئاتاقلىق رەسسام ۋايسا باجىنا ۋە ۋايسا ئىراسانگا
     

       تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ئاجايىپ ئۇستازلىرىدىن بولغان بۇ ئىككى ئاتاقلىق رەسسام ئاتا - بالا 6 -، 7 - ئەسىردىكى ئۇدۇن (قەدىمقى خوتەن) بۇددا سەنئىتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرى بولۇپ تونۇلغانىدى.
         ۋايسا باجىنا يالغۇز بۇددا تەلىماتىدىكى ھېكايىلەر تەسۋىرىنى سىزىش بىلەنلا چەكلەنمىدى. بەلكى تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئوبرازلىرى، ھايۋانات دۇنياسىنى ئىنتايىن جانلىق سىزىپ، ئىبادەتخانا تاملىرىنى، غار بېزەكلىرىنى لايىھىلىگەن. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى رېئالىزملىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە قىلغان. ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان سۈي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۈي تاڭدى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، پايتەخت لوياڭ شەھرىنىڭ ئىبادەتخانا تاملىرىنى بېزەتكۈزگەن. ئۇ سىزغان "براھماننىڭ سۈرىتى" ھەمدە چەت ئەلنىڭ "خاسىيەتلىك ئورمانلىرى"، "ئالۋاستىنى تەسلىم قىلىش"، "بۈركۈت، تايغانلار تەسۋىرى" غايەت زور شوھرەت قازانغان.
        ئۇنىڭ ئوغلى ۋايسا ئىراسانگا خوتەن ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردە ئاتىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەتلەرنى ياراتتى. بولۇپمۇ چاڭئەن ۋە لوياڭ شەھەرلىرىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئۇ سىزغان سۈرەتلەر گويا ئېگىلىپ تۇرغان كالۋۇتۇن يىپتەك جانلىق دېگەن مەدھىيىگە ئېرىشتى. ۋايسا ئىراسانگا سىزغان گۈللەرنىڭ سۈرەتلىرى "تىرىك گۈل" دەپ باھالىناتتى. ئۇ ئىشلىگەن ئىلاھى ھەيكەللەر "تەڭرى تەسۋىرىنىڭ نەمۇنىسى" دەپ قارىلاتتى (1).

       ئىزاھات: (1) بۇددىزم ئەقىدىسى تۈرلۈك سەنئەتلەر (ھەيكەلتىراشلىق، نەققاشلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، دراما) گە يول قويۇپ، بۇ خىل سەنئەتلەرنى دىنىي تەرغىباتچىلىقنىڭ كۈچلۈك ۋاستىسى دەپ ھېسابلىناتتى. ئاشۇ زۆرۆرىيەت ئارقىسىدا بۇددىزم سەنئىتىنىڭ يۈكسەك نامايەندىلىرى بارلىققا كەلگەنىدى. مەشھۇر " قەندىھار ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى "، دۇڭخۇئاڭ مىڭ ئۆي، قىزىل مىڭ ئۆي سۈرەتلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك - تۈمەن غار سەنئەتلىرى ئەڭ مۇھىم تارىخىي يادىكارلىقتۇر. جۇملىدىن قەدىمقى كۈسەندىن يېتىشىپ چىققان ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن مۇزىكا ئۇستازى ئاتا - بالا سۇجىۋا قاتارلىقلارمۇ ئاشۇ دەۋر نامەيدىلىرىدۇر.


       4. چوڭ ئالىم ۋە ئوقۇتقۇچى پىرھۇيلان
     

      پىرھۇيلان (مىلادى 736 - 820 - يىللار) قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ شۇ يەردىكى ئالىي ئىبادەتخانا مەكتىپىدە بىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، زامانىسىدا كاتتا يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى بولغان.
        پىرھۇيلان ئۆمرىنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان. ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە " پېشۋا ئالىم " دېگەن شوھرەتكە ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. پىرھۇيلان چاڭئەندە يىگىرمە يىللاپ قان - تەر سەرپ قىلىپ " ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى " ناملىق 100 تومدىن ئاشىدىغان غايەت زور يىرىك ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر بۇددا ئالىملىرى ئىچىدە قولدىن قولغا ئۆتۈشۈپ ئوقۇيدىغان قامۇسقا ئايلانغان، ھەتتا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر " ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى " نى ئىنتايىن قەدىرلەپ ئوقۇغان.
        پىرھۇيلان ھىندى تىلىنى، جۇڭگونىڭ ئەدەبىي تىلىنى ۋە باشقا تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمقى ھەممە يازما خاتىرىلىرىنى مۇيەسسەل ئوگىنىپ چىققان. ئۇنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئۆگىنىش روھى كېيىنكى كىشىلەرگىمۇ چوڭ ئىلھام بەرگەن.
    " ئومۇمىي ئەقىدىلەر شەرھى " نىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ چاۋشيەنلىكلەر مەخسۇس دۆلەت ۋەكىلى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۈۋەلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى (بەش دەۋر زامانىدا) رۇخسەت قىلمىغان. كېيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە چاۋشيەن دۆلىتى يەنە ۋەكىل ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالغان، سۇڭ سۇلالىسى بۇ قېتىم رۇخسەت قىلغان. مىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا مەزكۇر ئەسەرنى ياپونلۇقلاردىن كىشى كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن. ياپونىيىدە پىرھۇيلان چوڭ ئالىم دەپ تونۇلغان.
        1737 - يىلى (چەنلۇڭنىڭ 2 - يىلى) دۆلەت تەرىپىدىن پىرھۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلندى.
        1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخىنى ياپونىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتتى.      دېمەك، قەشقەردىن چىققان بۇ ئالىم ۋە مەشھۇر ئوقۇتقۇچى زامانىسىدا خەلقئاراغا تونۇلغان مائارىپچى ئىدى. 


       5. مائارىپىچى ۋە تىلشۇناس سىڭقۇ سەلى
     

      سىڭقۇ سەلى 10 - ئەسىردە قوچۇ (ئىدىقۇت) خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى باشبالىق (ھازىرقى جىمىسار) دا ياشىغان. ئۇ، ئۆز زامانىسىدا شۆھرەت قازانغان مەرىپەتچى ئەدىب، تەرجىمان ئىدى. ئۇ تەرجىمە قىلغان " ئالتۇن يارۇق " ئەينى زاماندا بۇددا كىتابلىرى ئىچىدە بولۇپمۇ ماشايانا مەزھىپى ئارىسىدا ئەڭ مۇقەددەس دەستۇر ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن " خۇئەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى " قاتارلىق كىتابلار يۇقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە. سىڭقۇ سەلى ئوزىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا يەنە تۇھار تىلى، ئەنەتكەك - سانسكرىت تىلى، خەنزۇ تىلى، تاڭقۇت تىلى قاتارلىق تىللارنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئىقتىدارلىق سىڭقۇ سەلى قاراغۇجا، جىمىسار قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن يىللار ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ شۆھرەت تاپقانىدى.

                                                                             *   *            *                 *               *

        تەڭرى تېغى، پامىر، قارا قۇرۇم تېغى ئېتەكلىرى ۋە پۈتكۈل تارىم ۋادىسى زېمىنىدا مىڭ يىللاپ يىلتىز تارتقان بۇددا ئەدەبىياتى (قەدىمقى سانسكرىت ئەدەبىياتى) بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئۆزئارا ھىملىشىپ بىر يۈرۈش تەلىم - تەربىيە نەمۇنىلىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى توۋەندىكىچە:
        1. ھەر بىر ئىنسان خاسىيەتلىك - پادىلىق ئىخش قىلىشى لازىم.
        2. پەزىلەتلىك كىشىلا خاسىيەتلىك - پايدىلىق ئىش قىلالايدۇ.
        3. پەزىلەت - چىنلىق، ھېسداشلىق ۋە سېخىيلىقتىن ئىبارەت؛ قارا نىيەتلىك پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ.
        4. پەزىلەتلىك كىشى ئەڭ بەختلىكتۇر.
        5. بىلىمدىن، تەربىيىدىن، سېخىيلىقتىن ۋە ياخشىلىقتىن مەھرۇم كىشىلەر مەخلۇق بىلەن باراۋەر، ئۇلار ئەڭ بەختسىزدۇر.
        6. باي بولۇشنى تىلەشتىن بۇرۇن، پەزىلەتلىك بولۇشنى تىلە، چۈنكى بەخت بىلەن ئامەت پەزىلەتتىن كېلىدۇ.
        7. كىشىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆلچە.
        8. سەۋر - تاقەت ۋە ساپلىق ئۆمۈر ئۇزارتىدۇ.
        9. ھەق - ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ئىنسان ئەڭ ئەقىللىق ئىنسان.
       10. ئۇلۇغ باشلامچىلار توغرا نىيەتلىك كىشىلەردىن كېلىدۇ.
       11. ئىنسان مال - دۇنيا ھېرىسلىقى ۋە ئەيش - ئىشرەتنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن خاتالىشىدۇ، پالاكەتكە قالىدۇ.
       12. بايلىق بىلەن ھەۋەسنى قوغلىشىدىغان كىشلەردىن دانىشمەن چىقمايدۇ.
       13. مال - دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، مەڭگۈلۈك بولىدىغىنى ئىجادىيەت ۋە پەزىلەتتىن كېلىدىغان شان - شەرەپ.
       14. ھايات شامالدەك؛ كۈچ - قۇۋۋەت ئۇچقان قۇشتەك؛ ياشلىق چاقماقتەك؛ مال - دۇنيا كەلكۈن سۇدەك؛ ئۇ كېلىدۇ، يەنە كېتىدۇ؛ شۇڭا خاسىيەتلىك ئىش قىل، پەزىلەت ئۆيىدىن ئورۇن ئال.
       15. ناداننىڭ قولى مايلاشقان كۈنى ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
       16. پەزىلەتنىڭ نامى ئۆچمەيدۇ.
       17. بىلىمنى، بىلىملىكلەرنى قەدىرلە، يوقسۇلغا ھېسداش بول، يۆلە.
       18. باشقىلارنى خارلىما، تىل - ھاقارەت قىلما.
       19. پەزىلەتنىڭ يېنىدا گۈل ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ