"قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تالاش تارتىشلار كۆپ. بەزىلەر "قازاق" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىر رىۋايەت بىلەن باغلايدۇ. بۇ رىۋايەتتە، بىر باتۇر بىر ئاق غازنى قۇتقۇزىۋالىدۇ، بۇ ئاق غاز ئەسلىدە پەرىشتە بولۇپ، كېيىن بۇ باتۇر بىلەن توي قىلىپ، پەرزەنتلىك بولۇپ كۆپىيىدۇ. شۇڭا "غاز ئاق" سۆزى "قازاق" قا ئۆزگىرىپ قېلىپ، شۇ تۈركىي قەۋىمنىڭ ئىسمى بولۇپ قالىدۇ.
مېنىڭچە، "غازاق" سۆزى تۈركىي گرامماتىكىسى جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى تۈركىي تىلىدا رەڭگە ئوخشاش سۈپەتلەر ئالدىدا، ئىسم كەينىدە كېلىدۇ. مەسلەن، "كۆك كەپتەر" دەيمىز، ھەرگىز "كەپتەر كۆك" دىمەيمىز، "ئاق قۇشقاچ"، "قارا يىلپىز" دىگەندەك. ئەگەر راستلا شۇ رىۋايەتتىن كەلگەن ئىسىم بولسا "ئاقغاز" بولۇشى، كېيىنچە "ئاغاز" بولۇپ ئۆزگىرىشى كېرەك ئىدى.
يەنە باشقا بىر ماتېرىيالدا، "قازاق" سۆزىنىڭ تۈرك تىلىدا "سەرگەردان"، "كۆچۈپ يۈرگۈچى" دىگەندەك مەنىسى بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ ئانا تىلىمۇ تۈركىي تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ "سەرگەردان"مەنادا كېلىدىغان بىرەر سۆز پەقەتلا ئىسىمگە كەلمىدى.
كېيىنچە، تۈرك تىلىدىكى "كەز" سۆزى خىيالىمغا كېلىپ قالدى. بۇنى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق كۆپ قىسىم تۈركلەر ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىدۇ.
تۈرك تىلىدا يەنە "اق" قوشۇمچىسى ئارقىلىق سۆز ياسايدىغان قائىدە بار. مەسىلەن:
قون + اق = قوناق (جاي)، قازاق شىۋىسىدا ياتاق مەنىسىدە.
تولغا+ اق = تولغاق،
ياسان + (د)اق = ياسانداق
قون + (د) اق = قونداق
توڭلا + (غ)اق = توڭلاغاق = توڭغاق
ناۋادا جاھان كېزىشتىكى "كەز" سۆزىگە "اق" قوشۇمچىسىنى قوشساق، "كەزاق" بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئاقىدىكى "ق" تاۋۇشى ئالدىدىكىگە تەسىر قىلىپ "قازاق" سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. دىمىسىمۇ، قازاقلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدىكى ئوت- سۇ قوغلىشىپ، جاھان كېزىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان چارۋىچى مىللەت.
"قازاق" سۆزىگە "كەز + اق = كەزاق" دەپ چۈشەنچە بەرسەك، تۈركىي سۆز ياساش قائىدىسىگىمۇ، كېلىش مەنبەسىگىمۇ ۋە شۇنداقلا ئەسلىي مەنىسىگىمۇ توغرا ئېنىقلىما بەرگەن بولىمىز.