7 - باب سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى
14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چاغاتاي ئۇرۇقى ئىچىدە جىددىي پارچىلىنىش
يۇز بەردى. بىر قىسمى تۇغلۇق تومۇرخان يېتەكچىلىكىدە (300 مىڭ كىشى)
ئىسلام دىنىغا كىردى (1). بۇلارنى ئىقرابانچۇق ياكى "يانغانلار"، ئىسلام
دىنىغا كىرمىگەنلەرنى "قالغانلار" دەپ ئاتاشتى. "قالماق" سۆزى ئەنە شۇ
كېيىنكى سۆزنىڭ ئوزگەرگەن ۋارىيانتى.
ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كۇچلۇك تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا چاغاتاي
ئەۋلادىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنىدى. ئارىدىكى ئۇزۇنغىچە داۋام
قىلغان ۋەيرانچىلىقتا خاراپ بولغان مائارىپ ۋە سەنئەت يەكەن مەركەز
قىلىنغان سەئىدىيە خانلىقى (1514 - 1678 - يىللار) دەۋرىدە قايتا
گۇللەندى. چۇنكى بۇ دەۋردە مەدەنىي - مائارىپ ۋە سەنئەتنىڭ گۇللىنىشى
ئۇچۇن بىرقەدەر تىنچ مۇھىت يارىتىلدى. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەسىس
قىلغۇچىسى خوجا باتۇر سۇلتان سەئىد ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەرىپەتپەرۋەر
ئالىم ۋە ئەدىبلەردىن ئىدى. شۇڭا بۇ دەۋردە يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسە،
ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ دەرىجىلىك مەكتەپلەر، مۇزىكا مەكتەپلىرى (بەزى
مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چاغدا قۇرۇلغان مەكتەپلەر جەمئىي 2263 كە
يەتكەن. 1522 - يىلى قۇرۇلغان "مىرزا ھەيدەر" مەدرىسى، 1630 - يىلى
قۇرۇلغان مەشھۇر "ساقىيە" ناملىق مەدرىسە شۇ چاغدىكى ئالىي بىلىم
يۇرتلىرى ھېسابلىناتتى) قۇرۇلۇپ نۇرغۇن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار،
مۇزىكاشۇناسلار، تارىخشۇناسلار، ئەدىب - يازغۇچىلار، بىناكارلىق
ماھىرلىرى تېز يەتىشىپ چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋردە "سىپاھىيە"
(ھەربىي مەكتەپ)، "شىپاھىيە" (تىببىي مەكتەپ)، "ھودۇدىيە" (چېگرا ساۋاتى)
ۋە "ئايىنەئى ساپارات" (ئەلچىلەر ئەينىكى) قاتارلىق كەسپىي مەكتەپلەرمۇ
تەسىس قىلىندى. ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسىنىڭ ئاساسى مۇشۇ چاغدا مەيدانغا
كەلدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەشھۇر ۋەكىلى سۇلتان
ئابدۇرەشىدخان (1510 - 1570 - يىللار) شۇ چاغدىكى قەشقەر ۋە يەكەن خانلىق
مەدرىسلىرىدە ياخشى تەلىم ئالغان ئىقتىدارلىق ئالىم ۋە سىياسەتچى ئىدى.
ئاتاقلىق تارىخچى موللا موسا سايرامى ئۇنى "ئالىم، پازىل شائىر، ئەرەب،
پارسچە بىلىدىغان تىلشۇناس ۋە ماھىر مۇزىكاشۇناس..." دەپ تەرىپلىگەن.
"تارىخىي رەشىدى" ناملىق ئەسەردە: "ئۇ ئالىملارنىڭ ھىمايىچىسى، مۇزىكا
ئىلمىنىڭ مۇسەننىفى. ئۇ، چارتار، دۇتار، ساتا، قالۇن، تەمبۇر، راۋاب،
ئۇد، غىجەكلەرنى ياخشى چالاتتى. ئۇ ماھىر خەتتات ۋە پارسچە، تۈركچە شېئىر
يازالايدىغان كامىل شائىر ئىدى" دەپ تەرىپلەنگەن. شۇڭا بۇ دەۋردە
ئاماننىساخان، مىرزا ھەيدەر قەشقەرى، قەدىرخان يەكەندى، مەۋلانا ھۇلقى،
مىرزا مىرەك چالىخ، ئايازى قاتارلىق نۇرغۇن تالانتلىق مەرىپەتپەرۋەر
كىشىلەر يېتىلىپ چىققانىدى.
سەئىدىيە دەۋرى مائارىپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى
ھۆسنخەتشۇناسلىقنىڭ كۆپ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بولدى. دەرسلىك
كىتاب، نادىر ئەسەرلەرنى ھۆسنخەت بىلەن يېزىق تەلەپ قىلىناتتى. ئۇلار
"خەتتات" دەپ ئاتىلاتتى. مۆھۈر، تامغا، قەبرە تاشلىرى، مەدرىسە، گۈمبەز،
مۇنار تاملىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدىغان ھۆسنخەتلەر بىلەن بېزىلەتتى ۋە
نەقىشلىنەتتى. گۈل چىقىرىپ، ئىچىگە نەقىش شەكلى بىلەن قوندۇرۇلغان
ھۆسنخەتلەر ئىمارەتكە سىن كىرگۇزۇپ، كۆركەملىكىنى ئاشۇراتتى.
ئەينى زاماندا خەتتاتلىق سەنئىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر تولۇق بىلىملىك
ھېسابلانمايتتى. شۇنىڭ ئۇچۇن ھۆسنخەت ئىلمى خانلىق مەدرىسلەرنىڭ ئاساسىي
دەرسلىرى قاتارىدا ئۆگىتىلەتتى.
سەئىدىيە دەۋرىدە يەنە "نورۇز" پائالىيەتلىرى ئەڭ گۇللەنگەن بولۇپ،
مۇشۇ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەنتەربىيە ۋە
ئىجتىمائىي تەلىم - تەربىيە كەڭ يۇرگۇزۇلەتتى. نورۇز پائالىيەتلىرى
رەڭگارەڭ تۈرلەرنى ئوز ئىچىگە ئالاتتى: "نورۇز چېيى"، "ھەپتە سالام"،
"مۇشائىرە كېچىلىكى"، "نورۇز ناخشا - قوشاقلىرى"، "نورۇز مەشرىپى"،
"نورۇزلۇق مۇنبىرى"، "چەۋاندازلارنىڭ ئات بەيگىسى"، "ئوغلاق تارتىشىش"،
"چېلىشىش"، "ئەلنەغمە مۇنبىرى"، "چاقپەلەك ئويناش" ۋە باشقىلار.
سەئىدىيە مائارىپى "نورۇز بايرىمى" دىن كېيىن، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ
دەرسىنى باشلايتتى. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يېتلەپ مۇئەللىملەرنىڭ
ئالدىغا بېرىپ ئەدەب - ئەردەم بىلەن تۆۋەندىكى سوزنى بېجا كەلتۈرەتتى:
"پەرزەنتىمىزنىڭ جېنى تەڭرىمىزدىن، ئۇستىخىنى ئاتا - ئانا (بىز) دىن؛
بەختى - ئىقبالى ئۇستازىدىن..."
ئاتا - ئانىلار مۇشۇ تەرىزدە ئۆزىنىڭ پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە
تاپشۇراتتى. مۇئەللىم جاۋابەن تۆۋەندىكى مۇشائىرەنى بايان قىلىپ بالىنى
قوبۇل قىلىپ ئالاتتى:
"مەرىپەت چىرىغى دىلىنى ئاچقاي،
مەرىپەت ئاچقۇچى تىلىنى ئاچقاي..."
مۇشۇنداق رەسمىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سەئىدىيە
مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ نىزام - قائىدىسى ئىدى.
"نورۇزلۇق مۇنبىرى" دە مەلۇماتلىق ۋەئىز (ناتىق) لار ۋە نوپۇزلۇق
جامائەت ئەربابلىرى سۆزگە چىقىپ پەندى - نەسىھەتلەر ئارقىلىق تەلىم -
تەربىيە ئېلىپ باراتتى. بۇنداق ئۇسۇل مەكتەپلەردىمۇ پات - پات بولۇپ
تۇراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
# ئۆزىدە سەھىيلىق، ئىلىم ۋە ساداقەت سۈپەتلىرى يېتىشكەن كىشى مەرت
بولالايدۇ.
# ھەققانىيەت ئۈچۈن كەلگەن بالا - قازانى راھەت بىل.
# خەلق پايدىسى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ زىيىنىغا رازى بول.
# زىيادە مۇبالىغە ۋە مەدھىيىچىلىك شائىرنى يالغانچىلىققا باشلايدۇ.
# مەدھىيە - مۇبالىغە ئۆرلىگەنسېرى ئۆزۇڭ شۇنچە قۇللۇق ئورنىغا چۇشۈپ
خورلىنىسەن.
# ئادەمنىڭ سىنالغىنى، ئالمىنىڭ قىزارغىنى ياخشى.
# قازى خاپا بولغان كۈنى ئىشىكى ئالدىغا بارما.
# خالىمىغان ئىشىڭنى كىشىگە تاڭما.
# ئاچچىقىڭنى ئاشكارىلىماسلىققا ئادەت قىل.
# نادان ۋە جاھىل بىلەن مۇنازىرىلىشىمەن دەپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما.
# مۇناپىققا ياخشىلىق قىلىش ياخشىلىقنى زايە قىلىشتۇر.
# كىشىگە دۈشمەن بولما، كىشى دۈشمەن بولىمەن دېسە، قورقما.
# سەۋەبسىز تەتۈر قارىغان دوستۇڭغا ئۆزرە ئېيتما، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە
ساختا دوستلۇق ئورۇن ئالغان.
# مەنىسىز سۆھبەتداشلىقتىن تەنھا خىيال ياخشى.
# يېرىم دوستۇڭغا سىر بەرمە.
# بۈگۈنكى مېھنەت ئەتىنىڭ راھىتى.
# ھورۇنلۇق - بەختسىزلىكنىڭ ئالامىتى.
# كىشى ئۆزى ئۈچۈن گۇۋاھچىلىقتىن ئۆتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋەزنى - مىقدارىنى
خەلق ئۆلچەيدۇ.
# ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى قىلما، كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما.
# ئىلىم - ھۈنەر ئۆگەنمىگەن كىشى بىچارىلىككە رازى بولغانلىقتۇر.
# تەلۋىگە بېرىلىدىغان ياخشى جاۋاب - سۈكۈت.
# ئۆز پەرزەنتىدىن ھۆرمەت تەلەپ قىلغۇچى كىشى ئاۋۋال ئۆزىمۇ ئاتا -
ئانىسىغا قانداق قىلغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
# ئاتا - ئانىنىڭ قەرزى پەرزەنتلىرىنى مال - دۇنيالىق قىلىپ قويۇش ئەمەس،
بىلىم - ھۈنەرگە ماھىر قىلىپ قويۇشتا.
ئىزاھاتلار:
(1) تۇغلۇق تۆمۇرخان ئۆزىنىڭ پىر ئۇستازى مەۋلانا ئەرشىدىننىڭ كۇچادا
تەسىس قىلغان "ۋەلىيە" مەدرىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد ئاجرىتىپ بەرگەن. بۇ
مەدرىسە ئۆز زامانىسىدا كاتتا مەكتەپ بولۇپ شۆھرەت تاپقانىدى.