ئۇيغۇرلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن ،تارىخي ،دىنىي ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ ، ئۆتارىخىدا ئۆزىنىڭ ساپ ئۇيغۇرلار تىلغا ماسلاشتۇرغان ھالدا نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللانغان .جوڭگو ،چەت ئەل ئارخېئولوگلىرى ۋە ئالىملارنىڭ شىنجاڭدىن تېپىلغان قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارغا ئاساسەن ئىسپاتلاپ بېرىشىچە ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزتارىخىدا قوللانغان يېزىقلىرى 22_ خىلغا يېتىدىكەن .بۇلار: براھما يېزىقى ،مارالبېشى ساك تىل _ يېزىقى ، قارۇشتا يېزىقى ، ئىپتالىت يېزىقى ( ئابدال يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، مانىي يېزىقنى ئۇيغۇرلار مانىي دىنى بىلەن بىللەن قۇبۇل قىلغان ) قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، قاراقىتان يېزىقى ، تاڭغۇت يېزىقى ( تاڭغۇتلار نەسلى يوقالغان مىللات ) ، مۇڭغۇل ېېزىقى ( بۇ يېزىقنى دەسلەپ ئۇيغۇر يېزىقشۇناس تاتاڭغۇبىلىك مڭوغۇللارغا ئىجاد قىلىپ بەرگەن ، كېيىن ئۇيغۇلار ئۆتىلىغا ماس ھالدا ھالدا ئىسلاھ قىلىپ قڭللانغان ) ، زاڭزۇيېزىقى ( تۇبۇت يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ، تۇخار يېزىقى كۆرگەزمىسىدە قاراشەھەر ، كۇچا يېزىقى دەپ مۇقىملاشرۇرۇلغان ) ، باسبا يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ( بۇ يېزىق خىرستىئان دىنى بىلەن بىللە قۇبۇل قىلىنغان ) ئەرەب يېزىقى ( ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىن ئىسلاھ قىلىپ قوللىنىلغان ) ، پەھلىۋى يېزىقى ( ئوتتۇرا قەدىمكى ئىران _ پارس يېزىقى ) ، چاغاتاي يېزىقى ( 19_ ئەسىرگىچە تەسىرىنى ساقلاپ قالغان كلاسسىك تىل _ يېزىق ) ، قەدىمكى خەنزۇ يېزىقى ۋە قەدىمكى خوتەن يېزىقىدىن ئىبارەت .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا مۇنچىۋالا كۆپ يېىزقىنى قوللىنىشى ئۇلارنىڭ شىددەتلىك ئۇرۇش _ غەليانلار بىلەن ئۆتكەن تارىخنى ۋى ئىلمىگە ئىنتىلىدىغان سەلتەنەتلىك پارلاق مەدەنىتىنى نامايەن قىلىدۇ . ئۇيغۇر يېزىقنىڭ قوللىنىش تارىخى ئۇزاق ، تەسىر كۈچلۈك ئىدى . ئىنسكلوپېدىيلىك ئەسەر » تۈركىي تىللار دىۋانى « نىڭ ئاپتۇرى ، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىي كىتابىنىڭ بېشىدىلا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۈستىدە توختىلىپ ،» قەدىمدىن بېرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنىغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا بارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت _ ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كەلگەن « دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن .ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن ۋە ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئىشلىتىپ پۇختا ئەدەبىي قېلىپقا چۈشۈرۈلگەن بۇ يېزىق ئىدى . بۇ يېزىقتا ناھايىتى نۇرغۇن دىنىي ۋە دۇنياۋى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن .
قاراخانىيكار دەۋرىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت يېزىقى بولۇپ ،دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر » قۇتادغۇبىىك» « بەخت كەلتۈرگۈچى _ بىلىم » مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان .
گەرچە تارختىن بۇيان ئۇيغۇرلار قوللانغان يېزىقلار ھەر قايسى ئەل تۈرتلوگ ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ ، تاتقىق قىلىنىپ ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ، قەدىمكى خوتەن ئۇيغۇرلىرى قوللانغان « خوتەن يېزىقى » نىڭ سىرى ھېلھەم ئېچىلماي كەلمەكتە . ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىي « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا « خوتەن يېزىقى » ھەققىدە بىرنەچچە مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغان : « تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم يېزىقى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى تۈركىي تىلىدا چىرايلىق سۆز؛لىيەلمەيدۇ » ( « دىۋان » 1 _ توم 39 _ ، 40 _ بەتلەر ) « خوتەنلىكلەر بىلەن كەنچەكلەر سۆزنىڭ بېشىدىكى » «ا ئىلىف » نى « ھ _ h » غا ئالماشتۇرىدۇ . تۈركىي تىلىدا يوق بىر تاۋۇشنى كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ، بىز ئۇلارنى تۈركلەردىن ھېسابلىمايمىز . مەسىلەن ، تۈركلەر « ئاتا » نى « ا تا _ ata» دېسە ، ئۇلار « ھاتا_ ata» دەيدۇ ؛ تۈركلەر « ئانا » نى « انا_ ana » دېسە ،ئۇلار « ھانا _ anah » دەيدۇ ( « سىۋان » 1 _ توم 44 _ بەت ) . « ئىككى خىل تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇلۇش بار ....چەت ئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش _ كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرىنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق » ( « دىۋان » 1 _ توم 39 _ بەت ) . بۇ مەلۇماتلاردىن بىز 10 _ 11_ ئەسىرلەردىكى خوتەن ئاھالىلىرىنىڭ تىلىنىڭ ساپ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تىلىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئايرىم يېزىقىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ يېتىمىز
مەلۇمكى ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى باشتىن كەچۈرگەن توختاۋسىز ئۇرۇشلار ، ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان زور سىياسىي ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجسىدە ، ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلىشىش ، بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ ، يېڭى _ يېڭى خانلىقلارۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بارلىققا كېلىپ ياكى پارچىلىنىپ ، ئۆزگىرىپ تۇرغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ، يېڭى _ يېڭى ئېتنىك تەركىبلەر ئۆز دەۋەرلەرگە كەلگەندە يەنە تەدرىجىي زاۋاللىققا يۈزلىنىپ ، ئاخىر تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئىز _ دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن . بۇنىڭ ئەكىسچە ، كېيىن يەنە يېڭى ئېتنىك تۈركۈملەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخي تەرەققىيات يوللىرىنى باشلىغان .
قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئەنە شۇنداق قوشۇلۇش ۋە بۆلۈنۈش ھەرىكەتلىرى ، مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى تىللا ۋە شېۋىلەرنىڭ قوشۇلۇش ، بۆلۈنۈش ۋە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن . نەتىجىدە ھەرقايسى تارخىي دەۋرلەردە تىللار ۋە شېۋىلەرنىڭ خاسلىق تەدرىجىي شەكىللەنگەن . خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تىل ۋارىياتنى ۋە ئۆزگىچە يېزىقنىڭ شەكىللىنىشنى يۇقىرىقىدەك ئۇزاق تارىخي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر .
مىلادىيە 1 _ ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە « ئۇدۇن » دەپ ئاتالغان خوتەن _ تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بەگلىككە ئايلانغانىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ خوتەن جۇرجانلار ، ئىپتالىتلار ، ھونلار ، توخارلار ، تۈركلەرنىڭ ۋە باشقا خاندانلىقلارنىڭ ئۆزئارا تالىشىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئارقىسدا ،ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكى بىلەن تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى .
مىلادىيە 840 _ يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىق يىمىرىلگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ چوڭ كۆچۈشى باشلىنىدۇ . بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئۇدۇننىڭ يېڭى ئايمىقىغا كۆچۈپ كېلىدۇ . ئۇدۇندا ياشاۋاتقان ساك ، ھىندى ، تۈبۈت قاتارلىق مىللەتلەر قاتارىدا نىسبەتەن ئۇيغۇلارمۇ بار بولۇپ ، « بۈيۈك ئاغىلىق ئۇدۇن دۆلىتى » مەزگىلىگە كەلگەندە ، ئۇيغۇرلار ئۇدۇندىكى ئاساسلىق مىللەتكە ئايلىنىدۇ .
مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارخى تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىي ئىزاھلاپ ئۆتكەن خوتەن تىلى ۋە خوتەن يېزىقى ئەنە شۇ دەۋرلەردىكى مىللەتلەر تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئېتنىك تەركىبىنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشىنىڭ مەھسۇلى .
كۆچۈش ، قويۇلۇش ، سىڭىشىش ، ئۆگىرىش ، قايتا تەشكىللىنىش 11 _ ئەسىرگىچە داۋام قىلىپ 200 يىلدەك جەريانى باشتىن كەچۈرۈش داۋامىدا ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىمۇ ئۆزىگە خاس سەنئەت ، تۇرار جاي شەكلى ، كىيىنىش ، پىسخىكىلىق ھالەت ئالاھىدىكىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن ، يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تىل شېۋىسى ، ئالاھىدە ېيزىق ئىجاد قىلىپ قوللانغان . خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ خىل تىل ئۆزگىلىچىلىكى مىڭ يىللار ئۆتكەن ئۇيغۇلىرىنىڭ بۇ خىل تىل ئۆزگىچىلىكى مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئالىملارنى قىزىقتۇرماقتا ، ھەتتا تۈركلوگلارنىڭ نەزىرىدە خوتەن تىلى ، شۇنىڭدەك خوتەن يېزىقى « ئېچلمىغان بوز يەر » دەپ قارالماقتا . بۇ خىل ئەمەلىيەت مەشھۇر تۈركىي تىللار ئالىمى ۋە تۈرك تىل سەيياھى مەھمۇد قەشقەرىينىڭ خوتەننىڭ ئۆزگىچە تىل ۋارىياتنى ۋە يېزىقى ھەققىدىكى : « خوتەنلىكلەرنىڭ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى ھەققسىكى : « خوتەنلىكلەرنىڭ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار ...خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار ....» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
مىلادىيە 1006 _ يىلى قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ خاقانى يۈسۈپ قادىرخان ئۆزى بىۋاستە خوتەنگە قوشۇن تارتىپ كېلىپ چوقتى رەشت ، نۇقتى رەشت قوشۇنلىرىنى چېكىنىدۈرۈپ ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، خوتەننى قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئومۇميۈرزلۈك قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلايدۇ . ھۆكۈمەت خەت _ ئالاقىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئىشلىتىسىمۇ ، ئىچكى قىسمىدا يەنىلا قەدىمكى خوتەن يېزىقى ئىشلىتىلىدۇ .
خوتەن تىلىمۇ ھىندى ، ساك ، سەرقىي ئىران ، تۈبۈت قاتارلىق مىللەت تىللىرىنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس دېئالېكىت ۋە شېۋە ئالاھىلىكىنى شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىيتىگە ماس ھالدا جارى قىلدۇرۇپ ، خوتەننىڭ ئۆزگىچە تىل ئالاھىدىلىكىنى دەۋرىمىزگىچە ئېلىپ كېلەلىگەن . بۇ تارىختىكى ھەرخىل مىللەت تىللىرىنىڭ بىر _ بىرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە شەككىللەنگەن ئۇيغۇر تىلى ۋارىياتنى بولۇپ ، بەزى مىللەتلەرنىڭ مۇشۇنداق تەسىر قىلىش ۋە ئۆزئارا سىڭىشىش جەريانىدا يوقالغانلىقىنى تارخىي ئۇچۇرلاردىن بىلىمىز .
شۇنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تىلغا ئالىمىزكى ، بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىي بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى خوتەن تىل يېىزقنى قەشقەرىي بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى خوتەن تىل يېزىقىنى زېرەك؛لىك بىلەن بايقاپ ، ئەۋلادلار ئۈچۈن تەتقىقات بېشارىتى قالدۇرغان بولسىمۇ ، بىزدە قەدىمكى خوتەن يېزىقى ھەققىدىكى ئىزدىنىش ئوتتۇرىغا چىقىمدى ، ھەتتا خوتەننىڭ زامانىمىزدىكى دىئالېكتى 10 _ ،11_ ئەسىرنىڭ ئاخرى ، 20 _ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر قانچە رۇس ، ياۋروپا سەيياھلىرى ۋە تۈركلوگلىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ ، كۆپىنچە دېئالىكتىنىڭ لېكسىكىسى دائىرىسىدىلا بولدى . بۇلاردىن شىۋىدئالىمى گۇننار ياررىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەنۇب شېۋىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كىشىنى سۈيۈندۈرگەن بولسىمۇ . خوتەن دېئالېكتى ھەققىدە گەپ ئاچمىدى .
يېقىندا ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇر تىل ئالىمى مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دېئالېكتى » ناملىق كىتابىنى نەشىردىن چىقاردى . ئالىم م . ئوسمانوف بۇ كىتابىدا خوتەن دېئالىكتى ۋە گۇما ، قاراقاش ، لوپ ، چىرا قاتارلىق جايلارنى شېۋىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، قەدىمكى خوتەن تىلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ تارىخي تەرەققىيات جەريانىنى بىزگە مۇپەسسەل چۈشەندۈرۈپ بەردى . بىز ئالىمىمىز م . ئوسمانوفنىڭ ئۇزاق يىللىق ئىزدىنىشنى ڭمول مېۋىسگە ئاپىرىن ۋە تەشەككۈر ئېيتىمىز . شۇنداقتىمۇ ، خوتەن دېئالېكتى ۋە شېۋىلىرى ھەققىدە باشقىلارنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنشنى ئۈمىد قىلىمىز .
قەدىمكى خوتەن يېزىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشىنىڭ ئىزدەنگنلىكىنى بىلمەيمىز . شۇنداقتىمۇ سىرلىق يېزىق ھەرقايسى ئەللەردىكى قىسمەن ئالىملار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ دىققەت _ نەزىرىنى قوزغىغاي قالمىدى . خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، ياپونىيلىك ياشانغان بىر تەتقىقاتچىنىڭ قەدىمكى خوتەن يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقى مەلۇم .
1901_ يىلى ، گىرمانىيلىك سانكىرتشۇناس ھونلىي ، ئەنگىلىيلىك ئار خېئولوگ ستەيىن ، شۋېتسىيلىك سىۋىن ھىدىن قاتارلىقلار خوتەن رايونىغا قىلغان ئېكىسپېدىتسىيە ھەركىتى جەريانىدا قەدىمكى خوتەن يېزىقىدىكى نۇرغۇنلىغان ئېسىل يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كېتىپ كۆپىلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان . لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئافرىقا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بەيلۇ 1946 _ يلىدىن باشلاپ ئۆزشاگىرتلىرى بىلەن خوتەن يېىزقىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ، 1973 _ يىلغىچە « خوتەن يازما يادىكارلىقلىرى » ، « ساك مەدەنىيەت يادىلارلىقلىرى » ، « ساك يادىكارلىقلىرى تەرجىمە توپلىمى » قاتارلىق ئالتە توم كىتاب يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان . ياپونىيلىك كەيجو باۋيۈەن 1907 _ يىلى ئېلىپ كەتكەن خوتەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئېلىپ كەتكەن خوتەن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەر تەتقىقات « سەرلەۋھىسى ئاسىتىدا نەشىر قىلدۇرغان .
گەرچە ، بۇ كىتابلار ھازغىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئاسالىق مەزمۇنى : « خوتەن يېزىقىنىڭ يېزىلىش شەكلى ئىككى خىل ، بۇ يېزىق مىلادىيە 2 _ ئەسىردىن 10 _ ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ، ئۇنىڭ بەزى ھەرپلىرى تۈپۈپ يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، بۇ يېزىق ھىندىستاندىن كىرگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى يېزىقىغا ئوخشىمايدۇ ... » دېگنلەردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنى ئالىملار خەلقئارادىكى سېلىق يېزىق دەپ قارىماقتا .
ئۇلۇغ ئالىم ، تۈركىي تى؛ل بۇزۇركۋارىمىز مەھمۇد قەشقەرىينىڭ قەدىمكى خوتەن تىل _ يېزىقى ھەققىدىكى بېشارەتلىك تەبىر بىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزنىڭ پۈتمەس ئىلھام بۇلىقىدۇر .
سىتاتا مەنبەلىرى :
مەھمۇد قەشقەرىي : « تۈركىي تىللار دىۋانى » 1 _ توم ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 1981 _ يىل نەشىر .
لىيۇ زىشياۋ : « ئۇيغۇر تارىخى » 1 _ قىسىم ، مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 1984 _ يىل .
« گۆھەر _ زېمىن خوتەن » ، شىنجاڭ گۈزەل _ سەنئەت ، فوتۇ سۈرەت نەشىرياتى ، 1995 _ يىل نەشىرى .
« جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى » ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، 2003 _ يىل نەشىر .
( ئاپتور: قاراقاش ناھىيلىك سىياسىي كېڭەش تارىخي ماتېرىياللار ئىشخانىسدا )
مۇھەررىرى : ئەركىن ئەبەيدۇللا .