|
|
تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىكى turk yueul bodun |
يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2681 |
|
|
|
ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان قەدىمكى تۈركچە يادىكارلىقلاردا سۆز بىرىكمىسى yocul- bodun turبىر قېتىم يەنە كېلىپ پەقەت بىرلا قېتىم «مايترى سىمىت نوم يىتىگ» دە ئۇچرايدۇ. بۇددىزم مەزمۇنىدىكى مەزكۇر ئەسەر مىلادى VIII ئەسىردە توخار تىلىدىن تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. «مايترى سىمىت نوم بىتىگ» خۇددى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇددا مايتىرىنىڭ ھايات كەچۈمىشلىرىدىن ۋە بۇددىزم ئۇسلۇبىدىكى رىۋايەتلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، turk-yocul-bodun بىرىكمىسى بۇ ئەسەردە تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە كۆزگە چېلىقىدۇ: antan ozup [qurtu] lup burhanlar balgurmaduk odta tort turlug tiring quvrax yop odta turj yocul bodun buqun ar alpin amgakin siki azuninta toxar. (تەرجىمىسى: ئۇ يەردىن ئۇزاپ قۇتۇلۇپ بۇرخانلار تېخى كۆرۈلمىگەن ۋاقىتتا، تۆت تۈرلۈك ئەل جامائەت تېخى يوق ۋاقىتتا، تۈرك يوچۇل بودۇن قەۋمى جاپا- مۇشەققەتلىك كىشىلەر دۇنياسىدا قايتا تۇغۇلار). شىناسى تېكىن بۇلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىزاھلاش ئارقىلىق بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي تىل مەنىسىنى ساقلاپ قالغان مۇستەقىل سۆز بىرىكىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شىناسى تېكىننىڭ ئىزاھلاشلىرىغا ئاساسلانغاندا، « turk» سۆزى مەزكۇر سۆز بىرىكمىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگىنىدە، «كۈچلۈك، قۇدرەتلىك، قاتتىق» دېگەن مەنىگە ئىگە؛ «yocul» تۆۋەن (دەرىجە)؛ تار، ئارقىدا قالغان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى يېقىن كېلىدىغان پېئىل «ocul» (كەينىدە قېلىپ قالماق)ۋە «ocun» (قورقماق) دېگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئىكەن. بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى ھەرقايسى سۆزلەر ھەرقانچە قىلغاندىمۇ ئومۇمىي مەنىگە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان سۆزنىڭ كونكرېت تارىخى قەۋم ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ئەپسانىلەر دەۋرىدىكى خەلقلەر ھەققىدە كېتىۋاتقان خەلقلەر ھەققىدە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تورۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان تېررىتورىيىسى مەزكۇر سۆز بىرىكمىسىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن بويىچە ۋە تېكىستنى تۈزگۈچىنىڭ پىكرىچە بولغاندا «راھەت- پاراغەتلىك»، «مەدەنىيەتلىك» ئالەمنىڭ سىرتىدا ئىدى. «مايترى سىمىت نوم بىتىگ» تىكى مەزكۇر سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مەنا مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش، ئومۇمەن ھازىرچە بىز ئېرىشكەن ماتېرىياللار سەۋەبىدىن مۇئەييەن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇ سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئىزاھلىنىشىغا قارىتا ماھىيەت جەھەتتە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك بايانلارنى قوشۇمچە قىلىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. IX ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سىنفۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى VI بابىدا ئاشۇ سۆز بىرىكمىسى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە ئىككى قېتىم ئۇچرايدۇ: Ortun il ulus basinclix bolti turk yocul bodun artiru ayamlig bolti in cu handin baru nang olarni amirtqur xali konturgali bolmadi (تەرجىمىسى: ئوتتۇرىدىكى مەملىكەت پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىندى. تۈرك يوچۇل خەلقى پەۋقۇلئاددە قودرەتلىك بولۇپ كەتتى، يىن- جىن سۇلالىلىرىدىن بېرى ئۇلارنى بويسۇندۇرغىلى ۋە كۆندۈرگىلى بولمىدى). دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۈكى، «مايترى سىمىت نوم بىرىگ» دىن ئۈچ ئەسىر كېيىن ئىشلەنگەن بۇ تەرجىمىدە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبى ۋە تەرتىۋىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن. بۇ ئەھۋال شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، مەزكۇر سۆز بىرىكمىسى بولسۇن، ھامان تىل تەركىبى ئومۇمىي مەنالىرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن، ئەمما تىل ئادىتىدە مۇقىملاشقان ۋە بىر نەچچە قوشۇمچە مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆز بىرىكىمىسىنىڭ مانا شۇنداق ئەھۋالدىكى روشەن بولمىغان، ئەمما مەۋجۇت بولۇۋاتقان سېمانتىكىلىق تەركىبلىرىنى ئېنقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن كونتېكىستنى ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە ئاساسلانغان خەنزۇچە ئەسلى ئورگىنالنى نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن جۈملىلەرنى بىرىنچىسى تۆۋەندىكى كونتېكىستتا كەلگەن: ‿kim bu tvxac [i] li tumsuqlux- qa soqturxali: [ta] rmaqlix-qa tartburxali: ur [ki] c bolmis ardi bis ilig- lar ‿xilig- lar‿xali umadi: ur xan-lar ‿dxali kuci yitmadi: otru [lax] ki baliq qobi saclx- lar ‿nin ‿psi bolti: qutlux cuu –nan [t] agiri oq bas ‿lix- lar- nin [o] rtguni bolti: ortun il ulus ‿ksiz basinc ‿lix bolti: turk [y] ocul bodun artinu ayam ‿lig [bo] ti: incu xan- din baru nan[o] larni amirtqurxali konturgali: qacan xan vudi atlx cn ‿qa tagdukda tolp suu sin tabratip qamax kucin [on] turup qatixlanti antax qiltii [arsar] yama t (a) k biliq- nin ulus ‿nun cibiq- in yapirxaqin (« شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» VI باب 43- بەت 8- 27- قۇرلار). (تەرجىمىسى :« ... دەۋرلەردىن بويان تابغاچ ئېلى قۇمشۇقلۇققا چوقۇتتى (سوقتۇردى) ، تىرناقلىققا تارتتۇردى. بەش ھۆكۈمران (ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا) قادىر بولالمىدى، (ئۇلارنى يېڭىشكە) ئۈچ خاننىڭ كۈچى يەتمىدى. نەتىجىدە لاغكى شەھىرى ئۇزۇن چاچلىقلارنىڭ (ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ) قالدى. قۇتلۇغ چاڭئەن شەھىرىنىڭ ئەتراپى (يا) ئوقلىرى ۋىژىلدايدىغان (ئەسلى خەنزۇچە مەنىدە ‹ئوقلا تۆگىمەستىن كېلىپ تورىدىغان دالاغا ئايلىنىپ قالدى. ئوتتۇرىدىكى مەملىكەت پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىندى. تۈرك پوچۇل خەلقى پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلىك بولۇپ كەتتى، يىن، جۇ سۇلالىلىرىدىن بېرى ئۇلارنى بويسۇندۇرغىلى ۋە كۆندۇرگىلى بولمىدى. قاچان خەن ۋۇدى ئاتلىق خانغا كەلگەندە، ئۇ پۈتۈن قوشۇننى تەۋرىتىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئۆستۈرۈپ قوشۇپ توپلىدى، شۇنداق قىلدى، شۇنداق بولسىمۇ شەھەر ۋە ئۇلۇسنىڭ ئازلا بىر قىسىمى (بىرلەشتى؟)». مەنبەلەردىن مەلۇمكى، تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەن دەۋر يىن سۇلالىلىرىنىڭ ھۆكۈمرالىق دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 140- يىلىدىن مىلادىدىن بورۇنقى 80- يىلغىچە) ھۇنلار بىلەن بولغان كۈرەش بەكمۇ كەسكىن تۈس ئالغانىدى. ۋۇدى كۆپ قېتىم ھۇنلار دۆلىتىگە قارشى ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ. نۇرغۇن زىيان تارتتى، ئاقىۋەت ھۇنلارنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلمەي، ئۇلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە مەجبۇرى بولدى. بىزگە مەلۇملۇق باشقا مەنبەلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» ئىخچام ۋە ئەمەلىي ھالدا، تابغاچىلارنىڭ ھۇنلارغا قارشى مەيدانىنىڭ رېئال تارىخىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز، يۇقىرىدا قىسقىغىنە نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھۇنلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى پاكىتلارغا ئاسالغاندا، ئۇلار خەنزۇچە ئەسلى تېكىستتە «شيۇڭنۇ /خۇننۇ» (匈奴) دەپ ئاتالغان؛ ئۇيغۇرچە «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دا بولسا ئەمەلىي ھالدا، «خۇننۇ» ئاتالغۇسىنى تەڭداش ئېتنونىمى سۈپىتىدە سۆز بىرىكمىسى «turk- yocul- bodun» ئىشلىتىلگەن، بۇنىڭدىن بۇ خىل شەكىلنىڭ پەۋقۇلئاددە ھادىسە ئەمەس، بەلكى دائىملىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. تارىخىي پاكىتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، تابغاچلار بىلەن ھۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلىدى ۋە «قۇتلۇق شەھەر چاڭئەننىڭ ئەتراپى ئوقلار ۋىژىلدايدىغان دالاغا ئايلانغان» دەۋرلەرمۇ بولدى، خۇددى بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئوقيا ھۇنلارنىڭ ھەربىي قوراللىرىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك ھېسابلىناتتى. بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۇيغۇرچە «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى « turk- yocul- bodun » سۆزى رىۋايەتلەردىكى خەلقنى ئەمەس، بەلكى تارىختا ھەققىي مەۋجۇت بولغان خەلق _ ھۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ بۇ جەھەتتىن «مايترى سىمىت نوم دىتىگ» دىكىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتقان تەركىب _ تۈرك سۆزىدۇر. VIII - XI ئەسىرلەردىكى تۈركچە يازما يادىكارلىقلاردا «تۈرك» سۆزى كۆپلىگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۈۋەندىكىچە: 1) كۈچلۈك قۇدرەتلىك. 2) ئېگىز نوقتا، چۇققا. 3) خەلقنىڭ نامى. 4) ئۆلچەملىك، دىئالېكتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىلنىڭ نامى (مەسىلەن: سۆز بىرىكمىسى «تۈرك تىلى»). بۇ سۆز «بۈدۈن» بىلەن بىرىككەندە يۇقىرىقى ئۈچىنچى مەنىدىكى سۆزگە ئايلىنىدۇ ۋە قەدىمقى تۈرك مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە كەڭ قوللىنىلغان ھەمدە تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن «تۈرك» ئېتنونىمى بىلەن تەڭداش سېلىشتۇرما بولالايدۇ. «شۈنزەڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ ئۇيغۇرچىسى ئەسلى تېكىستتىكى ئاتالغۇ ۋە يەر ناملىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە توغرا تەرجىمە قىلىنغانلىقى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. شىنفۇ شەلى تۇتۇك تەرجىمىدە ئەسلى تەلەپپۇزىنى، شۇنداقلا ئەسلىدىكىنىلا تەرجىمىسى بار ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان نامىلارنىمۇ ناھايىتى جايىدا ۋە توغرا ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مەسىلەن: isixkolۋە tamirqapix قاتارلىقلار. ئالاھىدە سېمانتىكىلىق مەنىلەرنى ۋە ئۇقۇملارنى توغرا ئىپادىلەش مەقسىتىدە سىنقۇ ئەلى تۇتۇڭ يەنە نۇرغۇن جايلاردا ئىزاھلىق تەرجىمە ئۇسۇلىنى قوللانغان، مەسىلەن: «ئوقلار توختاۋسىز رەۋىشتە كېلىپ تۇرىدىغان» نى «ئوقلار ۋىژىلدايدىغان» دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇمۇ تەرجىماننىڭ ھۇنلارنىڭ تورمۇش ئادىتىدىن ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئارخېئولۇگيىلىك تەتقىقاتلار ئىسپاتلىغاندەك، ھۇن ھۆكۈمرانى باتۇر ئىجاد قىلغان «دۈشمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ» سالغۇچى ئوقيا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېتىلغاندا قاتتىق ۋىژىلداپ ئۇچىدىغان ئوقلىرى ھەقىقەتەنمۇ سۈڭەكنى تېشىپ ئۆتەلەيتتى. ئۇمۇمەن، ئۇيغۇرچە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى نۇرغۇنلىغان مىساللار تەرجىماننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىغا چېتىلىدىغان كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن بەكمۇ تۇنۇشلۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلماقتا. مەسىلەن: تېكىستتىكى مەلۇم بىر بۆلەكتە شۈەنزاڭنىڭ زاماندىشى بولغان تاڭ ئىمپېراتورىنىڭ «شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ياشىغۇچى» كۆچمەن خەلقلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرى ۋە ئاخىرىقى جەڭ ئارقىلىق سان- ساناقسىز ئەسىرلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلار ئەسلى خەنزۇچە تېكىستتە «شەنيۈ (تەڭرىقۇت-ت) نىڭ قەۋمى ۋە ئاتلىق مەرگەنلەر» دەپ بېرىلگەن، ئەمما سىنقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ، «قىرغىزلار ۋە ئاتلىق مەرگەنلەر» دەپ تەرجىمە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقنىڭ نامى كونكرېت ئىپادىلەپ بېرىلگەن. يەنە ئاشۇ قۇرلاردىكى ئەسىرلەر ھەققىدىكى بايانلارغا «خۇددى ياقۇتتەك پاك- پاكىز» سۆزى قوشۇمچە قىلىنغان ۋە «تىنچ ئاھالىنى ھەيدەپ چىقاردى» دېگەننى ئەسكەرتىشىنى زۆرۈر، دەپ قارىغان. ئەسلى تېكىستكە قىلىنغان بۇ قوشۇمچە بايانلار ئاپتۇرنىڭ ئاشۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى پاكىتلار بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئاشۇ تەڭسىز مۇناسىۋەتلەردىنمۇ ياخشى خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا. دېمەك، سىنقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ئومۇمىي تەرجىمە ئوسلۇبىدىن قارىغاندا، تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان turk-yocul- bodun بىرىكمىسى ئارقىلىق «شيۇڭنۇ» (ھۇن) ئىبارىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئاساسى بارلىقىغا گۇمان قىلغۇدەك ھېچقانداق ئۇرۇن قالمايدۇ. مەزكۇر سۆز بىرىكمىسىدىكى سۆز مەنىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ تۇرغۇچى «yocul» دېگەن سۆز «تۈرك» دەپ ئاتىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.كونكرېتلاشتۇرغۇچى ئىبارە «yocul» نى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئاشۇ بىر بۆلەك ئېتنىك گۇرۇپپا بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا، بۇ سۆزنىڭ «كۆچمەنلەر» چوڭ ئائىلىسىدىكى بىر ۋەكىلنىڭ نامى سۈپىتىدە كەلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. «yocul» سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى بۇ خىل يەكۈن بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى ھەققىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرىدۇ. شەكلىدىن قارىغاندا، «yocul» سۆزى تۈر جەھەتتىن ئارقا قوشۇمچە «1-» نىڭ ياردىمى بىلەن ياسالغان ئىسىم بولۇشى مۇمكىن. قەدىمكى تۈركىي تىللاردا ئېنىقلىغۇچى yocul دىن ھاسىل بولغان پېئىل يىلتىزى (u) yoc نىڭ مەۋجۇتلۇقى ھازىرقى زامان قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىدا پېئىل يىلتىزى jos («چوڭ كۆلەملىك يۆتكىلىش»؛ josu يەنى «چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش» - قازاقچە -رۇسچە لۇغەت»، 1954- يىل، 178- بەت) بىلەن پېئىل يىلتىزى jos («ئاقماق، يۆتكەلمەك» ك.ك. يۇداخىن «قىرغىزچە- رۇسچە لۇغەت»، مۇسكۋا، 1965- يىل، 263-بەت) قاتارلىقلارنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «چوڭ كۆلەملىك يۆتكىلىش، چوڭ كۆچۈش، كۆچمەنلىك» قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈدىغان يىلتىزىدىن ياسالغان بۇ ئېنقلىغۇچى ھەقىقەتەنمۇ «يۆتكىلىدىغان، كۆچىدىغان، كۆچمەن ھايات كەچۈرىدىغان» دېگەندەك مەنىگە ئىگە ئىدى. تۈركىي تىللارنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش جەريانىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا jos- jos- yoc تەك ئۆزگىرىش جەريانى قانۇنىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئەھۋال ئىككى باسقۇچلۇق ئۆزگىرىش جەريانىغا ئىگە بولغان. يەنى 1) c (ئۇيغۇرچە) 2)s (قىپچاقچە) s (قازاقچە). شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرچە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىن بىزگە مەلۇم بولغان يۇقىرىقى ئاشۇ نامنىڭ ھۇنلار نامىنىڭ قەدىمكى تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىدىكى ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا ھۇنلارنىڭ بىۋاستە ھالدا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالىدۇق.
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرچىلىكىدىن
|
|
|