|
|
يېڭى دەرس ئۇقۇتۇشى جەريانىدا سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قانداق ئۆتۈش كېرەك |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-13 ئاۋاتلىقى:3395 |
|
|
|
تۇردى توختى
سىنىپ يىغىنى دەرسى ،ئەنئەنىۋى مائارىپ،ئىنتىھان مائارىپى دەۋرىدە ئاساسەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر ھەپتىلىك مەكتەپتىكى يۈرۈش-تۈرۈشىگە،باھا بىرىپ ئۇقۇغۇچىلارنى ماختايدىغان ياكى تەنقىت قىلىدىغان ،ئىنتىزامچانلىقنى تەكىتلەيدىغان خۇلاسە خارەكتىرلىك دەرس بۇلۇپ، ئۇ مۇتلەق، ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئارزۇسى بۇيۇچە ئۆتۈلۇپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىنمايتتى.ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلۇپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدا تۇتقان ئورنىدا ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولغاندىن كىيىن سىنىپ يىغىنىنى يۇقارقىدەك ئۇسۇلدا ئېچىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي ،ئەكسىنىچە ئۇقۇغۇچىلاردا غۇرۇرى دەپسەندە بۇلىۋاتقاندە ك تۇيغۇ پەيدا بۇلۇپ ،يامان كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈردى. ماھىيەتتە سىنىپ يىغىنى دەرسى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىداللىغىنى بايقاپ ،ئۇلارنىڭ ئىنۋىرسال ساپاسىنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن ،ئۇقۇغۇچىنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن قانداق تەربىلەش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇلىدىغان بايقاش تىپىدىكى دەرستۇر.مەن بۇ يەردە سىنىپ ئىنتىزامىدىن ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن خۇلاسسە چىقارمىسىمۇ بۇلۇدۇ دىمەكچى ئەمەسمەن-ئەلۋەتتە . ئۇنداق بۇلسا دەرس ئىسلاھاتى شارائىتىدا سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ يىغىنى دەرسىنى قانداق ئۆتۈشى كېرەك؟مەن تۈۋەندە كەڭ كەسىپداشلار بىلەن تۈۋەندىكى نوختىلاردا ئورتاقلاشماقچىمەن. 1. كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى سىنىپ يىغىن دەرسى-بۇ دەرس سەنئەت پالىيىتى ئۇسۇلىدا ئۆتەلسە ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەۋى پالىيىتى تېخىمۇ چوڭ بۇلۇدۇ.چۈنكى بۇ خىلدىكى دەرس گۈزەللىك نوختىسىدىن چىقىپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.بۇ خىلدىكى دەرسنى ئۆتكەندە ئۇقۇتقۇچى ماھىرلىق بىلەن ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ سىنىپتىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئىتوتت شەكىلدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇرۇنلاتقۇزۇش ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئىتىپاقلىق ،ئەخلاق تەكىتلەنگەن ناخشا ئېيتىش پالىيەتلىرنى تەشكىلەپ ئۇقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە بىرىشى كېرەك(ئەلۋەتتە سىنىپتا ناخشا-ئۇسۇلغا قىزىقىدىغان ساۋاقداشلار بار.شۇنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىڭ)بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئۇقۇغۇچىلاردىكى سىنىپ يىغىنىدىن قورقۇش،زىرىكىش،قېچىشدەك ئەھۋاللىرنى تۈگەتكىلى بۇلۇپلا قالماي ئۇقۇغۇچىلاردا گۈزەللىكنى يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن زوقلۇنۇش ئېڭىنى يىتىلدۈرگىلى بۇلۇدۇ. 2. سىردىشىش تىپىدىكى سىنىپ يىغىنى دەرسى-بۇ دەرسنىڭ مۇھىم نوختىسى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ ،ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ھال- مۇڭ بۇلۇشتا بۇلۇپ،ئۇنداق بولمىغاندا بۇ دەرسنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ.بۇ دەرسنى تەشكىللەشتە ئۇقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەندىن كىيىن قاتتىق ئىنتىزامنى تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا ئۇقۇغۇچىلارنى ئىختىيارى ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئۇقۇتقۇچى ئۈزىمۇ ئىختىيارى ئولتۇرۇپ(ئۈزى ئەڭ مۇۋاىق دەپ قارىغان ئورۇندا)ئۇقۇغۇچىلارغا سىنىپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۆڭۈل ئازادىلىگى بىلەن پىكىر بايان قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بىرىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىشقا يىتەكلەش لازىم.بۇ جەرياندىكى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى مۇناسىۋىتى خۇددى ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتىلىرى،قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاش بۇلىشى ھەرگىزمۇ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچى ئارىسىدا ھېيىقىش بولماسلىغى كېرەك.ئۇقۇغۇچىلار مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىكىرگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ماھىرلىق بىلەن خۇلاسە چىقىرىشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندا ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سىنىپ كوللىكتىۋى ئىچىدىكى رۇلىنى تۇلۇق تۇنۇپ يىتىپ ،ياخشى-يامانغا بولغان تۇنىشىنى تېىخمۇ ئۆستىرەلەيدۇ. 3. ئەمىليەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش تىپىدىكى سىنىپ يىغىنى-(بۇنىڭدا ئۇقۇتقۇچىلار مەكتىپ ھويلىسىدىكى تۈرلىك نەرسىلەر ۋە مەكتەپ ئەتراپىدىكى تەسىر قوزغايدىغا نەرسىلەرنى ئۇقۇغۇچىلاغا گۈزەتكۈزۈپ تەسرلەندۈرۈپ تەربىلەش ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ)ئۇقۇتقۇچى سىنىپ يىغىنى ئاچقاندا سىنىپنىڭ ئىچىدىلا يىغىن تەشكىللەيدىغان ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ،سىنىپنىڭ سىرتىغامۇ چىقىپ ئۇقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ھۆيلىسىدىكى دەل-دەرەخ،گۈل-گىيا،ئۇقۇتۇش ئەسلەھەلىرى(زامانىۋى)،قورغان تاملىرى،مەكتەپكە يېزىلغان ئۈگۈنۈش ۋە باشقا مەزمۇن يېزىلغان شۇئار،چاقىرىقلار قاتارلىقلارنى كۆزەتكۈزۈپ،ئۇقۇغۇچىلارنى بۇ تۈرلۈك نەرسىلەرگە بولغان كۆزقاراشلىرىنى ئوترىغا قويغۇزۇپ ،ئۇلارنىڭ رۇلى ،ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئۇقۇغۇچىغا خۇلاسسىلاتقۇزۇپ،ئۇقۇغۇچىلارغا «قارار چىقىرىش ھۇقۇقى»نى(تاللاش ھۇقۇقى)بەرگەندە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامچانلىغىنى تېخىمۇ قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزىگە ئىشىنىش ئىىدارىنى يىتىلدۇرۇشكە پايدىلىق. ئۇقۇتقۇچىلار يەنە مەكتەپ ئەتراپىدىكى تەربىيەۋى تەسىرى بار ئۇرۇنلار(ساقچىخانا،دوختۇرخانا،دىخانچىلىق مەيدانلىرى......)غا،ئۇقۇغۇچىلارنى ئېلىپ بېرىپ ،شەيئىلەرنى بايقاشقا ماھىر بۇلۇپ، ئۇقۇغۇچىلارنى ئەمىليەت پالىيەتىگە تەشكىللەپ،ئۇقۇغۇچىلاردا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن نىشان بەلگۈلەپ بىرىشكە ئاساس سېلىش بىلەن بىرگە ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىجدىمائى بىلىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساس سېلىش كېرەك. يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغاندا تەربىيەنىڭ تەسىرى چۇڭقۇر بۇلۇپ ،ئۈنىمى ياخشى بۇلۇدۇ.چۈنكى ھەرقانداق ئادام ئۈزى چىقارغان يەكۈندىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.ئۇقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق. 4. بايقىتىش تىپىدىكى سىنىپ يىغىنى-بۇ خىلدىكى سىنىپ يىغىنىنى ئاچقاندا ئۇقۇغۇچىلارنى بىر،ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى سىنىپتا،مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ،مەسىلىلەرنى بايقاشقا يىتەكلەپ ،ئۇقۇغۇچىلارغا شۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىشلار ئىكەنلىگىگە خۇلاسسە چىقارغۇزۇپ ،ئۇقۇغۇچىلانىڭ باھاسى ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلەش مەخسىتىگە يىتىش ئۈچۈن تىرشىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا تەربىيەنىڭ ئۈنىمىنى يەنىمۇ ئۆستەرگىلى بۇلۇدۇ.چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا بارلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتىكى دىمۇگىراتتىك ھۇقۇقى جارى قىلدۇرۇلۇدۇ. قىسقىسى ئۇقۇتقۇچىلار دەرس ئىسلاھاتى جەريانىدا ئىجدىمائى بىلىملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بىرىپ ،تەربىيەنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ،تۈرلۈك تەربىيەلەرنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.سىنىپ يىغىن دەرسىمۇ شۇ تۈرلۈك تەربىيەلەر ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەربىيە دەرسى بولغانلىغى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى دەرسنىڭ رەڭدارلىغىنى ئاشۇرۇپ ،ئۇقۇغۇچىلانىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا دەرسىنىڭ ئۈنىمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.
|
|
|