ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە يەنە ئۆزبېك ، قازاق ، قىرغىز ، تاتار ، سالا ، نوغاي ، تۈرمەن ، تۈرك ، ئەزەربەيجان ، باشقىرت ، قارا قالپاق ، قۇمىق، تۇخار ، خاكاس ، چۇۋاش ، ياقۇت ، قارايىم ، .............................. قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرى كىرىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىلدۇر ، بۇ تىل ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى تەرەققى قىلىپ ، مۇكەممەلىشىپ ، بېيىپ كەلدى . جۈملىدىن دۇنيادىكى باي تىللارنىڭ قاتارىدا پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولدى . ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادى 8 - ئەسىرلەردىن باشلاپ ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق ئەدىبى تىلغا ئايلانغانلىقى ۋە 14 - ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي ئەدىبى تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى ، 14 - ئەسىردىن باشلاپ ' چاغاتاي تىلى ' دېگەن نام بىلەن تاكى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر شەرقىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەدىبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى ھەممىگە ئايان پاكىتتۇر .
ئۇيغۇرلار تارىخىدا كۆپ قوللىنىدىغان ئۈچ خىل يېزىق --- تۈرك رونىك يېزىغى ( ئورخون - يېنسەي يېزىغى ) ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىغى ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز :
1. تۈرك - رونىك يېزىغى (ياكى ئورخون - يېنسەي يېزىغى)
بۇ يېزىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) مىلادى 7 - 9 - ئەسىرلەردە قوللانغان يېزىغىدۇر . ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسسۇسىيەتلىرى ئاساسەن ئورخون - يېنسەي يادىكارلىقلىرىدا كۆرۈلىدۇ . بۇ يېزىق شەكىل جەھەتتىن نېمىسلار قوللانغان رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقارادىكى شەرقشۇناس ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار كۆپىنچە بۇ يېزىقنى ' تۈرك - رونىك يېزىغى ' دەپ ئاتىدى . يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يېزىق بىلەن خاتىرلەنگەن يازما يادىكارلىقلار ، 'مەڭگۈ تاش ' تېكىستلىرىنىڭ ھەممىسى مۇڭغۇلىيىنىڭ ئورخون دەرياسى بويىدىن ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىغى ئۈچۈن ، ئۇ ' ئورخون - يېنسەي يېزىغى 'دەپمۇ ئاتالدى .
2 . قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى
تارىخ 9 - ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىغا قەدەم قويغاندا ، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر خەلقى ' ئورخون - يېنسەي يېزىغى' دىن ' قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ' غا كۆچۈپ ، ئۇنى خېلى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلىدى .
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىغا كۆچكەنلىكى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ئىدى . بۇ يېزىق شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسسۇسىيەتلىرىگە بىرقەدەر ئۇيغۇنلاشقان يېزىق بولۇپ ، ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدىبىي تىلىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە' تۈرك - رونىك يېزىغى' غا قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغىنى ئۈچۈن ، شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا قوللىنىپ قالماستىن ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان باشقا خەلقلەر ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ خېلى بىر زامانغىچە كەڭ قوللىنىلغان ئىدى .
3 . ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىغى
10 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغاندىن كېيىن ، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر كۈچى ئارقىلىق ئۇزاق ئۆتمەي ئەرەب يېزىغىنى قوبۇل قىلدى . بۇنىڭ بىلەن قەدىقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ئەمەلدىن قېلىشقا يۈزلەندى . 10 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەرەب يېزىغى پۈتكۈل قاراخانىيلار تېررىتورىيىسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقا باشلاپ ، 15 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈستۈن ئورنىنى تەلتۆكۈس ئىگەللەپ ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن بىردىن - بىر يېزىققا ئايلاندى .