|
|
ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا |
يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:2491 |
|
|
|
يېزىقشۇناسلىق ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن ئېيتقاندا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان پەن . شۇڭا ، خەلقئارادا يېزىقشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس . ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقىغا كەلسەك ، بۇ تېخىمۇ ئېچىلمىغان بىر ساھە ، ئۇيغۇرلار تارىختا ئىلگىرى _ ئاخىر بىر قانچە خىل يېزىقنى قوللىنىپ ، كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك ھەم مول مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرغان . بۇ مىراسلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنڭمۇ بىر تەركىبىي قىسمى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر يېزىقشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلىش مۇھىم نەزەرىيىۋى قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، يەنە زور رېئال ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە . بىرىنچى ، بۇ ، ئۇيغۇر يېزىقى تارىخىدىكى تەجرىبە _ ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرىنى تونۇشتا ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنى بەلگىلەش ، ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە بىۋاستە تەسىر كۆرستىش رولىنى ئوينايدۇ . تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتى يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ . يېزىقنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ فونېتىكا ، سېمانتىكا ھەم گرامماتىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ، شۇنىڭدەك ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېزىقنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكى قەيەردە ؟ يېزىق سىستېمىسىنى قانداق ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك ؟ يېزىقنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى مەخسۇس ۋە ئىنچىكە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە توغرا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يېزىقشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىپ ، مول تارىخىي تەجرىبە _ ساۋاقلار ئارقىلىق تونۇشىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك . ئىككىنچى ، يېزىقشۇناسلىقنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش دەۋرنىڭ تەلىپى ، ھازىرقى دەۋر ئېلېكترونلۇق مېڭە دەۋرى . ئېلېكترون كومپىيۇتېر زامانىۋىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق مەدەنىيەت ساھەسىگىچە ئومۇملاشتى . ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى بولسا زور ھەجىمدىكى تىل _ يېزىقنى ۋاسىتە قىلىدۇ . ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى قەغەز ئىشلەش تېخنىكىسى . مەنبەئە تېخنىكىسى ۋە خەت بېسىش ماشىنكىسىنى كېيىنكى تۆتىنچى قېتىملىق بۈيۈك مەدەنىيەت ۋاستىسى ئىنقىلابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئېلىكترون كومپىيۇتېر ئەتراپلىق تەرەققىي تاپقان ئېلىكترونلۇق مېڭىگە ئايلاندى ، ئۇ سان _ سېفىر ۋە تەڭلىمىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىپلا قالماستىن ، يېزىق ۋە تىلنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېخىمۇ كۆپرەك قوللىنىلماقتا ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتتا كېيىنكىسىنىىڭ سالمىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارىدۇ . يېقىندا ، مىكرو بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى ئاساسىدا ، يېڭى ۋە ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بىر تۈرلۈك « سۆزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى » مۇ بارلىققا كەلدى . بۇ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئۇزارتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، ئۇ ئېلىپبەلىك خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ ، زامانىۋى يېزىق قورالىغا ئايلىنىدۇ . ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئاۋازلىق تىل _ يېزىق خاتىرىسى ۋە ھېسابلاش تىلىنى تەتقىق قىلىشى ، تەھلىل قىلىشى ، رەتلىشى ۋە قوللىنىلىشنى زور دەرىجىدە ئاساسلاشتۇرىدۇ . ئېلىكترون كومپيۇتېر كىشىلەرنىڭ لۇغەت تۈزۈشىگە ، تەھرىرلىك ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ . كومپيۇتېر يەنە فىلولوگراملارنىڭ قەدىمكى گرېتسىيىنىڭ سىزىقلىق يېزىقى بىلەن ماييا تەسۋىرىي يېزىقىنىڭ سىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممسى تىلشۇناسلىق ۋە يېزىقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ بۇتەرەققىياتلارغا يېتىشىپ مېڭىشىنى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا . ھازىر ئېلېكترون كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇيغۇر تىل _ يېزىقىدىكى ئۇزۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشى خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . لېكىن ، بۇ پەقەتلا باشلىنىش ، تىل _ يېزىق تەتقىقاتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ . بۇ ساھەنىڭ ئىستىقبالى كەڭ . ئۈچىنچى ، بىر مىللەتنىڭ يېزىقى ھامان شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخنىڭ بىرقىسمى ، يېزىقنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمىشە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەدەنىيەت ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يىغىندىسى ، يېزىقنىڭ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان تەسىر ناھايىتى روشەن بولىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، كىشىلەرنىڭ يېزىقنى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس . مەدەنىيەت تارىخي ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ قىسمى يازما خاتېرىلەردە ئىپادىلىنىدۇ . ئۇيغۇر مىللىتى تارىختا نۇرغۇن مىللەت ۋە دىن بىلەن ئۇچراشقان ، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى تۇرغان گەپ ، شۇنداق ئىكەن ، يېزىقتا چوقۇم ئۇنىڭ ئىزناسى قالىدۇ . ئۇيغۇرلارمىلادىنىڭ 6 _ 10 _ ئەسىرلىرىگىچە تاشقى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، تۈرك _ رۇنىك يېزىقىنى قوللانغان؛ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بىر مەزگىل مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ، شۇڭا قېزىۋېلىنغان يازما ھۆججەتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مانى يېزىقىدا خاتىرىلەنگەن ، مىلادى 840 _ يىلى ، غەربكە كۆچۈشنىڭ ئالدى _ كەينىدە ، ئۆزىنىڭ تىلىنى سوغدى يېزىقىدا خاتىرىلىگەن ، كېيىنكى چاغلاردا كەڭ قوللانغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئەنە شۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان . مىلادى 10 _ ئەسىردە ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغاندىن كېيىن ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئەرەب يېزىقى ئېلىپبەسى بىلەن خاتىرىلەشكە باشلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ئىسلام مەدەنىيتى تىل _ يېزىق قاتارلىق يوللار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپلەپ كىرىشكە باشلىدى . ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قوللانغان ھەمدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى يېزىقتىكى يازما ھۆججەتلىرى ئۇيغۇر مللىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخي دەۋرلەردىكى سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇشىمىزدىكى كۆزنەك ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن تۈپ شەرت . تۆتىنچى ، ئۇيغۇر يېزىق تارىخنىڭ مەزمۇنى مول ، تارىخى ئۇزاق .ئۇ پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر تەركبىي قىسمى . تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ، بولۇپمۇ تىل ۋە يېزىق جەھەتتە ، ئۇيغۇر يېزىق تارىخى بىلەن تونۇشۇش مىللەتنىڭ ئىززەت _ھۆرمىتىنى ئۆستۈرۈشكە ، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ، ئۆز مىللىتى مەدەنىيتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە .
|
|
|