تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونىدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش تۇنجى كەسپىي بازىسى --- "بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كوچىسى" مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش باغچىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى.
"بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كوچىسى"_ مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش باغچىسى--- سابىق شىنجاڭ بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ تەربىيە بىناسىنى مەركەز قىلىپ، بىكار ئىشخانا ۋە زاۋۇت بىناسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قۇرۇلغان ئىجادىي ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش، مەھسۇلاتلارنى سېتىش، كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى قويۇش، يىمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان كۆپ ئىقتىدارلىق
كەسىپىي باغچا. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن زىيۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: "بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كوچىسى"_ مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش باغچىسى--- مەدەنىيەت، ئىقتىساد كاتېگورىيىسىگە تەۋە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر جاي، بىر شەھەرنىڭ تەسىر كۈچىنى، شۇنداقلا بىر رايون ۋە شەھەرنىڭ كەلگۈسىنى نامايەن قىلىدۇ، گەرچە "بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كوچىسى"_ مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش باغچىسى ئەمدىلا قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەلگۈسى مەدەنىيەت خەرىتىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

تۈنۈگۈندىن 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، "بىرىنچى ئىيول پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى كوچىسى"_ مەدەنىيەتتە ئىجادىي تەپەككۇر قىلىش باغچىسىدا بېيجىڭ 798 مەدەنىيەت - سەنئەت مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بۇ ئەسەرلەر ئەينەك پولات ھەيكەلتاراشلىقى، كوكس ئويمىچىلىقى، بەدىئىي سەرەڭگە، جىڭجۈ تىياتىرى سەنئىتى يۈز گىرىمى، بەدىئىي ھەرىكەت سۈرەتلىرى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭدىن كەلگەن داڭلىق
سەنئەتكار جاۋ بەندى مۇنداق دېدى: بۇ باغچا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى يېراق غەربىي رايوندا بۇنداق سەنئەتچىلەر ئائىلىسىنى قۇرۇپ، ئىجادىيەت توغرىسىدا توختىلىش مېنىڭچە ئاسان ئەمەس، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، بۇ ماكاندا ئىجادىيەت تولۇپ تاشىدۇ، بۇ تۇپراقتا بۇ يەرگە مەنسۇپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى رۇياپقا چىقىرىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن زىيۇڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت نازارىتى مەدەنىيەت كەسپى پىلانىنى تۈزۈپ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت كەسپىگە ئالاقىدار بەزى سىياسەتلەرنى، جۈملىدىن ئىقتىسادتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى رەتلەۋاتىمىز؛ پەقەت يۇقىرى - تۆۋەن بىر نىيەتتە تىرىشساق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەتكە مەبلەغ سالغۇچىلار بىرلىكتە بۇ ئىشنى ئىلگىرى سۈرسەك، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسپى زور ئۈمىدكە تولىدۇ.