|
|
نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە خاس مېتال بويوملار |
يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:3836 |
|
|
|
(ئالتاي چېگرا رايونى) ۋ. ئا. موگىلىنكوۋ، ئە. م. مېدىنكوۋا (سوۋېت ئىتتىپاقى) تەرجىمە قىلغۇچى: توختى تۇراخۇن تەرجىمە تەھرىرى: ياسىن ئەيسا
بارنۇل شەھىرى ئالتاي چېگرا رايونىدىكى يەرلىك مۇزېيىدا 1972- يىلى ئوب دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىغا جايلاشقان ئالتاي چېگرا رايونى پېتوپاۋلوۋىسكىي ئوبلاستى نوۋائابىنكا مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ۋەيران قىلىۋەتكەن قەبرىلەردىن تېپىلغان مەدەبىيەت يادىكارلىقلىرى (كاتالوگ نومۇرى) 15093) ساقلانماقتا. بۇ يادىكارلىقلار ئىچىدە بىر دانە بېشى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، بىخسىمان چاقماقلىق ئۇزۇن تۆمۈر قىلىچ 11 دانە بىېونزىدىن قويۇلغان بىگزىسىمان ئوقيا ئۇچى، ئىككى دانە كەمەر ئىلغۇچى (بىرى تۆمۈردىن، يەنە بىرى بىرونزىدىن ياسالغان بىر دانە «Γ» شەكىللىك قوش تۆشۈكلۈك ئات ئېۈىزدۇرقى دەستىسىگە ھالقا قويۇلغان بىر دانە بىرونزا پىچاق، تۆمۈردە ياسالغان سۇنۇق زىننەت بويۇملىرى (ئېھتىمال پىچاق غىلىپىنىڭ بولسا كېرەك) ۋە تۆمۈر نەيچە قاتارلىقلار بار. بۇ بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تېپىلىشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار: بىرىنچىدىن، ئۇلار ئالتاي چېگرا رايونىدىكى بىر جايدىن (ئوب دەرياسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغ ئالدى رايونى) كەلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ جايدا بۇرۇن ئومۇمەن ھېچقانداق ئارخېئولوگيىلىك تەتقىتاتلار ئېلىپ بېرىلمىغان؛ ئىككىنچىدىن، تەتقىق قىلىنغان يادىكارلىقلار ئومۇمەن تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە خاس ئىكەن. ۋەھالەنكى، ئالتاي رايونى تەتقىقاتىدىكى ئاجىز ھالقا ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىپىك بۇيۇملاردىن تەخمىنەن مىلادىدىن مىڭ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرا دەۋېنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن باسقۇچلىرىدا ئالتاي تېغىدا ياشىغان قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەشكە بولىدۇ. بۇ بۇيۇملار نوۋا ئابىنكا مەھەللىسىگە يېقىن بىر قەبرىدىن چىققان بولۇپ، ئۇلار بىللە تېپىلغاچقا بىر گۇرۇپپا بۇيۇملار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇيۇملارنىڭ تەركىبىگە قاراپمۇ ئۇلارنى بىردەك، دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. بىر دانە تۆمۈردىن ياسالغان قىلىچ بولۇپ، بېشى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، بىخسىمان چاقماقلىق. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1.06 مېتىر، قېلىچلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 91.5 سانتىمېتىر بىسىنىڭ كەڭلىكى تۆت سانتىمېتىر، قىلىچىنىڭ ئىككى بىسى چاقماقتىن تۆۋەنگە قاراپ ئۆز ئارا پاراللېل كەتكەن، تىغىنىڭ قىسمىدىن باشلاپ بارا- بارا تارلىشىپ بارىدۇ. قىلىچ قەبرىدە ئېگىلىپ ئەگرى- بۈگرى ھالەتكە كەلگەن. روشەنكى، بۇ ھال ئەينى چاغدىكى دەپنە يۇسۇنىغا ماس كېلىدۇ. ساپاقنىڭ كەڭلىكى 2.5 سانتىمېتىر، چاقماقنىڭ كەڭلىكى 7.6 سانتىمېتر، ئېگىزلىكى 2.3 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 6.6 سانتىمر كېلىدۇ؛ باشنىڭ كەڭلىكى 5.5 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 2.3 سانتىمىتر قېلىنلىقى 1.8 سانتىمېتر كېلىدۇ؛ ساپاق بىلەن چاقماقنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاشلا 8.11 مىللىمېتر كېلىدۇ. قىلىچنىڭ كەسمە يۈزى زەيتۇن دەرىخى شەكىللىك بولۇپ، چاقماق بىلەن تاش ئارىلىقىدىكى ساپاقنىڭ كەسمە يۈزى ئۈچ قۇرلۇق مارجان شەكلىدە. ئۇزۇنچاق سىزىق شىكىللىك بۇ قىلىچىنىڭ چاقماق ئۇچى يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، كەسمە يۈزى ئىللىپىس شەكىللىك، ساپاق بىلەن چاقماققا ئولتۇن مەشۇت تارتىلغانلىقىنىڭ ئىزى بار. مۇنداق قىلىچ ئالتايدىن تۇنجى قېتىم تېپىلغان. ئورال دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇزۇلۇق شەھىرى لىيۇبىمۇۋ مەھەللىسىنىڭ لاپاسنادىكى بىر قەبرىدىن بۇ دانە قىلىچ تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىنى ك.ف. سىمىرنوۋ مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرگە تەئەللۇق دەپ قارىدى. ئۇنىڭ تەسرىتى بۇ قىلىچقا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئەمما بىزنىڭ بىلىشىمىز، لاپاسنادىكى قىلىچ خېلىلا قىسقا، ئۇنىڭ چاقماقلىرىمۇ بىر قەدەر پەس، ساپاقلىرىدا « 凿شەكىللىك ئىككى قىرى بار. بەلكى ئالتۇن بىزەك بېكىتىلمىگەن. شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۆمۈر قوراللارغا ئالتۇن بىزەك بېرىش ئۇسلۇبى ئالتاي يايلاقلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ غەربىي قىسىم ئوتتۇرا قىىسم قازاقىستاندىكى مولنىسىك مەدەنىيەت قەبىلىلىرى ساقلاپ قالغان شەكىللەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئومۇمەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى VIIۋەVI ئەسىرلەرگە تەئەللۇق. ئوقيا ئۇچىنىڭ ھەممىسى بىرونزدىن قويۇپ ياسالغان بولۇ، سان بېكىتىش تۆشۈكى بار، ئۆتكۈر- ئۇچلۇق. ئۇنىڭ ياسىلىش شەكلىگە ئاساسەن تۆت تىپقا بۆلۈش مۇمكىن: ئىككى دانىسى ئۈچ قىرلىق يۇپۇرماق شەكىللىك، تۇتقۇچى بار، قاناتلىق، يوپۇرماق شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئوق ئۇچى ساۋروماتىسكىيلارنىڭ ئىچىدىمۇ بار، ئۇلارنىڭ دەۋى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VIۋەV ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ (ك.ف. سىمىرنوۋنىڭ ئايرىشى بويىچە ئو بىرىنچى تىپقا مەنسۇپ). ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى دانىسىمۇ يۇپۇرماق شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقى قاناتنى بويلاپ تۆۋەنگە يانتۇ كەتكەن، ئۇ، ئۇچلۇق شەكىللىك، ساپىقىدا تۆشۈكچىسى بار ئوق ئۇچى شەكلىگە مەنسۇپ (ك.ف. سمىرنوۋ بۇنى A4 تىپلىق دەپ ئايرىغان)، ئۇنىڭ دەۋرىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكىVI ئەسىرگە خاس. شەكلىگە قاراپ شوخىلىدىكى ئون ئۇچى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىتاتقا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرىگە مەنسۇپتەك قىلدۇ. ئۈچ قىرلىق ئۇچى ئىككى دانە، ئۇنىڭ تۇتقۇچى بار، بېگىزدەك ئۇچلۇق. ك.ف. سىمىرنوۋ ئايرىغان 5A تىپلىق ئوق ئۇچىغا ئوخشايدۇ. دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكىVI ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى خىل ئوق ئۇچى مىلادىدىن ئىلگىرىدىكى ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى IVئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى V ئەسىرگىچە بولغان ساكلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە مەنسۇپ ئىزلىرىدا ۋە تاگارلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكىV، IV ئەسىرلەرگە خاس ئىزلىرىدىن تېپىلغانلىرىمۇ تىپىك بۇيۇملار ھېسابلىنىدۇ. ئالتە دانە تۇتقۇچى يوق، ساپ بېكىتىدىغان تۆشۈكى بار ئۈچ قىرلىق بىرونزىدىن ياسالغان ئوق ئۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ قىرلىرى ئارقىسىغا ئەگدۈرۈلۈپ تەتۈر سانجىغۇچ قىلىنغان. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئون ئۇچى ئورال دەرياسى ۋادىسىكى مىلادىن ئىلگىرىكى V،VI ئەسىرلەرگە خاس بولغان ساۋروماتوۋلار ئارىسدىمۇ بولغان (ك.ف. سىمىرنوۋنىڭ ئايرىشىچە بۇ تىپ 14- تىپقا خاس ئىكەن)، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇلارنىڭ قازاقىستاندا ياشىغان ساكلار، مىلادىدىن بۇرۇنقى V،IVI ئەسىرلەردىكى تۇۋالا ۋە ئالتايلىقلار ئارىسىدىمۇ بولغانلىقى بايقالغان. يۇقىرىدا مىسال قىلىنغان توق ئۇچى گەرچە مىلادىدىن ئىلگىرىدىكى IVI ئەسىرگە خاس ئىزلاردا بايقالغان بولسىمۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى V ئەسىرگە خاس ئىزلاردىمۇ ئۇچىتىپ. ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇ ھال يۇقىرىقى بىر- بىرىگە ئوخشىدىغان ئون ئۇچلىرىنىڭ ئەو ئومۇملاشقان دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VIئەسىرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدو. تۆت قىرلىق، تۆشۈكى بار ئوق ئۇچى بىر دانە. تۇتقۇچى يوق، ئۇزۇن تەتۇر سانچىغۇچلۇق. ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقىV،VI ئەسىرلەرگە مەنسۇپلىرى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ. بىلىشىمىزچە، مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئوق ئۇچى مىلادىدىن ئىلگىرىكى V،VI ئەسىرلەردىكى ساۋروماتوۋلار رايونى ، يەتتە سڭ ۋادىسى ۋە ئارال دېڭىزى ئەتراپىدىكى ساكلار ياشىغان رايونلاردىن تېپىلغان، شۇنداقلا مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI، IVI ئەسىرلەردىكى تۇۋالار ۋە پورسبىپولىلار ياشىغان جايلاردىنمۇ تېپىلغان. بۇيۇملارنىڭ ئوخشاشلىقىدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى ، تەتقىق قىلىنغان ئوق ئوچلىرى مىلدىدىن ئىلگىرىكى VIئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى V ئەسىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە خاس يادىكارلىقلاردىن ئىبارەت. نوۋا ئابىنكا مەھەللىسىدە يېغىۋېلىنغان يادىكارلىق ئىچىدە ئىككى دانە كەمەر ئېلغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى بىرونزىدىن، يەنە بىرى تۆمۈردىن ياسالغان. ئۇنىڭ ئىىدىك بىرى ئېھتىال ئوقدان ئىلغۇچى، يەنە بىرى بىر كەمەر ئىلغۇچى بولسا كېرەك، كەمەر ئىلغۇچى چوكا تۆمۈردىن يازغانلاپ ياسالغان، ئاياغ تەرىپى ياپىلاق، ھاقلىسىمان توپچىسى بار، قىسمەن بۇزۇلغان، ئوخشاش زاماننىڭ ئوخشاش خىلدىكى كەمەر ئىلغۇچى ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى پايانسىز يايلاقلارغا تارقالغان بولۇپ، ئۇ، ساۋروماتوۋلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە. يەنە بىر دانە كەمەر ئىلغۇچى بىرونزىدىن قويۇپ ياسالغان بولۇپ، كەمەرگە مۇقىملاشتۇرۇلغان تۆشۈكچىلىرى بار ھەم ھايۋانات نۇسخىلىرى بىلەن زىننەتلەنگەن. كەمەر ئىلغۇچنىڭ ئاخىرىغا ئات بېشىنىڭ سۈرىتى، ئوتتۇرا قىسمىغا ئۇزۇن قۇلايلىق بىر ھايۋاننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ئۇنىڭ تولىسى توشقان بولسا كېرەك، لېكىن ئۇ شۇنداقلا ئۆچكە ياكى ئاق قويرۇق بولۇشىمۇ مۇمكىن. كەمەر ئىلغۇچىنىڭ ئىلگىكى قۇشلارنىڭ تۇمۇشقىغا ئوخشىتىپ، قىلىپ بىلەن قۇيۇپ ياسالغان، ئۇ شۇنداقلا ئاتايىن مۇبالىغە قىلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە. بۇ ئىلغۇچ ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە، گەرچە بىرونزىدىن ياسالغان كەمەر ئىغۇچلىرى مىلدىدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ساياننو- ئالتاي يادىكارلىقلىرى ئىچىدە، كاما دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاننىسىك مەدەنىيەت ئىچىدە، دۇن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بەزى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشلا ھايۋانات شەكىللىك زىننەت بېرىلگەن كەمەر ئىلغۇچى بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بىر- بىرىگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغا كەمەر ئىلغۇچنىڭ ئوخشاشلىقى بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلاردا شەكىل ۋە زىننەتلەش جەھەتلەردىن بەزى پەرقلەر بار. بۇ ھالەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇ ئېھتىمال ئالتاي تاغلىق رايونىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن. بۇ تامامەن مۇمكىن. چۈنكى ئات بېشى، توشقان ۋە قارچىغۇغا قورغۇي تۆرىگە كېدىغان ھايۋاناتلار كەمەر ئىلغۇچلىرىنىڭ بېزەكلىرىگە تېما قىلىنغان. بۇ ئالتاي قەبىلىلىرى سەنئىتىگە مەنسۇپ بولغان پازېرېكا ۋە تۇئېكتىنسكا شەكللىردىن ئىبارەت. بوۋائابىنكىدىن تېپىلغان بۇيۇملار گۇرۇپپىسىدا ئات-ئۇلاق جابدۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىسى بىرونزىدىن قوتۇپ ياسالغان ئات ئېغىزدۇرۇقى، بىرسى تۆمۈردىن ياسالغان «Γ» شەكىللىك ئات ئېغىزدۇرۇقدىن ئىبارەت. ئات ئېغىزدۇرۇقى ھالقىسىمان بولۇپ، سىرتقى ھالقىسى توتىشىدىغان جايىدا ئۇزۇن زامانلار ئىشلىتىش نەتىجىسىدە ئېغىر دەرىجىدە ئۇپراپ كەتكەن ئىز بار. يەنە بىرسىنىڭ تۇتاش كەلگەن ھالقىلرى ئۈزەڭگە شەكلىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بىلىنىپ تورىدۇ. بۇ ئېھتىمال كىچىك ئۈزەڭگىنىڭ ئاستىنقى قىسىم شەكلىنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. تۇراشتۈرۈش ئۈچۈن ھالقىلاردىن پايدىلىنىلغان بىر خىل شەكلىدىكى بىرونزىدىن ياسالغان ئات ئېغىزدۇرۇقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VII ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكىVI ئەسىرگىچە بولغان تاسمۇلىنسلار مەدەنىيەت گورۇپپىسىدىمۇ تېپىلىدۇ. بۇ ئىزلاردىن يەنە ئۇچىدا ھالقىسى بار يۇمىلاق شەكللىك بىرونزىدىن قويۇلغا ئات ئېغىزدىرۇقلىرىمىز تەڭ ساقلانغان. ساياننو- ئالتايلىقلاردىكى يومىلاق ھالقىلىق بىر بىرونزىدىن قويۇلغان ئات ئېغىزدۇرۇقىنىڭ ئەشلىتىلگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، باشلىنىش دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VII،IVII ئەسىرلەردىن تارتىپ، ئاخىرلاشقان دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى III، VI ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىمىزكى، بىرونزىدىن ياسالغان تۇتاش ھالقىلىق ئات ئېغىزدۇرۇقنىڭ داۋاملاشقان دەۋرى ئانچە قىسقا ئەمەس. تەتقىق قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ھەققىدە تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تېپىلغان «Γ» شەكىللىك ئىككى تۆشۈكلۈك تۆمۈردىن ياسالغان ئات ئېۈىزدۇرۇقىنىمۇ بىللە چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئات ئېغىزدۇرۇقنىڭ بىر ئۇچى ئەگرى بولۇپ، ئىككىلا ئۇچىدە ئانچە چوڭ بولمىغان ئۆسمە شەكللىك شارچىلار بار. ئەگرى ئۇچى ئانچە چوڭ ئەمەس. ك.ف. سىمىرنوۋنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل تىپتىكى تۆمۈر ئېغىزدۇرۇقنىڭ مەيدانىغا كېلىش ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن ھەن ئۈچ تۆشۈكلۈك ئات ئېغىزدۇرۇقنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ساۋروماتسىكلار گۇرپپىسىدا ئۇلارنىڭ بېكىتىلگەن يىل دەۋرى مۇنداق مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلىنىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىدىكىIVئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاخىرلاشقان. ئالتايدىكىگە ئوخشايدىغان بىر ئۇچى ئازراق ئىگىلگەن ئات ئېغىزدۇرۇقى تۇئېكتىنىسكىدىكى بىر قەدىمكى قەبرىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى IV ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدىكەن. گەرچە تۇئېكتىنسىكىن تېپىلغان بۇ ئات ئېغىزدۇرۇقى بىرونزىدىن ياسالغان بولسىمۇ. تەتقىق قىلىنغان بۇيۇملار گۇرۇپپىسىدىكى بىر ئەمگەك قورالى- بىرونزىدىن قويۇلغان ھالقا دەستىلىق پىچاق بولۇپ، بىسى پۇچۇلغان. ئۇنىڭ قالدۇق قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16.5 سانتېمىتىر، كەلڭلىكى 1.3 سانتىمېتىر. بۇ خىلدىكى بىرونزۇدىن ياسالغان ھالقا دەستىلىك پىچاق مىلادىدىن ئىلگىرىكىVII ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسەرلەدە تاسمۇلىنىسكىي مەدەنىيتىدە كەڭ تارقالغان دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكىIII VI ئەسەرلىرىگىچە داۋاملاشقان. تۆمۈر بىلەن قاپلانغان بۇيۇملار ۋە تۆمۈر نەيچىلەرنىڭ زادى نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكى ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئېھتىمال غىلاپ بېزەكلىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن. يۇقىرىدا بايانب قىلىغان يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى قەبرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى قەبرىگە بىللە قويۇلغان ئارخىرەتلىك بۇيۇم، دەپ تۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككى دانە ئات ئېغىزدۇرۇقنىڭ بىللە كۆمۈلگەنلىكىگە قاراپ بۇ يەرگە ئىككى ئاتنىڭ بىللە كۆمۈلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. بۇ پەرەز قارىماققا ئېھتىمالدىن ئانچە يىراق ئەمەستەك قىلىدۇ. چۈنكى ئاتنى بىللە دەپنە قىلىش- مەيلى سىكىپىلار دەۋرىدىكى ئالتاي تېغىدىكى رايونالردىن شەرققە قاراپ بولسۇن، مەيلى سىكىپىلار دەۋرىدىكى ئالتاي تېغى ئالدىدىكى رايونلاردىن شەرققە قاراپ بولسۇن ، مەيلى بوۋا ئابىنكىدىن غەربكە قاراپ بولسۇن، ھەتتا پۈتۈن ئالتاي تاغلىرىنىڭ ھەممە يېرىگىچە بولسۇن ئوخشاش ئومۇملاشقان. بۇيۇملاردىكى ئوخشاشلىقلارنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق ھەم ئوق ئۇچى، قىلىچ ۋە تۆمۈر قىزدۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ دەۋرىنىڭ بالدۇر- كېيىنلىكىنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق نوۋائابىنكىدىن تېپىلغان بۇيۇملارنىڭ دەۋرى ئېھتىمال مىلادىدىن ئىلگىرىكى VۋەVI ئەسىرلەرنىڭ دەسلىپىگە توغرا كېلىدۇ. دېيشكە بولىدۇكى ياكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى V ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغا ماتېرىياللار مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرسىغا قويىدۇ. يەنى مەدەنىيەت خاراكتېرى بىلەن ئالتاي چېگرا رايون ئايلاقلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى مەسىلىسى، يەنە بىرى، تۆمۈر قۇراللار ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ بۇ جايدا ئومۇملىشىش دەۋرى مەسىلىسىدن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىشقا نۆۋەتتە ماتېرىياللار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، بەزىبىر دەسلەپكى كۆز قاراشنىلار ئوتتۇرىغا قويالىشىمىز مۇمكىن. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماتېرىياللار مۇنداق ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى مەدەنىيەت خاراكتېرى بىلەن ئالتاي چېگرا رايون يايلاقلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان ئۆز ئارا مۇناسىۋېتى مەسىلىسى، يەنە بىرى، تۆمۈر قوراللار ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ بۇ جايدا ئومۇملىشىش دەۋرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا نۆۋەتتە ماتېرىياللار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، بەزبىر دەسلەپكى كۆز قاراشنىلا ئوتتۇرىغا قويالىشىمىز مۇمكىن. موۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان بۇيۇملار گۇرۇپپىسى ئومۇمەن ئارىلاشما خاراكتېرگە ئىگە. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇ جايدا بىرونزىدىن ياسالغان بۇيۇملار ساقلانغان. مەسىلەن: ئات ئېغىزدۇرۇقى، كەمەر ئىلغۇچى ۋە پىچاق قاتارلىقلاردا گورنۇ ئالتاي ئاھالىلىرى مەدەبىيتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى بار. شۇنداقلا، ئات ئېغىزدۇرۇقى ۋە پىچاق قاتارلىقلاردا يەنە قازقىستان تاسمۇلىنكىسلار مەدەنىيتىنىڭ بەزى ئالاھىدىكلىرىمۇ ساقلانغان. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ جايدىن ئۇرال دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى سارماتوۋلار ۋە ئارال دېڭىزى بويىدىكى ساكلارنىڭ ئالاھىدىكىلىرى ئەكس تۈرتتۈرۈلگەن تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملار، بېشى تۈز، بىخسىمان چاقماق شەكللىك قىلىچ «Γ» شەكىللىك ئاي ئېغىزدۇرۇقى، كەمەر ئىلغۇچى قاتارلىق بۇيۇملار تېپىلغان. بىر گۇرۇپپا بىرونزا ئون ئۇچى گەرچە ساياننو ئالتاي مەدەنىيتىگە يېقىنلىشىپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوخشاشلا يەنە مىنوسنىسكىي ئويمانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ غەربىدىكى جايلار مەدەنىيتىگىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى قىلىچ، قىلىچ قىسققا ئۇرۇش قۇرالى سۈپىتىدە شەرقىي ياۋرۇپا، ئارال دەياسى ۋەدىسى يايلاقلىرىدىەكى كۆچمەن چارۋىچى ئاھالىلەر ۋە ئارال دېڭىزى بويلىرى، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ساكلار ئارسىغا تارقالغان، مىلادىدىن ئېلگىرىكى V ئەسىردىن باشلاپ، ئۇرال دەريا ۋادىلىرىدىكى سارماتوۋلار ۋە ئارال دېڭىزى بويلىرىدىكى ساكلار ئرىسىدا ئۇزۇن قىلىچ تاقاش ئادىتى تارالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ساتاننو ئالتايلىقلارنىڭ پالتىلىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسقا ئۇرۇش قۇراللىرى ئىدى، ئەلۋەتتە، بۇ خىل پالتىلار قازاقىستاندىمۇ بولسىمۇ، لېكىن سانى بەك ئاز. نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان يادىكارلارقىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالتاي چېگرا رايونى، ئوب دەرياسى، ئېرتىش دەرياسى ئارىلىقلىرىدىكى يايلاقلاردا ياشىغۇچى ئاھالىلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى V- IV ئەسەرلەردە غەربىي قىسىم رايونى ۋە قازاقىستاندىكى ساكلار ۋە ساۋروماتىسكىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتى ئىنتايىن قويۇق بولغان، دەپ تۇنۇشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەدەبىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىزدە ئېھتىمال مىللەت جەھەتتىمۇ يېقىنچىلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبىئى ئاخىرقى بىرونزا دەرۋرى بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ئۇرال دەريا بويلىرى، قازاقىستان، ئالتاي چېگرا رايوننىڭ جەنۇبىي جەسمىدىكى يايلاقلاردا شۇنچە يېقىن كېلىدىغان ۋالىكوۋ ساپال مەدەنىيتى تارقالغان، بۇ مەدەنىيەت ئاندىرونوۋ مەدەنىيتىنى ئاساس قىلغان، بىر- بىرىگە يېقىنلىشىدىغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى بىلەن سىكىپىلار دەۋرىدىكى يايلاق قەبىلىلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت بىر- بىرىگە يېقىن كېلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئوب دەرياسىنىڭ غەربىدىكى دەريا ئارىلىقىدىكى يايلاقلار ئاھالىلىرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى مىلادىدىن ئىلگىرىكى IV ۋە III ئەسىرلەردىن كېيىنكى دەۋرلەردە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان ھەم تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ئوب دەرياسىنىڭ باش تەرىپىدىكى ۋادىلاردا تۈز چاقماقلىق ۋە ھىلال ئاي شەكىللىك ئۇچى بار دەسلەپكى مەزگىللەرگە خاس سارماتىسكىلارنىڭ پاسونىدىكى تۆمۈر قىلىچ ۋە سارماتىسكىي تىپىغا كىرىدىغان توتقۇچلۇق ئەينەكلەر تارقالغان (بۇ ئەينەكلەر ئىزاناك شەكىللىك يۇمىلاق ئەينەككە ئوخشىمايدۇ. سانداقلار سايانىنو ئالتاي ئىزلىرىنىڭكىگە ۋە تاگار مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھەتتا قازاقىستان تىپىدىكى نەزىر نەزىر- چىراغ قىلىدىغان تەكشى يۈزلۈك تاش تەكچە ياكىن يانجىش قوراللىرىمۇ تارقالغان. دەپنە قىلىش يوسۇنىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ غەرب تەرەپ بىلەن بۇ تالار مۇناسىۋەتلىرى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بايقىدۇق. قەبرىلەرگە بىر ئاز بور پاراشوكى ۋە زەرنىخ چېچىلغان بولۇپ، دىئاگوناللىق دەپنە يوسۇنى ساقلىنىپ قالغان، قەبرىدە ئاتنىڭ يېنىغا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن بىر قىسىم يېمەكلىكلەر قويولغان، ئۇ خۇددى ساۋروماتستىكلارنىڭ دەپنە ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ جايدىن چىققان ساپال بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرى قازىقىستانىدىكى ساك ئىزلىرىدىن چىققان بۇيۇملارغا شەكىل ساپال بۇيۇملارنىڭ بەزىلىرى قاراقىستاندىكى ساڭ ئىزلىرىدىن چىققان بۇيۇملارغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇخىل پاكىتنىڭ مەيدانىغا كېلىشى ھەرگىزمۇ تەساددىپىي بولغان ئەمەس. بۇ ساك سارماتىستىكلار مەدەنىيتىنىڭ دائىرىسى ئېرىتىش ۋە ئوب دەريا ئارىلىقىدىكى يايلاق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى مىڭىنجى يىللارنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئېرقىي جەھەتتە ئالاقە مەۋجۇت بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە گورنو ئالتاي ئاھالىلىرى بىلەن ئاشۇ ئاھالىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھىم پەرقلەرنىمۇ بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ساۋوماتستىكىلەر بىلەن ساكالارنىڭ قىلىچى نوۋائابنىكىدىن تېپىلغاان قىلىچلارغا بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان ھالدا بۇ قىلىچلار ئالتا رايونىغا غەربتىن تارقالغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما ساك ۋە ساۋروماتىستىكلار زېمىنلىرىدا باشقا جايلارنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئېھتىمالنىڭ بارلىقىنىمۇ پۈتۈنلەي چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. م. ف. گريازنوۋنىڭ پىكرىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى VII-VI ئەسەرلەردە ئالتايدا تۆمۈردىن ياسالغان بۇيۇملار مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. س ئى. ۋودىنكو بۇ يەكۈندىن گۇمانلانغان. ۋەھالەنكى، م. ف. گريازنوۋنىڭ گورنو ئالتاي ماپەمىرىس مەدەنىيىتى ھەققىدىكى پىكرى توغرا دەپ ئېتراپ قىلغان تەقدىرىدىمۇ ئالتاينىڭ شىمالى بىلەن تۇتىشىدىغان يايلاق ۋ ئورمان يايلاق رايونلىرىغا قارىتىلغاندا ئۇنىڭ پىكرى ئاقماي قالىدۇ. نوۋا ئابىنكا يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقارساق، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىلا تۆمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن ھەم تۆمۈرنىڭ ئۆزىنى تاۋلاش ھۆنەر- سەنئىتىنى ئىگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئورمان يايلاق رايونىدىكى ئوب دەريا بويلىرىدىكى ئىزلاردىلار يۈكسەك سەۋىيىلىك ھۈنەر –سەنظەؿھەرخىل كەسپىي ماھارەت ۋە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت تەلەپ قىلىنىدۇ. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ يېڭى سېبىريىدىكى ئوب دەريا بويلىرىدىن تېپىلغان، ئۆرە ئېيىقنىڭ ھەيكىلى چۈشۈرۈلگەن ئىككى دانە پالتىنىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ۋاستىلىك ھالدا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئاچچىق جىلغىسىدىن تېپىلغان خومېروس داستانىرى تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن گورنو ئالتاي قىسقا تۆمۈر قىلىچى شۇ جاينىڭ سەنئىتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئا. س. سۇرازاقوۋ بۇ قىسقا قىلىچلارنىڭ دەۋرىنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى III ۋە I ئەسەرلەرگە خاس دەپ بېكىتتى. بۇ خىل قىلىچ ئۇچىنىڭ شەكلى ۋە يايسىمان چاقماقلىرىغا ۋە سارماتىستىكلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلقىغا ئاساسەن ئۇنىڭ دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرگە مەنسۇپ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. ئاچچىقتىن تېپىلغان قىسقا قىلىچىنى ياساش ناھايىتى يۇقىرى ماھارەتنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ نوقتا بۇندىن بۇرۇن تۆمۈر قۇراللارنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ماھارىتىنىڭ كامالەتكە يېتىپ ھەرخىل مۇيۇملارنى ئىشلەپچىقارغانلىقى ئۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پازېرىكتىكى 2- قەبرىدىن تېپىلغان ساپىقىغا ئالتۇن قويۇلغان قىلىچلارغا مەلم دەرىجىدە ئوخشاپ كېتىدۇ. نوۋا ئابىكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قورال يادىكارلىقلار گۇرۇپپىسى شۇنى چۈشەندۈرۈدۇكى، ئالتاي چېگرا رايونىدىكى يايلاقلاردا كەم دېگەندىمۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى VI ئەسىرىدىن باشلاپلا تۆمۈر قوراللار تارقالغان.
|
|
|