|
|
تۈندىكى پاجىئە |
يوللىغان ۋاقىت:2009-01-14 ئاۋاتلىقى:4117 |
|
|
|
مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى
(تارىخىي ئەسلىمە)
مەن دېۋىزىيە باش شتابىدا ئىشلەيتتىم. بۈگۈن ئادەت بويىچە سائەت 8 گە ئۈلگۈرۈپ خىزمەتكە چىققىنىمدا، باش شتابنىڭ ئىچىدە كەيپىيات باشقىچە ئىدى. 8 چوڭ باشقارمىنىڭ خادىملىرى تېخى ئىشقا چۈشمەي، بۆلۈملىرى ئالدىدىكى گۈللۈك ئەتراپىدا توپلىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ كەيپىياتلىرى چۈشكۈن، نېمىدىندۇر ھودۇقۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئەتراپقا نەزەر سالسام ھەربىي سوت باشقارمىسى خادىملىرى جىددىيلىشىپ، پىتىراپ قېلىشقانىدى. مەن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىرەر كىمدىن سورىيالماي، بۆلۈمگە كىرسەم باشلىقىم يوق ئىكەن. خىزمەتداشلىرىممۇ سىرتتا ئىدى. شۇ ئارىدا بىر دوستۇم بۆلۈمگە كىرىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ سۇئالىمغا: – بۈگۈن كېچە شەھەرنىڭ باش قازىسى، كاتتا ئۆلىما ئابدۇغۇپۇر داموللا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپتۇ...- دەپ جاۋاب بەردى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئاخشام سائەت 10 لاردا شىجاڭنىڭ قېشىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇچراشقان ئەمەسمىدۇق! ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغانىكەن: ئابدۇغۇپۇر داموللا ئاخشام مەھمۇت شىجاڭ بىلەن خېلى ئۇزاق سۆھبەتلىشىپتۇ. سائەت 12 ئەتراپىدا قايتماقچى بولۇپتۇ. مەھمۇت شىجاڭ داموللىنى ئۆز بېغىغا ئاپىرىپ قويۇشقا ئەسكەر قوشۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ داموللا ئۆزىنىڭ ئادىمى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئات يېتىلىگۈچىسى بىلەن دېۋىزىيە شتابىدىن چىقىپ، ھېيتگاھ ئارقىلىق يارباغ دەرۋازىسىغا كەپتۇ. دەرۋازىۋەن ئەسكەر خۇددى داموللىنىڭ كېلىشىدىن خەۋىرى بار كىشىدەك دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىپتۇ. ئابدۇغۇپۇر داموللا تۈمەن دەرياسىنىڭ 1- كۆۋتۈكىدىن ئۆتۈپ 2- كۆۋرۈك ئارىلىقىدىكى بوش جاينىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، بىر قوراللىق ئادەم چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، داموللا ھاجىنىڭ ئادىمىنى ئېتىپ يارىدار قىلىپتۇ-دە، داموللىنى ئاتتىن يىقىتىپ، ئاغزىنى يىرتىپ، تىللىرىنى كېسىپ، ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە قاتىل ئاللىقاچان قېچىپ كېتىپتۇ. مەن ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندا ئانچە ئەجەپلىنىپ كەتمىدىم. چۈنكى، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، گەپ سۆزلەرنى قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان بولغاچقا، ئۇنى كىم ئۆلتۈرگەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان بولغانىدى. لىۋىمنى قاتتىق چىشلىدىم. چۈنكى بۇ كىچىك مەسىلە ئەمەس-تە! ئۆلگۈچى بىلەن ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ھەر ئىككىسىلا تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئىدى. مىلادىيە 1936- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى مەن بىر خىزمەتدىشىم بىلەن سىرتتىن قايتىپ كەلگىنىمدە، شتاب ئاشخانىسىدا تاماق يېيىلىپ بولغانىكەن. بىزگە ئېلىپ قويغان پولۇنى ئېلىپ، ئاشخانا زالىدا يېيىشكە باشلىدۇق. شۇ ئارىدا مەھمۇت شىجاڭ ئابدۇغوپۇر داموللىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۈرۈمچىلىك مەھمۇت ئەپەندى دېگەن كىشى بىلەن شەھەرلىك ھۈسەنجان ھاجىمۇ كىرىپ كېلىشتى. ئۇلار تاماق يېگەچ خۇشال پاراڭلىشىۋاتاتتى. تاماق يېرىمىلاشقان چاغدا شىجاڭ توساتتىن جىملىقنى بۇزۇپ: – داموللام! ئەتىگەن يوقلاتسام يوقكەنسىز. قەيەرگە بارغان ئىدىڭىز؟— دەپ سورىدى. – شىجاڭ جابابلىرى! يېڭىشەھەرگە چىقانىدىم. – ئۇ يەردە نېمە ئىشڭىز بار ئىدى؟ – تۈنۈگۈن لوسىلىڭ جاناپلىرى بىزنىڭ باغقا چىققان ئىكەن. مەن يوق بولۇپ قېلىپ، قۇرۇق قول كېتىپتۇ. ئاتايتەن چىققانغا قاراپ گەپ-سۆزى بار بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ بۈگۈن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا چىققانىدىم. گەپ-سۆزى يوقكەن. كۆڭلى بىزنىڭ باغقا تارتىپ، ساياھەت قىلغىلى چىققان ئىكەن. ئۈرۈمچىگە قاچان ماڭىسىز دېگەنىدى، بۈگۈن ماڭىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلىشىپ قايتىپ كىردىم. داموللا ھاجىنىڭ خىجالەت ئارىلاش جاۋاب بېرىشى شىجاڭنى گۇمانلاندۇردى بولغاي، شىجاڭنىڭ چىرايى ئۆزگەردى. – بىراۋ بىراۋنىڭ ئۆيىگە تاماشا ئۈچۈن چىققان ئىكەن، ئۇنىڭ كەينىدىن خۇشامەت قىلىپ چىقىش ئىكەن، ئۇنىڭ كەينىدىن خۇشامەت قىلىپ چىقىش سۈپىتىڭىزگە لايىق كېلەمدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي خۇشامەت بولماي نېمە؟ سىز ئەسلىدە چوڭ خۇشامەتچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن 10 كىلومېتىرلاپ يول يۈرۈپ خۇشامەت قىلىپ چىقىپسىز-دە! – دېدى شىجاڭ. مەھمۇت شىجاڭ ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەر تامچىلىرىنى ياغلىق بىلەن سۈرتىۋېتىپ، مۇغەمبەرلىكنى ئىشقا سالماقى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، قاپىقىنى تۈردى، ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭلۈك چىرايى جىددىيلەشتى، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناشقا باشلىدى. – داموللام! سىز ئالىم ئۆلىما كىشى، شەھەرنىڭ باش قازىسى. ئېيتىڭا، سىدە خۇشامەتچىلىك قاچان تۈگەيدۇ؟ بەندىنىڭ سايىسىدە تەلمۈرۈپ كۈن كۆرۈشتىن باشقا ھاياتلىق يولى سىزگە تېپىلمامدۇ؟ ۋۇجۇدىڭىزدىكى قۇللۇق تەبىئەت قاچان ئۆزگىرىدۇ؟ ئابدۇغوپۇر داموللا قوشۇقنى لېۋىگە تەككۈزگىنىچە قېتىپلا قالدى. مەھمۇت شىجاڭ ئۆز ئادىتى بويىچە بۇرنىنى «قىخ-قىخ» قىلىپ 2-3 قېتىم قېقىۋېتىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ ئەرەبچە بىرنەچچە جۈملىنى ئوقۇپ: – ئېيتىپ بېقىڭا! بۇ ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ – دەپ سورىدى. داموللىنىڭ چىرايى يەنە بىر قېتىم سارغىيىپ كەتتى. – دىن ۋاقتى كەلگەندە گويا كۆيۈۋاتقان بىر چۇچۇلىغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى تۇتۇشتىن قورققانلار دىننى تۇتالمايدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ – دېدى داموللا دۇدۇقلاپ. – بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ – پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى – سىز بۇنى ئوقۇغانمۇ؟ – ئەلۋەتتە ئوقۇغان، بۇ مەشھۇر ھەدىسلەردىن. – ئوقۇغان بولسىڭىز نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلمايسىز؟ سىز ئۆلىما تۇرۇغلۇق ئەمەل قىلمىسىڭىز، بۇنىڭ «مۇكاپاتى» نېمە بولۇشى كېرەك؟ داموللا بىر نېمە دېمەكچى بولدىيۇ، لېكىن تىلى سۆزگە كەلمىدى. – ماقۇل بۇمۇ تۇرۇپ تۇرسۇن. – دېدى مەھمۇت شىجاڭ – ئكتكەن كۈنى سىز ماڭا: سىز ھەربىي ئادەم، مەمۇرىي ئىشقا ئارىلاشسىڭىز بولمايدۇ. پۈتۈن سۆزنى مەن قىلىمەن، دەپ، مېنى سۆزلەشتىن توستىڭىز. ئەجەبا، ۋاقتى كەلگەندە گەپ قىلماي جىم ئولتۇرۇۋالدىڭىز. سىز ئالىم-ئۆلىماغاۇ. ھەق سۆزنى سۆزلەش سىزنىڭ بۇرچىڭىز ئەمەسمىدى؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭا، ھەققانىي ئىشلارغا قارشى سىز نېمە دېمەكچى ۋە نېمە قىلماقچى؟.... سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە، مەھمۇت شىجاڭنى غەزىپىدىن بىزنىمۇ سۈر بېسىپ، چىقىپ كېتىشكە جۈرئە قىلالمىدۇق. مېھمانلار ئارىسىدىكى ھۈسەنجان ھاجىمۇ يېقىندىلا مەھمۇت شىجاڭدىن قاتتىق تەبىھ ئاڭلىغاچقا، ئۇنىمۇ تىترەك باستى. ئابدۇغۇپور داموللىنىڭ زەپەردەك ساپسېرىق چىرايىدىن قان قېچىپ، مۇردىدەك تاتىرىپ كەتتى. مەھمۇت شىجاڭنىڭ ئاچچىقى سەل يانغاندىن كېيىن، داموللاممۇ ئۈستىدىن بىر يوغان تاش چۈشۈپ كەتكەندەك بىر ئاز يېنىك نەپەس ئالدى ۋە ئاغزىدىكى ئاشنى يۇتۇۋېتىپ، ئۇزۇن ئاق ساقاللىرىنى بويلاپ تامچىلاۋاتقان تەرلىرىنى سۈرتتى. مەھمۇت شىجاڭ ھەمراھلىرى بىلەن چىقىپ كېتىۋېتىپ سورىدى: – داموللام، ئۈرۈمچىگە قاچان ماڭىسىز! – بۈگۈن كەچقۇرۇن يۈرۈپ كېتىمەن دەۋاتىمەن. – ئانداق بولسا بىر سوۋغىتىم بار ئالغاچ كېتەرسىز. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەسەرلىرىدىن «ئاقائىد زۆرۈرىيە» بىلەن «ئىبادەتى ئىسلامىيە» دېگەن كىتابلارنى قەشقەر مەتبەئەسىدە 12 مىڭ نۇسخا باستۇردۇم. شۇنى ئېلىۋېلىپ، پەيزاۋاتتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول ئۈستىدىكى يۇرتلارنىڭ بارلىق مەكتەپلىرىگە تارقىتىپ بېرىسىز. مۇدىر، مۇئەللىملەرگە قاتتىق تاپىلاڭ، ئوقۇغۇچىلارغا ئوبدان ئۆگىتىپ، بىلدۈرسۇن. مەھمۇت شىجاڭنىڭ ئابۇغوپۇر داموللىنى شۇنچە قاتتىق ئەيىبلىشى كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى. ئەمما، داموللىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى لوبىننىڭ قېشىغا چىققانلىقىنى ھەقلىق ئەيىبلىگەنىدى. چۈنكى، ئۇ ۋىلايەتنىڭ باش مەنسەبدارى بولغان بىلەن قۇۋ، مەككار ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ھەر قېتىم كوناشەھەرگە كىرگەندە قىلغان شۇملۇقلىرى ھەممىگە ئايان ئىدى. شۇ كۈنى نۆۋەتچىلىكىمنى تۈگىتىپ، كەچ سائەت 10 دا ئىشتىن چۈشتۈم، ئۆيگە كېتىۋاتقىنىمدا رېشاتكا ئالدىدا داموللا ھاجى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. باش نۆۋەتچى ئۇنى شىجاڭنىڭ قېشىغا باشلاپ كىرىپ كەتتى. ئۆيگە يېنىپ كىرىپمۇ: «ھەربىي باشلىق بىلەن دىنى باشلىق ئوتتۇرىسىدا ئەجەپ بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردا!»، دەپ ئويلاپ كەتتىم. شۇ ئاخشىمى تاغامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، بارلىق ئەۋالنى سۆزلەپ بەردىم. تاغام ئوقۇمۇشلۇق ئادەم ئىدى. – ئۇ راستىنلا قورقۇنچاق ئادەم – دەپ گەپ باشلىدى تاغام، – پەيتنى تاپقاندا كۆككە ئۆرلەيدىغان، ۋاقتى كەلسە چاشقاننىڭ تۆشۈكىنى ئىجارىگە ئالىدىغان زات. 1933- يىل 9- ئاۋغۇستتىكى ئەھۋالدىلا ئۇنىڭ مەۋقەسى بەلگىلىنىپ بولغانىدى. ئۇ ئەسلىدە مەرھۇم تۆمۈر شىجاڭ ئۇنى ئالىم، ئۆلىما دەپ ئىززەتلەپ ئۆز يېنىدىن ئورۇن بەرگەن، قەشقەرگە باش قازى ھەم ئۆزىگە مەلىھەتچى قىلىپ، بەكمۇ ھۆرمەتلىگەنىدى. لېكىن، ۋاقتى كەلگەندە ئۇ ۋاپاسىزلىق قىلدى. تۆمۈر شىجاڭنى ما جەنساڭنىڭ ئادەملىرى سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرگەندە، ئۇ ۋاپادارلىقىنى كۆرسەتمەي، بىر بۇلۇڭغا مۆكۈۋالدى. بۇنىڭ ئورنىغا سېلىم ئاخۇن خەلپىتىم قازىلىق سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ما جەنساڭلارنى ئەيىبلىدى. تاغام سكزىنى داۋاملاشتۇردى: – ئۇكام! يېقىندا ئۈرۈمچىدىن بىرنەچچە ۋەكىل قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدىن ھېساب ئالىمىز، دەپ كەپتىكەن. لېكىن ئۇيۇشما ھېساب بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپتۇ. ئېھتىمال ئابدۇغوپۇر داموللام ئۇلارغا سۆز قىلىشنى ھۆددىگە ئالغان بولسا كېرەك، ئەمما مەجلىستە گەپ قىلماي ئولتۇرۇۋالغانلىقتىن، مەھمۇت شىجاڭنىڭ غەزىپى كېلىپ، باشقا گەپ قىلمايلا «ھېسابنى مانا مۇشۇ بېرىدۇ!» دەپ تاپانچىسىنى شىرە ئۈستىگە چاققىدە تاشلاپ، مەجلىستىن چىقىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، نەچچە كۈنلۈك تالاش-تارتىشنى تاپانچا ھەل قىلغانىدى. ئابدۇغوپۇر داموللام ئەسلى پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شاپتۇل يېزىسىدىن بولۇپ، شۇ يېزىدا ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن ناھىيىدە ۋە قەشقەردە مەدرىسىلەردە ئوقۇغان. XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پەيزاۋاتتا قازى، قەشقەرگە كېلىپ مۇدەررىس بولغان. ئۇنىڭ بەختىگە مىلادىيە 1914- يىلى قەشقەرنىڭ شەيخۇلئىسلامى ۋە بۈيۈك ئۆلىماسى باھاۋۇدۇن مەخدۇم ۋاپات بولۇپ، ھوقۇق ئاخۇنبايوف ئۆمەر باينىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى. ئابدۇغوپۇر داموللا دەرھال ئۆمەر باينىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ قالدى. ئۇ دەسلەپتە ئۆمەر باينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى چاسا (چارسۇ) مەدرىسىگە ئىمام ۋە مۇدەررىس، كېيىنكى كۈنلەردە «خانلىق مەدرىسە»گە مۇدەررىس بولدى. ئابدۇغوپۇر داموللا يېتىشكەن ئالىم بولغانلىقتىن مۇدەررىسلىك قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن تالىپلارنى ئوقۇتۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى سۆزمەنلىكى بىلەن ئۆزىگە خەلپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «شاپتۇل ئابدۇغوپۇر داموللا ھاجى» دەپ تونۇلغان. ئەينى چاغدىكى دوتەي ما شياۋۋۇنىڭمۇ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. 1933- يىلى قەشقەر شەھىرى دېھقان ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، شىجاڭ تۆمۈر ئېلى ھەربىي ھوقۇق يۈرگۈزگەن چاغدا ئابدۇغوپۇر داموللا تۆمۈر شىجاڭنىڭ يېقىنىغا ئايلىنىپ، قەشقەرنىڭ باش قازىلىقىغا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن سابىت داموللا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ئۇنىڭ ئامىتى قېچىپ، كونا ھېسابلارنى بېرىشكە قىستالدى. ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىدى: ختەن تەرەپ 1933- يىلى 7-8-ئايلاردا خوتەن ئەمىرلىرى بىلەن تۆمۈر شىجاڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا ئابدۇغوپۇر داموللا سەۋەبچى، ئۇنى دارغا ئېسىش كېرەك، دەپ قارايتتى. سابىت داموللا تەرەپ مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ قولى بار. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش كېرەك، دەپ قارايتتى. شۇ چاغلاردا قەشقەردە «ئابدۇغوپۇر داموللا دارغا تارتىلىمىش» دېگەن پاراڭمۇ كەڭ تارقالغانىدى. لېكىن ما جۇڭيىڭنىڭ ئادەملىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن داموللا بۇ قازالاردىن قۇتۇلۇپ قالدى. ما جۇڭيىڭ باسمىچىلىرى قەشقەردە دەۋران سۈرگەن يېرىم يىل داۋامىدا، ئۇ قېچىپ يۈرۈپ جان ساقلىدى. 1934- يىل 7- ئايدا ئۇنىڭ يۇلتۇزى ئېگىز كۆتۈرۈلدى. شىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كەلگەندە، ئابدۇغوپۇر داموللا ئۇنىڭ يېقىنى بولۇۋالدى. مەھمۇت شىجاڭ ئۇنى دىنىي ئۆلىما، ئالىم دەپ سانىدى. چۈنكى تۇرپان ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ شاگىرتلىرى كۆپ ئىدى. مەھمۇت شىجاڭ ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئەتىۋارلاپ ئۆزىگە مۇشاۋۇر قىلىۋالدى. ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن كېڭەشتى. ھەتتا قەشقەر «مىللەت مەجلىسى»نىڭ رەئىسى قىلىپ تىكلىدى. شۇنىڭدەك، 1935- يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايغا قەشقەرنىڭ خەلق ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتكەندىن. لېكىن ئابدۇغۇپۇر داموللا قۇرۇلتايدىن قايتىپ كېلىپ، خەلقنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە ھۆكۈمەتنى ماختاپ، شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ «6بۈيۈك سىياسەت»نى كۆككە كۆتۈردى. ئابدۇغوپۇر داموللا ئۈرۈمچىگە بارغاندا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى، شېڭ شىسەينىڭ ئالاھىدە ئۇنىڭ ئالدىغا چىققانلىقىنى، قايتقاندا ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەنىدى. بۇ ھالدىن ھەممەيلەن گۇمانلانغانىدى. چۈشتىن كېيىن مەن دېۋىزىيە باش شتابىدىكى خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ماتەم ۇراسىمىغا قاتناشقىلى ماڭدىم. شەھەر خەلقى تۈمەن دەريا تەرەپكە سەلدەك ئېقىپ كېتىۋاتاتتى. بىز تۈمەن دەرياسىنىڭ 1- كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىنىمىزدە، ئۇ يەردىن 2- كۆۋرۈككىچە بولغان كەڭ ئارىلىقتىكى بوشلۇق ئادەم بىلەن تولغانىدى. كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن خلمۇ-خىل روھى ھالەت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. گاھىلار ھازا تۇتۇپ يىغلىسا، گاھىلار تاماشا كۆرۈۋاتقاندەك ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى. قارا كالتەكلىك ساقچىلار ئامانلىق ساقلاپ يۈرەتتى. ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ جەسىتى ساھىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بورا ئۈستىدە ئاق خەسە بىلەن يېپىقلىق ياتاتتى. ئەتراپىنى قوراللىق ئەسكەرلەر قوغداۋاتاتتى. يان تەرەپتە سەللىلىك تالىپلار ئۇزۇن سەپ تارتىپ تۇراتتى. ئاياغ تەرەپتىرەك شىجاڭ مەھمۇت مۇھىتى بېشىغا سەللە ئوراپ، ئۈستىگە ئۇزۇن تون كىيىپ ئۆرە تۇراتتى، ئەتراپىدا قوراللىق مۇھاپىزەتچىلىرى قوغداپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايى مەيۈس، يوغان قارا كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى. ساھىلنىڭ باش تەرىپىدە «ئىزچى» ئوقۇغۇچىلار ئالا كالتەك تۇتۇپ تەرتىپ ساقلىماقتا. نېرىراقتا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ گارنىزون قوماندانى لوبىن بىلەن ۋالى شۈيلەن، شەەر ھاكىمى ھەمدۇلل باشچىلىقىدىكى ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى سۈكۈت ئىچىدە ئۆرە تۇرۇشاتتى. شەھەرنىڭ قازى، ئۆلىمالىرى يان تەرەپتە سەپ تۈزۈپ تۇراتتى. 6- دېۋىزىيىنىڭ 31-، 34- پلكلىرى كېچىدىن تارتىپ قاتىلنى ئىزدەپ، بۇ ئەتراپنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، شامالباغ، نەزەرباغ، قوغان ئەتراپلىرىدا قوراللىق ھەرىكەتلەنگەنىدى. بىز ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئىلگىرىلەپ ماڭلماي، كەلگەن يېرىمىزدە تۇرۇپ قالدۇق. كىشىلەر ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنى يۈرگۈزىشەتتى. گاھىلار ھەسرەتلەنسە، گاھىلار «داموللا ئۇلۇغ ئادەم ئىكەن، شېھىتلىك ماقامىنى تېپىپتۇ...» دەيتتى. گاھىلار قاتىلنى قاغىسا، گاھىلار داموللامنى ھۆكۈمەت يوقىتىۋەتتى، دېيىشەتتى. يەنە بەزىلىرى «ئۆزۈڭنى بىل! ئۆزگىنى قوي! دېگەندەك، داموللام ھۆكۈمەت ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆز يولىغا ماڭغان بوسا، بۇ ئاقىۋەتكە قالمىغان بولاتتى» دېيىشەتتى. شۇ ئارىدا، نېرىدىراق تۇرغان ئەپەندى سۈپەت ئىككى يىگىت سۆزگە ئارىلاشتى. – ئاكىلار – دېدى بىرى – دۈشمەنلەرنىڭ ئارىمىزغا تارقاتقان ئۆسەك گەپلىرىنى تەكرارلىماڭلار. بۇ داموللىڭىزلار سىزلەر داڭلىغاندەك ئادەم ئەمەس. «ئەل قىساسۇ مىنەلھەق»، بۇ كىشىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قىساسى بۇغدى. چۈنكى، 12 يىل ئىلگىرى ئۇ زاتنى ئۆلتۈرۈشتە بۇ داموللىنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى. كىشىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، يىگىتكە قارىغىنىچە جىم بولۇپ قالدى. يەنە بىر يىگىت سۆزگە ئارىلاشتى. – ئابدۇغۇپۇر داموللا شۇنداق كاتتا ئالىم تۇرۇغلۇق شېڭ شىسەينى پەيغەمبەر قىلماقچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى «ئادىل» دەپ كۆككە كۆتۈردى. ئالتە سىياسەتنى «قۇرئان كەرىم» بىلەن سېلىشتۇرۇپ قەسەم ئىچتى. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ قەسىمى ئۆزىنى بوغدى. ئابدوغۇپۇر داموللىنىڭ جەسىتى قان يۇقى كيىملىرى بىلەنلا جىنازىغا سېلىنىپ، نامىزى چۈشۈرۈلدى. مەھمۇت شىجاڭ باش مۇسىبەتدار بولۇپ جىنازا ئالدىدا ھازا تۇتۇپ ماڭدى. كەينىدىن قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى، ئاندىن كېيىن داموللىنىڭ ئەۋلادلىرى، تالىبلىرى ماڭدى. ئابدۇغۇپۇر داموللىنىڭ جەستى ئاپپاق خوجا مازىرىغا بارىدىغان يول تۆپىسىدىكى بىر قەبرىستانلىققا قويۇلدى «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەندەك ئىش بولدى. ئابدوغۇپۇر داموللىنىڭ ئۆلۈمى سىرلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت گۇمانلىق كشىلەر دەپ قاراپ، قەشقەردە زور رول ئويناۋاتقان ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەخمەت قۇل ھاجىلارنى قولغا ئالدى. ئابدۇراخمان ھاجى ئەسلى ئاتۇشلۇق بولۇپ، ئىلى، چۆچەك تەرەپتە تىجارەت بىلەن ئۆتكەن، مەلۇماتلىق، قاىبلىيىەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ 1935- يىلنىڭ ئاياغلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن ھەم ئۇيۇشمىغا رەئىس بولۇپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، مەدەنىي-مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان، دارىلېتام، دارىلئاجىزىنلارنى قۇرۇپ، يوقسۇل، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان. قەشقەردە ياغاچ مەتبەئەنى يولغا قويۇپ، «يېڭى ھايات» گېزىتىنى چىقارغان، دەرلىك كىتابلارنى باستۇرغان. ئۆز خىراجىتى بىلەن ياربانىڭ غربىدە بىرنەچچە سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرغان. ئۇ داموللا پاجىئەسىدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرىلا «مىللەت مەجلىسى»نىڭ بىر يىغىنىدا ئابدۇغوپۇر داموللا بىلەن بىر مەسىلە ئۈستىدە توقۇنۇشۇپ قالغانىدى. شۇنداق قىلىپ قەشقەر يەنە ياراملىق ئىككى ئادىمىنى قۇربان بەردى. ئابدوغۇپۇر داموللا ھاجى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئىناۋەتلىك كىشى بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدە ئۇ «مىللەتلەر دوستلۇقىنى چىڭىتىش ۋە يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەشكەن بۈيۈك باھادىر» ② ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «داموللام شانلىق ئاپرېل ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بولغان مۇقەددەس ئالتە سىياسىي شۇئارنى شىنجاڭ تارىخىدا ئەڭ قىممەتلىك تارىخىي بىر ۋاقىئە دەپ باھالاپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقان سىياسىي يولىغا تولۇق رازى بولۇپلا قالماي بەلكى خەلققە شۇ سىياسەتنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندۈرۈش، خەلقنى ھۆكۈمەت بايرىقى ئاستىغا توپلاش يولىدا بىباھا، قىممەتلىك، ھەقىقىي ۋە سەمىمىي سانسىز خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن»③، «ئۇ سۆيۈملۈك ئالىيجاناپ ھەقىقىي بىر دىنىي داھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە قەھرىمانە خىزمەت قىلغان بولسا، ھازىرقى خەلقپەرۋەر، ئادالەت ۋە مۇساۋات ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالتە سىياسىي شۇئارىنىڭ دىن ۋە «قۇرئان كەرىم»گە مۇخالىپ ھېچقانداق يېرىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەش بىلەن قانائەتلەنمەي، بەلكى بىزنىڭ ھەققانىيەتلىك يولىمىزنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىپلەردە زىكرى بولۇنغان ۋە شۇنداق يول بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن» ④ كىشى دەپ ماختالغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، داموللىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ھامان، ئۈرۈمچىدە زور ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ماختاپ شېڭ شىسەي نۇتۇق سۆزلىگەن. ئابدوغۇپۇر داموللىنى ھۆكۈمەت شۇ قەدەر ماختىغان، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن شۇنچىۋالا قايغۇرغان، ھەتتا: «مەرھۇم داموللامنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ۋە يېڭى ئادىل سىياسەت دەۋرىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن ئادالەت، مۇساۋات (باراۋەرلىك) ئاساسىدا خەۋرى-زۇلۇمسىز تەرەققىياتقا قەدەم قويغان دەۋرىدە يېزىپ، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز تارىخىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، خەلق ۋە ھۆكۈمەت خائىنلىرىنىڭ رەھىمسىز ۋە ۋەھشىيانە قوللىرىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولۇشى، سۆيۈملۈك دوستىمىزنىڭ بىزنىڭ ئالدىمىزدىن يوقۇلۇشى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە بىز دۇبەن، جۇشى ۋە فۇجۇشىلار ئۈچۈن ۋە بارلىق شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ماتەملىك، ئېسىمىزدىن چىقمايدىغان قايغۇلۇق بىر ئەھۋالدۇر... شۇنداق قىممەتلىك، ئالىيجاناپ دوستىمىز يوقالدى. بۇنىڭغا بىزنىڭ ۋە بارلىق خەلقنىڭ يۈرەكلىرىمىز داغ بولدى. لېكىن، مەرھۇم يوق بولغان بىلەن ئۇنىڭ تارىخىي خىزمەتلىرى يېڭى شىنجاڭ تارىخىنىڭ 1- سەھپىسىگە ئالتۇن قەلەم بىلەن يېزىلىپ، دائىم خاتىرىدە ساقلانغۇسىزدۇر... يېڭى ھۆكۈمەت قاتىلنى تېپىش ۋە ئۇنى قاتتىق جازالاش يولىدا قەتئىي چارىلار كۆرمەكتە» ⑤، دەپ جاكارلىدى. ئەمما قەشقەر خەلقى ئابدۇغوپۇر داموللامنىڭ مەھمۇت شىجاڭ بىلەن سۆزلەشكەن چاغدا چىقارغان «يولدىن ئازغان، شەرىئەت جازاسىدىن چىققان كىشىنىڭ تىلى كېسىلىپ، ئاغىزى يىرتىلىپ، كانىيى بوغۇزلىنىشى كېرەك» دېگەن پەتىۋاسىنى ئاڭلاپ، ئۇنى «ئۆلۈم پەتىۋاسى» (كېيىن «ئۆلۈم ۋەدىنامىسى») دەپ ئاتاشتى ۋە داموللام مەھمۇت شىجاڭنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە پەتىۋا چىقىرىپتىكەن، شۇ بويىچە ئۆلتۈرۈلۈپتۇ – دېيىشتى ھەم ئۇنىڭغا باشقىچە كۆز قاراشتا بولدى. ئابدۇغوپۇر داموللام ئۆلتۈرۈلۈپ 10 ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، 1937- يىل 4- ئاينىڭ 2- كۈنى (جۈمە) مەھمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدىلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا «خائىن»، «جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى» دېدى ۋە ئابدۇغوپۇر داموللىنىڭ رىسالىنى نەشردىن چىقىرىپ، خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. ئابدۇغوپۇر داموللا بۇ كىتابنى قەشقەردە يازغان. ئۇ كىتابىدا دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، شەيخ سەئىدى يازغان «تۈلكىنىڭ ھېكايىسى»نى نەقىل كەلتۈرۈپ، خەلقىمىزنى شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە تايىنىشقا دەۋەت قىلغان ھەم شۇنداق قىلغاندىلا روناق تاپالايدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ ساتقان. 1935- يىلى ئابدغۇوپۇر داموللا قەشقەر ۋەكىلى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە قۇرۇلتايغا بارغاندا بۇ كىتاب شېڭ شىسەي تەرەپدارلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مەنسۇر ئەپەندى (ۋەتەن ئوغلى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە 1936- يىل 11- ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» باسمىخانىسىدا 5000 نۇسخا بېسىلدى. ئابدۇغوپۇر داموللا ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ خاتىمىسىدە مۇنداق يازغانىدى: «كاشىغەر ئەئىيانلىرى بۇ ھەقىر بىئېتىبارنى ئۈرۈمچى سىڭغا ۋەكىل قىلىپ ئىبەرگىنىدە، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان يولى شەرىئىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق بولغىنى ئۈچۈن كامال خۇرسەند بولغىنىمدىن مەجلىسى مەئبۇساندا بىر، ئىككى ئايەت ۋە ھەدىس بىلەن سۈيلىنىپ، بۇ ۋەزدە مۇتەئەسسىر بولغان (تەسىرلەنگەن) بەزى ئەئىيلانلار: مۇنىڭ نەپئى (پايدىسى) ھەممە شىنجاڭ خەلقىغە يەتسۇن، بەلكى ھەممە دۇنياغا كەتسۇن، دېگەن ياخشى نىيەت بىلەن ئۇشبۇ رىسالىنى بۇيرۇپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇۋۋەت، ئىستېداتېمنىڭ يېتىشىچە يېزىپ، ھەرمىللەت ۋەتەنداشلارگە ھەدىيە قىلدىم. ... بۇ رىسالە 1335- ھىجىرىيە يىلى مۇھەررەمنىڭ بېشى تامام بولدى»⑥. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا دۇبەن شېڭ شىسەي بىلەن ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭلار ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، بېغىلىما يازغانىدى. شېڭ شىسەينىڭ بېغىشلىمىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بېسىلغۇسى مەرھۇم ئابدۇغوپۇر داموللامنىڭ بۇ رىسالىسى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، ھاياتى ئۈچۈن چوڭ ئورۇن ئالىدىغان قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك تارىخىي، سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىر رىسالىدۇر. بۇ رىسالە ھۆرمەتلىك مەرھۇمنىڭ 2- قۇرۇلتايدا بارلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئالدىدا سۆزلىگەن، ھەقىقەتكە ئاساسلانغان نۇتقىنىڭ ۋە 4- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق غەيرەت ۋە ئىجتىھادى، ھەقىقىي دىلى بىلەن خەلققە قىلغان تەشۋىق ۋە ەرغىبلىرىنىڭ مەنتىقى داۋامىدۇر... مەرھۇم ئابدوغۇپۇر داموللامنىڭ بۇ ئەسىرىنى شىنجاڭ خەلقى ئۇ زاتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە يەنە بىر مەرتىبە ئىشەنسۇن ۋە مەرھۇم باشلاپ بەرگەن يول بىلەن مېڭىپ، يېڭى ھۆكۈمەتكە ھەقىقىي ئىشەنچىلىرى كۈچىيىپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە سائادەتلىك خەلقلەردىن بولسۇن دەپ چىقاردۇق»⑦. ئۆلكە رەئىسى لى يۇڭنىڭ بېغىشلىمىسىدا مۇنداق يېزىلغانىدى: «مەرھۇم ئابدۇغوپۇر داموللامنىڭ بۇ ئەسىرى بىز ئۈچۈن غايەت بۈيۈك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. چۈنكى ئالتە سىياسەت شۇئارىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق دىنىگە قارشى بولماي بەلكى مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى مەرھۇم بۇ ئەسىرىدە ئوچۇق كۆرسىتىپ يازغاندۇر، بۇ ھەقتە شېڭ دۇبەن ۋە فۇجۇشىلەرنىڭ يازغان مۇقەددىمىسىگە مەن تولۇق قوشۇلۇشۇم بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرنىڭ پات ئارىدا بېسىلىپ خەلق ئارىسىغا تارقىلىشىنى تىلەيمەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن خەلقىمىز كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ-دەپ چىڭ كۆڭلۈم بىلەن ئىشىنىمەن»⑧. ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى «تۈندىكى پاجىئە» مۇ تارىخىي ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالدى. شۇ يىللاردا مەن 6- دىۋىزىيە باش شتابىدا خوجۇلۇق باشقارمىسىدا ئىشلەيتتىم. دېۋىزىيىنىڭ قورال-ياراغ ۋە ھېسابىنى باشقۇراتتىم، ئۆيىمىزمۇ دېۋىزىيە شتابى جايلاشقان يۇمىلاق شەھەرگە يېقىن ئەنجان كوچىسىدا ئىدى. مەھمۇت شىجاڭ يېنىدا دائىملىق خىزمەتتە بولغانلىقىمدىن ئابدۇغوپۇر داموللاھاجى بىلەنمۇ پات-پات ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقە ھادىسىلەر بولۇپمۇ «پاجىئە» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋاللاردىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرغان شاھىدلارنىڭ بىرى بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، ئۇ كاتىنىلار خۇددى تۈنۈگۈن بولۇپ ئۆتكەندەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشلار خەلقنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قالمىسۇن، دەپ خاتىرىلەپ قويدۇم.
|
|
|