ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشىپ ، غۇلجا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار ئالدىدا ، ئۈچ ۋىلايەتنى ، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنى ئازات قىلىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپە تۇراتتى . بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ، ئۆزىدىن سان جەھەتتە كۆپ ، زامانىۋى قورالغا ئىگە كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالايدىغان ، مۇنتىزىم ھەربىي - ئوفىتسېرلارنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى . مۇشۇنداق نۇقتىلىق پەيتتە ، ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي كومېتىتى مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم - تەربىيە كۆرمىگەن ، ئاددىي قوراللار بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى تەربىيلەش ، ھەر دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېرلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۇرس ۋە مەكتەپلەر تەسىس قىلىش قارارىغا كېلىپ ، 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چىپلەڭزە ، مۇڭغۇلككۈرە ، بايانداي ، شىخو قاتارلىق جايلاردا ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرۈش كۇرسى ۋە مەكتەپلەر تەسىس قىلىنىپ ، بىرقانچە قاراردىن ئوفىتسېرلار يېتىشتۈرىلىدۇ .
چىلپەڭزە ھەربىي كۇرسى . ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ھەربىي ، سىياسىي تەلىم - تەربىيە تارىخىدا تۇنجى قارارلىق ھەربىي مەكتەپ ھېسابلىنىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي كۇرس 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە چىلپەڭزە ( كونا قورغاس ناھىيىسى) دە ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۇرستا قىسىملاردىكى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن ياش ، ساۋاتلىق ، قەيسەر ، ئىقتىدارلىق ۋە ئىنتىزامچان جەڭچىلەر نۇقتا قىلىنىپ ، سالاھىدىن سىدىق ، نىزاماۋ تۇرسۇن ، مەرغۇپ ئىسھاقۇف ، ھاپىزوف رۇستەم ، ئابدىقادىر ئابدۇكېرىم ، داۋۇتۇف ئابدۇرېشىت ، خۇسەي (خۇيزۇ) ، پالتىيوف قاتارلىق 160 جەڭچى تۆت ئىزۋوتقا (پەيگە) بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ . بۇ كۇرستا رۇس ھەربىي ئوقۇتقۇچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيىسى بويىچە دەرس ئۆتىدۇ . كۇرسانتلار كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆز قىسمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىم ئەترەتلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ .
1 - قارارلىق بۇ كۇرسنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كېيىن ، چىلپەڭزە ھاكىم ئىدارە قورۇسىدا 2 - قارارلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۇرسقا ئابدۇللايوف مۇزەپپەر قاتارلىق 160 چە كۇرسانت قاتنىشىدۇ . كۇرس ئىككى ئاي داۋام قىلىدۇ . بۇ قېتىمقى كۇرسقا كۇرسانت قوبۇل قىلىش ، كۇرس تاماملانغاندىن كېيىن خىزمەتكە تەقسىم قىلىشنى مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى بەلگىلەيدۇ .
موڭغۇلكۈرە ھەربىي كۇرسى . 1945 - يىلى 10 - ئايدىن 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە جەنۇبىي يۆلىنىش بويىچە ئالتە ئايلىق ھەربىي كۇرس ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۇرسنى جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى باشقۇرىدۇ . كۇرستا پراپورشىك (جوڭۋېي) دەرىجىلىك ئوفىتسېر يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ . كۇرسقا شوتىدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك (شياڭشياۋ) مەۋلانوف پولكى ، قۇشتايدا تۇرۇشلۇق كاپىتان ناسىروف مىرزىگۈل ئاتلىق دىۋىزىئونى (يىڭى) ، يۇلتۇزدا تۇرۇشلۇق پولكوۋنىك نوغايبايوف بىرىگاداسى ، كاپىتان سوپاخۇن دىۋىزىئونىدىن بولۇپ بەختىيوف تاشمەھەممەت ، ئەخمەت نۇرھاجى بولۇش ، غوجامبەدىيوف ئايسا ، لوزۇڭ دۇلا ، قانايوف ، سادىقوف مەھەممەت ، مممىن تالىپ قاتارلىق 80 ئەتراپىدا مۇئاۋىن ئەدىلنىيە ، ئىزۋوت كوماندىرلىرى قاتنىشىدۇ . ئۇلار ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ . بۇ كۇرسقا دىۋىزىيە باشلىقى پودپولكوۋنىك يۇنۇس غوجايوف ئىمىر باقى يېتەكچىلىك قىلىدۇ . مەكتەپ ئورنى موڭغۇلكۈرە ئۇيغۇر مەكتەپ ئىچىدە بولۇپ ، بۇ قېتىمقى كۇرس مىللىي ئارمىيىگە ياراملىق كوماندىرلارنى تەربىيلەپ بېرىدۇ .
بايانداي ھەربىي مەكتەپ . 1946 - يىلىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى 40 مىڭدىن ئېشىپ ، مىللىي ئارمىيە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشتىن مۇنتىزىم ئۇرۇش قىلىشقا ئۆتىدۇ . قىسىملاردا پولك ، دىۋىزىئون ، بىرىگادا ، دىۋىزىيە قاتارلىق تۈزۈلمىلەر بارلىققا كېلىپ ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر ، كوماندىرلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ . ئەنە شۇ ئېھتىياج بىلەن مىللىي ئارمىيە 1- نۆۋەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر ، كوماندىرلارنى تەربىيلەيدىغان مەكتەپ --- بايانداي ھەربىي مەكتىپىنى تەسىس قىلىدۇ . بۇ ھەربىي مەكتەپ بايانداي سېپىلىنىڭ غەربىدىكى ئايروپىلان ئىستانسىسى قوروسىغا جايلاشقان بولۇپ ، 1946 - يىلى 11 - ئايدا دەرس باشلايدۇ . مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ، 1- ، 2 - قارارلىق كۇرسلارغا قارىغاندا يۇقۇرى تەلەپ قويۇلىدۇ . كۇرسقا تارباغاتاي پولكىدىن نۇرىيوف ئەنۋەر ، ھاشىموف قاسىمجان ، باشقا پولكلاردىن مۇھەممەترېھىم ئىمىن ، روزىيوف ھادى ، غوجەخمەتوف ياقۇپ ، ئىمىنىوف ھامۇت ، كېرىموف ئوبۇلقاسىم قاتارلىق جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەن قابىلىيەتلىك ، بىلىملىك ياش كوماندىرلار ، ساقچىلىقتىن ھەربىي سەپكە ئېلىنغان بولۇس ، ئابلىمىت پازىل قاتارلىق كىشىلەر ھەم بىر قىسىم جەمىيەت ياشلىرى قاتنىشىدۇ . ھەربىي مەكتەپتە سوۋېت ئىىتىپاقىدىكى ئالىي ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى ئاساس قىلىنىپ ، ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىلىدۇ . ئەمما شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئۈچ يىللىق پروگرامما بىر يىلدا تاماملىنىدۇ . ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە پراپورشىكتىن كاپىتانغىچە ھەربىي ئۇنۋان ، ئىزۋوت كوماندىرىدىن روتا ، باتاليون كوماندىرلىرىغىچە ۋەزىپە بېرىلىدۇ . ئۇلار ئۆز قىسمىغا ياكى ئېھتىياجلىق قىسىملارغا تەقسىم قىلىنىدۇ . خىزمەتكە قويۇش ، تەقسىم قىلىش مىللىي ئارمىيە ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمى تەرىپىدىن بىر تۇتاش بەلگىلىنىدۇ . بۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 1947 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇشنى تاماملايدۇ .
شىخو ھەربىي كۇرسى . 1948 - يىلى 10 - ئايدا شىخودىكى ئوتتۇرا - شىمالىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى ئوفىتسېرلارنىڭ ئۈچ يىللىق پروگرامما ئاساسىدىكى سىياسىي نەزەرىيە كۇرسىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ . كۇرستا ھەر قايسى قىسىملاردىكى روتىدىن تۆۋەن سىياسىي رەھبەرلەردىن 80 ئەتراپىدا ئادەم تاللىنىپ ، ئىككى ئىزۋوتقا بۆلۈنۈپ تەربىيلىنىدۇ . ئەخمەتجان قاسىمى كۇرسنىڭ پەخرىي باشلىقى ، پولكوۋنىك لېكسىن كۇرس باشلىقى بولىدۇ . كۇرستا شىتاب ، تەلىم - تەربىيە بۆلۈمى ، سىياسىي نەزەرىيە بۆلۈمى ، كادىرلار بۆلۈمى ، تەشكىلات بۆلۈمى تەسىس قىلىنىدۇ . مايور ساۋدانوف زاھىر ، نۇرسادىروف ، جاغدا بابالىكوف قاتارلىق ئوفىتسېرلار دەرس ئۆتىدۇ .
شىخو ھەربىي كۇرسىدا جۇغراپىيە ، تارىخ ، ماتېماتىكا ، تاكتىكا ، ئىستراتېگېيە ، پىيەدە تۈزۈش ، ھەربىي ئىنتىزام ، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ، سىياسەت ، ئىچكى خىزمەت نىزامى ، ئېتىش ھازىرلىقى ، ئاخباراتچىلىق ، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەر ۋە ساۋاتلار ئۆتۈلىدۇ . ئېغىر - يېنىك زەمبىرەك ، مىناميوت ، ستانكىۋوي پىلىموت ، ئاپتومات ، ھەر خىل يان قوراللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ، دۈشمەن بازىلىرىنى توك ياكى باتارىيە ئارقىلىق پارتلىتىش ، خىمىيىۋى قائىدە بويىچە پارتلىتىش ، مېخانىكىلىق قائىدە ئارقىلىق پارتلىتىش ئۇسۇللىرى ئۆگىتىلىدۇ . دۈشمەننىڭ جايلىشىش ، يۈرۈش قىلىش يوللىرىنى بىلىش ، دۈشمەننى تىرىل قولغا چۈشۈرۈش ، دۈشمەننى توساش ، ئىسكەنجىگە ئېلىش ، قورشاپ يوقىتىش قائىدىلىرى سۆزلىنىدۇ . ئاخىرىدا ئەمەلىي مەشق ئېلىپ بېرىلىدۇ .
2- نۆۋەتلىك بايانداي ھەربىي مەكتىپى . 1- نۆۋەتلىك بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغاندىن كېيىن ، 1949 - يىلى 2- نۆۋەتلىك بايانداي ھەربىي مەكتىپى ئېچىلىدۇ . مەكتەپ ئورنى سېپىل تەرەپتىن بايانداي ئىچىگە يۆتكىلىدۇ . 2 - نۆۋەتلىك مەكتەپكە پودپولكوۋنىك تۇردىيوف ئابدىرېشىت مەكتەپ مۇدىرى بولىدۇ . 200 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ، تۆت ئىزۋۇتقا بۆلىنىدۇ . كاپىتان قادىروف يۇنۇس ئاتلىق ئىزۋوت كوماندىرى ، پودپورۇچىك بادىغازى پىيادىلەر ئىزۋوت كوماندىرى ، پودپورچىك پەخرىدىن زەمبىرەكچىلەر ئىزۋوت كوماندىرى ، يەنە بىرەيلەن سىياسىي نەزەرىيە ئىزۋوت كوماندىرى بولىدۇ . 1950 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ مەكتەپ زاپاس پولك ئىختىيارىدىكى ئوقۇش روتىسىغا ئۆزگەرتىلىپ ، غۇلجا شەھەر ھەرەمباغ گازارمىسىغا يۆتكىلىدۇ . ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان ھەربىي كۇرس ، مەكتەپلەردىن سىياسىي نەزەرىيە ، ھەربىي ئىنتىزام ، ھەربىي بىلىمنى ئۆزلەشتۈرگەن ، يىراقنى كۆرەر قابىل كوماندىرلار يېتىشىپ چىقىدۇ ۋە ئۈچ ۋىلايەتنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىدىن ئازاد قىلىش ، شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلىشىغا قاتنىشىش داۋامىدا ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ .
مەنبە : << شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى . ئاپتورى -- شېرىپ نىياز خۇشتار .