نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 700 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 1949 – يىلى پاكىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلەر ئىكەن. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ سانى 1500 كىشىدىن ئارتۇق بولۇپ، 1997 – يىلى گىلگىت رايونىدا چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرگەندە، بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى ئىسلامابات ۋە لاھۇر شەھەرلىرىگە كۆچۈپ كەتكەن. پاكىستاندا ياشاۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈنچىسى شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا مىراس كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ناۋايچىلىق، كۆكتاتچىلىق، سائەتچىلىك ۋە تۈرلۈك تىجارەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىمۇ پاكىستاننىڭ شارائىتى بويىچە ئالغاندا ئوتتۇراھال سەۋىيەدە ئىكەن. پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر فوندى جەمئىيىتى بولۇپ، بۇ فوندى جەمئىيىتى مەخسۇسلا قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇر ھاجىلارغا ياردەم بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن پاكىستاننىڭ ئىسلامابار شەھرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس راباتلار قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ راباتلار ۋەتەندىن چىققان ئۇيغۇر ھاجىلارغا ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز خىزمەت قىلىدىكەن.. پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە ئۆيلىرىدە ئۆزائارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى خېلى مۇكەممەل ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار يەرلىكلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن توي قىلمايدىكەن ۋە مۇمكىن بار ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىشقا تىرىشىدىكەن ۋە تويلارمۇ ۋەتەن پەدىسىدە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ مىللىي تۇيغۇلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنتىلىپ تۇرىدىكەن ، ئەمما پاكىستاننىڭ ئالاقە – ئۇچۇر ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغىنى ئۈچۈن، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىگە ئىگە ئۇچۇرلار بىلەن يىتەرلىك دەرىجىدە خەۋەردار بولالمايدىكەن..
|