ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالتايلاردىكى باسقان ئىزلىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2008-12-22 ئاۋاتلىقى:3996
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      خوجىنىياز ھاجى ئۈچ ئەۋلاد قۇملۇقتا ئۆتكەن قۇل دورغىسى ئىمىننىياز ئائىلىسىدە 1889- يىلى دۇنياغا كەلگەن .
       ئۇ ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن دادىسى ئىمىننىياز دورغا خوجىنىيازنى قۇللاردىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن ، قومۇلغا ئەۋەتىپ ، قومۇل شەھىرىدىكى خانلىق مەدرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ ، (خوجىنىياز بۇ مەدرىستە شاھ مەخسۇتنىڭ نەۋرىسى بېشىر شاھزادە بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ .) خوجىنىياز كىچىكىدىن كەم سۆز ، تېز ئاچچىقى كېلىدىغان ، زېرەك ، ئۇچرىغان ھادىسە ، ۋەقەلەرنى تېز تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدىغان ، ئۆتكۈر ، قاۋۇل ھەم يۈرەكلىك بولۇپ يېتىلىدۇ . ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۇستازىدىن كۆپ سوئال سورايتتى .
      ۋاڭلىق بەلگىلىمىلەر ، قۇللار باللىرىنى 18 ياشقا كىرگەندە ۋاڭغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنغان قۇلغا بېقىش ئۈچۈن چارۋا ، تېرىش ئۈچۈن يەر بېرىلەتتى . ئىمىننىياز دورغا ئوغلىنىڭ قۇللار تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى 17 يېشىدىلا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ ئۆيىنى ئايرىپ بېرىدۇ ، 1907 – يىلى 1 – ئايدا ئىمىننىياز ئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشيادىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئوتۇن ، سامان ئاپىرىپ بېرىش ئالۋىڭى كېلىدۇ ، ئىمىننىياز ئاخۇن شۇ ئالۋانغا ئوغلى خوجىنىيازنى ئەۋەتىدۇ .
      خوجىنىياز سەيسىنى تۈگىتىپ قايتىش يولىدا جۇدۇن بولۇپ قالىدۇ . سەيسىچىلەر يولدىن ئېزىپ قېلىپ ، نۇرغۇن ئادەم ۋە ئات ، ئېشەكلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ . بۇ ئالۋانغا مەسئۇل بولغان ئوردا بېگى ئىسھاق بىلەن خوجىنىياز قاتارلىق ئۈچ كىشى ھايات قالىدۇ . بۇلار ئاچچىقسۇ دېگەن يەردىكى چازىغا كەلگەندە ، گەنسۇ تەرەپتىن ھارۋىدا كېلىۋاتقان ھارۋىكەش بىلەن 20 نەپەر چېرىكنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈدۇ . بۇ چازىدا تۇرغان چېرىك ئەمەلدارلار بۇ ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ‹‹ يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى ، بۇلارنىڭ يېنىدا ئىككى جىڭ ئەپىيۇن ، 50 سەر تەڭگە بار ئىكەن ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىنى تەكشۈرسەك يوق تۇرىدۇ . بۇنى سىلەر ئوغرىلاپ كېتىپسىلەر ›› دەپ خوجىنىياز باشلىق ئۈچ كىشىنى تەكشۈرىدۇ . نەتىجىدە خوجىنىيازنىڭ يېنىدىن دادىسى يول خىراجىتى ئۈچۈن بەرگەن بىر سەر تەڭگە پۇل چىقىدۇ . چېرىكلەر بۇنى كۆرۈپ ، باشقىلارنى قويىۋېتىپ ، خوجىنىيازنى تۇتۇپ قېلىپ قالغان پۇللارنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ھەمدە بىر ئاي ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ . بىر كۈنى قومۇل تەرەپتىن كېلىپ بۇ چازىغا چۈشكەن ھارۋىكەشلەر قومۇلدا ‹‹ تورپاقلار قوزغىلىڭى ›› بولغانلىقىنى ، بۇ قوزغىلاڭنىڭ كۈندىن – كۈنىگە كۈچىيىپ ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ .
    خوجىنىياز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، شۇ كېچىسى ھارۋىكەشلەرنىڭ بىر ئېتىنى ئېلىپ تاغ ئىچى – ئوغرى يولى بىلەن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا بارماي ، قوراي يېزىسىغا كېلىدۇ .
      خوجىنىياز قوراي يېزىسىغا بارغاندا ، قورايدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى توپلىشىپ قومۇل شەھىرىگە – ۋاڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانىدى ، خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ياش ، قابىللىقى ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى ، جۈملىدىن قوزغىلاڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرگەن قوزغىلاڭچىلار خوجىنىيازنى قوشۇنغا ئالىدۇ . ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەتلىرى قاتارىغا قويىدۇ .
       قوزغىلاڭچىلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىشىكىنى تاش – كېسەك بىلەن تاقايدۇ . بىراق كۈتۈلمىگەندە ئۇلار ئوردا ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولۇپ قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭ قوزغىلاڭچىلار ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، خوجىنىيازنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇنى ئىزلەيدۇ . خوجىنىيازنى تۇتالماي ئامالسىز قالغان ئۇنىڭ دادىسى ئىمىننىياز دورغىنى زىندانغا تاشلايدۇ . خوجىنىيازنى تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق ئېلان چىقىرىدۇ .
      ‹‹ خوجىنىيازنى شارلا تېغى – تاراتۇ تېغىدىن ئىمىننىياز قۇلنىڭ ئوغلى . ئۇ شىڭشىڭشىيا يولى ئاچچىقسۇ چازىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ 50 سەر تەڭگە ، ئىككى جىڭ ئەپىيۇن ، بىر ئات ۋە بىر جۇۋا .... قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغرىلاپ ، قورايدىن چىققان تورپاقلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان . ئۇ پاكار بوي ، يۇمىلاق يۈز ، دۈگىلەك كۆز ، قارا قاش ئادەم ، ئۇنى كۆردۈم دېگۈچىلەرگە ئۈچ يامبۇ ياكى ئۈچ ئات . تۇتۇپ بەرگەن كىشىگە 12 يامبۇ ياكى 12 ئات ئىنئام بېرىلىدۇ ... ›› ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن خوجىنىيازنى ئىزدىگۈچىلەر كۆپىيىشكە باشلايدۇ . خوجىنىيازنى ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يوشۇرۇن تۇرپانغا بېرىپ ، ئىسھاق دېگەن نام بىلەن ئاستانە مەدرىسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھتى ، مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ .
      شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ  خوجىنىيازنى تۇتۇش ھەرىكىتى تۇرپانغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ . بۇ يەردىمۇ ئۇنىڭغا ئاراملىق بولمايدۇ . ئاخىرى ئانىسى ئۇنى ھەجىگە بارىدىغانلارغا قوشۇپ ، ھەرەمگە يولغا سالىدۇ .
      ئۇ ھەج قىلىپ بولۇپ ، قايتىپ كېلىشكە پۇلى بولمىغاچقا ، شۇ جايدىكى بىر باينىڭ خورمىزارلىقىدا 3 يىل ئىشلەپ يول خىراجىتى ھازىرلاپ ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ . 1912- يىلنىڭ بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ .
    *              *            *              *
       1912- يىلى ، قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدۇ . بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە تۆمۈر خەلىپىمۇ بولۇپ ، ئۇ يولدا ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ ، قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . ئۇ قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ، قورالنىڭ ئۇچىنى قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتقا قارىتىدۇ . ئازاب چەككەن قومۇل خەلقى بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ . بۇ ۋاقىت خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى بولۇپ ، خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا پىدائىي بولىدۇ ھەم بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، كۆزگە كۆرۈنىدۇ – دە ، تۆمۈر خەلىپە قوشۇندىكى باتۇرلار سېپىگە قوشۇلىدۇ ، خوجىنىياز ھاجى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشقا قاتناشسا ، بىر تەرەپتىن تۆمۈر خەلىپىگە مەسلىھەتچى بولىدۇ .  تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى ‹‹ سۈلىھ ›› بىلەن تىنجىتىلغاندا خوجىنىياز ھاجى ئۆز ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ، مىلتىق ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىدۇ . 1913 – يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، قومۇل ۋاڭى تۆمۈر خەلىپىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى  يۇقۇتۇشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ .
       خوجىنىياز ھاجى تاغدىكى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . قورال – ياراغنىڭ ناچار بۇلىشى ، سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلارنى  تارقىتىۋېتىپ ئۆزىلا يەككە قالىدۇ .
    شاھ مەخسۇت ۋاڭ بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ، خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇشقا كىرىشىدۇ .

    *              *            *              *
      1913- يىلى 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلدى . بۇنىڭدىن خۇشاللىقى ئىچ ئىچىگە سىغماي قالغان شاھ مەخسۇت ۋاڭ قالغان قوزغىلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 12 تاغ ، بەش شەھەرگە لەشكەر چىقىرىپ ، تىنىتىش ئېلىپ بېرىپ قوزغىلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشتى . پۈتۈن قومۇل زېمىنىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ دەسسەشكە ئايىغى ئەمەس ، بەلكى تىنىقى چىققۇدەكمۇ بوشلۇق قالمىدى .
      خوجىنىياز ھاجىم بارىكۆل ئارقىلىق ئالتايغا  بېرىپ تاشقى موڭغۇلىيىگە بېرىشنى پىلانلىدى – دە ، بارىكۆلگە بېرىش بىلەنلا ئىسمىنى يەنە ئىسھاق دەپ ئاتاپ ، ئالتاي چىڭگىلىدە ئاكام بار ، شۇنى ئىزلەيمەن ، دەپ يۈردى .
    خوجىنىياز ھاجىم ئالتايغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن ، يولدا قامزا دېگەن بىر قازاق يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى ، ( قامزا ئەسلىدە بارىكۆل ، ئالتاي ئارىلىقىدا ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭدار ئوغرى ئىدى ) . يول ئۈستىدىكى بىر قونالغۇدا ، قامزا خوجىنىياز ھاجىم ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى ئوغرىلاپ ، ئۆزىنىڭ توكۇر بايتىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئامالسىز قېلىپ ئالىپ ئوكورداينىڭ ئاۋۇلىدا بىر يىل قوي باقىدۇ . ياڭ زېڭشىن بىلەن شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز كېلىشىمى بويىچە ، خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ . ھەممە يەرگە تەك ئېلان تارقىتىدۇ . تاغلىقلار ئالىپ ئوكورداينىڭ مالچىسى ئىسھاقتىنمۇ گۇمانلىنىدۇ ھەتتا تۆت قازاق يىگىتى  ھاجىمنى  تۇتقىلى كېلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇلارنىڭ  ھەرىكىتىنى سېزىپ قېلىپ ئالىپ ئوكورداينىڭ بىر ئېتىنى مىنىپ ، ئۇ جايدىن كېتىپ قالىدۇ . بەختكە قارشى ئات ئۆلۈپ پىيادە قالىدۇ . ئۇ بىر قانچە كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ چۆچەككە كېلىدۇ .
      خوجىنىياز ھاجىم چۆچەكتە بولغان مەزگىلدە ئىسمىنى قامزا ، دەپ ئاتايدۇ . چۈنكى  بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىم كىيىم – كېچەك ، گەپ - سۆز جەھەتتە قازاقلىشىپ بولغانىدى . ئۇ كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجىم مامۇتباي دېگەن ئۇيغۇر چارۋىچىنىڭ مېلىنى باقىدۇ .مامۇتباي ئۆزىگە سادىق بۇ مالاي ‹‹ قامزا ›› غا ئىشەنچ باغلايدۇ – دە ، قويلارنى بورتالانىڭ قىزىل يۇلتۇز دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بېقىشنى تاپىلايدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بورتالاغا بارغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن مامۇتباي قويلارنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن  قورال بىلەن ئوۋچىلىق قىلىدۇ . شۇ باھانە بىلەن قارىغا ئېتىش مەشىقى قىلىدۇ .  خوجىنىياز ھاجىم ئۆزى ئوۋلىغان ئۈچ دانە بورقان ( بۆكەن ) مۈڭگۈزىنى مامۇتبايغا بېرىدۇ . مامۇتباي بۇنىڭدىن تولىمۇ رازى بولىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجىم ( قامزا ) نى يېتەرلىك ئوق – دورا بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ . خوجىنىياز ھاجىمنىڭ مالچىلىق كۈنلىرى ئوۋ چىلىق قىلىش ۋە قارغا ئېتىش بىلەن ئۆتىدۇ . شاھ مەخسۇت ئۆز شايكىلىرىنى خوجىنىياز ھاجىنى  تۇتۇش ئۈچۈن تەرەپ – تەرەپكە يولغا سالغانىدى . ئۇلار خوجىنىياز ھاجىمنىڭ  چۆچەكتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ  ۋاڭغا مەلۇم قىلىدۇ . شاھ مەخسۇت ۋاڭ توخسۇنلۇق نىياز شەنزۇ ( شەنزۇ – يېرىم ھاكىم ) نى خوجىنىياز ھاجىمنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ .
    خوجىنىياز ھاجىم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ – دە ، چېگرىدىن ئۆتۈپ چار رۇسىيىگە بارىدۇ .
    *              *            *              *
      خوجىنىياز ھاجىم چېگرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رايونى – يەر كەنتكە بارىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىشلاققا ئورۇنلىشىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ، قازاق قېرىنداشلار بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ دوست بۇرادەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ . خوجىنىياز ھاجىم چېگرىدىن ئۆتۈش ئالدىدا ، بورتالادىن ئوۋلىغان بىر قانچە بۆكەن مۈڭگۈزىنى بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئېلىۋالغانىدى . خوجىنىياز ھاجى بۇ مۈڭگۈزلەرنى يەر كەنت بازىرىدا غۇلجىلىق ۋەلى باي دېگەن ئاتلىق كىشىگە سېتىپ بېرىدۇ . ۋەلى باي مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭ داۋاملىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇشىغا ئات ، تايغان ، ياخشى قورال ۋە ئوق دورا بېرىدۇ .خوجىنىياز ھاجىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ . ئۇ ئوۋچىلىق ئىشى بىلەن چار رۇسىيىنىڭ بىر قانچە چو ڭ – كىچىك شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ . كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ . يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ . ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسىدۇ ، جەمئىيەت ۋە ھاياتنى چۈشىنىدۇ . چار رۇسىيىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدۇ .چار رۇسىيىدىكى ئىلغار تىپتىكى قورال – ياراغلارنى كۆرۈپ ، 1907 – يىلىدىكى ‹‹ تورپاقلار قوزغىلىڭى ›› ۋە 1912 – يىلىدىكى ‹‹ تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى ›› دا ئىشلەتكەن قارا مىلتىق ۋە 9 ، 10 ، 11 ، 12 ئاتار مىلتىقلارنى ئەسكە ئېلىپ ، ‹‹ ھەتتەڭەي ئەگەر شۇ چاغلاردا مۇشۇنداق قوراللار قولىمىزدا بولغان بولسا ، تەقدىرىمىز ئاللىقاچان ھەل بولۇپ ، زۇلۇمغا ئاتا قىلغان بۇلۇركەنمىز ، .....ھېلىمۇ خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، خەلقىم بىلەن بىرلىكتە مەقسەتكە يېتەرمەن .... ›› دەيدۇ .
      1917 – يىلى رۇسىيىدە ئۆكتە بىر  ئىنقىلابى پارتلاپ غەلىبىگە ئېرىشتى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئويغاتقاندەك ئۆمۈر بويى ئىنقىلاب ئارزۇسىدا چەت جايلاردا خارى – زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خوجىنىياز ھاجىنىمۇ ئويغاتتى . ئۇنىڭ كۆڭلىدە يانغان ئىنقىلابنىڭ ئوتى ئۇنى قوراللار بىلەن تونۇشۇش ، نۇقتىلىق ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا ئۈندىدى . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى .
      ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبىسىدىن كېيىن ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن رۇسىيە گراژدانلىرىغا ھەربىي تەلىم- تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىملىقى ھەققىدە مۇراجەتنامە ئېلان قىلدى . خوجىنىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم– تەربىيە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ۋەلىباي ھىممەت بىلدۈرۈپ ، خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆز ئوغلى نامىدا تىزىمغا ئالدۇردى ، ئۇ ھەربىي – تەلىم تەربىيە جەريانىدا ئۇرۇش قانۇنىيەتلىرى نەزەرىيىسىنى ئوبدان ئىگىلىدى . بارلىق ئېغىر يېنىك قوراللار ، ھەرخىل چوڭ – كىچىك تىپتىكى توپ زەمبىرەكلەر ۋە پارتلاتقۇچ دورىلار بىلەن تونۇشتى . ھەتتا زېنىت پىلىموتقا قەدەر تونۇشۇپ چىقتى . ئۇ ئۆزىنىڭ كونا مەرگەنلىكى بىلەن قارغا ئېتىش ماھىرى بولۇپ قالدى . تەلىم – تەربىيىنى ئالىي نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى . خوجىنىياز ھاجىم ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغاندىن ، رۇسىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى . كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ‹‹ كالتە چاپانلار تەشكىلاتى ›› ، ‹‹ مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى ›› ۋە ‹‹ ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى ›› نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا ، روزى باقىيۇف قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ، ۋە سۆھبەتتە بولدى .  بولۇپمۇ شىنجاڭلىق سودىگەرلەر كۆپرەك بولغان شەمەي ، زەيسان ، توقماق ، قارا قول ....... قاتارلىق جايلاغا بېرىپ ، شىنجاڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇلار بىلەن تونۇشتى . كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ، شىنجاڭدا سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى بويىچە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى . لېكىن شارائىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا يار بەرمەيتتى . خوجىنىياز ھاجى 1923 – يىلىغىچە رۇسىيىدە بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈر سىياسىي پىكىرلىك ، يۈكسەك ھەربىي ماھارەتكە ئىگە ئەقىل – پاراسەتلىك بىر كىشى بولۇپ يېتىلدى .
      1923- يىلى رۇسىيە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ۋەتەنگە قايتىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىمۇ ۋەلىباي بىلەن ئىلىغا كەلدى . ئىلىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەلىباينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھۈسەنباي ھاجىم ، ياقۇبباي ۋە ھەكىم بەگ خوجىدار بىلەن ئۇچراشتى .

    *              *            *              *
      خوجىنىياز ھاجىم رۇسىيىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىلىدا تۇردى . كېيىن  ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، ئۈرۈمچىدە تۇردى . ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشكىللەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى . ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بەردى . خوجىنىياز ھاجىم خەلقنى ئويغىتىش ئىشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى . ( پېشقەدەم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ، كىشىلەر رۇسىيىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ، بۇرۇن بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئېيتقان ). ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قومۇل ، تۇرپان ، توقسۇن ، ئالتاي ، ھەتتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ ، جايلانىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ .
      1927- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار بىلەن كېلىشىپ ، خوجىنىياز ھاجىم قومۇلدا ، مەخسۇت مۇھتىلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ . 1927- يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجىم دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، قومۇلغا بارىدۇ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇمۇلنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ .
      1928- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى ، شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ . 1928- يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياڭ زېڭشىن ، فەن ياۋ نەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ . پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن جىن شۇرىن فەن ياۋ نەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ .
      قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەر قوزغىلاڭ ھازىرلىقنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
      جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەنلا ‹‹ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ›› دەيدۇ . ئۆزىگە نۇرغۇن سوۋغا – سالاملارنى ئېلىپ كەلگەن . نەزەر ۋاڭنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قېلىپ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ .
      شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاكىملىق تۈزۈم ئورنىتىلىدۇ . قومۇل 3 ناھىيىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ . مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن مەخسۇت مۇھتى ۋە تاھىر بەگلەر (1929- يىلى) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىنقىلاب تەجرىبىسى ۋە ئىلىم  - پەن ، مەدەنىيەت – مائارىپ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ، سودىگەرچىلىك باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ، موسكۋا قاتارلىق جايلادا بولىدۇ . ھەر ساھەلەردىن ئۆگىنىش ئېلىپ بارىدۇ .
    *              *            *              *
      ‹‹ بۆرىدىن قۇتۇلۇپ يولۋاسقا تۇتۇلدۇم ›› دېگەندەك قومۇل ۋاڭنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇق ، دەپ ئويلىغان خەلق ھىيلىگەر جاللات – جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ چېرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا قالىدۇ . جىن شۇرىن ۋە ئۇنىڭ قول – چوماقلىرى ئاسانلا قولغا كېلىپ قالغان بۇ ‹‹ تاجى – تەخت ›› نىڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرمەيدىغانلىقىنى ياخشى بېلەتتى . شۇڭا ئۇلار بۇ ‹‹ ئامەت ›› دىن پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئالۋان – ياساقلارنى كۆپەيتتى . خىيانەتچىلىك پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خەلقنى ئازابلاش بەدىلىگە ئۆز چۆنتەكلىرىنى تولدۇرۇشتى . خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى . شۇ ۋاقىتتا ئايرىم كىشىلەر ئىچىدە : ‹‹ چېچەنگە ئۇنىماي ، باچەنگە ئۇندۇقمۇ ؟ ›› ، ‹‹ بۇ قانداق يېڭى ھۆكۈمەت بولسۇن ؟ بۇنداق ھۆكۈمەتتىن ۋاڭ ياخشىكەنغۇ ؟ ›› دېگەن پاراڭلارمۇ بولدى . خەلقنىڭ بۇ ئىنكاسى بەزىلەر دېگەندەك ھەرگىز قومۇل خەلقىنىڭ قايتا تىكلەشنى تەلەپ قىلىشى بولماستىن ئەكسىچە جىن شۇرىن ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت ئىدى .
      بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس خەلقنى بۇ خىل پىكىرنىڭ ھىمايىچىسى بولۇۋالىدۇ – دە ، نەزەر ۋاڭ قومۇلدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بېشىر شاھزادىنى ( ئەينى ۋاقىتتا ئوردا ھەربىي ئىشلار نازارەتچىسى ئىدى ، ) ۋاڭ قىلىپ تىكلەپ ، ئۆزى ئوردا بېگى بولۇۋالىدۇ . قومۇل جىن شۇرىن ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىدۇ . جىن شۇرىن نەزەرنى ئۇلارغا نەسىھەتكە ئەۋەتىدۇ . لېكىن بېشىر ۋە يولۋاسلار نەزەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ . نەزەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلىدۇ .
      بېشىر شاھزادە ۋاڭ بولغاندىن كېيىن ، ئوردا قائىدىسى بويىچە تاغلىق پالۋانلارغا مىلتىق تارقىتىپ بىر تال مىلتىق ئۈچۈن ئىككى دانىدىن بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇرۇش ئالۋىنى قويدى . بۇ قېتىم تاراتى تېغىغا قويۇلغان ئالۋانغا خوجىنىياز ھاجىممۇ قاتناشتى . خوجىنىياز ھاجىم ۋاڭ بەرگەن ئىككى دانە مىلتىققا مەقسەتلىك ھالدا ئالتە دانە بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇردى . بۇنى كۆرگەن بېشىر ۋاڭ ھەيران بولۇپ ئەھۋالنى سورىغاندا ، مال تاپشۇرغانلار : ‹‹ تاراتى تېغىدا بىر مەرگەن چىقتى ، ئاتقان ئوقى زايە كەتمەيدۇ . ئۇچار قۇشلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ›› ، دەپ تەرىپلەيدۇ . ۋاڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ، بىز ئۇنى ‹‹ پالۋان دەپلا ئاتايمىز ، ئاڭلىساق ، ئۆزلىرى بىلەن مەدرىستە بىللە ئوقۇغان كىشى ئىكەن ›› - دەيدۇ .
      بېشىر ۋاڭ سۈرۈشتۈرۈپ ، بۇ كىشىنىڭ خوجىنىياز ھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ .

    *              *            *              *
      بېشىر ۋاڭ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بولغان ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق يۈزىسىدىن ، بولۇپمۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قابىل مەرگەنلىكىگە خۇشتار بولۇپ ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭنىڭ خوجىنىياز ھاجىمنى ئورنىغا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ تالانتىدىن پايدىلىنىش ئىدى . خوجىنىياز ھاجىم ئوردا بەگلىرىدىن يۈسۈپ بەگ چىقىپ 3 – قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئاندىن ئوردىغا كېلىدۇ ، بېشىر ۋاڭ ھاجىمنى ناھايىتى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ .
      بېشىر ۋاڭ ھاجىمىڭ مەرگەنلىكنى كۆرۈش ئۈچۈن ئوۋغا چىقىدۇ ، ۋاڭ ئۇچرىغان جانلىقلارغا نىشانسىز ئوق ئاتىدۇ . ئوقنىڭ بىرەرسىمۇ تەگمەيدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئارقىدا تۇرۇپ ئۇچرىغان جانلىقلارنى يىقىتىدۇ ۋە : ‹‹ ۋاڭ ئالىيلىرى ، ئۆزلىرى ئاتقان ئوق دەل تەگدى ›› ، - دەيدۇ . ۋاڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال بولىدۇ . بارا – بارا ۋاڭنىڭ ھاجىمغا بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىشكە باشلايدۇ . جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجىم ئۈستىدىن تولاراق شىكايەت قىلىدىغان ھەسەتخور ئوردا بېگى يولۋاسنى ئوردا بەگلىگىدىن قالدۇرۇپ ، بازار بېگى قىلىپ قويىدۇ . خوجىنىياز ھاجىمنى ئوردا بېگى ھەم ئوردا پالۋانلىرىنى تەربىيىلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئوردا بېگى بولغان مەزگىللەردە راھەت – پاراغەت ، ئەمەل – مەنسەپگە بېرىلمەي ، ئىتىبىدات ھاكىمىيەتكە ھەم ۋاڭغا قارشى ئىسيان كۆتىرىش ئارزۇسىدا بولىدۇ . ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرىدۇ . مەخسۇت مۇھتى ۋە مەھمۇت مۇھتىلار ھەم توقسۇنلۇق توختى لۈيجاڭ ( توختى ئېلى ) ، كۇچالىق تۆمۈر ئېلى ( تۆمۈر سىجاڭ ) ، ھادى ئەلەم قاتارلىقلار ھەم ھەر قايسى جايلاردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
       دېمەك ، شىمالدا ئالتايدىن ، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتا ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ .
      1929- يىلى جىن شۇرىن ھۆكۈمىتى بېشىر ۋاڭغا قايتا – قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۆلكىگە بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ ۋاڭلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە ، قۇمۇلغا قاراشلىق 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىن ① مەرگەن تاللاپ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجىمنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ 12 تاغ ۋە بەش شەھەردىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ . دېمەك خوجىنىياز ھاجىم 1929- يىلنىڭ ئاخىرىدا 1931- يىلنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ قوزغىلاڭ ھېسداشچىلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ .
    ①بەش شەھەر – سومقاغا ، توغۇچى ، لاپخۇق ، ئاستانە ، قارا دۆۋە  قاتارلىقلار ئىدى .
    *              *            *              *
      جىن شۇرىن ھاكىمىيەت بېشىقا چىققاندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە قومۇلدا خىزمەت قىلغان ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرىدۇ . ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىنى باج كىرىمى ئەڭ كۆپ بولغان ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھەر قايسى ئىقتىسادىي ئورۇنلارنى قامال قىلىدۇ . جىن شۇرىننىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئاسان قولغا كەلگەن بۇ ھاكىمىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى بېيىتىش ئىدى .
      1931- يىلى جىن شۇرىن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقىنى جاڭ گو خۇانى ئارا تۈرۈك ناھىيىسىنىڭ شوپول دېگەن يېرىدىكى چازىغا باج ئەمەلدارى قىلىپ ئەۋەتىدۇ . بۇ شىنجاڭ بىلەن تاشقى موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى مۇھىم جاي بولۇپ باج كىرىمى ئەڭ ئۈستۈن ئىدى . جاڭ گو خۇا بۇ جايغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن بىر ئۇيغۇر قىزغا ئۆيلىنىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ ۋە قىزنىڭ ئاتىسىغا ئادەم قويۇشتىن سىرىت قۇراللىق بېسىم ئىشلىتىدۇ . زۇلۇم دەستىدىن جېنىدىن جاق تويغان خەلق قاتتىق غەزەپكە كېلىدۇ . خەلق قانچە ئېغىر بېسىقلىق قىلسا ، جاڭ گو خۇا شۇنچە ھەددىدىن ئاشىدۇ . ئۆزىنىڭ پاك قېنى ۋە نەسلىنى بۇلغاشقا يول قويمايدىغان ئۇيغۇر خەلقى جاڭ گۇ خۇاغا قارشى قوزغىلىدۇ . خەلق بۇ قوزغىلاڭغا خوجىنىياز ھاجىنى يېتەكچى دەپ تونۇيدۇ ( بۇ يەردە باشقا يۇرت كاتتىلىرى ئۈستىدە توختالمايمىز ) . خوجىنىياز ھاجىمنىڭ بۇ قوزغىلاڭغا قاتنىشىنى ۋە رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ تەكلىپ خوجىنىياز ھاجىم ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . نەتىجىدە قوزغىلاڭ جاڭ گوخۇا ئۈستىدىن باشلىنىدۇ .

    *              *            *              *

      1931- يىل 2 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ، ئابدۇنىياز مىراپ ، سالى دورغا ، خوجىنىياز ھاجىم ....... قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرى ئاچقان قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلان يىغىنى غەلىبىلىك ئاياغلىشىدۇ . 1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى داقا – دۇمباق ، ناغرا – سۇنايلار بىلەن باشلانغان << توي >> مۇراسىمى ھەممە كىشىنى جەلپ قىلىدۇ . جاڭ گو خۇا << قىزنى بېرىمىز >> دېگەن ۋەدە بويىچە 33 نەپەر قوراللىق ئەسكەر بىلەن توي مەيدانىغا يېتىپ كېلىدۇ . كەچ قۇرۇن جاڭ گو خۇا قىز ھۇجرىسىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . جاڭ گو خۇا ھۇجىرىغا كىرىش بىلەنلا قىزچە ياسانغان يىگىت ( ئىمىن ئىسمايىل ) نىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ . ئىمىن جاڭ گو خۇانى قۇچاقلاپ ئالغان پېتى جايىدىلا ئۇجۇقتۇرىدۇ . بۇ چاغدا توي مەيدانىدا تۇرغان يىگىتلەر جاڭ گو خۇانىڭ 33 نەپەر ئەسكىرىنى بېسىقتۇرىدۇ . قورالغا ئىگە بولغان يىگىتلەر دەرھال جاڭ گو خۇا تۇرۇشلۇق قورغانغا قاراپ ئاتلىنىدۇ . قورغان ئەمەلدارى ئابدۇنىيازنىڭ ياردىمى ئاستىدا قورغاندىكى 100 دىن ئارتۇق چېرىك يوقىتىلىدۇ . ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان<< توي >> دىكى بۇ غەلبە قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەشكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . يۇرت كاتتىلىرىدىن سادىق دورغا ، ئابدۇنىياز مىراپ ، باقىنىياز دورغا ، خوجىنىياز ھاجىم ، قاسىم پالۋان ، يەھيا ئىمام ، ئىبراھىم قورماللار يېتەكچىلىكىدە قوزغىلاڭچى قوشۇن تەشكىللىنىدۇ . بۇ قوشۇندا 12 تاغ ، 5 شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر قاتنىشىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم بۇ قوشۇننىڭ ھەربىي قوماندانى بولىدۇ . جىن شۇرىن بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ ، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىگە ئىشلەتكەن كونا ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ، سۈلھىگە ئادەم ئەۋەتىدۇ . سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىم ؛ << قومۇلنىڭ ئامانلىقى قومۇل خەلقىگە تاپشۇرلىشى لازىم .....>> دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ . جىن شۇرىن ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ . نەتىجىدە ، كېلىشىم ئورنىغا ئۇرۇش بولىدۇ .

    *              *            *              *

      1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ، << توي>> مۇراسىمى باشلانغان قوزغىلاڭ جىن شۇرىن ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى . جىن شۇرىن قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قوماندانى ( قومۇل سىجاڭى ) ليۇ شىزىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، قوزغىڭلانى باستۇرماقچى بولدى . ليۇ شىزىڭ يولۋاس باشچىلىقدا قوشۇن ئەۋەتتى . يولۋاس باشچىلىق قىلغان قوشۇندىكى ئەسكەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ بىر نەچچىسىلا ساق كېلەلىدى . تۆۋەندىكى قوشاقتىن ئۇرۇش ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

    سايلار ئارا چېرىك چىقتى .
    ئەلىمىنى دىڭگايتىپ ،
    چەنلەپ ئاتتۇق ، دۈشمەن قاچتى .
    مۈرىسىنى قىڭغايتىپ ،

    چىقىپ كەلگەن چېرىكلەر ،
    ئارىلاپ ئاتتى تاڭ – تاڭنى .
    تاغچىلار يامان ئىكەن ،
    تارتىۋالدى جۈن چاڭنى .
       بىر قانچە قېتىم چىقىرىلغان ئەسكەرلەر قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن زەربە يېدى . يولۋاس باشلاپ چىققان قىسىم زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ليۇ شىزىڭ باتالىيون كوماندىرى جىڭ ئەن بىلەن بىر باتالىيون ئەسكەر ئېلىپ كۆ شۆ تى داۋىنىغا چىقىدۇ . يەر شارائىتى بىلەن پىششىق تونۇش ، ئۇرۇش تاكتىكىسغا ئۇستا خوجىنىياز ھاجىم ئۈچ ناھىيىنىڭ يولىنى كونترول قىلغان بۇ ئىستراتېگىيىلىك جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلىشىپ جەڭ قىلىدۇ . جىڭ ئەن باشچىلىقىدىكى بۇ بىر باتالىيون دۈشمەن ئەسكىرى خوجىنىياز ھاجىم قوشۇنلىرى تەرىپىدىن تەل – تۈكۈس يوقىتىلىدۇ . بۇ ئۇرۇشنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى قوشاقتىن ئاڭلاڭ ؛
    خويمۇ ئوبدان جەڭ بولدى ،
    كۆ شۆ تى دېگەن دەڭدە .
    جىن ئەن باشلىق چېرىكلەر ،
    تامام ئۆلدى شۇ جەڭدە .

      بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلار غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىپ ، دۈشمەن قىسىملىرى مەغلۇپ بولىدۇ . پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس دەرھال قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا بېرىپ قوشۇلىۋالىدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە گەنسۇ ، چىڭخەي ئەتراپلىرىدا خەلقنى بۇلاپ – تالاپ ، ما بۇ فاڭدىن قېچىپ يۈرگەن ماجۇڭيىن 200 دەك ئاتلىق ئەسكىرى بىلەن قومۇلغا چىقىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇن قومۇل شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا ، ھىلىگەر ما جۇڭيىن قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ جەڭ قىلىدۇ . ئۇرۇشتىن كېيىن ما جۇڭيىن خەلق تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ . قوزغىلاڭچىلار << يېڭى شەھەر >> ۋە << كونا شەھەر >> دىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەھەرنى ئۇزۇن مۇددەت مۇھاسىرە قىلىپ ئالالمايدۇ . ما جۇڭيىن گەپ – سۆزسىزلا قوشۇنلىرىنى باركۆلگە يۆتكەپ كېتىدۇ . كېيىن جىن شۇرىن ئەۋەتكەن لۈيجاڭ دۇ جىڭگو باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن لىياۋدۇننىڭ چېڭلۇ چەن دېگەن يېرىدە سوقۇشۇپ دۇ لۈيجاڭ قىسىملىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ . بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن تۆۋەندىكى قوشاقلار توقىلىدۇ ؛

    لىياۋدۇندىكى سوقۇشتا ،
    يىيۈەنچەنگە ئات سالدۇق .
    دۇ لۈيجاڭنىڭ چېرىكىنى ،
    چېڭلۇ چەندە قاق سالدۇق .

    خوجىنىياز ھاجى باش بولۇپ ،
    بىزنى جەڭگە باشلىدى .
    دۇ لۈيجاڭنىڭ چېرىكى ،
    قوراللىرىنى تاشلىدى .

       دۇ لۈيجاڭ قوشۇنىنىڭ يوقۇتۇلغانلىقىنى ۋە قومۇلنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغانلىقىنى ئاڭلىغان جىن شۇرىن شىڭ زىخۇي ( شىڭ شىسەي ) نىڭ قوماندانلىقىدا بىر لۈي ئاتلىق ( موڭغۇل ، شىبە ، رۇس ) ئەسكەرلىرىنى قومۇلغا ئەۋەتىدۇ . خوجىنىياز ھاجى لىياۋدۇندە شىڭ شىسەي قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشىدۇ . خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى 1- سەپتە ، ما جۇڭيىڭ قىسىملىرى 2 – سەپتە ئىدى . 3 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن ، شىڭ شىسەي قورشاپ ئۇرۇش قىلىدۇ ................ ما جۇڭيىن قىسىملىرىنى باشلاپ گەنسۇغا چېكىنىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم ئۆز قىسىملىرىنى تاراتى غا ئېلىپ كېتىدۇ . ما جۇڭيىن گەنسۇغا چېكىنىش ۋاقتىدا قومۇل خەلقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىدۇ ، قومۇل ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇپ بېرىدۇ .
       دەل مۇشۇ پەيتتە ، شىڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىمنى سۈلھى سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم سۆھبەتكە كېلىدۇ . لېكىن 4 كۈنلۈك سۆھبەتتە خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆزى مەقسىتىگە بوي سۇندۇرالمىغان ياۋۇز شىڭ شىسەي رەزىل ۋاسىتە قوللىنىپ ، ئۇنى تۇتۇپ قالىدۇ . خوجىنىياز ھاجىم دەرھال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ قىسىملىرىنى ئالداپ تاغقا ئېلىپ چىقىدۇ . قوزغىلاڭچىلار بار جايغا كەلگەندە غايىب بولىدۇ ۋە شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ . بۇ زەربىدىن كېيىن شىڭ شىسەي بارلىق قوشۇنلىرىنى توپلاپ تارا تىغا چىقىپ ، قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرماقچى بولىدۇ . ئەمما ئۇرۇش خۇمار قوزغىلاڭچىلار شىڭ شىسەينىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇنى كۆرگەن شىڭ شىسەي ئارقا -ئالدىغا قارىماي، توگۇزدەك تىكىۋېتىدۇ.
    مەنبە:باغداش

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ