|
|
ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتى |
يوللىغان ۋاقىت:2009-02-03 ئاۋاتلىقى:3843 |
|
|
|
فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە» دېگەن كىتابى XI ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بولۇپ، قەدىمكى تارىخىي ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ، ئىرانلىقلار (پارس) بىلەن تۈركلەردىن ئىبارەت ئوخشاشلا باتۇر ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشنى تەسۋىرلىگەن. تۇران بىلەن تۈركلەر ئەسلىدە مۇناسىۋەتسىز ئىدى. لېكىن مىلادى VI ئەسىردە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن تۈركلەر پارس تىلى مىللەتلىرى ئارىسىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، شۇنىڭ بىلەن تۇران دېگەن سۆز ئاستا- ئاستا كىشىلەرنىڭ يادىغا كېلىدىغان بولۇپ قېلىپ، يېڭى كەلگەن بۇ مىللەتنى خاتالىشىپ ئاشۇنداق ئاتايدىغان بولۇپ قالغان. سۇغدىلارنىڭ پەنجىكەنت رايونىدا (ھازىرقى شەمەرقەندنىڭ شەرقىدىن 60 كىلومېتر كېلىدىغان تاجىكىستاندا)، تەخمىنەن VIII ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان نام رەسىملىرى بار، ئۇنىڭدا بىر ياش شاھزادىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن، تاۋۇت ئەتراپىدا چېچى مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان بىر توپ بەدەن تېرى ئاق ئەرلەر سۈكۈتتە تۇرغان؛ ئۇلاردىن سەل يىراقتا، يەنى تام رەسىمنىڭ ئالدىنىقى قاتاردىكى كۈرۈنىشىدە، ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكى بىر تۈپ كىشىلەر ئۆرە تۇرغان، ئۇلارنىڭ بەدەن تېرىسى تۇم قارا، قويغان چېچى قاپقارا، چوڭ بۈركۈت بۇرۇن، بۇ ئىككى گۇرۇپپا قايسى ئىرققا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلۈشتۈرەلەيمىز. سۇغدىلارنىڭ ئافراسىيابىدا (سەمەرقەند شەھىرنىڭ شىمالىدا) ئوخشاش مەزگىلگە مەنسۇپ يەنە بىر تام رەسىم بار، ئۇنىڭدا تۆگە مىنگەن بىر ئېسىلزادە ئەلچى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى- يۇمىلاق يوغان كۆزلۈك ۋە قاڭشارلىق، بۇ خۇسۇسىيەتلەردە ئادەتتە چەت ئەللىكلەرنىڭ تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ قوچۇ (تارىم ئويمانلىقىنىڭ بىر چېتىدىكى تۇرپان) دىن كەلگەن ئۇيغۇر سۇغدىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ مىساللار بىلەن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران رايونىنىڭ قەدىمىي ئىران مىللەتلىرى بىلەن يېڭى كەلگەن تۈرك مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان بۇ مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا بەلكىم ئالاقە بولغان بولۇشى مۇمكىن، گەرچە ئۇلار ساسانىيە دەۋرلىرىدە ئىران مەدەنىيتىنىڭ مەزكىزىدىن يىراققا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزلىشىدىغان تىل يەنىلا ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىران تىلىغا مەنسۇپ بولغان. سىر دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى رايونىدىكى ئىفتالىتلار بىر پادىشاھلىق قۇرغان بولۇپ، مىلادى 565- يىلى ساسانىلار بىلە تۈركلەرنىڭ بىرلىشپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسدە مۇنقەرز بولغان. لېكىن VIII ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، گەرچە ئۇلار مەغلۇب بولغاندىن كېيىن (appearto) تۈرك بەگلىرىگە بەيئەت قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا يەنىلا دائىم دېگۈدەك «ئىفىتالىتلار شاھى» دېگەن. سۆز ئۇچراپ تۇرىدۇ. جۇڭگۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، ئۇلار گەرچە تۈركلەر بىلەن ئوپئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان يەنى ھەممىسىلا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ پۇلى، ئىفىتالىتلار ئالاھىدە بىر تەبىئىي ھالدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان مەسىلەن: ئۇلارنىڭ پۇلى، ئىفىتالىتلار ئالاھىدە بىر خىل ھەرىپ شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇ ھەرپنىڭ مەنبەسى كۇسانا ھەرىپ شەكلىدىن ئىبارەت. تۇرپاندا تېپىلغان خەت بېسىلغان بەزى پۇللاردىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ يازما تىلى- ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىران تىلىغا مەنسۇپ ئىدى. دەپ مۇئەتتەنلەشتۈرۈشىمىز تامامەن مۇمكىن. ساكىسلار (Saks ياكى سىكىفلار) نى تەتىقىق قىلىش تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق، ئۇلارنىڭ تىلىمۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئىران تىلىغا مەنسۇپ ئىدى. بۇ ساكىسلار مىلادىدىن 600 يىل بۇرۇنلا قەدىمىي پارىسلار ۋە قەدىمىي گرېكلەرگە مەلۇم بولغان، مىلادى V ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۇلار قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى يايلاقلار بىلەن سىر دەريا ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادى II ئەسىردە، ئۇلارنىڭ ھېندىستاننىڭ غەربىي شىمال رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. جۇڭگۇلۇقلار ئۇلارنى «Sak» (ساكلار) دەپ ئاتايدۇ. ۋەھالەنكى، ئومۇمەن ئېيتقانداق، ئۇلار تۈركلەر بىلەن كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇش قىلغاندىن تاشقىرى، تۈركلەر بىلەن ھېچقانچە ئالاقىلەشمىگەن، ساكلارنىڭ بىر تارمىقى خوتەندە (تارىم ئويمانلىقىدا) پادىشاھلىق قۇرغان، ئۇلار ئىخلاسمەن بۇددىستلار بولۇپ، زوروئاستېر دىندىن (نىستورىيان دىنى ياكى مانى دىنىدىن ئەمەس) ئۆتكەن. دەسلەپكى مەزگىللەردە ساكىسلارنىڭ بۇددا دىنىي ئىبارىلىرى غەيرىي دىنىي تىلىنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى ھىندىستان روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى، لېكىن جۇڭگۇنىڭ مىلادى VIIئەسىردىكى مەشھۇر تاۋاب قىلغۇچىسى ۋە نوم تەرجىمانى شىۋەن زاڭ ھەزرەتتىن ئېگىلىنىشچە، بۇ تەسىرلەر ئاساسەن «سارۋاستىۋادا» (Sarvastivada) دكى سانىسىكرىتچىدىن كەلگەنلىكى مەلۇم. تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئىرىكىدىكى «يىپەك يولى» غا جايلاشقان خوتەن ۋە تۇمشۇقلاردىن مىلادى VII ئەسىردىن X ئەسىرگىچە قوللىنىلغان ساكىس (ساكلار) تىلى بىلەن ھايۋان تېرىسى، ياغاچ تارشىلىرى ۋە قەغەزگە پۈتۈلگەن ھۆججەتلەر بايقالغان، بۇ ھۆججەتلەر ھىندى براھمى يېزىقىدا پۈتۈلگەن، بۇ ھال بۇ ئىككى رايوننىڭ تىل جەھەتتىكى بىر تالاي پەرقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تۇرپان بوستانلىقىدىكى مۇرتۇقتىن بايقالغان قوليازمىلاردا نورمىدىن تاشقىرى 12 تىنىش بەلگىسى بار ئىكەن، بۇ ھال ئىران تىل تاۋۇشى بىلەن سانىسكرت تاش تاۋۇشى بىلەن سانىسكرت تىل تاۋۇشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ تىنىش بەلگىلىرى ئوخشاشلا بىر قىسىم براھمى يېزىقىدا پۈتۈلگەن تۈرك ھۆججەتلىرىدە ئۇچرايدۇ. بۇ ھۆججەتلەر بەلكىم ساكلار ياكى تۇخارلار تۈرك تىلىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش بىر تىلدا سۆزلىشىدىغان سوغدىلار تۈرك مەدەنىيىتى تەتقىق قىلىشتا ئوخشاش مۇھىم. ئۇلارنىڭ ۋەتىنى سوغدىستان. پايتەختى مارقانت، يەنى كېيىنكى مەشھۇر سەمەرقەند ئىدى. ئۇلار تارىختا ئىسكەندەر زولقەرنەيننىڭ تاجاۋۇزىغا ئوچرىغان، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ سەۋەبتىن شەرققە كۆچۈپ، جايلىشىدىغانغا يېڭى ماكا ئىزدىگەن. سەمەرقەندنىڭ زۆرۈرلۈكى- ئۇنىڭ چاڭئەندىن ۋىزانتىيىگە بارىدىغان يىپەك يولىدىكى قاتناشنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدا. شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى سودا- سېتىق، كەلدى- باردىسى ئۇلارنىڭ شەرق بىلە بولغان سودا ھەۋىسىنى قوزغىغان. سۇغدىلار كارۋان يولىدا نۇرغۇنلىغان سودا سېتىق نۇقتىلىرىنى قورغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىقىنى قورمىغان. جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالدىكى دۇخان (دۇنخۇاڭ) دىن تېپىلغان، ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقان سوغدى قوليازمىلىرىدا، مىلادى VI ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە مەنسۇپ «قەدىمىي خەت چەك» لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودا مەركىزى سەمەرقەند بايان قىلىنغان. شۇلار ئارىسىدىكى بىر پارچە خەتكە ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا دۇخاندا تەخمىنەن بىرەر يۈزچە سەمەرقەند شاھزادىلىرى بار ئىكەن، باشقا جايلاردىن، بولۇپمۇ تارپاندىن تېپىلغان بەزىبىر سوغدىچە قوليازمىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى XI-X ئەسىرلەرگە، ئاز ساندىكىلىرى IVII - X Iئەسىرلەرگە، مەنسۇپ ئىكەن. ھازىرقى تاجىكىستاندىكى مۇگ تېغىدىن سوغدى شاھىنىڭ ھايۋان تېرىسىگە يازغان سودا- مەنسۇپ ئىكەن. ھازىرقى تاجىكىستاندىكى مۇگ تېغىدىن سوغدى شاھىنىڭ ھايۋان تېرىسىگە يازغان سودا- سېتىققا ئائىت خېتى بايقالغان، خەتنىڭ يېزىلغان ۋاقتى IVII ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەرەپلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاغلارغا توغرا كېلىدىكەن، ئۇلار ئارسىدىكى بىر پارچە خەت رۇنىك يېزىقىدا پۈتۈلگەن بولۇپ، تا ھازىرغىچە توپتۇغرا تەرجىمە قىلىنمىدى. ھازىرغىچە ساقلانغان سوغدىچە بۇددا نوملىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگۇدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن، بەلكى ۋاقتى خېلى خوپ كېيىن بولغان. لېكىن سوغدىلار بۇددا دىنىغا ئاللىبۇرۇنلا ئېتقاد قىلغان. II ئەسىرگە مەنسۇپ جۇڭگۇ بۇددا نۇملىرىنىڭ نەشىر نۇسخىلىرىدا ئارساك (بۇخارا) بىلەن سۇغدىيانا «سەمەرقەند ۋە ئۇنىڭ قوشنا رايونلىرى) دىن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغۇچى تەرجىمانلار تىلغا ئېلىنغان. بۇ نوقتىنى ئارخېئولۇگىيە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ. سۇنۇق ھەيكەللەر بايقالغان بولسىمۇ لېكىن سۇغدىلارنىڭ بۇددا دىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دىن زوروئاستېر دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، ساسانىلار دەۋرىدە زوروئاستېر دىنى ئەسلىگە كەلگەنلىكى روشەن نامايەن بولىدۇ. 630- يىلى، شۋەن زاڭ بەزىبىر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى چېلىقتۇرغان، بۇرۇنقى بۇدخانىلارنى زورو ئاستېر دىنى ئىگىلەپ كەتكەن. زوروئاستېر دىنىدىن باشقا، بۇددا دىنى سوغدىلار ئارىسىدىكى بىردىنبر دىن بولغانمۇ ئەمەس. مىلادى III ئەسىردە مانى بىر خىل ئونىۋېسال خاراكتىرلىك دىننى كەشىپ قىلغان، ئۇ ئالدى بىلەن ساسانىيە شاھى شاپۇر (241- 272) نىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. كېيىنچە مەنئىي قىلىنغان، مانى ئۆزى ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى غەربتە مىسىر تەرەپلەرگىچە، شەرقتە مۇڭغۇلىيە، تارىم ئويمانلىقلىرىغا، ھەتتا جۇڭگۇنىڭ قەدىمىي پايتەختى چاڭئەنگىچە قېچىپ بارغان ھەم چاڭئەندە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مەدەنىيەت مەكىزىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان. تۇرپان ۋە دۇخانلاردىن سوغدى يېزىقىدا پۈتۈلگەن، ناھايىتى ياخشى ساقلانغان نۇرغۇنلىغان مانى دىنى قوليازمىلىرى بايقالغان. سودىيانا، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭگۇ يەنە نېستورىيان دىنىمۇ بولغان. تۇرپاندا، بولۇپمۇ بۇيلۇق يېزىسىدا خىرستىئان دىنى مەزمۇنىغا ئىگە سوغدىچە ۋە تۈركچە قوليازمىلار ناھايىتى كۆپ تېپىلغان. 781- يىلى شىئەن مەھكىمىسىدە تىكلەنگەن جۇڭگۇ خرىستىئان دىنى تۈۋرۈكى ناھايىتى مەشھۇر. باشقا غەيرىي پارىس تىلى مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىمۇ تۈركلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن: تارىم ئويمانلىقىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى II ئەسىردە خەن سۇلالىسى غەربكە يۈرۈش قىلغان چاغدا كەلگە جۇڭگۇ ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن كۇچادىكى تۇخارلار غەربىي ھىندى- ياۋرۇپا تىلىدا سۆزلەيتتى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا شىزاڭلىقلار بار ئىدى. شەرققە قاراپ يۈرسە «تابغاچ» لار بار ئىدى. ئالتاي تىلى سىستىمىسىنىڭ سۆزلەيدىغان بىر مىللەت بولۇپ، مىلادىV- VI ئەسىرلەردە جۇڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. لېكىن تۈركلەر دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى بولغان «شىمالىي ۋېي» خالىقى ئاجىزلاپ كەتكەن. بۇ چاغدا ساسانىلار ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممسى دېگۈدەك زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈۋەتكەن، ساسانىيە مەدەنىيىتى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقالغان. جۇڭگۇنىڭ تارىخي كىتابلىرىنىڭ تۈركلەرنى ئەڭ بالدۇر تىلغا ئالغان ۋاقتى مىلدى 552- يىلىدىن بۇرۇن بولۇپ، ئەينى زامانلاردا ئۇلارن ئۆزلىرىنى كۆك تۈرك، دەپ ئاتايتتى، ھېچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ شەرقىي قىسم رايونلىرى شۇنداق ئاتايتتى. مىلادى 552- يىلىغا كەلگەندە، ئۇلار جۇرجىتلار (ئاۋارلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان، جۇرجىتلارنڭ ئىرقى ۋە تىلى ئېنىق بېكىتىلمىگەن، لېكىن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا كۆچمەن چارۋىچى بولۇپ، ئات باقاتتى. ۋەھالەنكى، 552- يىلى تۈركلەرنىڭ جۇرجىتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانىلىرى «قاغان» ئەمەل نامىنى قوللانغان، قاغان ئەمەلىيەتتە يايلاقلەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانرانى ئىدى، بۇ نام III ئەسىردىن تارتىپلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تارقاقلغان، تۈركلەرنىڭ زىمىنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، جەنۇب تەرەپتە جۇڭگۇ چېگرىسىغىچە، غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، غەربىي جەنۇب تەرەپتە باكتېرىيىگىچە يېتىپ بارغان، ھەتتا تارىم ئويمانلىقىدىكى ھەر قايسى پادىشاھلىقلارنى كونترول قىلغان. ئۈچ ئەۋلاد ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ھېسابلىمىغاندا، تۈرك پادىشاھلىقىق تاكى VIII ئەسىرگىچە داۋاملاشقان، كېيىنچە قەدىمكى ئۇيغۇرلار تەرپىدىن ئاغدۇرۇلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەخمىنەن يۈز يىلغىچە داۋاملاشقان. 840- يىلى ئۇلار خاككاسلا (قىزغىز تۈركلەر) تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان، ھايات قالغانلار جەنۇب غەنۇب، غەربىي ۋە جەنۇبتىكى ھەرقايسى جايلارغا قاچقان. بىر تۈركۈمى تۇرپانغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىقىنى قورغان، بۇ پادىشاھلىقىنى قورغان، بۇ پادىشاھلىقنىڭ بىر قىسىم زېمىنى مۇڭغۇللار ھاكىمىيتىنىڭ قولىدا بولۇپ، تاكى ھازىرقى زامانغىچە داۋاملاشقان. كۆك تۈركلەر تەڭرىگە، ئايال يەر ئىلاھىغا ۋە ئەجدادلىرىغا چۇقۇنغان. VI ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگۇنىڭ شىمالي قىسمىدىكى بۇددستلار قاغاننىڭ پۇقرالىرىنى بۇددا دىنىغا كىرگۈزۈش نىيتىدە قاغانغا «نېرۋاناسۇترا» نومىنى ئەۋەتكەن. بۇ ئىش توغرىسىدا جۇڭگۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا سانسىكرىت يېزىقىدىن قانداق يېزىق بىلەن تەرجىمە قىلىغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن. بىراق، ئومۇمەن ئېيتقاندا سوغدى يېزىقى ئىشلەتكەنلىكى چۈقۇم، چۈنكى، شۇ چاغلاردا سۇغدى يېزىقى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. 568- يىلى، غەربىي تۈرك قاغانى ئەستەمى ۋىزانتىيىگە جۇستىنان II نىڭ قېشىغا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ئەلچى ئەۋەتكەن. تەرجىمانى تۈرك بولماستىن، بەلكى سۇغدىلاردىن مانىك ئىدى. ئۇسكىف يېزىقىدا پۈتۈلگەن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ بارغان، جۇستىنانII سەمەرقەندتىن كەلگەن لېسپار ئىسىملىق خرىستىئان سوغدى ئۇيغۇر قاغانى تەرىپىدىن تىبەتكە ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئۆز سەپىرىدە لاداققا كەلگنەدە، سۇغدى يېزىقى بىەن ئابىدە چەككەن ھەن ئۇنىڭغا نىستۇرىيانچە كرېستنى قوشۇپ چەككەن. بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي تۈرك مەڭگۈ تېشى يەنى مۇڭغۇل بۈگۈت مەڭگۈ تېشىمۇ سوغدى يېزىقىدا پۈتۈلگەن ئەمەلىيەتتە، تۈرك تىلى VI ئەسىردە تېخى بۇددا دىنى ئاتالغۇ- ئىبارىلىرىنى تولۇق ئىپادىلىگۈدەك دەرىجىگە يېتەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قاغانغا ئەۋەتىپ بەرگەن «نېرۋانا سوترا» ئېھتىمال تەرجىمە قىلىنغان. يەنى تۈرك تىلىدا ئەمەس، بەلكى تۈرك يۇقىرى قاتلامدىكىلىرى پىششىق بىلىدىغان سوغدى يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگۇنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى ياكى باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مىلادى VI ئەسىردىكى دىن تارقاتقۇچىلار ئۆمىكى چۇقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان: قەدىمكى تۈرك بۇددا دىنى تۈپ ئىبارە- ئاتالغۇلىرى ۋە بىر قىسىم خاس ئاتالغۇلاردا سوغدى دىندارلىرىنىڭ تەسىرى نامايەن بولۇپ تورىدۇ، بۇ ئىبارە، ئاتالغۇلار ئاساسەن سانىسكرېت تىلىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئەسىر پارىس (ئىران) تىلىدىن، بولۇپمۇ سوغدى تىلىدىن كەلگەن. بەزى ئاتالغۇلار، ھەتتا زوررئاستېر دىنىنىڭ تىلىمۇ سوغدى يېزىقىدىن كەلگەن. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئۇيغۇر بۇددا دىنىنىڭ بوز مىقداردىكى ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلىنىڭ تەركىبىدىن، تۈركلەرنى ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز دىنىغا كىرگۈچىلەر ھىندىلارمۇ، جۇڭگۇلۇقلارمۇ بولماستىن، بەلكى سوغدىلار ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ (بۇنداق دىن تارقىتىش پائالىيىتى كېيىنچە تۇخارلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرغان، چۈنكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى سانسىكرېتچە ئىبارىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن مەلۇم ۋاستىلەر بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن ئىككىنچى قېتىمىلىق دىن تارقىتىش يۇقىرى دۇلقۇنى ھۇقۇم يايلاق پادىشاھلىقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېين،توخرى ۋە جۇڭگۇنىڭ تەسىر ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن، بۇ بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى قوچۇغا كەلگەن).ھەرقانداق دىن ئۆزىنىڭ ئەسلى پەيدا بولغان جايىدىن تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتلەردە بەزى ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى مەركىزىي رايوننىڭ بىرىنچى تۈركۈم بۇددىستلىرى بۇد ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇشنى، ئىلاھنىڭ ئوبرازى سىزىلغان رەسىملەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئانچە بەك ئويلاپمۇ كەتمىگەن. كېيىنچە قەندىھار، باكتېرىيە، سۇغدىلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر پارس روھى ۋە گرىكلەشكەن ھىندىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا، سەنئەتكار ئۆلچەملىك بۇد، بۇد ساتۋا، تەڭرى، جىن شەيتان قاتالىقلارنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان. بۇنداق ئۇسۇل تارىم ئويمانلىقىغا، ھەتتا جۇڭگو ۋە ياپۇنىيىلەرگىچە تارقالغان. مەسىلەن: بۇددا دىنىدىكى قەھىرىمان شەخىسلەر ھېسابلىنىدىغان تۆت چوڭ ۋاجرا يەنى ۋاجراپانى. بۇددانىڭ مۇھاپىزەتچىسى ( بۇدياگارد)، تەڭرى ئىندرا ۋە براھمانلارنىڭ ھەممىسى ساۋۇت كېيگەن. بۇنداق ئوبرازلار پاتېھىئانلار ۋە ساسانىلاردىن كەلگەن، تەڭرى ۋە بۇدساتۋالارنىڭ كۆركەم تاجىلىرى ساسانىيە ئىرندا بۇرۇندىنلا بار ئىدى. جۇڭگۇنىڭ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلاردا تارقالغان بۇددا دىنى ئىران بۇددا دىنىنىڭ نوقتىئىنەزەرى ۋە تەقى تۇرقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەسىلەن: بۇددا دىنىنىڭ تۈپ دىنىي ئەقىدىسى كارما (سەۋەب- نەتىجە، جازا- ت) دىن ئىبارەت بۇلۇپ، باقى ئالدەمدە بىر كىشىنىڭ جەننەتكە ياكى دۇزاققا كىرشى، شۇ كىشىنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرى ۋە قىلغان گۇناھلىرىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، دېيلىدۇ. بۇ دىنىي ئەقىدە بەلكىم زورورئاستېر دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ساداقەتمەنلىك ئەخلاقىغا سىڭىپ كەتكەن. تىپىك بۇددا دىنى قوليازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر مېيت يەتتە كۈن، 14 كۈن 21 كۈن، 49 كۈن، يۈز كۈن، 200 كۈن، ھەتتا ئۈچ يىل دوزاق سىنىقىدىن (سىراج كۆۋرۈكتىن) ئۆتۈپ، ئون ئەزرائىلنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتكەن. ئىككى ياش بىر ئەر ياكى بىر- ئەر بىر ئايال ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر قىلىغان ياخشى- يامان ئىشلىرىنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى ئېلىپ كېلىدىكەن، بۇ چاغدا بىر ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر قىلغان گۇناھلىرىنى كۆرۈۋالالايدىكەن. ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىلمىشلىرىغا ئاساسەن، قايتا تىرىلىشنىڭ ئالتە يولىغا يولۇقىدىكەن: تەڭرى، ئادەم، ھايۋان ئاچ ئالۋاستى، جىن شەيتان ياكى دۇزاق ئاھالىسىگە ئايلىنىدىكەن. رەسىلىك چۈشەندۈرۈشى بار ئۇيغۇرچە كىتابتا، بۇ ھايۋانلار قوي ۋە بۆرە شەكلىدە ئىپادىلەنگەن، بۆرە كەمسىتىلىپ باشقا بىر خىل تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋان قىلىپ ئىپادىلەنگەن. بۆرە بۇرۇن تۈكلەرنىڭ بۇددا دىنىغا ئىشىنىشتىن ئىلگىرىكى دىنىي چارۋىسى قىلىنغان، قوي زورئاستېر دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان، ئىرانلىقلارنىڭ دىنىي چارۋىسى قىلىنغان، بىر مۇنچە بەلگىلەر ۋە رەسىملەر تېخىمۇ قەدىمىي ئىران تىپىدىن كەلگەن. بۇددا دىنى ئەقىدىلىرى بويىچە، ئۆلگىچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى يادقا ئوقۇسا، كۆچۈرۈپ يازسا نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. «يەر يۈزىدىكى خەزىنىچى» دەپ ئاتىلىدىغاان ئەۋلىيا، قورقىدىغان ئادەملەرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا پەيدا بولىدىكەن، شۇنداقلا ئنى كۈچ پىتىشتىكى ئەرستىكى ئامىتابا بۇددا (ئەبەدىي نۇر چاچقۇچى بۇددا) نىڭ يېنىغا ئېلىپ باردىكەن. «نۇر» بىلەن «ئەرش» ئۇقۇمى مەلۇم مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىراندىن كەلگەن. مانى دىنى چاڭئەن سوغدىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا تارقالغان، 762- يىلى ئۇيغۇرلار شاھى ناھايىتى كۈچلۈك قوشۇننى باشلاپ چاڭئەنگە كېلىپ، تاڭ سۇلالىسى خاننىڭ ئۆڭلۈك توپلىڭىنى تىنجىتىشىغا ياردەملەشكەن. ئۆڭلۈكنى بەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، قاغان ئۆزىنىڭ بىر قىسىم پۇقرالىرى بىلەن چاڭئەندە تۇرۇپ قالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگۇ مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشقان. بۇ يەردە سۇغدىلارنىڭ مانى دىنىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەم بۇلار ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يۇرتىغا قايتقان چېغىدا مانى دىنى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى تەيىنلەپ، ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىللە بارغان دىنىي ئۆمەك ھەققىدىكى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلار مەلۇماتنامىسى ۋە سۇغدى رەسىملىرىدە خاتىرىلەر قالدۇرۇلمىغان. تۆت نەپەر سوغدى مىسسئونېر قاغان ئوردىسىغا كەلگەندە، شاھ ئۇلار بىلەن توپتۇغرا بىر كىچە سۆھبەتلەشكەن، ئاخىرى، تاڭ ئاتقان چاغدا، شاھ ئالتۇن تاجىسىنى قاتاپ، ھالرەڭ توننى كىيىپ، ئالتۇن تەختتە ئولتۇرغان چېغىدا، ساسانىلارنىڭ دەم ئالغان چاغلىرىدا دائىم ئۇرۇندۇقتا پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرغا قىياپىتىنى دوراپ تۇرۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئورنىغا مانى دىنىنى دەسسىتىپ، پادىشاھلىقنىڭ يېڭى دىنى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىراننىڭ مەرتىۋە- ئۇنۋان دەرىجىلىرىنىڭ كېلىش مەنبىئى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى يازما ھۆججەتلىرىدىكى زور مىقداردىكى سۆز- ئىبارىلەردىن قارىغاندا، مانى دىنىنىڭ تىلمۇ سوغدى تىلىدىن كەلگەن. نۇرغۇنلىغان تۈرك مانى دىنى قوليازمىلىرى ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن: theXastwanift- دىنىي مۇقەددىمە ۋە بىزى مۇقەددەس بەزەللەرنى نەقىل كەلتۈرگەن توۋانامە. بەزى مۇقەددەس غەزەللەرنى ناھايىتى يۇقىرى ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، تۈرك تىلىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇددا دىنى سۆز- ئىبارىلىرى دائىم دېگۈدەك تارك مانى دىنى قوليازمىرلىدا قوللىنىلغان، گەرچە مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ. بۇ جەھەتتىن، ئۇلارنى خۇددى مانى دىنىنىڭ سوغدى يېزىقىدىكى قوليازمىلىرى بوددا دىنى قوليازمىرىدىمۇ قوللىنىلغىنىغا ئوخشاش، دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇم جەھەتلەردە، تۈركلەر ئىبادەت قىلغان چاغلىرىدا ئوتتۇرا ئەسىر پارىس تىلىدىن پايدىلانغان. بۇ نۇقتىنى كۆك تۈرك رۇنىك يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئىسپاتلايدۇ. نېستۇرى دىنى تۈركلەرگە چۇقۇم تارقالغان، بۇنى سۈرىيە راھىپلىرىلا ئەمەس، بەلكى سۇغدى مىسسئونېرلىرىمۇ تارقاتقان، چۈنكى تارپان بوستانلىقىدىكى بۇيۇنلۇق يېزىسىدا نۇرغۇنلىغان سۇرىيە يېزىقى ۋە سوغدى يېزىقىدا پۈتۈلگەن خىرىستىئان دىنى قوليازمىلىرى بايقالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللەر تۈكچە يېرتىق قوليازمىلارمۇ بايقالغان. ئۇيغۇلارنىڭ ماگىنىنىڭ بالا ئىسانى يوقلىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ قېتىمكى دىن تارقىتىش پائالىيىتى بۇرۇن ئاتەشپەرەسلەر (ياكى پارىسلار دېيىشكىمۇ بولىدۇ.) ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان. شۋەن زاڭنىڭ VII ئەسىردىكى غەربىي تۈرك خاقانلىقىنىڭ ئاتەشپەرەسلىككە چۇقۇنىدىغانلىقى ھەققىدىكى مالۇماتى بۇنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا 733- يىلىدىكى شاھزادە كۇلتېكىننى خاتىرىلەش مەڭگۈ تېشىدا ۋاقىت ئىلاھى تىلغا ئېلىنغان، ھەتتا قەدىمكى ئىراننىڭ تەقدىر ئىلاھى (zurvanism) مۇ تىلغا ئېلىنغان. تىلغا ئېلىغان بىر مۇنچە تۈرك مەدەنىيىتىدە نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ئەسىر پارس تىلىدىن ئېلىنغان ئاتالغۇلار بولغان. تۈركلەر گەرچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قورغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خەت يېزىشنى بىلىۋالغان بولسىمۇ، ئېيتايلۇق بىر چېلىقتۇرغان ئۇلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەڭگۈ تاشلىرى يەنىلا ئەينى زامانلاردا ئورتاق قوللىنىلىدىغان سوغدى يېزىقىدا پۈتۈلگەن، بۇگۈتنىڭ ئەتراپىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ يېزىقىمۇ سۇغدى يېزىقىدا پۈتۈلگەن.VIII ئەسىردىن باشلاپ مىللەتپەرۋەرلىك ئەۋج ئالغان چاغدا ، كۆك تۈرك ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېيىنكى IX ئەسىردە ئۇيغۇر قاغانى ئۆزلىرىنىڭ تىلى بىلەن ھۆججەت- قوليازمىلارنى يازىدىغان بولغان. يان تەرەپلىرىگە خەنزۇچە تەرجىمىسى تاكى سوغدىچە تەرجىمىسىنى قوشۇمچە قىلغان، بۇ مەڭگۈ تاشلارنىڭ قوليازما نۇسخىلىرى كۆك تۈرك رۇنىك يېزىقىدا پۈتۈلگەن، بەلىكم سوغدىلار ئۇنى يازما نۇسخىلىق ئارامېئانلار (ئەرەمىيلەر) يېزىقىغا ئوخشىتىپ يازغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، سوغدى «ئۇيغۇر» ۋە مانى يېزىقىنىڭ شەكىللىرى بىردەك سوغدىلارنىڭ ئابىدە- مەڭگۈ تاشلارنى يېزىشتىكى ئىجاتچىلىقىدىن بولغان، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇر قوليازمىلىرى كېيىنكى مەزگىللەردىكى «سۇغدى» ياكى «ئۇيغۇر» نۇسخىسى بىلەن يېزىلغان، قەدىمكى تۈرك كىتابلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇنلىغان سوغدى قوليازمىلىرىغا ئوخشاش كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىق بولۇپ، كېيىنچە بۇنداق بەك شەكلىنىڭ ئورنىنى ھىندىستاننىڭ پاتتارا يۇپۇرمىقى نۇسخىسى ۋە جۇڭگۇنىڭ ئورىلىدىغان قوليازمىلىرى ئىگىلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقچىلىق قەلىمىنى ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشلەتكىنى جۇڭگۇنىڭ موي قەلىمى بولماستىن بەكلىك قۇمۇچ قەلىمى بولماستىن، بەلكى قۇمۇچ قەلەم ئىدى. جۇڭگۇدا مىلادى II ئەسىردە قەغەز كەشىپ قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ھۆججەتلىرىدە، قەغەز «kagda» ياكى «kagda» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇ سوغدى يېزىقىدىكى k.Ydyh دىن كەلگەن. روشەنكى سوغدىلار تۈركلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئىگىلىپ ئالغان. ھازىرغىچە، ئۇتتۇرا ئەسىردىكى ئىران، جۇڭگو ۋە تۈركلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىل مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى- تۇرپاندىن نەپىس رەسساملىق بىلەن سىزىلغان رەسىم تېپىلغان. بۇلۇپ تەخمىنەن مىلادى VII-VIII ئەسىرلەردە سىزىلغان. ئۇلاردىن سەل كېيىنرەكى بەلكىم X ئەسرنىڭ نەپىس رەسساملىق بىلەن سىزىلغان رەسسملىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئالمىلار ئۇلار زادى ئۇتتۇرا ئەسىردىكى ئىراندىن چىققانمۇ ياكى چۇقۇم تۈركلەرنىڭ تارقاتقان دائىرىگە مەنسۇپمۇ، دېگەننى مۇئەييەنلشتۈرمىدى. كۆك تۈركلەر خان نامىنى ئىشلەتكەن چاغدا، ئۇلارمۇ قانۇننى قاللىۋالغان. لېكىن ئۇلارنىڭ باشقا بىزىبىر ئەمەل- مەنسەپ ناملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئىران مەدەنىيىتىگە بولغان ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەمەل- مەنسەپ نامى «بەگ» بولۇپ، «تىگىن» گە ئوخشاش كۇشانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەزگىلدىن كەلگەن. كۆك تۈركلەر مەزگىلىدىكى ئەمەل مەنسەپ ۋە بىز تىلغا ئالغان بوددا دىنى ۋە مانى دىنى ئىبارىلىرىدىن باشقا، سۇغدى تىلىدىن كىرگەن كۈندىلىك تۈرك تىلىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىكگەن ھالدا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇيغۇر خانى سوغدىلاردىن نوپۇزنىڭ سىموۋولى بولغان ئالتۇن تاج، ھالرەڭلىك تون ۋە تەخىتلەرنى ئۆزلەشتۈرگەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئەسىردە ئىراندىن چىققان سىمۋول خاراكتېرلىك بۇيۇملاردىن شاھزادە گۆھەر تېشى، ساسانىلار قىسقا چۈمبىتى قاتارلىقلار بولغان. مىلادى V ئەسىرگە مەنسۇپ جۇڭگۇنىڭ شىمالىدىكى يۈنگاڭ تاش غار ئىبادەتخانىلىرىغا چېكىلگەن ئاقسۈڭەكلەر شۇنداق چۈمبەتنى تارتقان، شىر (ئارسلان) ئۇيغۇر شاھىنىڭ سىمۋولۇق نەرسىسىمۇ ھەم ئەمەل مەنسۇپ ئۇنۋانىمۇ بولغان. بۇنداق ھايۋان ئوتتۇرا ئاسىيادا يوق، لېكىن ئىراندا بار، دېمەك بۇ ھال بۇنىڭ ساسانىيە پادىشاھلىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئوخشاشلا، ساسانىيىنىڭ يېرىم ئاي شەكىللىك تاجىسى تەدرىجىي رەۋىشتە ئوتتۇرا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگۇدا بۇددا دىنى تەڭرىلىرى ۋە بۇدساتۋالارنىڭ باش كېيىمىگە ئايلانغان. IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇيغۇر قاغانى كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنىڭ كويىدا بولغان ھەم جۇڭگۇ ۋە سوغدى ئاھالىلىرىنىڭ كەنتلەرنى قۇرۇشى ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم پەرمان چىقارغان. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا نىسبەتەن ئىېيتقاندا، «كەنت» دېگەن ئۇقۇم سېپى ئۆزىدىن پارس تىلى ئىدى، پارس تىلىدا «كەنت» دېگەن سۆز شەھەر بازار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، تالانتلىق تۈركلەر ئۇنى «بالىق» دەپ تەرجىمە قىلغان، قەشقەردىن يەنە مۇداپىئەلەنگەن شەھەر (TheMlrlar)، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇردا خارابىسى» (Mortuarybuilding) مۇ تېپىلغان، بۇلارمۇ سوغدى تىلىدىن كەلگەن. سوغدىلار كارۋان يوللىرىدىكى مۇھىم سودىگەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا زىبۇ- زىننەت بويۇملىرى سېتىپ بېرىلغان ۋەستىچىلىق رولىنى ئوينىغان. نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنىڭ ناملىرى ھېچبولمىغاندىمۇ ۋاستىچىلىق ھالدا سۇغدى تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان. قىسقىغىنە بۇ بابدا ئوتتۇرا ئەسىردە ئىراننىڭ قەدىمكى تۈرك تىلىغا ۋە مەدەنىيىگە كۆرسەتكەن تەسىرىلا سۆزلەندى. ئۇنىڭ ئەكىسچە، تۈركلەرنىڭ ئىرانغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىز G. دولفىنىڭ «يېڭى پارس يېزىقىدىكى مۇڭغۇل تۈرك ئامىللىرى» دېگەن كىتابىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ. يېڭى پارىس تىلىدا تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن سۆزلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە كۆپ، ھەتتا بىر قىسىم ئوتتۇرا ئەسىر ئىران تىلىدىمۇ تۈركچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلۈكلەر بار. ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپلا ئىران مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ كۆلەمدە تارقالغان، نىسبىي ھالدا ئېيتقاندا تۈركلەر يېڭى ئاھالە ھېسابلىناتتى، ئۇلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسى تۈپەيلىدىن كېيىنچە بۇ مەدەنىيەتلەر ساقلاپ قېلىنغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان. ئىزاھات: بۇ ماقالىدە ئەنگىلىيە «كىمبرىچ ئىران تارىخى» نىڭ III توم 1- كىتاب 17- بابىدىن دۇپىڭ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىدىن قىسمەن مەزمۇنلىرى قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» ژورنىلى (خەنزۇچە) نىڭ 1994- يىلى 2- سانىغا بېسىلغان نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىندى- تەرجىماندىن. ياسىن ئەيسا تەرجىمىسى
|
|
|