ئاپتورى : ئەسەت سۇلايمان
19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، غەربتىكى ھەرقايسى ئەللەردىن تۈرلۈك سالاھىيەتلەر بىلەن كۆپلىگەن چەتئەللىك تەۋەككۈلچىلەر تارىم ئويمانلىقىغا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيىلىك پرجىۋالىسكى(1870-1873-يىللار، 1876-1878-يىللار، 1879-1880-يىللار، 1883-1885-يىللار)، شۋېتسىيىلىك سۋەن ھەدىن (1090-1891-يىللار، 1894-1895-يىللار، 1899-1901-يىللار، 1906-يىل، 1913-يىللار، گېرمانىيىلىك لەكوك ۋە گرۇنۋەدىل (1902-1903-يىللار، 1904-1905-يىللار، 1905-1907-يىللار، 1913-1914-يىللار)، فرانسىيىلىك پەللىئوت (1906-1909-يىللار) ھەمدە ياپونىيىلىك ئوتانى (1902-1903-يىللار) قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بارغان مول سەۋەرىلىك ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى داۋامىدا، ئوز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كولىنىشى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى كۆزەتتى، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئورۇپ-ئادەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي خاتىرىلەرنى قالدۇردى. بولۇپمۇ سۋەن ھەدىن، ئالبەرت فون لەكوك، نىكولاي پرجىۋالىسكىي، كاسەرىن ماكارتنەي، گۇننار ئالفەرد ياررىڭ، ئاۋرەل ستەيىن، راھىب ئوتانى، تاجىبانا، ۋاتابە، يانغاسبەند، گابرەل بونۋالوت قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلىرى ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە پائالىيىتى داۋامىدا يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن نۇرغۇن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى، ئۇلارنىڭ قىزغىن كېتىۋېلىشىغا سازاۋەر بولدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ياللىنىپ، دەشت-باياۋانلاردا يول باشلىغۇچى بولدى. مۇشۇ جەرياندا، ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىدە، ئىلمىي ئەسەرلىرىدە ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەسەرلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە رول ئوينىماقتا. ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى داۋامىدا، ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم سەھىپىلىرىگە شاھىت بولدى. شۇنداقلا خ1خ ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرىدىن xx ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەزسىزمىسىنى سىزىپ چىقتى. مۇشۇ تەزسىزمىسىغا ئاساسەن، ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كورىنىشىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن بايان قىلىش مۇمكىن.
ئوتتۇرا ئەسىر تۈسىدىكى شەرق جەمئىيىتى
دىيارىمىزغا كەلگەن مۇتلەق كوپ قىسىم ياۋروپالىقلار تارىم ئويمانلىقىدىكى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان گويا توختام سۇدەك بىر ئىزدا تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى “ئوتتۇرا ئەسەرنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ كەلگەن” شەرقتىكى بىر پىنھان كۆزنەك، دەپ تەسۋىرلىگەن.
دەرۋەقە، ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر تارىم ئويمانلىقىنىڭ سىرلىق قوۋزىقىنى چېكىشتىن ئىلگىرى، بۇ جاي ياۋروپالىقلار ئۇچۇن كېلىش ئەڭ تەس بولغان، چەتئەللىكلەرنىڭ ئايىغى ئەڭ ئاز تەگكەن بېكىك بىر رايون ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدا پارلاق قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى قۇم بارخانلىرى ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ ياتسىمۇ، لېكىن يىپەك يولىنىڭ خارابىسىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرىكى قايناق مەنزىرىسى يوقالغانىدى. بوستانلىقلاردىكى شەھەر-بازارلار ۋە يېزا-قىشلاقلار ئوز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان قالاق ھالەتتىكى ناتۇرال تەبىئىي ئىگىلىكىگە تايىنىپ، ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي فورماتسىيىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئەتراپتىكى ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ناھايىتى سۇس ھالەتتىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىدىن باشقا، ئۆزلىرىنى تۈپتىن ھەرىكەتلەندۈرۈپ ماڭىدىغان ئۇچۇر ۋە ئىنېرتسىيىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ ھال تارىم ئويمانلىقىدا ئىجتىمائىي ھالەتنىڭ بۇرۇقتۇملۇقنى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، بىر ئىزدا ئۇزاق توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شۇ چاغدىكى ھەرقانداق بىر شەھەر__مەيلى قەشقەر، مەيلى خوتەن، مەيلى ياركەنت ياكى مەيلى تۇرپان بولمىسۇن، ھەممىسىدە بىر خىل تۇرغۇن ھالەت داۋام قىلماقتا ئىدى. گۇننار ياررىڭ 1929-يىلدىكى قەشقەرنىڭ شەھەر مەنزىرىسى كەيپىياتىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى: “1929-يىلى قەشقەرگە كېلىپ خۇددى ھازىرقى دەۋردىن ئوتتۇرا ئەسىرگە __(مىڭ بىر كېچە) نى فىلىمگە ئېلىش ئۇچۇن راسلىغان كولىنىش ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ يەردە يا ئاپتوموبىل، يا موتىسكىلىت يوق ئىدى، ھەتتا ۋېلىسىپىتمۇ كۆزگە چەلىقمايتى. بازار ئەتراپىدىكى قاراڭغۇ، تارچۇق كوچىلارنى يۇرىتىدىغان ئەلىكتىر چىراغلارمۇ يوق ئىدى. قەشقەردە گېزىت يوق ئىدى، مەتبەئەگە بېسىلغان كىتاب تېخىمۇ يوق ئىدى. مىرزا-كاتىپلار چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ، قوليازمىلارنى ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن رەتلىك كۆچۈرەتتى.ھەممىلا يەردە . بوياقچى ئۇستاملار يىللارنى ئەشىشتا ئىشلىتىدىغان بادىرلارنى بىر-بىرلەپ ئوينىڭ ئۆگزىسىگە تىزىۋاتاتتى. تارچۇق كوچىلاردا ھەر-مىللەت كىشىلىرى مېڭىپ يۈرەتتى. بايلار ۋە ئەسىلزادىلەر چىرايلىق گۈللۈك يوپۇق-شالچا سېلىنىپ ئەگەرلەنگەن پۇزۇر ئاتلارغا مىنىپ، مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۇ ياقتىن- بۇ ياققا ئۆتۈپ يۈرەتتى. قول ئىلكىدە پۇل-مېلى ئانچە جىق ئەمەسلەر ئېشەككە مەنەتتى. ھالبۇكى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ زور كۆپچىلىكى بولغان كەمبەغەللەر پىيادە پىيادە ماڭاتتى…” گۇننار ياررىڭ سوزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: “كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرا ئەسىردە ئىسلام جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يەردىن تاپالمايدۇ. ئىلگىرى ئافغانىستانغا شۇنداق جەمئىيەت خېلى ئۇزاق مەۋجۇد بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇنداق جەمئىيەت ھازىرقى زاماننىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا ئۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان بەربات بولۇپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، قەدىمكى قەشقەر ھەققىدە كىشىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك ئەسەر يازىدىغان ئادەم چىقمىغانىدى. ئۇ يەردىكى بازارلارنى، ئاشۇ بازارلارنى دەۋر قىلىپ شەكىللەنگەن تۇرمۇشنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەم چىقمىغانىدى.”
قەشقەردە 17 يىل تۇرغان ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى ماكانىمى ماكارتنەي خانىم ئوز خاتىرىسىگە قەشقەر تەسۋىرلىرىنى مۇنداق دەپ يازغانىدى: “قەشقەرگە يېڭى بارغان چېغىمدا، بازاردا چەتئەلنىڭ ماللىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئىنتايىن بايلارلا ئېسىل كىيىنگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ جايدا توقۇلغان قىل ماتادىن كىيىم كىيەتتى. ئۇ چاغلاردا رۇسىيىدە ئىشلەنگەن كۈندىلىك بۇيۇملار تەپىلمايتى، قەنتمۇ كەمچىل ئىدى. شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان كونا قېلىپىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، كوچىلىرى، بازارلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كونا پېتى تۇرغانلىقىنى ئويلىسا، ئادەمگە تولىمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ. بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ كىيىنىشى، يېمەك-ئىچمىگى، تۇرالغۇ ئويلىرى ئاتا-بوۋىسىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرق قىلمايتتى. بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىكى ساياھەت شەكلىمىزمۇ ماركو پولىنىڭ 13-ئەسىردە قۇبلاي خاننىڭ ئوردىسىغا كەلگۈچە بۇ جايلاردىن ئۆتكىنىگە ئوخشاپ كېتىدۇ….”
مانا بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى يۇرتىمىزنىڭ، تېخىمۇ توغرىراقى، ئوتتۇرا ئەسىر تۈسىدىكى قەشقەرنىڭ تەز سىزمىسى ئىدى. بۇ تەز سىزمىغا ياۋروپالىقلارنىڭ سىرلىق شەرق ھەققىدىكى غايىبانە تەسىراتلىرىمۇ سىڭگەنىدى.
ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتى.
يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلىپ، يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى گەرچە دۇنيادىكى تاشلاندۇق رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن مەركىزىي ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بۇ رايوننىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىملىقىنى قايتىدىن تونۇتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاسىيانىڭ دەشت-باياۋانلىرىغا ئورالغان بۇ رايون بىر توپ ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ جەننىتىگە ئايلاندى. بۇ يەرنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك تۈزىلىشى ۋە ئىقلىم ئالاھىدىلىكى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئىرقىي تەكلىپى، شۇنىڭدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان فولكلور مەدەنىيىتى غەرب تەۋەككۇلچىلىرىنىڭ دەھقىتتىنى جەلپ قىلدى. ياۋروپا ۋە ئامەركىدىكى ئوخشىمىغان ئەللەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئارخىئولوگلار، گىئولوگلار، تاغقا چىققۇچىلار، ئانتوروپولوگلار، ئاخبارات توپلىغۇچىلار، تىلشۇناسلار، سەيياھلار، بايلىق ئىزدىگۈچىلەر،دىپلوماتىيە خادىملىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كىندىكىدىكى بۇ سىرلىق ماكان بىر توپ ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ شەرقتىكى جەننىتىگە ئايلاندى. چاررۇسىيە بىلەن بۈيۈك بەرىتانىيە ئىمپەريىسىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مەنپەئەت تالىشىش كۈرەشلىرىدىن باشقا، يەنە بۇ يەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش جەڭدىمۇ يەتكۈچە پۇت تەپىشتى. سەۋەن ھەدىن، ئاۋرەل ستەيىن ۋە ئالبەرت ۋون لەكوك قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلغان مول سەمەرىلىك ئەكىسپدىتسىيىسى داۋامىدا نام چىقاردى ھەمدە دۇنيادىكى كاتتا شەخسلەر قاتارىدا تونۇلدى.
خ1خ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن xx ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان جەريان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەكىسپەدىتسىيىسىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولدى. بۇ جەرياندا قەلبىدە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ ئوتلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان بىر توپ ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈۋاتقان شېرىن چۈشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ –پۇچقاقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك قېزىش ئېلىپ باردى. بۇنداق قېزىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەكشۈرۈش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى. شۇڭلاشقا، تارىم ئويمانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئېكسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانى بولدى.
ئوخشىمىغان ئىرق ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆرگەزمىخانىسى.
دىيارىمىزغا كېلىپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ياۋروپالىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى__بۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇرەككەپ ئىرقىي ۋە ئېتنىك تەركىبى بولغان ئىدى. چۈنكى، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئېتنىك تۈركۈمدە يادرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئالامەتلىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ بەدەن تۈزىلىشى ۋە ۋۇجۇدىدا تىپىك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكاز ئەرقىنىڭ روشەن ئالامەتلىرىدىن باشقا، يەنە تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭمۇ ئىرقىي ئالامەتلىرى ساقلانغانىدى. قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئەنگلىيە كونسولىنىڭ خانىمى ماكارتنەي كاسەرىن مۇنداق دەپ يازىدۇ: “قەشقەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تەقى-تۇرقى ۋە چىراي-شەكلى خىلمۇ-خىل، ياۋروپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز-تولا ئۇچرايدۇ. ئەر-ئاياللار قاۋۇل، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل ئېسىل-سۇپەتلىگى چىقىپ تۇراتتى. قىرغىزلارنىڭ يۈزى ياپىلاق، مەڭزى قىپقىزىل ئىكەن. ياندىن قاراشتا ئافغانلارنىڭ يۈز كىپتى سوزۇق ۋە ئېنىق كۆرۈنەتتى. يەنە ھىندى دىنىدىكى ۋە ئىسلام دىنىدىكى ھىندىستانلىقلارمۇ، خەنزۇلارمۇ بار ئىدى. بەسىدە ئالتۇن چاچلىق، دېڭىز سۈيىدەك زەڭگەر كۆزلۈكلەرمۇ ئۇچراپ تۇراتتى. ئۇلار ئېھتىمال ئارىيان قەنىدىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. قەشقەردە كىشىلەر زادى قەشقەرلىكلەرنىڭ زادى قايسى ئەرققا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىلمەيدۇ، چۈنكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئوخشىمىغان ئىرقتىكى كىشىلەرنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن كىرىشى بىلەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قىنى خېلىلا شالغۇتلاشقان. بەزى ئوغۇل بالىلارمۇ بەك كېلىشكەن. بولۇپمۇ ئورا كۆزلۈك كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل-قىزلار ناھايىتى گۈزەل. ئۇلار دۇخاۋا، چىن رەختلەردىن كىيىم، يارىشىملىق تۇماق، دوپپىلارنى كىيسە، ئىتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ”ئالبەرت ۋۇن لەكوك تۇرپان رايونىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا يەرلىك خەلقنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: “شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بىر خىل ئارىلاشما ھالەتتىكى شالغۇت ئەرققا مەنسۇپ بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى ياۋروپا ئىرقىغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرگە دىققەت قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزى قوڭۇر، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كۆپكۆك بولۇپ، ناۋادا ياۋروپالىقلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنى كىيىپ، ياۋروپا شەھەرلىرىنى ئايلانسا، ھېچكىم ئۇلارنىڭ غەيرىي ياۋروپائىد ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدۇ. ” پرزىۋالىسكى خوتەن بوستانلىقى بىلەن كېرىيە بوستانلىقىدىكى ۋە قۇرۇم تاغلىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ھەققىدە مۇنداق يازغانىدى: “….بۇ خەلقلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىدىكى بوستانلىقلار ۋە تاغلىق رايونلاردا ياشايدىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ماچىنلىقلار دەپمۇ ئاتايدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان ماچىنلىقلارنىڭ ئىرقىي ساپلىغى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بوستانلىق ۋە شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر نىسبەتەن سىلىق-سىپايە كېلىدىكەن. ساپ ماچىنلىقلار موڭغۇل ئىرقى بىلەن ئارىيان ئەرقىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان شالغۇت تۈركۈم بولۇپ، ئارىيانلىقلارنىڭ تەركىبى ئۈستۈنرەك ئورۇندا تۇرىدىكەن. بوستانلىق ۋە شەھەرلەردە ياشايدىغان چىنلىقلاردا باشقا نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىرى بولغاچقا، سىرتقى قىياپىتى ئۇنچىلىك گەۋدىلىك ئەمەسكەن….” 1886-يىلدىن 1894-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدا كوپ قېتىم ئەكىسپەدىتسىيلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەنگلىيىلىك يانغازبەند قۇمۇلدىكى ئانتوروپلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ھەققىدە مۇنداق يازغانىدى: “مەن جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىن يولغا چىقىپ، 2400 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، غەربىي دىيارنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتتۈم ھەمدە يېڭى تىپتىكى ئىرقىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە كىشىلەرنى ئۇچرىتىشقا باشلىدىم. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بويى نىسبەتەن ئېگىزرەك، بەدەن قۇرۇلمىسى مۇڭغۇللاردەك كۈچلۈك ئىكەن. يۈز تۇزۇلۇشى يۇمىلاقراق بولۇپ، مۇڭغۇللارغا سېلىشتۇرغاندا، سەل سوزۇنچاق كېلىدىكەن ۋە راۋۇرۇس كۆرۈنىدىكەن. بىراق،، قەشقەر ۋە يەركەنتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، سالاپىتى سۇسراق، پەم-پاراسىتى ۋە سەزگۇرلۇكى تۆۋەنرەك ھەمدە تۇز كېلىدىكەن…قۇمۇلنىڭ مۇرغاي دېگەن يېرىدە مەن يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەقى-تۇرقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇلار چىرايىغا ئۇپا-ئەڭلىك سۇرتۇپ، پۇتىنى بۇغۇدىغان خەنزۇ ئايالىرىغىمۇ، يۈزى يوغان كېلىدىغان موڭغۇل قىزلىرىغىمۇ، شۇنىڭدەك تاغاق سۇڭىكى بورتۇپ چىققان مانجۇ ئاياللىرىغىمۇ زادىلا ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى چىرايلىق ۋە چېچەن كېلىدىكەن. گەرتسىيىلىك ياكى ئىسپانىيىلىك ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئۇنچىلىك قارامتۇل دېگىلى بولمايدىكەن. ئوماق رۇخسارى، قاپقارا قوي كۆزلىرى خۇددى رەسىملەردىكى پەرىزاتلاردەك ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن. يارىشىملىق كىيىم كىيىپ، ئىككى تال ئۇزۇن ئورۇمە چاچ قويۇۋالىدىكەن ۋە بېشىغا قىزغۇچ دوپپا كىيىۋالىدىكەن. بۇنداق ياسانغاندا ئۇلار تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرۈنىدىكەن…. ”
بۇنىڭدىن كۈرىۋالغىلى بولىدۇكى، ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىم ئوينالىغىدىن ئىبارەت بۇ ئوخشىمىغان ئىرقىي ۋە ئېتنىك تۈركۈملەرنىڭ چوڭ تۇگمىنىدە يۇغۇرۇلۇپ چىققان، تېخىچە تاكامۇللىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ ئېتنىك بىرلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ، ھونلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ، ساكلارنىڭ، تۇخرىلارنىڭ، پارسلارنىڭ، شۇنداقلا موڭغۇللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتىكى خۇرۇچى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى ئىرقنىڭ__ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئەرقىنىڭ ئوز ئارا قوشۇلۇش پاسىلىدا شەكىللەڭەنىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ بەدەن قورۇلۇشى ۋە چىراي-شەكلىدە ھەر ئىككى ئىرقنىڭ ئالامەتلىرى تېپىلاتتى. ھەتتا، ياۋروپا ئىرقىغا خاس ئالامەتلەر خېلىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلەيتتى. تارىم ئويمانلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان خ1خ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يەرىمىدىمۇ قەشقەر، ياركەنت، خوتەن قاتارلىق سودا نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ئەللەردىن كەلگەن ئاسىيا مۇھاجىرلىرى( ئەنجانلىقلار، بۇخارالىقلار، ئافغانلار، تاجىكلار، كەشمىرلىلەر ۋە ھىندىلار)نىڭ جىددىي رەۋىشتە يۇغۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتاتتى. چۇقان ۋەلىخانوفنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، خ1خ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قەشقەر رايونىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى تەخمىنەن 600 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاسىيا مۇھاجىرلىرى بىلەن شالغۇتلار (ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ توپلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئارىلاش قانلىقلار) 145 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ سان ئوز دەۋردىكى قەشقەر رايونىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ توتتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇڭلاشقا، ياپونىيە ئەكىسپەدىتسىيچىسى تاجىبانا ئوز دەۋەئىردىكى قەشقەرنى كۆرۈپ: "قەشقەرگە يىغىلغان مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ئىرقىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر ناھايىتى كوپ بولۇپ، بۇ يەر بەئەينى بىر ئەرقلار بازىرىغا ئوخشايدىكەن. دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەردە روسسىيەلىكلەر، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەنلەر بار ئىكەن. رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئىچىدە رۇسلاردىن باشقا يەنە سەمەرقەنتلىكلەر، ئەنجانلىقلار ۋە تاشكەنتلىكلەر بار ئىكەن. ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك تۈركۈمىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر بۇ يەرگە توپلىشىپ، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەرقلار موزىيىنى ھاسىل قىلغانىكەن."