ۋاقىت: 2006-11-30 11:05:42 مەنبەسى:Uighur_CN يوللىغۇچى:ئالتۇن تارىم [كىچىك][ئوتتۇرا][چوڭ]
يۇەن شۇ
(شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېستېتى كۇتۇبخانىسىدىن)
20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى جۇڭگۇنىڭ سىياسى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولغان ۋاقىت ئىدى.ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ قورۇل سىرتىدىكى يىتىم ئارالدەك ئىچكى – تاشقى مالىمانچىلىق ئىچىدە داۋالغۇپ تۇراتتى، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2- ئۇرشىدىن كېيىن، خەلقئارا زولمىگەرلىكىنى تالىشىدىغان مۇھىم ھالقىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئامېرىكا دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە دۋالغۇپ تورغان شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە مۇھىم ۋە ئالاھىدە رول ئوينىدى، بۇ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تىمىغا ئايلاندى. خەلئقئارالىق دىپلوماتىيە كۆرىشىنىڭ مورەككەپلىكى، بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنىڭ كەملىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ تىما ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىنماي كەلدى، تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققانلارمۇ ئاز بولمىدى. مەن ئىلىمىزدە نەشرى قىلىنغان ئازغىنە ماتىرىيالغا تايىنىپ، بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم، بۇ ئەمگىكىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى تەتقققاتىنىڭ ئاز - تولا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دېگەن ئۈمىدتىمەن.
— 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەلقئارا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش تۇرۇش يۈزىدىن جۇڭگۇ بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقدالىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ئامېرىكا ھۆكىمىتى بىر تەرەپتىن جوڭگۇغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگۇ ئۇرۇش مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ياپۇنىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، تىنىچ ئوكيان ئۇرۇش مەيدانىغا بولغان بېسىمى يېنىكلەتسە يەنە بىر تەرەپتىن، گومىنداڭ ھۆكىمىتىنى يۆلەپ، ئامىرىكا شەرىقى ئاسىيادىكى تەسىرنى كېڭەيتىپ، سوۋىپ ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئارقىلىق، ئۇرۇشتىن كېيىن جۇڭگىدىكى مەنپەئەتكە ئۆزى يالغۇز ئىگە بولۇشقا تەييارلىق كۆردى. شۇڭا ئامېرىكا روسيىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسى بولغان ۋە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بولغان شىنجاڭغا ئاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، شىجاڭ ۋەزىيىتىگە ئارلىشش پۇرسىتى كەلمەكتە ئىدى. گومىنداق ھۆكۈمىتى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ۋە جۇڭگۇنىڭ شىمالىي، جەنۇبى ۋە جەرىبى شىمالى قىسىملىرىنى شۇنداقلا شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈردى. شىنجاڭ دۇبەنى شىڭ شىسەي خەلئارا ۋەزىيىتىىنڭ ئۆزگىرىشى ۋە سوۋېت – گېرمانىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى نەتىجىسىدە ئۆز ھۈكۈمرانلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، 1942- يىلى 8- ئايدا گومىنداڭ ھۆكىمىتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ھەمدە ئامېرىكا - ئەنگىلىيە كۈچىنى شىنجاڭغا كۈرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاھىدە خادىم مەھكىمىسى تەسىر قىلىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇغان دىپلۇمات ۋۇزېشىياڭنى ئالىھە خادىملاىققا تەيىنلىدى. مەھكىمىدى يەنە ئامېرىكا – ئەنگىلىيە بۆلۈمى قورۇلۇپ، كونسۇلخانا قۇرۇش ئالاھىدە خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىندى. شۇ يىلى 12- ئايدا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا قورۇشىغا قوشۇلدى. كېيىنكى يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئامىرىكىنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كاتىپى كۇلۇب بۇيرۇققا بىنائەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ تۈنجى كونسۇللۇقنى ئۈستىگە ئالدى. كۇنسۇلخانىنىڭ ئورنى تەخنىنەن 7000 كۋادرات مېتىر بولۇپ(1)، نەنلياڭدىكى ياڭماۋخۇ 1- كۇنا 5- قۇرۇ (ھازىرقى غالىبىيەت يولى تىنىچلق كوچىسى 1- قورۇدىكى 8- ئارمىيە ئىش باشقارمىسى) دا تەسس قىلىندى. ئامېرىكا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىجارىگە ئالدى. ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللارندى: بىرىنچى ، شىنجاڭ ۋە ھىندىستان ۋە شىنجاڭ ئارقىلىق ئىچكىرىگە تۇشۇلىدىغان، ئامېرىكا ياردەم قىلىدىغان ئەشيالارنى تۇشۇشقا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ ياپۇن باسقۇچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشنى قوللىدى. ئىككىنچى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى مىللەت يۇقىرى قاتلام زاتلىرى بىلەن دوستلىشش، ئاپتۇمۇبىلدا شىنجاڭنى ئايلىنىپ ساھايەت قلىىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئاخباراتىنى توپلىدى. 1944- يىلى 7- ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق ئاخبىرات خادىمى ماكىنان شىنجاڭغا كېلىپ،شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى، ھاۋارايى، چېگىرىسى ۋە ئايرودروملىرى قاتارلىق كۆپ خىل ھەربىي نىشانلىرىنى تەكشۈردى(2). 1947- يىلى 7- ئاينىڭ بېشىد ماكىنان ئۈرۈمچىگە كېلىپ، كونسۇلخانىنىڭ كاتىپى، مۇۋەققەت مۇئاۋىن كونسۇلى بولدى. 1948- يىلى 12- ئايدا مۇئاۋىن كونسۇللۇققا تەيىنلىنىپ مەخسۇس ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. ئۈچىنچى، ئامېرىكا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئامىرىكىنىڭ رەسىملىك ژورناللىرى، سۈرەتلىرى ۋە گىزىت – ژورناللىرىنى تارقاتتى؛ نەنلياڭدا ئامېرىكا كىنۇلىرىنى ھەقسىز قويدى، كونسولخانا ئىچىگە چىدىر تىكىپ، ھەقىسىز كېسەل داۋالىدى؛ ئىنگىلىزتىلى كۇرۇس ئاچتى، كۇرۇسقا كۇنسۇلنىڭ خانىمى رىياسەتچىلىك قىلدى، كۇرۇستا كۇنسۇلخانا ئىچى - خىزمەتچىلىرى سىنىپى، ئۇيغۇر ياشلىرى سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىنىستىتوتى ئۇقۇچىلىرىدىن سىنىپىدىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپ تەسىس قىلىنىپ(3)، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ستراتېگىيلىك نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا پەرەسلەرنى يېتىشتۈردى.
شېڭ شىسەي ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئېتىپ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئۆزىدىن بويان مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچنى چىكىنىشكە مەجبور قىلىدى. مۇسكۇۋا تەرەپ بۇ سوۋېت – گىرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقا – ئاقىدىن يېگەن بىر زەربە، بونىڭغا چىداپ تورۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارىدى شىنجاڭدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ تەسىس قىلنىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەبەدىي بەدەنگە سانچىلغان تىكەن بولۇپ، ساتالىننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەرنى ئاساس قىلغان ھۆكىمەتكە قاراتقان قوراللىق كۈرەشلەرنى پائال تەشكىللەپ ۋە قوغلاپ، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاتتىق زەربە بىرىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭغا سىڭىپ كىرگەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇشىنى تاپقۇزۇپ قويدى.
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قۇماندانلىق شىتابى 1945- يىلىنىڭ بېشىدا گومىنداڭنىڭ غولجىدىكى ھەربىي ئاكىمىيتىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش جىددى ۋە كەسكىن بولدى. ئامېرىكا كونسولخانىسى ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارلىشىش ئەھۋالىنى بىلىشكە ئادىرىدى. ۋەقەنىڭ جەريانىنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، خەلقئارانىڭ دىققىرىنى قوزغاش ئۈچۈن ئامېرىكا كونسۇلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۆلكە رەئىسى ۋۇجىڭشىننى يوقلاپ «غولجا ۋەقەسى»نىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى جامائەت پىكىرى بېسىمى پەيدا قىلماقچى بولدى (4). ئۇزۇنغا بارماي گومىنداڭنىڭ ئىلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوشۇنلىرى تارمار قىلىندى. 23- كۈنى ۋارود ۋۇجۇڭشىننى يەنە يۇقلاپ بېرىپ، ئىلى ۋەقەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى(5) ھەم بولارنى ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن بوللىدى. 6- ئاينىڭ بېشىدا مىللىي قۇماندانلىق شىتابى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلەھەتچىسىنىڭ ياردىمىدە، شىمالى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي فرونتلاردىن تەڭلا ھۇجۇملا ئۆتۈپ، ئومۇميۇزلۈك كېڭىيىش پىلانىنى تۈزدى ۋە يولغا قويدى، ئۆلكە مەركىزى خەۋپ ئىچىدە قالدى، 6- ئاينىڭ 29 – كۈنى ۋارود ۋۇجۇڭشىننى يوقلاپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترومىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى خوپكىننىڭ مۇسكۇۋاغا يۈرۈپ كەتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ «غولجا ۋەقەسى» نىڭ دۋاملىق كېيىپ كەتمەسلىكىنى(6) ئۈمىد قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى غولجا بىلەن تاشقى مۇڭغىلىينىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈش بەزىدە ئۈزۈڭگە سۇقۇشتۇرۇپ، بەزىدە تىل بىرىكتۈرۈپ، يەڭ سودىسى قىلىۋاتاتتى. 1946- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئانگىلىينىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كۇنسۇلىللىرى تەكلپكە بىنائەن غەرىبى بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى(7). قارىماققا شىنجاڭنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە تىنىچلانغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىڭى بىر نۆۋەتلىك سۇغۇق مۇناسۋەتلەر كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ئامېرىكا ئىچكى جەھەتتىن ئارلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا «تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ ئايال مۇخبىرى ئىستونىس باربارا بىلەن فاگ فاركىل غولجىغا بېرىپ ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدىكى ئاقسۆڭەك ھاكىمبەگ خۇجا، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىلى ۋىلايىنىڭ ۋالىيسى، داڭلىق باي سودىگەر ئەنۋەر مۇسابايېف، مىللىي ئارمىينىڭ باش قۇماندانى ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، ھەربىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى غېنى قاتارلىقلار داڭلىق ئەربابلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم بىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى(8). ئارقىدىنلا ئامېرىكا كونسولخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى ماكىنانمۇ ئىلىغا بېرىپ ۋاقىلىق ھۆكۈمەت گىزىتخانىسىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى، دېموكتىراتىك ئىنقىلاب پارتىيسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىسھاقۇف ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غولجىدا تورۇشلۇق باش كۇنسۇلى داباشىنلارنى زىيارەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەرگەنلىكىگە ئائىت ئاخباراتلارنى توپلاپ، خەلقئارادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش كېڭىيمىچىلىك قىلىش دولقۇنى قوزغىدى.
1947 – يىلى 6- ئاينىڭ بېشىدا شىنجاڭدا يەنە بەيتىك ۋەسى يۈز بەردى. بۇ تاشقى مۇڭغۇلىيە قوشۇنلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭدىكى چېگىرىسى بەيتىك تېمىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقتىن كېلىپ چىققان بىر مەيدان قوراللىق تۇقۇنۇشتۇر. ئامېرىكا بو ۋەقەدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە كوممۇنىزىمغا قارشى توردى. 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ماكىنان ئوسمان ئىسلامنىڭ ھەمراھلىقىدا بەيتىك تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوقىسىغا چىقىپ ئەتراپنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە خەرىتە سىزدى(9). ئامېرىكا خەلقئا «ئاخبىرات» خەۋەرلەر باشقارمىسىنىڭ مۇخبىرى روبسۇن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبىرات ئاگېنتلىقىنىڭ موخبىرى ماستون، «نيو-يورك» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى لاند، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ساۋالېل قاتارلىقلار 6- ئاينىڭ 9- كۈنى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلدى.بەزىلىرى بەيلىك تېغىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى(10). شۇنىڭ بىلەن بەيتىك ۋەقەسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى كۆز تىكىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. شۇ چاغدا ئامېرىكا گېنېرالى مارشال جوڭگۇ كومىنىشتىك پارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنۇشنى ياراشتۇرۇۋاتاتتى، ماكىنان گومىنداڭنى تەشۋىقاتنى كېڭەيتىشكە قۇترىتىپ، ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئارقىلىق بو ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئىشقا ئارلاشتۇرۇپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئوتىنى ئۆچىمەتچى بولدى(11).
گومىنداڭ ھۆكىمىتى ئىچىكى ئۇرۇشتا سىياسي جەھەتتە خەلقنىڭ نەزىرىن چۈشۈپ كەتتى، ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى، ھەربىي جەھەتتە قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىدى. ئامېرىكا گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقى ئاندىن بايقاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جوڭگۇدىكى يېڭى ۋاكالەتچى تېپىش كويىغا چۈشتى. ئۇلار شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چۇقۇم يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىزىمغا قارشى كىشىلەرنى تېپىش كېرەك، دەپ قارىدى.
ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىزىمغا قارشى سىياسى گوروھلار سىياسى نىشانى، مىللەت قورۇلمىسى ۋە ئەمەلىي كۈچى، ئورنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ گوروھقا ئايرىلغانىدى، بىرىنچى، ئۆلكە رەئىسى مەسئۇد ۋە ئۆلكىلىك ھۆكىمەتلىك باش كاتىپى ئەيسا باشلىچىقىدىكى سىياسەتۋاز ئەمەلدارلار، ئۇلار گەرچە گومىنداڭ ھۆكىمىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە جىياڭ جيېشى تەرپىدىن مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان بولىسىمۇ پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزىمنى تەغىپ قىلىپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جومھۇرىيتىنى قورىماقچى بولغان. ئۇلار ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا، مولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا مۇئەييەن كۈچ ۋە تەسىرگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ھەربىي قورال – يىراغلىرى بولغاچقا، چۇقۇم خوجايىنىغا تايىنىپ، پۇرسەت كەلگەندە سىياسىي نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. ئىككىنچى، ئوسمان،جانىمقان باشچىلىقىدىكى قازاق ئاقساقاللار ئۇلارنىڭ ئېنىق دۆلەت قارىشى ۋە ۋە سىياسى غايىسى يوق، ئىدىيىسىنى ئىلاھىيلاشتۇرۇلغان قەھىرىمانلىق تۈسى قاپلىغان، ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتى ئىچىدىكى قەبىلىلىرنىڭ ئاز سانلىق فېئۇدال يۇقىرى قاتلام ئاقساقاللىرىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ دىننىي مەنپەئەتىگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىگە قۇراللىق قارشى تۇرغان، ئۇلار ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، كېيىن يەنە ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتقان، ئۇلارنىڭ پالىيەتلىرى پۇرسەتپەرەسلىك ۋە كۆچمەن قاراقچىلىق ھەرىكەتلىرى تولغان، ئۇلار تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي، قۇراللىق ھەرىكەت جەھەتتە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى، ھەرىكەتچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۇلار سىياسىي جەھەتتىن پىشمىغاچقا ئاسانلا باشقىلار ئۆز ئىچىگە تارتىدۇ، سېتىۋالىدۇ ۋە پايدىلىنىپ كېتىدۇ(12). ئۈچىنچى ، گومىنداڭ ئارمىيىسى ئاتلىق بىرىنچى شىنىڭ باشلىقى ما چېڭشىياڭ، 78- شىنىڭ باشلىقى يې چىڭ، 179 – لۈينىڭ باشلىقى لوشۇرېنلار ئاشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئۇرۇش تەرەپدارلىرى، ئۇلارنى غەرىبى شىمالدىكى مىللىتارىست ما بوفاڭ، مەزكەز ئارمىيسىنىڭ قۇماندانى خۇزڭنەن ۋە گومىنداڭ «جۈنتۇڭ» (گومىنداق ھۆكۈمىتى ھەربىي كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش – ئىستاتىستىكىلاش مەھكىمىسى) ئىشپىيۇنلۇق ئورگىنى كونترول قىلىدۇ. ما چېڭشياڭنىڭ ئاتلىق 1- شىسى فېئۇدال، مۇستەبىت، دىن كونتروللىقىدىكى، ناھايتى جاھىل، ئىنقىلابغا ئۆچمەنلىل بىلەن قارايدىغان، ئۇرۇش دېسە جېنىنى بېرىدىغان، مەلۇم جەڭگىۋارلىققا ئىگە قوشۇن ئىدى. ئۇلانىڭ سىياسىي جەھەتتە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇستەقىل بولىشىغا قارشى تۇرۇپ، چىگرا رايون خەلقىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئارمىينىڭ ئۇيۇيۇشچانلىقىنى ئاشۇرسىمۇ، لېكىن ئىچىكى قىسىمدا نۇرغۇن گوروھلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، زىددىيەت كۆپ ئىدى؛ ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا، ھەممەيلەن ئۆز ئىستىبالىدىن قايغۇرۇپ، غەم ئەندىشە – قىلاتتى. بونىڭدىن باشقا قۇمۇل ۋالىيسى، شەرىقى شىنجاڭ گانىزون قوماندانى يولۋاس، ئۆلكىلىك ھۆكىمەتنىڭڭ رەئىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەمدە بەزى كونا ئەمەلدارلار، سىياسىئونلار،پارتىيە، گوروھلارمۇ ئۆز ئالدىغا مەزھەب بولۇۋالغان، ئەمما ھەر قايسى گوروھلارنىڭ مەنپەئەتى، سىياسىي مۇددىئاسى، مەپكۇرسى، ئىجتىمائى ئاساسى ئوتتۇرسىدىكى پەرىق چوڭ بولغاچقا زادىلا سىغىشالمايدۇ، گومىنداڭ ھۆكىمىتى ئىچكى ئۇرۇشتا كەينى - كەينىدىن مەغلوب بولىۋاتقان، غەرىبكە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقتى يەتمەيۋاتقان پەيتتە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى گوروھلار ئۆزلىرىنىڭ چىقش يولىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى... ئامېرىكا كونسۇلخانىسى خەلقئارا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى غەرىبتىكى كۆچلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىىنىڭ ئەمەلىي كۆچى، ئورنى ۋە 2- دونيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەسىرىگە تايىنىپ، سىڭىپ كىرىش، ئۆزىگە تارتىشتىن قەدەممۇ-قەدەم مۇستەقىل بولۇشنى تەشكىللەش، پىلانلاشقا ئۆتۈپ، ئاخىرىدا كومىنىزىمغا قارشى گوروھلارنىڭ سىياسىي يادروسى ۋە قۇماندانلىق شىتابىغا ئايلاندى.
ئامېرىكا كونسولخانىسى 1947- يىلىلا شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى پىلانلاپ، مەسئۇد، ئەيسا، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ سۈيىقەست پىلانلىدى. 12- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەيسانىڭ ئۆيىدە ئېچىلغان يىغىندا ئەيسا جياڭ جيېشىندىن شىنجاڭغا «ئاپتونۇمىيىدىن يۇقىرى، مۇستەقىللىقتىن تۈۋەن» ھوقۇق بېرىشنى تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، ماھىيەتتە بو مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئايرىلىپ بۆلۈنۈشكە كاراپ تاشلىغان ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم ئىدى. ئامېرىكا كونسۇلى پاكسون بۇ بۆلگۈنچىلەرنىڭ يا ئىقتىسادىي كۈچى، يا ھەربىي ھوقۇقى يوقلۇقىنى، مۇستەقىللقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا غەرىبنىڭ كۈچىگىلا تايىنىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ قۇلغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىنىق تۇنۇپ يىتىپ، دەرھالبۇ پىكىرنى ئالقىشلىدى ھەمدە زەھەرخەنلىك بىلەن قوتراتقۇلۇق قىلىپ :«باش كاتىپ ئەيسا ئەپەندى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئايىل قىلىدىغان ئالتىس ئادەمكەن(13)»، دەپ يەل بەردى. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا پىلانلىغان بۆلگىنلىچىلىك ھەركىتى ۋاقتىنچە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى ئېتراپ قىلىپ، «ئالىي ئاپتونۇمىيە» نى قولغا كەلتۈرۈش دائىىرسىدە ئىدى.
1948- يىلى گومىنداڭ قۇشۇنلىرى ئىچكى ئۇرۇشتا كەينى-كەينىدىن مەغلۇب بولۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنى تەۋرىنىپ قالدى، ئامېرىكا پىلانلىغان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بونىڭغا ئەگىشىپ ئەۋج ئېلىپ، مۇتلەق مۇستەقىل بولۇشتەك سىياسىي تەلەپ ئورنىغا قويۇلدى. 1948- يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەمتىمىن بوغرانىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھازىرقى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئورنىدىكى ئۆيىدە ئېچىلغان مەخپىي ئېچىلغان يېغىندا مەمتىمىن بۇغرا ئامېرىكىنڭ قوللىشىغا تايىنىڭ شىنجاڭنىڭ «مۇستەقىل» ىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، پاكستون شۇ ھامان بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كوچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى(14). شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماكىنان ئوسماننى قوترىتىپ «دىننى قوغداپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كوممۇنىزىمغا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش كومتېتى» نى تەشكىللىدى، ئوسمان تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدى، قۇمانلىق مەركىزىي ھازىرىقى خەلق مەيدانىدىكى تەڭرىتاغ مېھمان سارىيىنىڭ جەنۇبىدا تەسىس قىلىندى. ھازىرىقى «ئىتتىپاق» يولى ئەتراپىغا ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن گومىنداڭ قىىسىملىرى خىراجەت ۋە ئوق دورا بىلەن تەمىنلىدى(15). قازاق ئەترىتى ئالتاي تېغى ۋە جوڭگۇ موڭغۇلىيە چىگىرسى ئەتراپىنى ساقلاپ، ئاخبىرات ئېگىلەپ، ئۈچ ۋىلايەتكە ھۈجۈم قىلىش پۇسىتىنى كۈتۈشكە باشلىدى. ئوسمان بويرۇققا بىنائەن سەنتەيگە قايتىپ كېلىپ ئۈچ چوڭ قازاق ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى باش قۇماندان بولۇپ، ھەربىي گازارما قوردى(16). شۇ يىلى 7- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا كونسۇلى سانجى كۆچەتخانا (ھازىرىقى خۈيلىن ئېكېئولوگىيە تەرەققىيات شىركىتى ئەتراپى) دىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ، «مۇستەقىل» سويىقەستىنى ۋە قەدەم باسقۇچىلىرى ھەققىدە مەسلەھەتلەشتى، يىغىندا «مۇستەقىل» نىشاننى بىكىتىپلا قالماستىن ، يەنە ھەركەتنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش لاھىيىسى مۇھاكىمە قىلىندى. پاكىستون «مۇستەقىل» بولۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى دەپ قاراپ، يېغىلىشتىن كېيىن ئەيساغا ھەرىكەت خىراجىتى ئۈچۈن 3000 ئامېرىكا دوللىرى بەردى(17).
1949- يىلى ئەتىيازدا ئازادلىق ئارمىيە سىددىچىلنىڭ ئىچىدىكى جايلارنى ئازاد قىلىدى، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى لىڭشىپ غولاپ چۈشۈش گىردابىغا كىلىپ قالدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جوڭگۇدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقلىقى كۈچلىرىنىڭ شەرىقتە كەڭىىشىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن غەربىي شىمالدىكى ما بوفاڭ، ما خوڭكۈي قاتارلىق يەرلىك توڭگان مىللىتارىستلىرىنى يىغىپ تەشكىللەپ «ئىسلام جومھىرىيتى»(18) قۇرۇش سۈيىقەستىنى پىلانلاپ ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئازادىلىق ئارمىيىگە تاقابىل تۇرماقچى بولسا. يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى كوممۇنىزىمغا قارشى كۈچلەرنى يىغىپ مۇستەقىل سۈيىقەستنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى شۇ يىلى 5- ئايدا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى شىنجاڭنى قلىشقا قارشى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل ھەرىكەت لاھىيىسىنى بېكىتتى: 1) ئەيسانى جەنۇبىي شىنجاڭنى ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىپ ئىغۋا تارقىتىپ، مۇستەقىل بولۇپ كەپپىياتىنى پەيدا قىلىپ ئىجتىمائى ئاساسنى كەڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. 2) مەمىتىمىن بۇغرانى خوتەنگە ئەۋەتىپ، «شەرقىي تۈركىستان جومھىرىيتى مەخپى تەييارلىق كۆرۈپ، خەلقئارادىكى ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ خەلقئارادا ئەت پىكىرى پەيدا قىلىش ۋە دۆلەتلىرىنىڭ پەيدا قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. 3) مەسئۇدنى جەنۇبى شىنجاڭدا ھەرىكەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا شۇ جايدا ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئىچىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكىمەتكە قارشى تۇرۇش، تەڭرىتاغنى چىگرا قىلىپ جەنۇبى ۋە شىمالى شۇنجاڭنىڭ تىركىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچ دائىرسىى كۈچ ئارقىلىق ئايرىپ، پەيت كۈتۈپ يەنە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش. 4) گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمىتى ۋە ھەربىي قىسىملىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى بىلەن تىنىچلىق تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئۆزگىرىشنى يېقىن كۈزىتش ۋە ئەگەر تاۋ سىيۈ باشچىلىقىدىكى تىنىچلىق تەرەپدارلىرى بىلەن يېچىڭ باشچىلىقىدىكى ئۇرۇش تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش بۇلۇپ قالسا يې چىڭغا يادەم بېرىپ ئاخىرىدا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدە «شەرقىي تۇركىستان جومھىرىيتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش ھەمدە ئازاتلىق ئارمىينىڭ شىنجاڭغا كېرىشىگە قۇراللىق تاقابىل تۇرۇپ، تۇڭگان مۇستەقىل تەۋەنى بىلەن قازاق مۇستەقىل تۈۋەنىنى ئۆزىگە تارتىپ «پايتەخىت» ئۈرۈمچىنى قوغداش(19). شۇنىڭغا ئۇلاپلا، ماكىنان كۆپ قېتىم سەنتەي (ھازىرىقى جىمسار)گە بېرىپ ، ئوسمانغا كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئازاتلىق ئارمىيكە قارشى تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، «تەسلىمچىلەر»نى باستۇرۇش تۇغرىسىدا بيرۇق چۇشۇردى. كېيىن پاكىستانمۇ سەنتەيگە كېلىپ ئوسماننىڭ ئەيسا، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، يولۋاس، مەسئۇد، جانىمقانلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىشى توغرسىدا يوليۇرۇق بەردى. پاكىستون: «مەن سىلەرنىڭ ئىتتىپاق ئۆتىشىڭلارنى، دەتالاش قىلماسلىقىڭلارنى ئامېرىكانىڭ سىلەرگە ياردەم بەرگەن ياردىمىنى ئوبدان ئىشلىتىشىڭلارنى، بۇ ئارقىلىق كومىستىك پارتىيە ۋە ئۈچ ۋىلايەتچىلەرگە قارشى تۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن»(20) دېدى. ئامېرىكىقلارنىڭ ئۈمۈد قىلىشى بىلەن، ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ خورىكى تېخىمۇ يوغىناپ ئۈرۈمچى، سانجى، جىمسار، گۇچۇڭ، مورى قاتارلىق جايلاردا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراقتۇلۇق قىلدى.
ئازاتلىق ئارمىيە چاڭجىياڭ دەرياسىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى 6- ئايدا گومىنداڭنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئالدى كەينىگە قارىماي قېچىشقا باشلىدى، جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسىنىڭ مەملىكەت بويىچە غەلبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى بۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى گومىنداڭ بىلەن كومىنىستىك پارتىيە ئوتتۇرسىدا قاراپ بېقىش پوزىتسىيسىدىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسىنى ئاشكارا قوللاشقا ئۆتتى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئاشكارا قوللاشقا ئۆتتى، بۇنىڭ سەۋەبى، ئىشەنچىلىك ئاخبىراتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا غەربىي شىمالىدىكى ما فامىلىك بەش مىللىتارىسنى شىنجاڭغا چېكىندۈرۈپ، يەرلىكتىكى كوممۇنىزىمغا قارشى يەرلىك كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ «بۈيۈك ئىسلام جومھىرىيتى» قۇرىماقچى بولغان. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاجىز ئوتتۇرا ئاسىيا قىسمىغا نىسبەتەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئادىنقى سەپ بازىسىغا ئايلىنىپ، ئىككىنچى غەربىي بىرلىن شەكىللىنىپلا قالماستىن، يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى موسۇلمان مىللەتلەر ئارىسدا روسيىگە قارشى مۇسۇلمان كۈچلەر پەيدا بولۇشى، نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يولغا قويغان رۇسلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىزىم قورلۇش قەدىمىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلىق قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ئازاتلىق ئارمىينىڭ تىزدىن شىنجاڭغا كىرىش سۈرئىتىنى تىزلىتىشنى جىددىي تەرەپ قىلىدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسىىنىڭ ۋەكىللىرى سىتالىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ شىنجاڭغا كىرىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ 1949- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بېكىتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا قاتنىشى ۋە ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ئۇرۇش تەرىپدارلىرى كۈرەشنىڭ كەسكىنىلىشىشىنى تەزەردە تۇتۇپ، 8- ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرىقى شىمىگودا يىغىن ئېچىپ «مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش» نىڭ دەسلەپكى لاھىيسىنى بىكىتىپ، مۇنۇلارنى قارار قىلدى: 1) ئەگەر يې چېڭ، ما چېڭشياڭ، لو شورېنلار شىنجاڭنى جىېنىنىڭ بارىچە ساقلاپ ئۇرۇش قىلسا ئۇ ھالدا ئۈرۈمچىدە دۆلەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، مەسئۇد رەئىسلىككە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە يولۋاسلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، يې چېڭ دۆلەت موداپىيە باش قۇماندانلىقىغا، ئوسمان مۇئاۋىن قۇماندالىقىغا تەيىنلىنىدۇ 2) ئەگەر يې چېڭنىڭ مەيدانىغا تەۋرىنىش بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى يار بەرمىسە، ھۆكۈمەت خوتەندە قۇرۇلىدۇ. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا رەئىسلىككە، يولۋاس بىلەن ئەيسا مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئوسمان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيسىنىڭ باش قۇمانداقلىغا تەيىنلىنىدۇ. 3) مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايلىقىنىڭ تېگى ئاق بولىدۇ. ئۈستىگە 14 تال قىزىل ئاق سىزىق چۈشۈرلۈپ 14 مىللەتكە ۋەكىل قىلنىدۇ، ئوتتۇرسىغا ھىلال ئاي بىلەن يولتۇزنىڭ بەلىگىشى چۈشۈرلۈپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ بەلگىسى قىلىنىدۇ. 4) قانداق ئەھۋال يۈز بىرىشىدىن قەتئى نەزەر يولۋاس چۇقۇم قۇمۇلنى چىڭ ساقلىشى، ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ ئازادلىق ئارمىينىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىغا تاقابىل تورىشى كېرەك. (21)بۇ مەزگىلدە غەرىبى شىمالدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئازادلىق ئارمىيە ئارقا – ئارقىدىن غەلبە قىلدى، فومېي ئۇرۇشى بىلەن لەنجۇ ئۇرۇشىدا خۇ زۇڭنەن ۋە مابوفاڭ قوماندانلىقىدىكى گومىنداڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ چىڭخەينىڭ مەركىزى شىنجاڭنى ئازاد قىلىپ، خېشى كارىدورىغا قاراپ ئىلگىرلىدى، ئامېرىكا پىلانلىغان غەربىي شىمالدىكى ما فامىلىك بەش مىلىتارىست ئارقلىق ئىسلام جومھۇرىيتىنى قۇرۇش سۈيقەستى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن چۆل باياۋان، ۋە مۇزتاغ ۋە چوقىلارغا تايىنىپ، ئازادلىق ئارمىينىڭ غەرىبكە يۈرۈش قىلىشنى توسماقچى بولدى، چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلەر گوروھىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئارقىلىق غەرىبتىكى چىگرا رايوندا كوممۇنىزمغا قارشى بازار قۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. شۇنىو بىلەن كوممۇنىزمغا قارىشى كۈچلەرنى يىغىپ بىرلەشتۈرۈپ، بۇنداق كۈچلەرنىڭ كېڭىيىشىگە مەدەت بېرىپ، ئازادلىق ئارمىيىگە جان جەھلى بىلەن قارشى توردى.
8- ئاينىڭ 15 – كۈنى ئامېرىكا كۈنسۇلى پاكستۇن خىزمىتىدىن دوكىلات بەرگىلى ئامېرىكىغا كەتتى، كونسۇلخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە مۇئاۋىن كونسۇل ماكىنان رىياسەتچىلىك قىلىدى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلىنى كىلىشتۈرۈشى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت ساھەسىدكى تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان تاۋسىيۈ بىلەن بۇرھان بىرلەشتى ھەم جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيسى ۋە ئىلى تەرەپتىكى ئۈچ ۋلايەتچىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. شىنجاڭدىكى سىياسىي سەھنىدىكى كۈرەش تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلىغۇچىلار تەرەپكە ماسلاشتى، ماكىنان دەرھال ئۇرۇش پەرەسلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، يې چېڭغا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا خىراجەت قىلىش ئۈچۈن 200 سەر ئالتۇن بېرىپ يې چېڭغا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى،(22) لېكىن يې چېڭ ھوقۇق ۋە پايدا زىياننى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن دۆلەتنى پارچىلايدىغان ۋە غەلبە قىلىشتىن ئۈمۈد يوق بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇسى كەلمەي، چىكىنىپ چىقىشقا قارارىغا كەلدى. ماكىنان بۇنى ئاڭدىغاندىن كېيىن، ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك بولۇپ : شۇنداق توخۇ يۈرەك نەرسىمۇ جاڭجۇن بولىدىكەن تېخى(23) دەپ تىللاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن دەرھال يىغىن ئچىپ جەنۇبى شىنجاڭغا چېكىنىپ، ئاخىرقى قېتىم چىكىنىشنى قارار قىلدى.
9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، شىنجاڭدىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتتىكى تىنىچلىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىللار ئۈستۈنلۈكنى ئېگىلىدى ئۇرۇش پەرەسلەرنىڭ مۇش كۆتۈرۈشىگە پېتىنالمايۋاتقانلىقىنى ھەم پارچىلىنىىپ ئۆز ئۇۋىلىرىغا كىرىپ كېتىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شونىڭ بىلەن ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا يىغىن چاقىرىپ، ئوسمانغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قارمىقىدىكى ئاتلىق قىسىمنى يىغىپ، تاۋۇز چاغىنى كېچىسى ئۈرۈمچىگە تويۇقسىز ھوجۇم قىلىپ، تاۋ سىيۆ باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلەرنى بىراقلا يوقىتىپ، قالايمىقان ۋەزىيەت پەيدا قىلىشنى، ئاندىن ئوسماننىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ۋەزىيەتنى يىغىشتۇرۇپ، سىياسىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇمۇلدا قۇراللىق توپىلاڭ كۆتۈرىشىنى، يولۋاسنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنى كۈشكۇرتۈش شۇ جايدىكى مەركىزىي بانكىنىڭ ئامبىرىنى بولاپ، شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئازادلىق ئارمىينىڭ شىنجاڭغا كىرىشىگە قوسقۇنلۇق قىلىشىنى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ جەنۇبىي سىنجاڭغا بېرىپ، يەكەن، خوتەندا قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈشىنى قارار قىلىدى(24). ئەمما بۇ چاغدا ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى كەلمەستە كەتكەندى. تاۋ سىيۆ ئۇرۇشپەرەسلەرنىڭ توپىلاڭ كۈتۈرۈش سۈيقەستىنى تىزگىنلەپلا قالماي، يەنە ماچېڭشياڭنى شىنجاڭنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە كۆندۈردى، يې چېڭ، لو شۇرېنلارمۇ ئامالسىز چېكىندى. مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئەيسالارمۇ بىر قىسىم يېقىنلىرىنى باشلاپ پاكىستانغا چىقىپ كەتتى. ماكىناننىڭ سۈيقەستى يەنە بىر قېتىم بىتچىت بولىدى.
9- ئاينىڭ 25-،26- كۈنلىرى ئارمىيە بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارقا-ئارقىدىن تىنىچلىق بىلەن ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى شىنجاڭدا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغانلىقىغا تەن بەرمەي، ئاخىرىقى ئۈمىدىنى ئوسماننىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى. 9- ئاينىڭ 27- كۈنى ماكىنان خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، بارىكۆل تاغلىق رايونىغا مەخپىي سۇقۇل كىرىپ ئوسماننىڭ قىسمىغا ئالتۇن - كۈمۈش، قۇرال – ياراغ، ئوق-دورا، يەتكۈزۈپ بېرىپ ئونىڭغا زور مىقداردا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى توغىرىسدا ۋەدە بەردى، ھەم ھەرقايسى جايلادا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئازاد بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلىش توغرىسىدا سۈيقەست پىلانلىدى(25) ھەم ئۆز قۇلى بىلەن ئاق ئۇرۇس قىسىملىرىدىن يۈز نەچچە ئادەمنى تەشكىللەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئەھۋالىنى تىڭ تىڭلىدى(26). ماكىنان ئاخىرقى ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، شىزاڭ ۋە ھىندىستان ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتماقچى بولدى.
شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋەپسىزلىكى تارماقلىرى خەلق ئارىسىغا يۇشۇرنىۋالغان ئامېرىكا پەرەسلەر پەيدا قىلغان توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈش، مۇستەقىللىقنى مەخپى پىلانلاش، ئاخبىرات توپلاش، ئاغدۇرمىچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلدى.(27)
ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى 1943- يىلى 4- ئايدا قورۇلغاندىن تارتىپ 1949- يىلى 9- ئايدا ماكىنان شىنجاڭدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئالتە يىل بەش ئاي ۋاقىتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. ئامېرىكا كونسۇلخانىسى – ئامېرىكىنىڭ جوڭگۇغا قاراتقان دىپلۇماتىيە سىياسىتىنىڭ ۋاكالەتچىسى. ئۇ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى مەزگىلىدە جوڭگۇغا پائال يەردەم بەردى، ئازادلىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋاكالىتەن سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتى ۋە جيا جيېشىغا ياردەم بېرىپ، كوممۇتىستىك پارتىيگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دونياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جوڭگۇنىڭ غەربىي شىمالدىكى تۇڭگان مىللىتارىستلا، شىنجاڭدىكى پانئىسلازىمچىلار ۋە پانتۈركىسزىمچىلار، شىزاڭدىكى گاشا ھۆكۈمىتىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇلارنىڭ بۆلگۈچىلىك، ۋە مۇستەقىللىك پائالىيەتلىرىگە يەردەم ۋە مەدەت بېرىپ، ئەمەلگە ئاشمىغان بىر مۇنچە خاتىرلەرنى قالدۇردى. يېرىم ئەسىردىن بورۇنقى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاشۇ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ۋەھىيمىنىڭ قالدۇرغانلىقىنى ھېس قېلىمىز.
ئىزاھات:
(1)، (2)، (3) «شىنجاڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى، تاشقى ئىشلار تەزكىرىسى. كونسۇلخانا» بىرىنچى قىسىم [M]
(4)، (5)،(6)،(7)،(8)،(9) «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1994- يىل.
(10)،(17)،(19)،(21) «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3- قىسىم [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىل، خەنزۇچە نەشرى.
(11) سوڭ شىليەن: «بەيتىك ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە جەريانى» [M]، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 3- قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979- يىل
(12) جىن جاۋگۇاڭ: «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىل كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى» [M]، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ئىككىنچى قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979- يىل
(13) لۈ چى: «ئوسمان ۋە بەيتىك ۋەقەسى» [m] «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» ئىككىنچى قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1979- يىل
(14).(15).(18).(20).(22).(23).(24).(25).(26).(27). لى گۇۋاڭچىڭ: «چەت ئەل جاسوسلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخىرقى كۈنلىرى»، «شىنجاڭ خاتىرىلىرى» [M]، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989- يىل.
(16) خەن لىن: «ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا بۆسۈپ كىرىش»، شىنجاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلار ھەرىكىتى تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ گاۋمىڭ ناھىيىلىك تەزكىرە كومىتېتى تۈزگەن «يىلو تەزكىرىسى» [M] دىن نەقىل ئېلىندى، گۇۋاڭدۇڭ نەنخەي مەتبەئە شىركىتى 1988- يىلى نەشىرى قىلغان، 92- بەت.