ۇنتۇلغان دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋەتىلگەن مىللەت .
ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى بەھتسىزكەچۇرمىشى ۋە سانسىزلىغان رىيازاتلىرى ئۇلارنى ئوزلىرىنىڭ ئىچكى مەنىۋى ئەنتەرگىيسىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالامساتىن، بەلكى يەنە دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقنىمۇ يىراقلاشتۇرىۋەتكەنىدى. شۇڭلاشقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى كوتۇرۇلىپ، ياۋروپالىق تەۋەككۇلچىلەر بۇ يەرگە كېلىشكە باشلىغان ئاشۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئوز تارىخىدىكى ئەڭ غەپلەت ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. نۇرغۇن ئەجنەبىيلار بۇ يەرگە كېلىشى بىلەن گويا گويا ئۆزلىرىنى زۇلمەتلىك ئوتتۇرا ئەسىرگە بېرىپ قالغاندەك ھەس قىلغانىدى. شۇنداق، بۇ يەردە زامانىۋى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى يوق ئىدى، ماشىنلاشقا قاتناش قوراللىرىمۇ يوق ئىدى، پۇتكۇل مىللەتنى تەربىيلەيدىغان مۇئارىپ سەستىمىسى ۋە مەدەنىي كەيپىيات تېخىمۇ يوق ئىدى! بۇ يەردە پەقەت ئايىغى بېسىقمايدىغان جېدەل-يەغىلىقلار، ئوقۇپ تۇگۇتەلمەيدىغان توۋە-ئىستىقپارلار، دەۋر ئوزگەرسىمۇ قەلىپى ئوزگەرمەيدىغان ئىجتىمائىي رامكىلار، ئادەمنى ھەيرەتتە قالدۇردىغان نادانلىقلار ھوكۇم سۇرمەكتە ئىدى.....
مانا مۇشۇنداق بىر دەۋردە، ئويغاق ياۋروپا بىلەن غەپلەتتە قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى دىئالوگى باشلاندى.
بىر توپ ئەجنەبىي تەۋەككۇلچىلەر ئوز تارىخى ۋە مىللىي مەدىنيەت مىراسلىرىغا نىسپەتەن قىلچىمۇ ھەقدارلىق تۇيغۇسى بولمىغان، ھازىرقى زامان ئەغى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان ، ئوز ئەتىراپىدىكى مۇھىتقا پاسسىپ ماسلىشىپ ياشايدىغان بۇ چەچىلاڭغۇ بۇ مىللەتنى سىرىتتىن كۇزىتىشكە كىرىشتى....
1887-يىلى دىيارىمىزدا تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان ئەنگىلىيىلىك ياڭخاز بەند يەركەنتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى: “ياركەنت مەنىڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىمدىكى رڭ ئاخىرقى بازار، شۇنداقلا مەن ئەڭ ئىنچكە تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان جايلاردىن بىرى. شۇڭا، مەن بۇ جاي ھەققىدە كورگەن-ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسنى يەزىپ چىقتىم....بۇ دەۋردىكى يەرلىك ئاھالىلەر ئوز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان تەبىي ئىگىلىككە تايىنىپ، بىر خىل تىنچ ۋە توختام سۇدەك ئۆزگەرمەس تۇرمۇش كەچۇرىدىكەن. قاتمۇقات تاغلارنىڭ قورشاۋىدىن شەكىللەنگەن تەبىئىي جۇغراپىيلىك توساق ئۇلارنى سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان رەھىمسىز رىقابەتتىن چەتكە قالدۇرۇپتۇ. سىڭگەن نەنىغا شۇكرى قىلىپ ياشايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۇلارنى ھەممە نەرسىگە بىپەرۋالىق بىلەن قارايدىغان، ۋەزىيەتتىكى ئوزگۇرۇشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇنچىلىك ئۇچراپ كەتمەيدىغان قىلىپ قويۇپتۇ. گەرچە بۇ يەردە نۇرغۇن يەغىلىقلار، ئىنقىلاپلار يۇز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ مۇتلەق كوپچىلىكى سىرىتتىن كەلگۇچىلەرنىڭ ئويۇنى ھىساپلىناتتى. بۇ ھوكۇمراننىڭ ئورنىغا يەنە بىرسى ئولتۇرۇش، سۇلالىلەر ئالمىشىش دەگەنلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۇنچىلىك كارى يوق ئىدى. بۇ ئوزگۇرۇشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۇلار پەرۋاسىزلارچە ئىنكاس قايتۇراتتى. بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئادەم تەبىئىي ھالدا مۇنداق خۇلاسسە چىقىرالايدۇ: مۇنداق مىللەت رىقابەركە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇلار يەرگە باغلانغا نۇششاق دېھقان ياكى يىراقنى مولچەرلىيەلمەيدىغان ئالىم-سەتىملار خالاس. يەر تەرىش ۋە ئۇششاق ئىپتىدفائىي تىجارەتتىن باشقا ، ئۇلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۇتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار كىچىككىنە بىر دۇنياغا قامالغان. سىرتقى ئەللەردىكى ئوزگۇرۇشلەرنى چۇشەنمەيدۇ، قاششاق، ھاياتى كۈچى يوق. ئۇلار پەقەت بۇ يەردىكى تار مۇھىتقا پاسسىپ ھالدا ماسلىشىپ، ئوز روزوھارىنى ئوز يەرىدىن ئالسىلا كۇپايە. قانداقلا بولمىسۇن، كۇنىڭ سەرىقىنى كۆرۈش ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى، ھەرقانداق بىر ۋەقە ئۇلارنى چوچۇتەلمەيدۇ، ئۇلارنى سەگىتەلمەيدۇ….”
ئالبەرىت ۋۇن لەكوكومۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: “بۇ يەردە مۇئارىپ ئۇقۇمى ئىنتايىن سۇس، ئەگەر بار دىيىلسە ھەجىلەپ ئوقۇش ۋە يېزىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ،خالاس. لېكىن، ھەممە كىشى دېگۈدەك بىر قىسىم ھىساپلاش بىلىملىرىنى بىلىدۇ. پۇتكۇل ئۇيغۇرلار رايۇنىدا بىرەرمۇ باسمىخانا ۋە ياكى مەتبەئە ئەسلىھەلىرى يوق. ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ كاللىسى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولوپ، ئەگەردە ئۇلارغا ياخشى بولغان تەربىيلەش پۇرسىتى يارىتىپ بەرىلسە، چوقۇم نەتىجە يارىتالايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تەدرىجى زەئىپلىشىپ كەتىشىنىڭ سەۋەبى دەپ بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يەرىدە ئۇچراتقىلى بولىدىغان ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سەڭىپ كەتكەن قاششاقلىق، چۇشكىنلىك ھەمدە ئالدامچىلىقتۇر…”
لەكوك يەنە تۇرپاندىكى ئاھالىلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: “بىز تۇرپانغا كېلىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىزنى دائىم يوقلاپ تۇردى. بىر كۇنى بىز چۈشكەن ئويگە قازى ، ئاخۇن ۋە بىرقانچە يۇرت موتىبەرلىرى كەلدى. بىز ئۇلارنى ھورمەت-ئەھتىرام بىلەن كۇتىۋالدۇق. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار گەپ تەشتى:
__تەقسىر، ئىككىلىرى يىراق ئەللەردىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا مۇساپىر بولۇشۇپ كەلىشىپلا، شۇڭا بۇ يۇرتتا مۇنداق بويتاق پىتى يۇرۇشسىلە قاملاشماس. ئەڭ ياخشىسى، ئوي-ئۇچاقلىرى بولوپ، باشلىرىنى ئوڭشىۋەلىشسىلا، بىز مۇشۇ ۋەجىدىن كەلدۇق.
__بىز ئالىقاچان توي قىلىپ بولغان، ئائىلىمىز بار،_دېدۇق ھەيرانلىق ئىچىدە.
__ئۇنىسى بىزگە مەلۇم، ئەپەندىم. بىراق، ئىككىلىرىنىڭ مەزلۇملىرى بۇ يەردىن ناھايىتى يىراقتا قالدى. ئەر كىشى سەپەرگە چىقىپ ئۇچ ئايدىن كېيىن خۇتۇنسىز يۇرسە شەرىئەتكە خىلاپ بولىدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭمۇ خاتىرجەملىكى بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە قايتا نىكاھلانماقلىرى بەرھەقدۇر. ئەگەر خالىسىلا قازى غۇجام بىلەن ئاخۇنۇمنىڭ قىزلىرىنى ئەمىرلىرىگە ئەلىشسىلا،-دەيىشتى ئۇلار ساقاللىرىنى سىلىشىپ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىز ناھايتى ئوڭايسىز ھالدا قاندۇق ھەمدە نەمە دىيىشىمىزنى بىلمەي قالدۇق. يۇرت ئاتىلىرىنىڭ بۇ تەكلىپىنى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمىغان ھالدا رەت قىلغىلى بولار-ھە؟!
مەن ئالدى بىلەن ئۇلارغا تەشەككۇرۇمنى بىلدۇردىم، ئاندىن مۇنداق دېدىم:
__ھورمەتلىك ئاقساقاللار، سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ يەردە ھوكۇمەتنىڭ ئامباللىرى بار. ئۇلار ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بەئىجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىمىزنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇدۇ. باش ئەلچى بولسا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بېرلىندىكى گېرمانىيە پادىشاھىغا يەتكۇزىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا بىر ئەركەكنىڭ پەقەت بىرلا خۇتۇن ئېلىشى بەلگىلەنگەن. ناۋادا گېرمانىيە پادىشاھى بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە خۇتۇن ئېلىپ، ئوي-ئۇچاقلىق بولغۇنىمىزنى ئاڭلاپ قالسا، سىلەر دەپ بېقىڭلار، بىزنى قانداق جازاغا تارتىشى مۇمكىن؟…
__ياق بىلمەيمىز، تەقسىر!-دەيىشتى ئۇلار ساقاللىرىنى يەنە بىر قېتىم سىلاپ.
__ئەمىسە، مەن دەپ بېرەي، ھەربىرىمىزنى يوغان كالتەك بىلەن 25 قېتىم ئۇرىدۇ!
ئۇلار گېپىمىزنى ئاڭلاپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاتالمىش (جازا) سىدىن چۆچۈپ كېتىشتى ۋە ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۇرۇپ كېتىشتى.”
گۇننار يارۇڭ ئۆزىنىڭ 1929-يىلى 9-ئايدا قەشقەردىكى ئوردا مازىرىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى كەچۇرمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ: “…بىز مەپىگە ئولتۇرۇپ دۇشەنبە دېگەن كىچىك بازارغا كەلدۇق. ئاندىن بازارنى پىيادە ئايلاندۇق. كىشىلەر بىزدىن قاتتىق ھەتران بولۇشتى. ئىلگىرى بىر كىمنىڭ فەراڭىس (فەرەڭ، يەنى ياۋروپالىق) نى كورگەنلىكى ھەچكىمنىڭ ئېسىدە قالماپتۇ. بىر توپ كىشىلەر ئارقىمىزدىن ئەگىشىپ دەڭگىچە باردى. ئۇلار دەڭگە كىرگەندىن كېيىن، توختاپ بىزنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشلىرىمىزنى كوزۇتۇشكە باشلىدى. بىز ئىككىنچى كۇنى ئاچچىق دېگەن جايغا يېتىپ باردۇق. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرمۇ دۇشەنبىدىكىگە ئوخشاش بىزنى كۆرگىلى دەڭگە يىغىلدى. بىز ئۇلاردىن بۇرۇن ياۋروپالىقلارنى كورگەن-كورمىگەنلىكىنى سورىساق:
__كىچىكىمدە بىر پەرەڭنى كورگەنىدىم، -دەپ جاۋاپ بەردى ئۇلاردىن بىرەيلەن. مەن ئوقۇغان كىتابىمغا ئاساسەن، ئاشۇ ياۋروپالىقنى ئەنگىلىيە ئارخىئولوگى ئاۋرەل سىتيىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 25 يىل بۇرۇن ئۇ بۇ يەرگە كەلگەنىدى….”
مانا بۇ ئەجنەبىي تەۋەككۇلچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئوز دەۋردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رىيالىقى ئىدى. ئۇلار دۇنيانى چۇشەنمەيتتى، دۇنيا ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلاردىن بىخەۋەر ئىدى. چەكلىك بوستانلىقلاردىكى چەكلىك يەرلەرگە باغلىنىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئوزگەرمەيدىغان تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدى. شۇڭلاشقا، كوپلىگەن ياۋروپالىقلار ئۇلارنى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان، دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋەتىلگەن مىللەت، دەپ بىلگەنىدى.
بوستانلىق خەلقى ۋە قۇملۇق پىسخىكىسى.
فىلىپ كەتتى ئۆزىنىڭ《ئەرەب ئومۇمىي تارىخى》ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە:《پۇرسەت تاپسىلا باشقىلارنىڭ مەدىنىيىتى ئارقىلىق ئۆزىنى سۇغۇرۇپ تۇرۇش قۇملۇق خەلقلىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئىدى. 》دەپ يازغانىدى. دەرۋەقە، ئەگىز تاغلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان تارىم ئويمانلىقى بەئەينى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن بىر چوڭقۇر ئارالغا ئوخشايدۇ. بۇ چوڭقۇرلۇققا مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق جەزىرە__تەكلىماكان قۇملۇقى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ئەتىراپتىكى تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن پەسسىللىك دەريا-تاراملار ئەنە شۇ زور قۇملۇققا قاراپ تىۋىشسىز ئاقىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدىكى كوپلىگەن قەدىمىي مىللەتلەرنى ئۆزىگە يۇغۇرۇپ، شانلىق بوستانلىق مەدىنىيتى ياراتقان ئۇيغۇر خەلقى مانا مۇشۇ قۇرغاق زېمىندا ئىككى قولىغا تايىنىپ رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن كورەش قىلىپ كەلدى. ئۇلار ئەلمىساقتىن بۇيان، بوستانلىق بىلەن قۇملۇقلارنىڭ ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىچكى بىرلىكىنى ھەمدە دىئالىكتىك قانۇنيىتىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. قۇم ئاستىغا غەرق بولغان سانسىزلىغان شەھەرلەرنىڭ ئورنىغا يېڭى شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇلار يەنە تەبىئەتنى قانداق پەپىلەشنى، قۇملۇقلارنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۇرۇشنى، سۇ مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭلاشقا، ئۇستىدىن ئۇچار قۇشلار، تىگىدىن ئادەمزات ۋە چاھارپايلار ئۆتەلمەيدىغان بۇ جەزىرىنى ئوزلىرىنىڭ سۇيۇملۇك ۋەتىنى، ئانا يۇرتى، كىندىك قىنى توكۇلگەن تۇپرىھگى قىلىپ كەلگەنىدى......
. ئالبەرت ۋۇن لەكوكمۇ ئوز خاتىرىسىدە بۇ نوقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ:《بۇ رايۇندىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭغا يانداش بولغان دەريا-تاراملار بولوپ، پۇتكۇل تارىم ئويمانلىقىغا ئومۇچۇك تورىدەك يەيىلغان. ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىشچان يەرلىك خەلقلەر ئوزلىرىنىڭ پەم-پاراسىتىگە تايىنىپ، سانسىزلىغان پەۋقۇلاددە سۇغىرىش سەستىمىسىنى بەرپا قىلغان. ھەچنەمە ئۇنمەيدىغان قاقاس زەمىننى گۇزەل بوستانلىققا ئايلاندۇرغان. 》 لەكوك يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:《بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ھىچقانداق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بولمىغان شارائىت ئاستىدىمۇ، يەرلەرنىڭ قانچىلىك سۇ ئىچىدىغانلىغىنى ، سۇ سىڭىش مىقدارىنىڭ قانچىلىكلىگىنى بىلەلەيدىكەن ھەمدە قولىدىكى كەتمىنى بىلەن ئەقىللىك كاللىسىغا تايىنىپ چەكلىك سۇ مىقدارىدىن توللۇق پايدىلىنالايدىكەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدە ئەقىل-پاراسىتى نەچچە مىڭ يىللىق ئەمىلىي تەجىربىسىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. ئۇلار مۇشۇ جەھەتتىكى ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ ، يەر ئاستى سۇيىنى يەر ئۈستىگە باشلاپ چىقىدىغان ئالاھىدە سۇغىرىش سەستىمىسى__كارىزنى كەشپ قىلغانىدى.》
ئەجنەبىي تەۋەككۇلچىلەر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدىن ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرغان تاشمايىل ئەندىشىسىنى بايقىغانىدى. بۇ پىسخىك ئەندىزىدە يەن ئەئوچۇق-يورۇقلۇق، مېھماندوستلۇق، يۇمۇرلۇق تۇيغۇغا ۋە كۈلكە-چاقچاققا بولغان ھېرىسمەنلىك، ناخشا-ئۇسۇللۇق ۋە مۇزىكىغا بولغان ئالاھىدە ئىشتاياقىنىمۇ ھەس قىلغانىدى. قول ئىلكىدە بارى-يوق تەئەللۇقاتىنىڭ ھەممىسىنى مېھمانغا سۇنىدىغان، ئەتىنى ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىنىڭ خوشاللىقى دەپ بىلىدىغان تەرەپلىرىنىمۇ بىلگەنىدى. شۇڭلاشقا گۇننار ياررىڭنىڭ : 《مەنىڭ سەغىندىغىنىم قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ئاشۇ سەھرىي كۈچى ۋە مېنى قەدىناس دەپ بىلدىغان ئاشۇ ئۇيغۇرلاردۇق..》دىگىنى ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك. سۋەن ھەدىننىڭ تاكى ئولۇپ كەتكۇچە لوپنۇردىكى ئاشۇ سەمىمىي، ئاق كوڭىل، جاپا-مۇشەققەتكە چىداملىق دوستلىرىنى__ئوردەك، سادىق، خۇداگۇل، ئابدۇرەھىم قاتارلىقلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىشى شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك!
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ ماقالىنى يازغۇچى ئاپتور سوزىدىن :
قەدىرلىك ئوقەرمەن!.........................
ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى چەتئەللىكلەر بىلەن، بولۇپمۇ ياۋروپالىقلار بىلەن بولغان دىئالوگنىڭ كىچىككىنە بىر سەھىپىسىنى دىققتىڭلارغا سۇندۇم. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئىكىسپەدىتسىيە قىزغىنلىقىدىن باشلانغان بۇ ئۇززاق دىئالوگ تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. بۇ تەمىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا، چەتئەللىكلەر بىلەن مەدىنىيەت ئالاقە تارىخىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا يورۇتۇشقا توغرا كەلىدۇ. لۇشۇن ئەپەندى ئوز دەۋرىدە جۇڭگۇلۇقلارنى قەستەن ماختاپ، كۆككە كوتەرگەن ئەجنەبىيلەرگە نەزەر-كوزىنى سالمىغانىدى، ئەكسچە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى يۇرەكلىك ھالدا ئېچىپ تاشلاشقا جۇرئەت قىلغان چەتئەللىك يازغۇچىلارغا يۇقۇرى باھا بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، ئۇزۇندىن بويان بىز غەربلىكلەرگە باھا بەرىشتە ئۇلارنىڭ بىزگە قانداق 《دوستانە》مۇئامىلىدە بولغانلىقىغا ۋە ئوزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزگە قانداق گۇزەل باھالارنى بەرگەنلىكىگىلا قاراپ كەلدۇق. مەن مەزكۇر ئەسىرىمدە ئەنە شۇ كونا رامكىنى بوسۇپ چىقىپ، ئەجنەبىيلەرنىڭ تېخى بىزگە مەلۇم بولمىغان تەنقىدىي تەسىراتلىرىنى ئاشكارىلاشقا تەرىشتىم. .