تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟ تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئۇ تەڭرىتاغ چوققىسى دا بولۇپ ، تارىخنامىلەردە : " تۈرك قاغانى ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرىدۇ ... ھەر يىلى ئېسىلزادىلەرنى باشلاپ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرگە ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدۇ . يەنە 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا دەريا بويىغا يىغىلىپ ، كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزىدۇ . ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىدىن 500 چاقىرىم نېرىدا بىر ئېگىز چوققا بولۇپ ، ئۈستىدە ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەر يوق . ئۇلار ئۇنى تەڭرىتاغ دەپ ئاتايدۇ . شيا ئىقلىمىدىكىلەر بولسا يەر ئىلاھى دەپ ئاتايدۇ " دەپ خاتىرلەنگەن .(< جۇنامە . تۈركلەر تەزكىرىسى > ) تەڭرىتاغ كۆككە تاقاشقان ئېگىز چوققا بولۇپ ، ئۇ ئۆتۈكەن تېغى جايلاشقان ئۆتۈكەن تېغى يەنە تەڭرىتاغ دەپمۇ ئاتالغان . ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە ، ئۆتۈكەن تېغى ھازىرقى قاڭغاي تېغى ئىكەن . تارىخنامىلەردە تىلغا ئېلىنغان شۆ رېنگۇي ئۈچ ئوق بىلەنلا تىنچىتقان تەڭرىتاغ دەل ھازىرقى قاڭغاي تېغى بولۇپ ، ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ ئەمەس . ھازىر بەزىلەر يەنە ئۆتۈكەن تەڭرى ياكى ئۆتۈغۈن تەڭرى دەپ ، تاغ بىلەن چوققىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتايدۇ .
تۈركلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىدىغانلىقى ، يۇقۇردىكى تارىخىي ماتېرىيالدا كونكېرت كۆرسىتىلمىگەن . پەقەتلا " ھەر يىلى ئادەملىرىنى باشلاپ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدۇ ، يەنە 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يىغىلىپ كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزىدۇ " دېيىلگەن بولۇپ ، " كۆك تەڭرى " گە ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدىغان ۋاقىت ھەرگىزمۇ " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدىغان " ۋاقىت ئەمەس .
" كۆك تەڭرى " گە نەزىر - چىراق قىلىش " 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا " بولغانىكەن ، ئۇنداقتا " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىش بۇنىڭدىن بۇرۇن بولغانمۇ ياكى كېيىن بولغانمۇ ؟ غەربىي تۈركلەرگە ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىدۇ : " غەربىي تۈركلەر مۇقان قاغاننىڭ ئوغلى تاسپارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر ، ئىشبارا بىلەن ئازارلىشىپ قېلىپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن . كېيىن بارا - بارا كۈچىيىپ ، شەرقتە ئۆتۈكەن تېغى ، غەرپتە ئالتۇنتاغنى ئىگىلىگەن ....... ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يىغىلىپ ئىلاھقا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدۇ ، قاغان ئەتىۋارلىق ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپ ، ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىدۇ . " ( <سۈينامە. تۈركلەر تەزكىرىسى > دىن ئېلىندى ) . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، " ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈر " نى تاۋاپ قىلىش " كۆك تەڭرى " گە نەزىر - چىراق قىلىشتىن بۇرۇن ، يەنى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بولغان . ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلغاندىن كېيىن ، يەنە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش بىر مۇقىم قائىدە بولغاچقا ، غەربىي تۈركلەرمۇ ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتكەن .
ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىش تۈرك قاغانلىقى پارچىلانماستىن ئىلگىرىلا ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ ، قاغانلىق پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزگەرمىگەن . غەربىي تۈركلەر پەقەت سىياسىي جەھەتتىكى مۇناسىۋېتىنى كۆزدە تۇتۇپلا ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتكەن . ئەمما ، قاغان يەنىلا ئۆز ئوردىسىدا قالغان . تارىخىي ماتىرىياللاردىكى خاتىرلەرگە قارىغاندا ، ئۇلار ۋەزىرلىرىنى ئۆتۈكەن تېغىغا ئەۋەتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە " يىغىلىپ ئىلاھقا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلغان " ، بۇمۇ ئەجدادى ياشىغان ئۆڭكۈرنى تاۋاپ قىلىش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ ، پەقەتلا ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش ئۆزئارا بىرىكىپ كەتكەن .
غەربىي تۈركلەر " يىغىلىپ ئىلاھقا نەزىر - چىراق قىلغان " ئورۇن قەيەردە ؟ تارىخنامىلەردە بۇ ھەقتە خاتىرىلەر يوق . ئەمما ، تۈركلەرگە ئائىت رىۋايەتلەردىكى " ئىددىقۇتنىڭ شىمالىدىكى تاغ " دىن تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇكى ، ئۇ دەل ئىددىقۇتنىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ بولىشى كېرەك . چۈنكى ، بۇ تاغدىمۇ بۇغدا چوققىسى دەيدىغان بىر ئېگىز چوققا بار ، بۇ جاي قەدىمدە بىر سىرلىق جاي ئىدى ، ئېيتىلىشىچە ، ئۇمۇ تۈركلەرنىڭ قەلبىدە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن .
ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش بىلەن كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىش تۈركلەرنىڭ مۇھىم ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىلىم - پەن تەرەققى قىلمىغان قەدىمكى دەۋردە ، ئەجدادىنى بۇنداق تاۋاپ قىلىدىغان ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىدىغان ئادەت ھەرقانداق مىللەتتە ئوخشاشلا مەۋجۇت بولغان ، خەنزۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ تەيشەن تېغىغا چىقىپ نەزىر - چىراق قىلغان ، ئەمما ، مەنە جەھەتتە مەلۇم پەرقى بار . تۈركلەرنىڭ ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىشى ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىشى ئۇيۇشچانلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا ، خەنزۇ پادىشاھلىرى ئۆز ئورنىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلغان .
تۈركلەرنىڭ ئەجدادىنى تاۋاپ قىلىش ۋە كۆك تەڭرىگە نەزىر - چىراق قىلىشتا ئوخشاشلا 5 - ئاينى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، 5 - ئايدا دەل شىمالدا ئوت - چۆپ ، دەل - دەرەخلەر كۆكىرىدىغان چاغ ، بۇ چاغ مال - چارۋىلار يېڭى ئوت - چۆپكە ئېرىشىدىغان ، جۈملىدىن كۆپىيىپ ئاۋۇيدىغان پەسىلدۇر . شۇڭا ، بۇنداق نەزىر - چىراق قىلىش يەنە باياشادلىقنى تىلەش مەنبەسىگىمۇ ئىگە .
ئىنسانلارنىڭ تۆتېمغا ئېتىقاد قىلىش ( تەبىئەتكە چوقۇنۇش ، روھلارغا تېۋىنىش ) تىن ئەجدادلىرىغا ئېتىقاد قىلىش تارىخنىڭ ئىلگىرلىشى ، جۈملىدىن جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر . مىللەتشۇناسلىق نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا ، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسىدە تۆتېمغا ئېتىقاد قىلىش ئەۋج ئالغاچقا ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامەسىگە
كېيىن ، ئەجدادىغا ئېتىقاد قىلىش بارلىققا كەلگەن . بۇ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈر ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى ، مېڭىسىنىڭ پەيدىنپەي تاكامموللىشىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ . تۈركلەرنىڭ ئەجدادىغا ئېتىقاد قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئىپتىدائىي جەمىيەت دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ .