ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-14 ئاۋاتلىقى:4580
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     
     (ياقۇپ بوۋاي تىلىدىن)

     

    مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى

     

          مىنىڭ تېگىم يەكەنلىك بولۇپ، ئۆمرۈم يامۇلدا يايىلىق خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن، مېنىڭ بىر قىزىم خوتەنگە ياتلىق قىلىنغاچقا خوتەنگە بىر نەچچە قېتىم بارغانمەن، شۇڭا خوتەن يوللىرى ماڭا تونۇش بولۇپ قالغان. 9-ئاي كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەكەن تۇڭگانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالدى، ئۇلار يەكەندە ئازلا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر تەرەپتىكى تۇڭگانلارمۇ قېچىپ كېىلىپ، ئۇلغىيىپ ھەممىسى يەكەننى تاشلاپ خوتەن تەرەپكە قاچتى. ئۇلار كېتىپ بىر كېچىدىلا رۇس ئەسكەرلىرى پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇلار نۇرغۇن تانكا، ئاپتوموبىل، ماشىنىلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇلارغا يول باشلايدىغان ئادەم لازىم بولغاچقا، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مېنى تەيىنلەپتۇ. ئۇلارنىڭ كوماندىرى ماڭا پۇل بەردى، مەن بالا-چاقىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدىم. ئۇلار مېنى تانكىغا چىقىرىۋالدى. مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان نەرسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ كارامەتلىرىنىڭ تاماشا قىلىپ ماڭدىم. بىز يەكەن دەرياسىغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە تۇڭگانلار دەريا بويلاپ ئىستىھكام قۇرغانىكەن. ئۇلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىدۇق. ئىككىلا تەرەپ مىلتىق، پىلىموت، توپلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ بىرى-بىرى بىلەن قاتتىق تۇتۇشتى، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقنىڭ تۈتەكلىرى يورۇق كۈننى خىرەلەشتۈرۈلگەنىدى. ئوق ئاۋازى ئالەمنى بىر ئالغانىدى. ئىككىلا تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم چىقىم بولغان بولسىمۇ، ھېچقايسىسى تىركىشىشتىن قول ئۈزمىدى، سوقۇش بىر نەچچە سائەت داۋام قىلدى، تۇڭگانلارمۇ بوش كەلمىدى.

         ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن مەسىلنى ھەل قىلالمىغان رۇسلار تانكىلىرىنى ئىشقا سالدى، ئارقىدىنلا ھاۋادا ئايروپىلان پەيدا بولدى. رۇسلار تانكا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ تۇڭگانلار شىددەتلىك ئوققا تۇتتى. مۇنداق شىددەتلىك ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن تۇڭگان قىسىملىرى چېكىنىشكە ناھايىتى پاجىئەلىك بولدى. كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە ئۆلگۈرەلمىگەن تۇڭگان ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى ياۋىداق مىنىپ، ئۆزلىرىنى دەرياغا ئاتتى. ئاتلار دولقۇن يېرىپ سۇ ئۈزەتتى، ئات ئۈستىدىكىلەر بولسا قىرغاققا تىزراق يېتىۋىلىش ئۈچۈن ئاتلىرىنى ئالدىراتتى. لېكىن دەريا لېۋىگە باستۇرۇپ كەلگەن تانكا قىرغاقتا تۇرۇپ لېۋىگە باستۇرۇپ كەلگەن تانكا قىرغاقتا تۇرۇپ ئوق ياغدۇرۇشقا باشلىدى، ھاۋادا بولسا ئايرۇپىلان پەس ئۇچۇپ يامغۇردەك ئوق ياغدۇراتتى. تاشلانغان بومبا دەريا سۈيىنى قىپقىزىل قانغا بويىغانىدى.

         قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولغان تۇڭگان ئەسكەرلەر ئوچۇقچىلىقتا جان تالىشتاتتى. ياغدۇرۇلغان ئوق يامغۇرى سەل بولۇپ، ئۇلارنى ئېقىتشقا باشلىدى، قايسى بىرى ئاتتىن مولاق ئاتسا، قايسى بىرى ئېتىغا ئوق تېگىپ سۇغا غەرق نولغان ئىدىكى، دادا بالىغا، بالا دادىسىغا قاراشقا ئىمكان يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا سۈيى ئۇلۇغ بولغاچقا، ئاتلارنى موللاق ئاتقۇزۇپ ئادەملەرنى سۇنىڭ ئاستىغا تارتىپ كېتەتتى. ئاساسىي كۈچىدىن ئايرىلىپ ئۇ قاتقا سالامەت ئۆتكەن ئازغىنا تۇڭگان قوشۇنى خوتەن تەرەپكە داۋاملىق چېكىنىشكە باشلىدى.

         رۇس قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ قاغىلىق بىلەن گۇما ئوتتۇرىسىدىكى چولاقنىڭ سېيىدا ئۇلارغا يېتىشىۋالدى. 2-قېتىملىق توقۇنۇش موشۇ سايدا يۈز بەردى. تۇڭگانلار ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى، رۇس قوشۇنلىرىدىن خېلىلا چىقىم بولدى، ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن تۇڭگانلار چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

          3-قېتىملىق توقۇنۇش خوتەننىڭ پىيالىما دېگەن يىرىدە بولدى، تۇڭگانلار ئۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىنى ئالدىغا سېلىۋىتىپ، ئۇلارنى دالدا قىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەم ھالەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن كەسكىن ئىېلىشىشلاردىن كېيىن تۇڭگانلار يەنە چېكىنىشكە باشلىدى.

          4-قېتىملىق توقۇنۇش خوتەنگە يېقىن «چۇدا» دېگەن جايدا بولدى. بۇ يەرنىڭ ئەتراپى ئېگىز قۇم دۆۋىلىرى بىلەن ئورالغان ھاۋالىق پەس جاي ئىدى. تۇڭگانلار بۇ يەردە ياشايدىغان 1500 دەك ئاھالىنى بۇ يەرگە سولاپ ئۆزلىرىمۇ بۇ جايغا ئورۇنلىشىۋالدى. باستۇرۇپ كەلگەنلەرنى ئوققا تۇتۇپ يېقىن كەلتۈرمىدى. ئايروپىلانلار يەرلىك ئاھالىنى ئاياپ ھۇجۇم قىلالمىدى. نەتىجىدە بۇ ئۇرۇش بىر نەچچە كۈنگە سوزۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇڭگانلار لەخمە كولاپ چىقىپ كېچىلىرى رۇسلارنى جىق تالاپەتكە ئۇچراتتى ھەتتا قوراللىرىنى بۇلاپ كەتتى. ئاھالىنى تۆپىلىككە چىقىرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈۋېلىپ رۇسلارنى ھۇجۇم قوزغاشقا ئامالسىز قىلىپ قويدى.

         بۇ ھالەت شۇ خىلدا 15 كۈندەك داۋاملاشتى. ئامال بولمىغاندا رۇسلار تانكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قورغانچىغا باستۇرۇپ كىردى، تۇڭگانلار ئىلاجىسىز چېكىندى. قورغانچا رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندە، كىشىلەر ئىنتايىن دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرگەنىدى: تۇڭگانلار يەرلىك خەلقتىن 20 دەك ئادەمنى تۈۋرۈكلەرگە باغلاپ، تىرىك تۇرغۇزۇپ قارنىنى يېرىۋەتكەنىدى، ئۈچەي-باغرى ساڭگىلاپ قالغانىدى. يۈزدەك ئادەم ئېتىپ تاشلانغانىدى. بۇ كىشىلەر تۇڭگانلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتقان كىشىلەر بولۇپ، ئومۇمەن «رۇسلاردىن پاناھ تىلىگەن» دېگەن جىنايەت بىلەن موشۇنداق قاباھەتلىك ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

          رۇس قوشۇنلىرى تۇڭگانلارغا ئارام بەرمەي قوغلىدى، ئۇلارغا خوتەندە يېتىشىۋالدى. تۇڭگانلار خوتەن يېڭى شەھىرىگە كىرىۋىلىپ، ئۇ يەردىكى ھەربىي گۈزەرنىڭ ئېگىز سىپىللىرىنىڭ دالدىسىدا تۇرۇپ مۇداپىئەگە كىرىشتى. بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن خەلقنى سېپىل ئىچىگە سولىۋالغانىدى. لېكىن تانكا، ئايروپىلانلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تۇڭگانلارنىڭ روھى چۈشۈپ، پۇقراچە كىيىنىپ ئارقا تەرەپتىن قېچىپ چىقتى، بىراق رۇسلار ئۇلارنى تۇتۇۋالدى، ئۇزۇن ئۆتمەي سېپىل ئىچىدىكىلەرمۇ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار قورال تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار، ئوفېتسىرلار سىم بىلەن باغلىنىپ، تول سايمىنى ئارقىلى ئۆلتۈرۈلدى. قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىكلىرى يول راسخوتى بېرىلىپ يۇرتىغا قايتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن تۇڭگان 36-دىۋىزىيىسى خوتەننىڭ دەشت-چۆللۈكلىرىدە روس ئارمىيىسىنىڭ تانكا، ئايروپىلان، بىرونىۋىكلىرىنىڭ زەربىسىدە ۋەيران بولدى.

          خوتەن يولىدىكى قۇم ئۈستىدە ئىككى خىل بەلگە كۆز چېلىقىدۇ. بىر خىلى تىك قاداپ قويۇلغان بادار بولۇپ، بۇلار تۇڭگان قوشۇنىدىن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ بەلگىلىرىدۇر.

    يەنە بىر خىلى قادالغان موما ياغاچقا ئېسىپ قويۇلغان خوراز پەيلىرى بولۇپ، بۇلار ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن يەرلىك خەلقنىڭ قەبرە بەلگىسىدۇر.

         بۇ جايدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر بۇ ئىككى خىل بەلگىنى كۆرگەندە دۇئا قىلىپ ئۆتىدۇ. مانا موشۇ ئىككى خىل بەلگە ئاستىدا ياتقانلار دىنداش ۋە ۋەتەنداش بولسىمۇ لېكىن، ئىتتىپاقسىزلىق تۈپەيلى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئاقىۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

          ياقۇپ بۇۋاي سۆزلەپ بەرگەن بۇ ۋەقە ئەسلىدە 1937-يىلى 9-ئايدا يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، 36-دىۋىزىيىنىڭ پەيزىۋاتتا تۇرۇشلۇق تۇڭگان ماشىڭكۈي بىرىگادىسى ماخۇسەندىن يۈز ئۆرۈپ، شېڭ شىسەي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەچكە، ماخۇسەن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. ماخۇسەن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قەشقەرنى تاشلاپ خوتەنگە قاچقان. ئۇنىڭ قوشۇنى تۆت خىل قوشۇننىڭ زەربىسى ئاستىدا قالغان. بىرىنچىسى، مارالبېشىدىن بېسىپ كەلگەن روس ئارمىيىسى، ئىككىنچىسى قەشقەردىن قوغلاپ كەلگەن 38-ۋە 40- پولكلاردىكى خەنزۇ ئەسكەرلەر. ئۈچىنچىسى، 31-پولك تەركىبىدىكى ئەخمەت لىيەنجاڭ باشچىلىقىدىكى بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكىرى. تۆتىنچىسى ماشىڭكۈينىڭ بىر بىرىگاد تۇڭگان ئەسكىرى. ماخۇسەننىڭ 36-دىۋىزىيىسى مانا موشۇ تۆت خىل قوشۇن بىلەن يېڭىساردا تۇتۇشقاندىن كېيىن، يېڭىلىپ يەكەنگە چېكىنگەن. ماخۇسەننىڭ قوشنى خوتەن چۆللىرىدە يوقىتىلغاندىن كېيىن، ماشىڭكۈي قىسىملىرىمۇ يىغىشتۇرۇپ تاشلاندى.

    نەشىرگە تەييارلىغۇچى: ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن

    تەھرىرلىگۈچى: ئابلىز ئورخۇن

     
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ