ئاتالغۇلار تىل - يېزىق ئۆرۈپ-ئادەت شەخىسلەر تارىخقا نەزەر مەدىنىيەت ئۇچۇرلىرى باش بەت
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
  • 1934 - يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر
  • كۆك تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ( داۋامى )
  • ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىل بۇرۇن مىڭە ئوپېراتسىيىسىن ...
  • ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋە قانلىق تارىخى
  • پاكىستاننىڭ گىلگىت رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار
  • 20 ئەسىرنىڭ -40 يىللىرىدىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىد ...
  • بەخت ۋە بەختسىزلىك
  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي دەۋىرىدىكى كۇرۇسلار
  • تۈركلەرنىڭ بۆشۈك ماكانى قەيەردە ؟
  • ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى
  • ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى
  • «ئاتۇ» پاجىئەسى
  • ئۇيغۇر خانلىقلىرى ۋە خانلىرى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋام ...
  • تۇڭگان 36- دىۋىزىيىسىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى
  • لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟
  • چارروسيە ۋە سوۋىت ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۈركىي خەلقلەر
  • پارچىلىنىشتىن گۈللىنىشكىچە (1)
  • -1934 يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەردىن ئەسلىمە
  • تۇمشۇقتىكى سوقۇش
  • تۈندىكى پاجىئە
  • دۇنيادىكى نوپۇسى ئاز تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى قارايىملا ...
  • شىنجاڭ <<پادىشاھى>>شىڭشىسەينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى(سۇتۇق)
  • خوجانىياز ھاجىنىڭ ياركەنت، روسىيە،چۆچەك،باركۆل،ئالت ...
  • قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىملار
  • ساسانى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئىران بىلە ...
  • نوۋا ئابىنكىدىن تېپىلغان تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسل ...
  • ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپادىكى ئاجايىپ غارابىپ تارىخى
  • قازاقلارنىڭ مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللنىشى (داۋامى )
    يوللىغان ۋاقىت:2009-01-30 ئاۋاتلىقى:4630
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      مۇڭغۇللارنىڭ باشلىغى ياسۇكەي باتۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تىمۇچىن چوڭ بولۇپ، ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈش بىلەن تەڭ مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ بىر مەركەزگە بويسۇنۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى. ئۇ، بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۈركى قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، مۇڭغۇللارنىڭ بېشىنى بىر يەرگە قوشتى. ئاندىن كېيىن، كېرەيلەر ۋە نايمانلار بىلەن بىرىلىشىپ تۇرۇپ تاتارلار ۋە مېركىتلەرنى بويسۇندۇرىۋالدى.


       كېرەيلەر –ئەسلىدە ھاڭگاي تاغ تىزمىلىرى بىلەن كەنتى تاغ تىزمىلىرى ئارىلىغىغا ۋە ئورخۇن، تۇغلا دەريالىرى ۋادىسىغا ئۇرۇنلاشقان قەبىلە ئىتتىپاقى ئىدى.
    «ئۆز زامانىدا كېرەيدە « مەرغۇز» ناملىق پادىشاھ ئۆتۈپتۇ. ئۇنڭ «قۇشاۋقۇر» ناملىق (بۇيرۇق دىگەن قوشۇمچە نامى بار) * بىر ئوغلى بولغان ئىكەن، قۇرشاقۇرنىڭ ئوغلى كۆپ بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى «توغرۇل» ئىكەن. جۇڭگو پادىشاھلىرى ئۇنىڭ ۋاڭ (پادىشاھ مەنىسىدە)* دەپ ئاتىغان. چىڭگىزخان بىلەن سوقۇشقان ۋاڭ خان (ئوڭ خان)* دەل مۇشۇ ئادەم ئىكەن»
    نايمانلار –ئەسلىدە ھاڭگاي تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرى ئارىلىغىغا ئورۇنلاشقان قەبىلە ئىتتىپاقى ئىدى. ئۇلارنىڭ يايلاقلىرى ئورخۇن دەرياسىدىن قارا قۇرۇمغىچە سوزۇلۇپ ياتاتتى. نايمانلارمۇ «قەدىمقى خەلق ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ نوپۇسى ۋە مال-چارۋىلىرى كۆپ ئىدى .... بىر پادىشاسىنىڭ ئىسمى«قارقىش» بولۇپ، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇكىسى «ئەسنات» پادىشاھ بولدى. چىڭگىزخان زامانىسىدىكى پادىشاسىنىڭ ئىسمى «تايان خان» (بەزى تارىخي كىتابلاردا «دايا خان» دەپمۇ يېزىلغان)* دگەن ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى.»


      تىمۇچىن مۇڭغۇل ۋە تۈركى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇش جەراينىدا، دەسلەپتە كېرەينىڭ «توغرۇل» خانى ۋە، نايماننىڭ «تايان» خانى بىلەن مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىپ تۇرۇپ، باشقا قەبىلىلەرنى بىر-بىرلەپ بويسۇندۇردى.
    مىلادى 1203- يىلى، چىڭگىزخان نايمانلار بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ كېرەيلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ يېڭىۋالدى. مەغلۇپ بولغان كېرەيلەرنىڭ چىڭگىزخانغا بويسۇنۇشىنى خالىمىغانلىرى ھازىرقى سوۋېت قازاقىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىگە كۆچۈپ كەتتى. مىلادى 1204- يىلى، تىمۇچىن مۇڭغۇل يايلىغىدىكى ئۆزىگە تاقابىل تۇرۇلايدىغان ئەڭ چوڭ كۈچ-نايمانلارغا ھۇجۇم قىلدى. نايمان خانى تايان خان (دايا خان) ئۇرۇشتا ئۆلدى. مۇڭغۇللارنىڭ قول ئاستىغا قاراشقا قايىل بولمىغان نايمانلار داياخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈكنىڭ رەھبەرلىكىدە غەربكە كۆچتى.
    تىمۇچىن ۋە ئۇنىڭ دادىسى ياسۇكەي باتۇر مۇڭغۇل يايلىغىدا دەۋران سۈرگەن دەۋردە، يۇقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان بىرمۇنچە مۇڭغۇل ۋە تۈركى قەبىلىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق، خوشندارچىلىق بېرىش-كېلىشى كۆپ، ئارىلاش ئۆتكەن قەبىلىلەر ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. شۇڭا، بەزى يازما تارىخىي مەلۇماتلاردا بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسى «مۇڭغۇل قەبىلىلىرى» دىيىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

     بۇنىڭ ئەكسىچە، «شەجىرئى تۈرك» ناملىق تارىخي كىتاپتا (ۋە خەلق ئىچىدىكى شەجىرەلەردە) كېرەي، نايمان قاتارلىق تۈركى قەبىلىلەرلا ئەمەس، ھەتتاكى مۇڭغۇللار ۋە مانجۇلارمۇ تۈركى قەبىلىلەر قاتارىدا ئاتىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ قەبىلىلەرنى يېنىكلىك بىلەن بىر تاياقتىمۇ ھەيدىمەسلىك كېرەك. جۇڭگۇ قازاقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارالغان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ھىكايىسى ئاساسىدا يېزىلغان «سالىقا-سامەن» ناملىق تارىخىي داستاندا، ياسۇكەيخان ۋە دانىشمەن كوكشە قاتارلىق قاتارلىق ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇشىمۇ، بۇ داستاندا يېزىلغان ۋەقەلەرنىڭ 12-م ئەسىرنىڭ ئاخىردا بولغان ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.

      بەزى تارىخچىلارنىڭ كېرەي، نايمان، مېركىت، قوڭغۇرات، جالايىر، ۋە دۇۋلات (دۇغلات) قەبىلىلىرىنى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى قاتارىدا ئاتاپ يۇرۈشنى ئىلىمي ئاساسى كەم، بىر تەرەپلىمە يەكۈن، دەپ قارايمەن. بۇ قەبىلىلەرنىڭ شۇ زامانلارنىڭ شۇ زامانلاردا مۇڭغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغانلىغى، بىر قىسملىرىنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىپ كەتكەنلىگىمۇ راس. بىراق، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت، مىجەز-خۇلقىدىكى پەرقلەر ئۇلارنىڭ تۈركى قەبىلىلەر قاتارىدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان. يۇقۇرىدىكى تۈركى قەبىلىلەر مۇڭغۇل يايلىغىدا چىڭگىزخان باش كۆتەرگەن ۋاقىتلاردا، دەسلەپتە ئىتتىپاقداش بولسىمۇ، كېيىن دۈشمەنلەشتى، ئۇلار چىڭگىزخانننىڭ ئۆزلىرىنى بويسۇندۇرۇشىغا قارشى تاقابىل تۇردى. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي داۋاملىق قارشىلاشتى. شۇڭا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا كېرەي، نايمان، قوڭغۇرات، جالايىر، مېركىت، دۇغىلات قەبىلىلىرى ئاساسەن قازاق تەركىۋىنى تولۇلىغان تۈركى قەبىلىلەر قاتارىدا بولۇپ قالدى.

      مەسىلەن، مېركىتلەر 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۈچلۈك قەبىلە ئىدى. ئۇلارنىڭ خانى توقتائىي ئۆز قەبىلىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ تىمۇچىن (چىڭگىزخان) بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇشلار يۈرگۈزگەن. ئۇ بىر نۆۋەن مۇڭغۇللارنىڭ مەركىزىنى ۋەيران قىلىپ، تىمۇچىننىڭ خوتونىنى ئولجىغا (غەنىمەت) چۈشۈرگەن، يەنە بىر نۆۋەتتە تىمۇچىن ئۆزى يالغۇز يۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ كېيىن خۇن باھاسىنى تۆلىتىۋىلىش ھېساۋىغا قايتۇرغان تىمۇچىن رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇللار تەرىپدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ مېركىتلەرنىڭ بىر قسىمى بايقال كۆلىنىڭ يېنىدىكى بارغۇجىن، توقۇم دىگەن يەرلەرگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۆز زامانىسىدىك نايمانلار ۋە كېرەيلەر بىلەن تەڭ تۇرىدىغان بۇ كۈچلۈك قەبىلە نامى ھازىر كېرەي قەبىلە ئىتتىپاقى (ئون ئىككى ئاباق كېرەي) ئىچىدە بىر قەبىلە قاتىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرىزىيدۇ.

      نايمانلار 11~12 ئەسىرلەردە، ئۆزى بىلەن خۇشىنا باشقا ئۇلۇسلار (قەبىلە ئىتتىپاقلىرى) دىن مەدىنيەتلىك بولۇپ، يېزىغى بار قەبىلە ئىتتىپاقى ئىدى. 1204- يىلى تىمۇچىن رەھبەرلىگىدىكى مۇڭغۇللار نايمانلارنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلغاندا، نايمانلارنىڭ خانى ئوردىسىدىكى كاتىۋى تاتاتوڭا (تاشاتون) مۇڭغۇللارغا ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. «يۇەن سۇلالىسى تارىخى، تاتاتوڭا، تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە: تاتاتوڭا ئۇيغۇر يېزىغى ئاساسىدا، مۇڭغۇللارغا ياردەملىشىپ يېزىق يارتىپ بەرگەن» دىمەك، نايمانلار قەدىمىي تۈرك (ئۇرخۇن ئۇيغۇر) يېزىغىنى ئىشلەتكەن ۋە قولھۇنەرۋەنچىلىگىمۇ تەرەققىي قىلغان ئۇلۇس ئىدى. ئۇلار تايانخاننىڭ ئوغلى كۈچلۈكنىڭ رەھبەرلىگىدە غەربكە كۆچكەن مەزگىلىدە، ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىرى غەربىي لياۋ (قارا خىتايلار) خاندانلىغىنىڭ قول ئاستىدا ئىدى. كۈچلۈك ئۆز ئېلىنى باشلاپ غەربىي لياۋ ھۆكۈمرانلىغىدىكى يەرلەرگە كېلىپ، گورخانغا كۇيئوغۇل بولدى.

     تىمۇچىن مۇڭغۇل يايلىغىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقبى نايمان خانى تايانخاننى يەڭگەندىن كېيىن، باشقا كىچىگرەك ئاجىز قەبىلىلەر ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭغا بويسۇندى. مىلدى 1206- يىلى مۇڭغۇللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى ئونان دەرياسى بويىدا قۇرۇلتاي ئېچىپ تىمۇچىننى خان سايلىدى.

      تىمۇچىن شۇ يىلى 49 ياشتا ئىكەن. قۇرۇلتاي نايمان كامېرا دىگەن يەردە ئۆتكۈزۈلۈپ توي بولۇۋاتقان مەزگىلدە، قوڭغۇرات قەبىلىسىدىن مەڭلىك ئىچكەنىڭ ئوغلى كوكشەكېلىپتۇ، كوكشەنى پۇخرالار «تەڭرىنىڭ يۈزى» دىيىشكەن، ئۇ، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقۇدىمۇ يالىڭاياق، يالاڭباش يۈرۈيدىنكەن، ئۇ تىمۇچىننى خانلىققا كۆتىرىش تويى ئۈستىگە كەلگەندىن كېيىن، تىمۇچىننى «چىڭگىزخان» دەپ ئاتاشنى ئېيتىپتۇ بۇ زىمندىكى ئۇلۇغ، بۈيۈك، كۈچلۈك خان، خانلارنىڭ خانى دىگەن مەنىدىكى ئاتىلىش ئىكەن. بۇ چاغدا تىمۇچىننىڭ قول ئاستىدا 40 نەچچە مۇڭغۇل ۋە تۈرك ئۇلۇشلىرى ۋە قەبىلىلىرى بار ئىدى. ئۇ پۈتكۈل مۇڭغۇلچە يايلىغىنى بىر مەركەزگە بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ھالدا ئۆز تەسىرىنى سىرتقا كېڭەيتتى، ئالدى بىلەن ئورانغۇتلارنى، ئويراتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇدى. ئاندىن كېيىن شەرققە ۋە غەرپكە ئۆزىنىڭ ياخشى قۇراللانغان ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئېۋەتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ، كۈچلۈك خان باشچىلىغىدىكى نايمانلاردا يوقىتىشنى ئېسىدىن چىقارمىغان ئىدى.

      غەربىي لياۋنىڭ بۇرۇنقى خانى ياللۇغ تاشىن 1143- يىلى (غەربىي لياۋ خاندانلىغى كاڭگو 10- يىلى) ئۆلگەن ئىدى. كۈچلۈك نايمانلارنى باشلاپ غەربىي لياۋ (قاراخىتايلار) ھۆكۈمرانلىغىدىكى يەرلەرگە كەلگەندە، ياللۇغ تاشىننىڭ نەۋرىسى چورۇق خان ئىدى. «بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۈچلۈك يەتتىسۇغا (1209- يىلى) كەلگەندىن كېيىن گورخان (چورۇق خان) ئالدىغا ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېلىپتۇ. بەزى باشقا مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كۈچلۈك قارا خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن بولۇپ، كېيىن گورخاننى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىكەن» چورۇق خاننىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن كۈچلۈك قېيناتىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالجىپ قالغانلىغىنى، غەزىنىسىنى قالايمىقان چېچىپ (ئىشلىتىپ)، چىرىكلەشكەن تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، غەربىي لياۋ خانلىغىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنىڭ كويىدا يۈرگەن خارەىم شاھى بىلەن يوشۇرۇن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئاندىن كېيىن گورخان (چۇرۇق)قا: «نايمان خەلقى ۋە باشقا ئەسلىدىكى دادامنىڭ قول ئاستىغا بولغان خەلىقلەر ھەريەردە چېچىلىپ يۈرۈيدۇ، چىڭگىزخان ھازىر خىتاي (جۇڭگو) بىلەن بولغان خەلىقلەر ھەريەردە چېچىلىپ يۈرۈيدۇ، چىڭگىزخان ھازىر خىتاي (جۇڭگۇ) بىلەن ئەۋارە بولۇۋاتىدۇ، مەن بېرىپ دادامنىڭ خەلقنى يىغىپ، ئاندىن خىزمىتىڭىزگە كەلسەم» دەپ ئۆتىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق خەلقنى يىغىپ گورخانغا قارشى قوزغالسىمۇ، دەسلىۋىدە مەغلۇپ بولىدۇ. بىراق، گورخانىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك لەشكەن بېشى تايىنكۇ سىر دەرياسى بويىدا كۈچلۈكنىڭ ئىتتىپاقدىشى مۇھەممەد خارەزەم شاھنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ، مۇۇش پۇرسەتتىن پايدىلانغان كۈچلۈك 1211- يىلى گورخاننى (چورۇق خاننى) ھىلە بىلەن بويسۇندۇرۇۋالىدۇ، بەزى مەلۇماتلاردا يېزىلىشىچە، ئۇ، ئۆز قيېناتىسى چورۇق خاننى ئىككى يىلغىچە داۋاملىق تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، پۈتۈپ لياۋ خانلىغىنىڭ ھوقۇقى ئەمىلىيەتتە كۈچلۈك خاننىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى.

      نايمان خانى كۈچلۈك ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگىمۇ كېڭەيتىكەن ئىدى.

      نايمانلار بۇرۇن خىرىستىئان دىنىنىڭ نىستورىيان مەزھىپىگە ئىشنەتتى، غەربىي لياۋ ھۆكۈمرانلىغىدىكى يەرلەرگە كەلگەندىن كېيىن، بۇددا دىنغا ئىشىنىدىغان بولغان، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسنى ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر قاتالىق يەرلەرگىچە كېڭەيتكەندىن كېيىن، يەرلىك مۇسۇلمانلار بولۇپمۇ قەشقەر خانىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، چۈنكى، ئۇ مۇسۇلمانلارنى بۇددا دىنغا ئىشىنىشكە، بۇتقا چوقۇنۇشقا زولىغان ئىدى، دەل مۇشۇ مەزگىلدە چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ جەبەنويان قوماندانلىغىدىكى لەشكەرلىرىنى كۈلۈكنى يوقىتىشقا ئېۋەتتى.
    جەبەنويان نايمان خانى كۈچلۈكنى يوقىتىشقا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى خەلقلەر بىلەن بولغان زىددىيىتىدىن چېۋەرلىك بىلەن پايدىلاندى، ئۇ، مۇسۇلمانلارغا دىنغا ئىشىنىش ئەكىنلىىگىنى بېرىدىغانلىغانلىغىنى جاكالاپ، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىگە مايىل قىلىۋالدى، مۇشۇنداق قېيىن شارائىتتا، كۈچلۈك چىڭگىزخان ئەسكەرلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىش قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ، بەشبالىق ئارقىلىق كۇچارغا، ئاندىن قەشقەن، خوتەنلەرگىچە چېكىنىپ، ئاخىرى جەبەنوياننىڭ قول ئاستىدىكى ئىسمايىل رەھبەرلىگىدىكى مۇڭغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشتى. نايمان خانى كۈچلۈك 1218- يىلى چىڭگىزخان تەرىپىدىن مانا مۇشۇنداق يوقىتىلغان ئىدى.

      نايمانلار، كېرەيلەر، مېركىتلەر ۋە باشقا تۈركى قەبىلىلەر چىڭگىزخاننىڭ قول ئاستىغا قالغاندىن كېيىن، نەچچە يۈز يىل ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدا بولسىمۇ، ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆچچىلىگى ئۆزىنىڭ تۈركى خەلققە تەۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالدى، ھەتتا، ئۆزلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرىنى (مۇڭغۇل ئاقسۆڭەك تورىلىرىنى) ئۇلارنىڭ تولەنگىت (خىزمەتچى مۇڭغۇل)لىرى بىلەن بىللە ئۆز تەركىپلىرىگە قوشۇۋالدى، نايمانلار ۋە كېرەيلەر ھازىر قازاق ئوتتۇرا يۈزىدىكى ئالتە چوڭ قەبىلە ئىتتىپاقلىرى قاتارىدا سانىلىدۇ.

      مەملىكىتىمىزدىكى قازاقلار، ئاساسەن، نايمان، كېرەي، ئۇۋاق قاتارلىق ئوتتۇرا يۈزىنىڭ چوڭ قەبىلىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇلۇغ يۈز–ئۇيسۇن قەبىلىلىرىدىن ئالبانلار، سىۋانلار ۋە باشقىلىرىدىن بىر قسىمى ھەم بار.

      ئالتاي ۋىلايىتىدە ۋە قۇمۇلنىڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسىدە، ئاساسەن كېرەيلەر ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسىم نايمانلارمۇ بار، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ھەم بورتالا مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئاساسەن نايمانلار، ئۇۋاقلار ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسىم كېرەيلەرمۇ بار، ئۈرۈمچى شەھرى ئەتراپىدا ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىدا نايمان، كېرەيلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان، گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىكى قازاقلار ئاساسەن كېرەيلەردۇر، ئىلى ۋىلايىتىدە، ئاساسەن قىزاي قەبىلىسى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يەنە بىر قىسىم ئۇيۇن قەبىلىلىرىمۇ بار.

      تارىختىن ۋە قازاق شەجىرىسىدىن خەۋىرى بار ئادەملەرنى قوشمىغاندا، خېلى بىر قىسىم ئادەملەر قىزايلارنىڭ نايمانغا تەۋە بىر قەبىلە ئىكەنلىگىنى ئانچە پەرق ئەتمەيدۇ، قىزايلار––نايماٿئىچىدە تولەگەتاي، تولەگەتاي ئىچىدە ماتاي، ماتايدىن تارىلىپ كەلگەندە قىزاي بولاتتى.
    قىزايلار ئاساسەن ئىلى رايونىغا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۆپ يىللار تېچ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نوپۇس جەھەتتە ناھايىتى تېىز ئۆسۈپ كەتكەن، ھازىر جۇڭگۇ قازاقلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا، نايمانلار ۋە كېرەيلەر قاتىرىدا ئاتىلىدىغان چوڭ قەبىلە بولۇپ قالدى.

      چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغان دەۋردە، ھازىرقى شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاق يايلاقلىرىدىكى تۈركى ۋە مۇڭغۇل قەبىللىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا سىڭىشىپ، قوشۇلۇپ بىر نەچچە خەلققە (مىللەتكە) بۆلۈنۈش تەدرىجى ھالدا تەبى (ۋە مەجبۇرى ھالدىمۇ) داۋاملاشتى.

      چىڭگىزخان «خانلىق ئۇنىڭ ئەۋلادىدا ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشتى» ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرى كۈنلىرىدە ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا تاشلانغان مۇڭغۇل ئېتىنىڭ ئايىغى يەتكەن يەرلەرنى ئۆزىنىڭ توت ئوغلىغا بولۇپ بەردى.

      چوڭ ئوغلى جوچى (بەزىدە جوجى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا پۈتۈن دەشتى قىپچاقنى (يەنى قازاق يەرلىرىنى) تەقسىم قىلىپ بەردى:

      ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا شەرقتە ئىلى ۋادىسىغىچە جەنۇپتا قارا شەھەرنىڭ غەربىدىن ئامۇ دەرياسى ۋادىسىغىچە (يەنى ماۋارائۇننەھرىنى قوشۇپ) بەردى:ئۈچىنچى ئوغلى ئوگدايغا ئالتاي، تارباغاتاي ۋە مۇڭغۇلىيىنىڭ غەربىن بەردى، كىچىك ئوغلى تولىيغا ئۆزىگە تەۋە يەرلەرنى (ئۆز ماكانىنى) بەردى، كېينكى كۈنلەردە، قازاق تەركىۋىنى تولۇقلىغان قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان يەرلەرنىڭ كۆپچىلىگى جوچىخان بىلەن ئوگداي خاننىڭ قول ئاستىغا، ئاز بىر قىسمى چاغاتاي خاننىڭ قول ئاستىغا تەۋە بولغان ئىدى.

      چىڭگىزخان 1227- يىلى تىبەتكە (شىزاڭغا) ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا ئۇرۇشتاا ئۆلدى. 1227- يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى قۇرۇلتاي ئېچىپ، چىڭگىزخاننىڭ ۋسىيىتى بويىچە ئۈچىنچى ئوغىلى ئوگداينى خان سايلىدى، چىڭگىز ئەۋلادى ئۆزىگە قاراتقان يەرلەردە، تەخىتكە چىڭگىز ئەۋلادى چىقىش–مۇنازىر تەلەپ قىلمايدىغان قانۇنىي ھۆكۈم ھېسابلىناتتى.

      تۈركى قەبىلىلەر ۋە خەلىقلەرنى باشقۇرۇشقا ئېۋەتىلگەن چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى «تۆرە» دەپ ئاتىلاتتى. قەبىلىلەر ئارا رىقابەتتە ئۆزىنى باشقىلار بىلەن تەڭ قويۇشقا تەلپۈنگەن قەبىلە، ئۆزى توغرى كۆرگەن مەزگىلدە چىڭگىزخان ئەۋلادىدىن بىرنى تەلەپ قىلىپ ئەكىلىپ ئۆز قەبىلىسىگە «تۆرە» سايلىۋالاتتى، بۇ «تۆرە»لەر چىڭگىز ئەۋلادى (يەنى مۇڭغۇللار) بولسىمۇ، قايسى قەبىلىگە بېرىپ «تۆرە» بولسا، كېيىن ئاستا-ئاستا ش قەبىلىگە سىڭىشىپ كېتەتتى، بۇ تۈركى قەبىلىلەر كېيىن قايسى مىللەتكە تەۋە بولۇپ كەتسە، ھېلقى، «تۆرە»لەرمۇ تەبى ھالدا شۇ مىللەت تەركىۋىگە قوشۇلۇپ كېتەتتى.

      چارروسىيىگە قاراپ كەتكەن قازاقلاردا، تۆرىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرۇشى 1868- يىلىغىچە قانۇنىي ھالدا داۋاملاشتى، جۇڭگۇ قازاقلىرى ئارىسىدا تۆرە ئەۋلادىنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى تاكى ئازاتلىقىنىڭ ھارپىسىگىچە (مەسلەن: كېرەي قەبىلىسىدە ئالەن ۋاڭ) داۋاملاشتى، لېكىن بۇ تۆرە ئەۋلاتلىرى 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قازاق خانلىقلىرى شەكىللەنگەن كۈنلەردە بۇرۇنلا ئۆزلىرىنى «قازاق» ھېسابلايتتى.

      چىڭگىزخان فېئودال ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزى قارا قۇرۇم كىلۇران دىگەن يەر ئىدى. بەزى بىر ئادەملەرنىڭ، بۇ مەركىزى ئىسسىق كۆل ئەتراپىدا دىگىنى، مېنىڭچە، خاتا بولسا كېرەك، «تارىخىي رەشىدى» (زەيلى) ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە: بۇ شەھەرنىڭ جايلاشقان ئورنى ئورخۇن دەرياسى بويىدا ئىكەن، «قارا قۇرۇم» ئۆزى تۈركى سۆز بولۇپ «ئۇلۇغ يۈرت-چوڭ ئوردا» دىگەن مەزمۇندىكى ئاتالغۇ ئىكەن

      مۇشۇ «قارا قۇرۇم شەھرىدە 1235- يىلى ئېچىلغان مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ چوڭ مەسلىھەت يىغىنىدا ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىش مەسلىسى قارار قىلغان ئىدى. مۇشۇ مەقسەت بىلەن تەشكىللەنگەن قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇنغا چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى جۇشى خاننىڭ ئوغلى باتۇ (باتى) باش قوماندان بولغان ئىدى. 1240- يىلى باتۇنىڭ ئەسكەرلىرى كىيېۋگىچە يېتىپ باردى، شەرقتە ئېرتىش دەرياسىدىن، غەرپتە دىنەستىرگىچە، شىمالدا بۇلغاركىنەزلىگىدىن، جەنۇبتا كاپكازغىچە بولغان بىپايان زىمىن مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىغى ئاستىغا قارىدى، شىمالىي خارەزىم ۋە سىر دەرياسىدىنىڭ ئاخىردىك يەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەت شەرقنىڭ تارىخىي خاتىرلىرىدە «كوك ئوردا» رۇس يىلناملىرىدا «ئالتۇن ئوردا» دەپ ئاتالدى.

      تاتار تارىخچىسى قۇربانغالى خالىدنىڭ «تارىخىي خەمىسە شەرقى» (شەرقنىڭ بەش تارىخى) ناملىق ئەسىرىدە: «تارىخچىلار چىڭگىزخفن ئەۋلادىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلىدۇ. ئۇلغۇغ ئوردا، ئاق ئوردا، كوك ئوردا دەپ نام بېرىدۇ» دەپ يازىدۇ. بىراق، بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەنچە بەرمەيدۇ. شۇڭا، مەن ئالدى بىلەن قازاق سەھراسىنىڭ ئەڭ كۆپچىلىك يەرلىرىگە ھۆكۈمرانلىغى يۈرگەن «ئالتۇن ئوردا» خانلىغى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى پارچىلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىمەن.

      بۇرۇنقى جۇشى ئۇلۇسى ئاساسىدا، كېيىن زىمىن دائىرىسى ياۋرۇپاغىچە كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغان «ئالتۇن ئوردا» خانلىغى 13- ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا پارچىلىنىشقا باشلىدى. ئالدى بىلەن، خارەزىم، قىرىم، ۋولگا بۇلغارىيىسى بۆلۈنۈپ چىقتى. ھازىرقى قازاقىستان تېرىتورىيىسىدە «ئاق ئوردا» دەپ ئاتىلىدىغان يڭېى دۆلەت قۇرۇلدى. ئۇنىڭ مەركىزى سىفاناق شەھرى بولۇپ، خەلقنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزبەك، قازاق ئىدى. بۇ خانلىق دائىرىسىدە ئۇيسۇن، قاڭلى، قارلۇق، نايمان، كېرەي، ئارغىن، ئالچىن، قىپچاق، كىدان (قارا خىتاي) ۋە باشقا قەبىلىلەر بار ئىدى.

      چىڭگىزخان ئەۋلادى ئوگداينى خانلىققا كۆتىرىپ، بىر مەركەزگە قاراشلىق بولۇشى، دەسلىۋىدە، خېلى ئۈنۈملۈك بولغان بولسىمۇ، كېيىن بۇزۇلدى. چوڭ ئوغلى جوچى چىڭگىزخاننىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلگەن ئىدى. ئوگداي خان بىلەن چاغاتاي خان 1241- يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلدى. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىلىرى-جوچىخاننىڭ ئوغلى باتۇخان، ئوگداينىڭ ئوغلى كۈيۈكخان، تولىينىڭ ئوغلى مۇڭغۇللار زامانىسىدا، ئۇلارنىڭ دۇچ كەلگەن تەقدىر خۇددى بوۋىسى چىڭگىزخان ئۆز ۋەسىيىتىدە « .... بىر ئىلاننىڭ بىر نەچچە بېشى بولۇپ، سوغاقتا ھەرقايسى باش بىرىنگە (ئۇگىغا) كىرىشكە ئىنتىلسە، نەتىجىدە ئۇششۇپ ئۆلىدۇ» دىگەندەك بولدى. ئالتۇن ئوردىنىڭ پارچىلىنىشى، ئاق ئوردىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇشۇنداق تارىخىي جەريانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان.


      13- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئەسلىدىكى ئوگداي ئۇلۇسى پۈتۈنلەي چاغاتاي ئۇلۇسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ دەۋردە، چاغاتاي ئۇلۇسىگە قاراشلىق يەرلەردە ئىككى تۈرلۈك ئىقتىسادىي بۆلۈنۈش كېلىپ چىقتى. ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايۇنى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ شىمالىي، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى چۇ دەرياسى، تالاس دەرياسىسنىڭ بويلىرى، تارباغاتاي، ئىمىل دەرياسى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى ۋە جۇنغار ئويمانلىغىدا چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى. ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماۋارائۇننەھىر رايۇنى دىخانچىلىقنى ئاساس قىلاتتى. 14- ئەسىردىكى فېئوداللىق تىركىشىشلەر نەتىجىسىدە، چاغاتاي ئۇلۇسىدا بۆلۈنۈش بولۇپ، ھازىرقى ئىلى، يەتتىسۇ ئەتراپى ۋە شىنجاڭنىڭ بىر قىسمىدا «مۇغۇلۇستان» دىگەن خانلىق بەرپا بولدى. بەزى تارىخچىلار: مەملىكىتىمىزنىڭ مىڭ خاندانلىغى تارىخىدا يېزىپ قالدۇرغان «بەشبالىق» دىگەن خانلىق مۇشۇ، دەيدۇ. بۇ خانلىقنىڭ تېرىتورىيىسىدە شىمالدا ئېرتىش، ئىمىل دەريالىرىدىن تەڭرى (تىيانشان) تاغلىرىغىچە، جەنۇبتا ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭ، پەرغانە ۋادىسىن ۋە بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.


      ئاق ئوردىنىڭ دەسلەپكى خانى ساسى بۇقا سۇلتان ئىدى. 1354- يىلىدىن 1364- يىلىغىچە خان تەختىنى تالىشىش ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش جەريانىدا سەككىزخان ئۆلىد.
    مۇغۇلۇستان بولسا، دوغىلات قەبىلىسىدىن چىققان ھۆكۈمران پولاتىش يەرلىك باشقا خانلار بۇغا خاننىڭ كىچىك خوتونى مەڭلىكتىن تۇغۇلغان بولۇپ، 16 يىشىدا ئاقسۇدا خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، 24 يىشىدا «مۇسۇلمان» بولدى، 34 يېشىدا ۋاپات بولۇپ ئالمالىغا (ھازىرقى قورغاستا) دەپتە قىلىندى» بۇ مازار ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتىدۇ.

      چىڭگىزخان ئەۋلاتلىرى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈگەن «ئالتۇن ئوردا» «ئاق ئوردا»، مۇغۇلىستان» خانلىقلىرى دەۋرلىرىدە قازاق سەھراسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قەبىلىلەرنىڭ بىرىلىشىشى، قوشۇلۇشى كۈچەيدى. بولۇپمۇ، بۇ خانلىقلار ئۆز ئىچىدە تېچ بولغان. شەھەرلەر بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت، سودا-سېتىق، بېرىش-كېلىشلىرى كۈچەيگەن ۋە گۈللەنگەن دەۋرىلەردە، قەبىلىلەر ئارىسىدا تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت ئوخشاشلىغى ئومۇملىشىشقا باشلىدى، بۇ، بىپايان زىمىنىدىكى تۈركى قەبىلىلەر ۋە قىسمەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىپ بىر نەچچە خەلق (مىللەت) بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىدى.

      15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، «ئاق ئوردا» خانلىغى-نوغاي خانلىغى ۋە ئۆزبەك خانلىغى بولۇپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۆزبەك خانلىغىنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشقان خەلىقلەرنى ئومۇمەن «ئۆزبەكلەر» دەپ ئاتىغان، شەرقتىكى كۆچمەنلەرنى ئاساسەن «قازاقلار» دەپ ئاتىغان. بۇ خانلىقنىڭ يېرى كەڭ، خەلقنى جىق بولۇپ، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى ئوبۇلخەيرىخان ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن تاجاۋۇزچىلىق سىياسەن يۈرگۈزۈشتىن سىرىت، خانلىق ئىچىدىمۇ ئېچىنىشلىق تىرورلۇق، ئېكىسپالاتاتسىيە يۈرگۈزدى.

      15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، مانا مۇشۇ ئۆزبەك خانلىغىنىڭ ھۆكۈمران گۇرۇھى ئارىسىدا جىددى كۈرەشلەر يۈز بەردى. كېرەي ۋە جانىبەك قاتارلىق بەزى سۇلتانلارنىڭ ئوبۇلخەيرىخانغا نارازلىغى كۈچىيىپ، قارشى ھەركەت قوزغاش دەرىجىسىگە كۆتۈرىلسىمۇ دەسلىۋىدە مەغلۇب بولدى. ئۆزلىرىگە قاراشلىق ئاۋۇللارنى (خەلقنى) باشلاپ چۇ دەرياسى بويىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇلار شۇ مەزگىلدە ئۆزلىرىگە «قازاق» نامى بېرىلگەن كۆچمەنلەر ئىدى. ئۇلار چەكسىز ماكان تېپىپ، تېچ ھايان كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن غەربكە سۈرۈۋېتىلگەن. ئانا يۇرتلىرى-ئالتاي، تارباغاتاي، تىيانشان ئەتراپىدىن ئايرىلىپ غەربكە كۆچكەن تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى.

      كېرەي ۋە جانبەك سۇلتانلار رەھبەرلىگىدە قازاقلار كۆچۈپ كەلگەن چۇ دەرياسى ۋادىسى شۇ كۈنلەردە مۇغۇلىستان خانلىغىغا قاراشلىق ئىدى. مۇغۇلىستان خانلىق تەختىگە 1429- يىلى (مىڭ خاندانلىغى چيەندې 3- يىلى) چىققان ئىسەن بۇغاخان ئۇلانرى قارشى ئېلىپ چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى كوش بېشى قاتارلىق يەرلەرنى ئۇلارغا بەردى. كۆچمەنلەر بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدا بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۆزبەك (ئوبۇلخەيرى) خانلىغىنىڭ قول ئاستىدا قالغان كۆچمەنلەر داۋاملىق كۆچۈپ كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلىۋەردى، بۇلاردىن تاشقىرى، بۇرۇن چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ قول ئاستىدا بولغان كۆچمەنلەرنىڭ بىر قىسمىمۇ ئۇلارغا ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ قوشۇلدى. «قازاق» ناملىق كۆچمەنلەرنىڭ نوپوسى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى ئۇلار ئەسلىدە تىل، ئۆرپ-ئادەت، تېرىتورىيە بىرلىگى بولغان تۈركى قەبىلىلەر ئىدى. ئۇلار ھېچقاچان بەزى ئادەملەر پەرەز قىلغاندەك 15~16 ئەسىردىلا پەيدا بولغان خەلق ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھېچقانداق ئۆزبەك خەلقى ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىققان بىر قىسىم ئۆزبەكلەرمۇ ئەمەس ئىدى.

      بۇ خىل ھادىسە پەقەت ئەسلىدىكى تۈركى خەلقلەر ئىچىدىكى تىلى، ئۆرپ-ئادىتى، مىجەز-خۇلقى ئوخشاش ھەم تېرىتورىيە بىرلىگىمۇ بولغان قەبىلىلەرنىڭ «قازاق» ناملىق بىر خەلق ھېساۋىدا ئەتراپتىكى خەلقلەرگە ۋە دۇنياغا تونۇلۇشى ئىدى. بۇ خىل ئۇزاق تارىخ مىۋىسىنى «قازاق دىگەن تېرمىننىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىق لازىم.

      «قازاق» دىگەن تېرمىن ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلاردا ھەرخىل كۆز قاراشلار بايان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇ تېرمىن بۇرۇنقى ئىككى قەبىلە ئىتتىپاقى- «قاسپى» (ياكى كاسپىي) ۋە ساقلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ قوشۇلىشىدىدىن پەيدا بولغان دەيدۇ: يەنە بەزىلەر «قازاق» دىگەن سۆزنى «قاچاق» دىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ.

      بەزىلەر بۇ خىل كۆز قاراشقا قوشۇلمايدۇ. قۇربانغالى خالىدى «نوغاي (تاتار) تىلىدا قازاق دىگەن سۆز «بويتاق» «يالغۇز» دىگەن مەنىدە قوللىنىلىدۇ، ئۇ «قايساق» دىگەن سۆز بىلەن ئالماشقان، «قايماق» دىگەن سۆز مۇڭغۇل تىلدا «راپتە» يەنى قاراۋۇل-مەملىكەت چىگرىسىنى قوغدىغۇچى دىگەن مەزمۇندا» دىگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

      بەزى ئادەملەر «قازاق» دىگەن سۆز «قىز» بىلەن «ئاق»نىڭ قوشۇلىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ، ئۇنى بىر يىگىت بىلەن قىزنىڭ ھىكايىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قازاقنىڭ ئۈچۈ يۈزىنى شاخلىتىدۇ. يەنە بەزىلەر «قاز» بىلەن «ئاق»نىڭ قوشۇلىشىدىن بولسا كېرەك، چۈنكى قازاقلار غازغا ئوخشاش كۆچىمەن خەلق دەپ پەرەز قىلىشىدۇ.

      دۇنياغا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى بولۇپ تونۇلغان مەشھۇر «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر قازاق خەلقنىڭ نامى توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ،
    «... ئوبۇلخەيرىخان ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز خەۋىپسىزلىگخ بىلەن باشلىرىنىڭ غېمى ئۈچۈن كېرەي خان بىلەن جابىبەك خاندىن پانا تىلىدى. شۇنداق قىلىپ بۇلار قاچقۇنلارنىڭ تۈركۈم-تۈركۈم كېلىشى بىلەن كۈچەيدى، دەسلىۋىدە ھېلقى قاچقۇنلار، كېيىن باشقا نۇرغۇن خەلق قېچىپ (ئۆز ئۇلۇسىدىن) بۆلۈنۈپ كېتىپ، بىر مەزگىل مال-مۈلۈكسىز سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئادەملەر بولغانلىقتىن، ئۇلارنى باشقىلار «قازاق»لار دەپ ئاتىدى. بۇ نام ئاستا-ئاستا ئۇلارغا سىڭىشىپ قالدى»
    مېنىڭچە مۇھەممەد مىرزا ھەيدەرنىڭ بۇ يەكۈنىنى پۈتۈنلەي توغرا دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بىر مىللەت نامى مۇشۇنداق بىر سەۋەپتىنلا بولغان دىيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، قازاقلار ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملاردىن ۋامبىرى، نىيكۇن، ۋ.ۋ.كەنزبۇرگ، پىرداۋسى ۋە باشقىلار «قازاق» دىگەن خەلق نامىنىڭ 15- ئەسىردىن بۇرۇنلا بار ئىكەنلىگىنى يېزىپ ئىسپاتلىشىۋاتىدۇ.

      خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، «قازاق» دىگەن تېرمىن ھەققىدە تېخىچە بېكىتىلگەن ئىلمىي ھۆكۈم يوق. يۇقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان مۇھەممەد مىرزا ھەيدەر دىگەن ئاتاغلىق تارىخچى دۇغىلات قەبىلىسىدىن چىققان ئادەم، بۇ قەبىلە ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار تەركىۋىگە كۆپلەپ قوشۇلغان بولۇپ، قازاقلارنىڭ ئۇلۇغ يۈزى ئىچىدە «دۇۋلات» قەبىلىسى نامى تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

      مېنىڭچە، بەزى تارىخچىلارنىڭ «قازاق دىگەن سۆز تۈرك تىلىدا (بۇ يەردە قەدىمقى تۈرك تىلىنى دىمەكچى) خانغا، سۇلتانغا بويسۇنماي، ئۆز مەيلىچە ئەركىن تىرىكچىلىك قىلىش دىگەن سۆز» دەپ يېزىشى ئەقلىگە سىغىدۇ. چۈنكى كۆچمەن خەلق قانداقلا بولمىسۇن ئەركىنرەك بولۇشنى خالايدۇ. ئولتۇراقلاشقان، دىخانچىلىق ۋە سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان تۈركىي قەبىلىلەر ئەزەلدىن كۆچمەن تۈركى قەبىلىلەرنىڭ بىر قىسقى «قازاق» دەپ ئاتىغان بولۇشى مۇمكىن.

      قازاقلارنىڭ كېرەي ۋە جانبەك خانلارنىڭ رەھبەلىكىدە ئۆزلىرى بولۈنۈپ چىققان ئۆزبەك خانلىغىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مۇغۇلىستاندىكى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان خانلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇپ، زىچ بېرىش-كېلىش قىلدى.

      قازاق خانى جانبەك 1480- ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا كېرەينىڭ ئوغلى بۇرۇندى (1480~1511) خان بولدى. بۇرۇندۇق خان ۋاقتىدا، ئۆزبەك خانى مۇھەممەد شەييانى ئوتتۇرا ئاسىيانى (ماۋارائۇننەھرىنى) بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزبەكلەر شۇ يەرلەرگە كۆچۈپ كەتتى. ئەسلىدىكى ئۆزبەك خانلىغىغا قاراشلىق يەرلەر، ئاساسەن، قازاق خانلىرىنىڭ قولىغا، ئوتتى. بۇ دەۋرىدە قازاقلارنىڭ نامىدا بۇرۇندۇق خان بولىسمۇ، ئەمىلىيەتتە، جانبەك خاننىڭ بالىسى قاسىمنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى تۇراتتى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇھەممەد مىرزا ھەيدەر «قازاق خانلىرى بىلەن سۇلتانلىرىنىڭ ئارىسىدا قاسىمخاندەك قۇدرەتلىك بولغىنى يوق ئىدى. بۇرۇندۇقنى ھېچكىممۇ كۆزىگە ئىلمايتتى» دەپ يازىدۇ.

      قاسىمخان دەۋىردە (1509~1518) ئۇنىڭ قول ئاستىغا قارىغان قازاقلارنىڭ نوپوسى بىر مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، 300 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى. بۇ مەزگىلدە، بالقاش كولىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي تەرىپىمۇ قازاقلارغا تەۋە ئىدى.

      «تارىخىي خەمىسى شەرقى»نىڭ ئاپتورى قۇربانغالى خالىدى؛ قازاقلارنى ئۈچ يۈزىگە مانا شۇ قاسىم خاننىڭ دادىسى جانىبەك خان بولگەن ئىدى . دەيدۇ، بىراق، نىمە ئۈچۈن بۇنداق بۆلگەنلىگىنى ئېنىق يازمايدۇ. تارىخىي شەرت-شارائىتلارغا قارىغاندا، قازاق تەركىۋىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ تېرىتورىيەلىك ئورۇنلىشىشىغا قاراپ بۆلۈنگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، قازاق ئۈچ يۈزىگە قاراشلىق چوڭ قەبىلىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك؛
    ⑿ئۇلۇغ يۈزىنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى: ئۇيسۇنلار، قاڭلىقلار، دۇۋلاتلار، جالايىرلار، ئالبانلار، سىۋانلار ....
    ⑿ئوتتۇرا يۈزىنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى: قىپچاقلار، ئارغىنلار، نايمانلار، كېرەيلەر، قوڭغۇراتلار، ئۇۋاقلار.
    ⑿كىچىك يۈزىنىڭ ئاساسىي قەبىلىلىرى: يەتتە قەبىلە (تابىن، تابا، جاغالبايلى، كەردەرى ۋە باشقىلار)، ئالىم ئوغلى (شومەكەي، كەتە، توتقارا، قاراساقال ۋە باشقىلار ...) باي ئوغلى (ئاداي، تانا، شەكتى، ئالىشىن، سەركەش ۋە باشقىلار) قازاق تارىخىدا قازاقلارنىڭ ئۈچ يۈزىگە تەڭ (بەزىلىرى دىگىدەك بولمىسىمۇ) ھۆكۈمرانلىغى يۈرگەن خانلار تۆۋەندىكىلەر:


    قاسىم (1509~ 1518 يىللار)
    قاقنازخان (1539~1580 يىللار)
    تەۋەككۇل خان (1586~1598 يىللار)
    ئېسىم خان (1598~1628 يىللار)
    تەۋكەخان —(1680~1781 يىللار)

      ئابلاي خان (1771~1781 يىللار) ئابلاي-خان تەختكە ئولتۇرماستىن بۇرۇنلا قازاق ئوتتۇرا يۈزىنىڭ ئەڭ ئابرويلۇق سۇلتانى بولدى. كېيىن ئۇ پۈتۈن ئوتتۇرا يۈزنى، ئۇلۇغ يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز قول ئاستىغا قارايتتى. بۇ ماقالىدا، ئاساسەن، قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ھەققىدە سۆزلىگىنىمىز. ئۈچۈن، قازاق خانلىقلىرى ۋە باشقا چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئولتۇرمايمىز.

      خۇلاسە قازاق خەلقى دۇنيادىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەممە باسقۇچىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. قازاق تەركىۋىنى تولۇقلىغان قەبىلىلەر ۋە ئۇلۇسۇنلارنىڭ قەدىمقى زامانلاردا تارىخىي خاتىرىلەرگە ناملىرى يېزىلغانلىرى بولسۇن، ياكى نامى كېيىن تارىخ بېتىدە مەلۇم بولغانلىرى بولسۇن، ھەممىسى دىگىدەك تاكى ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتقان ماكانلىرىدا ئۇزۇن ۋاقىت بىللە تۇرۇپ، ئۆز-ئارا سىڭىشىپ، قوشۇلۇپ بېرىش جەريانىدىلا ئاستا-ئاستا بىر پۈتۈن خەلق (مىللەت) بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆچىلىگى ئەسلى تۈركى قەبىلىلەردىن ئىدى.
    مۇڭغۇللار ۋە تۈركى مىللەرنىڭ ئورتاق ئېتنىك مەنبەسى بولغان ھۇنلاردىن باشقا، قەدىمقى مىللەتلەردىن قازاقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى نامى مەلۇم بولغان. ئۇيسۇن، ياۋچى، ساق، قاڭلى ۋە ئالان قەبىلىلىرىدۇر.

      مىلادىدىن كېيىن تارىختا نامى مەلۇم بولغانلىرى نايمان، كېرەي، ئارغىن، قىپچاق، قوڭغۇرات، ئۇۋاق، مېركىت، جالايىر، دۇۋلات، تىيلىس، ئاداي، ئالىشىن، كىدان (قارا خىتاي) ئالىم ئوغلى، باي ئوغلى، يەتتە قەبىلە ۋە باشقىلار.

      بۇ قەبىلىلەرنىڭ كۆپچىلىگى مىلادى 5~6 ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە (چىڭگىزخان دەۋرىگىچە) بولغان ئۇزۇن تارىخىي مەزگىلدە جۇجانلار، تۈركەشلەر، تۈركلەر، قارلۇقلار، قاراخانلار، كىدان (غەربىي لىياۋ) خانلىقلىرىنىڭ دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

      بۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، قازاق تەركىۋىنى تولۇقلىغان قەبىلە-ئۇلۇسلار ئۆز زامانىسىدا باشقا تۈركى خەلقلەر (مىللەتلەر) تەركىۋىگىمۇ قوشۇلدى. مەسىلەن: ئۇيسۇنلارنىڭ بەزىبىر قىسىملىرى قىرغىزلار، قارا قالپاقلار، ئۆزبەكلەر، تۈركمەنلەرنىڭ تەركىۋىدىمۇ بار.

      قاڭلىلارنىڭ بەزى بىر قىسملىرى ئۆزبەكلەر، قىرغىزلار، قارا قالپاقلار ۋە باشقىلاردا بار. قىپچاق قەبىلىسىنىڭ قىرغىزلار، ئۆزبەكلەر، باشقىرتلار ۋە قارا قالپاقلار تەركىۋىگە قوشۇلغىنى ھەم ئېنىقتۇر. كېرەيلەر، نايمانلار، ئالچىنلار، ئارغىنلار، دۇغىلاتلار توغرىسىدىمۇ مۇشۇ يەكۇننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
    مەسلەن: دۇغىلات قەبىلىسى قازاقلاردىن باشقا مۇڭغۇللار، ئۇيغۇرلار، ۋە ئۆزبەكلەر تەركىۋىدە بار.
    تۈركى قەبىلىلەردىن مۇڭغۇللار تەركىۋىنى تولۇقلىغان قەبىلىلەر قاتارىدا، نايمانلار، كېرەيلەر، جالايىرلار، قوڭغۇراتلار، مېركىتلەر ۋە باشقىلار بار.

      مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن قازاق تەركىۋىنى تولۇقلىغانلار قاتارىدا: ماڭغىتلار مىنگىلەر، كەنگىرەسىلەر، تاڭغىتلار، ۋە باشقىلار بار.

      قازاقنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرىدىكى قەبىلە ئۇلۇسلارنىڭ بىر مۇنچىسى قەدىمدىن تارتىپ مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىغا ۋە غەربىي شىمالىغا جايلاشقانا ئۇلار مەركىزىي خاندانلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋتىنى ساقلىغان، مەسىلەن: ھۇنلار، ئۇيۇنلار، ياۋىچىلار، كىدانلار (قارا خىتايلار) ۋە باشقىلار. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غەربىي رايۇنلارغا تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەتكەن ئىدى.
    ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بىرىنچى قېتىم 15~16 ئەسىرلەردە، ئىككىنچى قېتىم 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە، ئەسلىدىكى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماكانلىرى –‿ئالتاي، تارباغاتاي، تىيانشان تاغلىرى ئەتراپىغا، ئېرتىش، ئىمىل، ئىلى دەريا ۋادىلىرىغا قايتىپ كەلدى ۋە ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرى قاتارىغا قوشۇلدى. ھازىرقى ئىلىمىزنىڭ قازاق مىللىتى تەركىپ تاپقان نايمان، كېرەي، قىزاي، ئۇيسۇن، (ئالبان-سىۋانلار) ۋە ئۇۋاقلار مانا مۇشۇ قەبىلىلەردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

      ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ غەربىدىكى بالقاش كۆلىنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى قازاقلار ئولتۇراقلاشقان بىپايان زىمىن ئەسلى جۇڭگوغا قارايتتى. كېيىن چارروسىيە تەرىپىدىن بېسىۋىلىنىپ، ئۇلارغا قاراشلىق بولۇپ قالدى.
    يولداش سىتالىن: «دىمەك، مىللەت ئادەملەرنىڭ تاسادىپى يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ مۇستەھكەم بىرلىكى»، «مىللەت-تىل، تېرىتورىيە، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت ئومۇملىغىدىن ئىپادىلىنىدىغان پىسخىك تۈزۈلىشىدىن تارىخىي يۇسۇندا تەشكىل بولغان مۇستەھكەم بىرلىگىدۇر»، «بۇ يەردە تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممسىگە ئوخشاش، مىللەتنىڭمۇ ئۆزگىرىش قانۇنىغا بېقىندىغانلىغى، ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋە بېشى بىلەن ئاخىرى بار ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان» دەپ كۆرسىتىدۇ.

      قازاق خەلقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەمگەكچان، قەھرىمان خەلق، مەملىكىتىمىزدىكى قازاق خەلقى ئازاتلىقتىن كېيىن ھەقىقى باراۋارلىككە، ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئۇلار خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ۋەتىنىمىزنى گۈللەندۈرۈشتەك داغدام يولدا غەلبىسىرى ئالغا باسماقتا


     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ