
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 27 - ئاپرېل تېلېگراممىسى: ئەنگلىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىلىق بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ئارزۇسىدىكىدەك ئۆيىنى تاپقاندا ئۆي سودىگىرى بۇ ئۆيىنىئۇلارغا سوۋغا قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئېغىرلىقى 480 توننا كېلىدىغان بۇ ئۆينى سۆرەپ ئېلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: پېنسلوۋانىيە شتاتىدىن كەلگەن بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بۇ ئۆينى يۆتكەپ كېتىش ئۈچۈن، نەچچە ئاي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، كەسپىي تارماقلارنىڭ ياردىمىدە ئۆينى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغان ھەمدە ئەسلىدىكى ئورنىدىن 3000 ئىنگلىز چىسى يىراق جايغا ئورۇنلاشتۇرغان.