ۋاڭ جاۋگو پاكىستان ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

972009-04-28 11:55:38   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جاۋگو تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا، پاكىستان ياشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ جاۋگو مۇنداق دېدى:" جۇڭگو - پاكىستان كۆپ تەرەپلىمە ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شىرىكلەردىن. تارىخ شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، جۇڭگو -پاكىستان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداقلا شۇ رايون ياكى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئىجابىي تۆھپە. " ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:" ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - پاكىستان ياشلار ئالاقىسى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالاقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ چېڭىتىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيىگە يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز".