شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىسلامئاباد، 1 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان ‹‹رازماك›› ساقچى مەكتىپىنىڭ 40 ئوقۇغۇچىسى 1 – ئىيۇن كەچقۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن.
خەۋەردە ‹‹رازماك›› ساقچى مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئالتە ئوقۇتقۇچىنىڭ يەنىلا ئىز – دېرىكى يوق.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ‹‹رازماك›› ساقچى مەكتىپىنى تاقاش قارار قىلىنغان، بۇ مەكتەپتىكى تەخمىنەن 500 ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى 33 ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا تۆت ئاپتوموبىل يول ئۈستىدە سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.