بەشەيلەن 31-ئىيۇلدىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30دا چوڭ كۆل سۇ ئامبىرىدا ئويناۋاتقاندا ،تۇيۇقسىز سۇغا چۈشۈپ كېتىپ تۆتەيلەن سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان .ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەخەت مۇندا دېدى :‹شۇ ۋاقىتتا بەشەيلەن ئويناۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز ‹قۇتقۇزۇڭلار ›دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ ،سۇغا چۈشۈپ ئۇلارنى ئىزدىگەن بولساممۇ ،ھېچ يەردىن تاپالمىدىم ›.
ئىگىلىنىشچە ،كەچ سائەت 5:50دە قۇتقۇزۇش خادىملىرى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن تۆتەيلەننى تاپقان ،‹120›جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى خادىملار ئۇلارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان . ئىگىلىنىشچە ،قازا قىلغانلار خېبىي ئۆلكىسىدىن كەلگەنلەر بۇلۇپ ،توڭ ئىسكىلاتىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى تىجارەت قىلىدىكەن .قازا قىلغانلارنىڭ چوڭى 20ياش ،كىچىكى 15ياشتا ئىكەن .