قۇملۇققا بېرىپ ئويناش، قۇملۇققا ئىسىمىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ياخشى كۆرىدۇ، بىراق قالدۇرۇپ قويغان ئىسىملىرىنى دائىم دېڭىز دولقۇنلىرى يۇيىۋېتىدۇ، ئەمما دۇنيادا ھېچقانداق سۇ يۇيىۋېتەلمەيدىغان قۇم ئىسىم بار. «ھەسەن-ھۆسەن خەلىپە باشلىقى» دەپ نام ئالغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلىپىسى خاماد قۇم ئارالغا «داڭلىق» ئىسىمىنى قالدۇرغان، بۇنى ھەتتا يىراق بوشلۇقتىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەبۇزەبى مىراسخورى بولغان خەلىپە باشلىقى ئىشچىلارنى ئىشقا سېلىپ قۇملۇققاHAMAD دېگەن بەش چوڭ ھەرىپنى يازدۇرغان، خەتنىڭ ئېگىزلىكى 1000 مېتىر، سولدىن ئوڭغا 3.2كېلومېتىر سوزۇلىدۇ. خەت ئىزىنى سۇ يۇيىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىپلەر ئەسلىدىنلا بىر سۇ يولى، سۇ ئېقىمىنى باشلاپ كىرگىلى بولىدۇ. خەت ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، Google خەرىتىسىنى ئىشلىتىپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
خامادنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنىڭ داڭقى كەتكەن، ئۇنىڭ 200 دىن ئارتۇق ماشىنىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى ئوخشىمايدىغان رەڭلىك مېرسىدىس بېنىز، بۇلارنى بىرلەشتۈرسە ھەسەن-ھۆسەن ھاسىل بولىدۇ، خاماد بۇ ماشىنىلىرىنى غايەت زور پىرامىدانىڭ ئىچىدە ساقلايدىغان بولۇپ، مۇشۇنىڭ بىلەن «ھەسەن-ھۆسەن خەلىپە باشلىقى» دەپ نام ئالغان.
خاماد «داڭلىق» بولۇشقا ناھايتى قىزغىن مۇھەببەت باغلىغان، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى «داڭلىق» ئىسىمىدىن باشقا ئۇ ياسىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنىمۇ بار، بۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە تۆت ئۆي بار بولۇپ، بۇ ئۆي ھەجىمى يەر شارى ھەجىمنىڭ 1 مىلىيۇندىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان يەر شارى شەكىللىك ماشىنا ئۆي.