خرومى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كاپسۇلا ۋەقەلىرىنى تۇنجى قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

1982 2012-04-24 12:08:19   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى 19-ئاپرېل دورىلىق كاۋاك كاپسۇلا خرومى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋەقەلىرى توغرىسىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى،تاراتقۇلار پاش قىلغان 9 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى توغرىسىدا ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭچۈن چەتئەل دورا ياساش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، چىڭخەي گېلا دەندۇڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى، دەندۇڭ شەھىرى توڭيۈەن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى، جىلىن ئۆلكىسى خۇينەن تيەنيۈ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، سىچۈەن شۇجۇڭ دورا ياساش چەكلىك شىركىتى، شيۇجېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، توڭخۇا جىنما دورىگەرلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، توڭخۇا شېڭخې دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، توڭخۇا يېشېڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ بەزى تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتكەن كاپسۇلا خرومى تەركىبى دۆلەتنىڭ فورما كوپىيە چېكى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. يۇقىرىقى كارخانىلار دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپەت باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللىمەي، دۆلەتنىڭ فورما كوپىيە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كاپسۇلا ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى لاياقەتسىز.

دۆلەتلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلار تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنى يۇقىرىقى كارخانىلارنىڭ كاپسۇلا ئىشلەش سورۇنلىرى تەكشۈرۈپ تاقاش، يۇقىرىقى كارخانىلارنى لاياقەتسىز تۈركۈمدىكى دورىلىرىنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرىدى. بۇ كارخانىلار تۇرۇشلۇق جايلاردىكى يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى لاياقەتسىز دورىلارنى نازارەت قىلىپ كۆيدۈرىدۇ، بۇ كاپسۇلا ئىشلىتىلگەن دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، تەكشۈرۈپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن سېتىشقا ۋە ئىشلىتىشقا بولىدۇ، ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خىروم مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博