نۆۋەتتە،تەتقىقاتچى خادىملار يېقىندا بىر خىل يېڭى تىپتىكى باتارىيىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ،بۇ خىل باتارىيە نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ بولالايدىكەن.بۇ خىل باتارىيىنىڭ توك قاچىلاش ھەم زەرەت قۇيۇپ بېرىش سۈرئىتى ئادەتتىكى باتارىيىنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەنگىلىيە پوچتا كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،يېقىندا ئامېرىكا ئالىملىرى بىر خىل يېڭى تىپلىق ئادەتتىن تاشقىر ى باتارىيىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ،بۇ خىل باتارىيە بولسا مىكرو تىپلىق گىرافىت-ئالكېنلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئېلىكتىر سىغىمى دەپ ئاتىلىدىكەن.بۇ خىل باتارىيىنىڭ توك قاچىلاش ھەم زەرەت قۇيۇپ بېرىش سۈرئىتى بولسا ئادەتتىكى باتارىيىنىڭ مىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى باتارىيە يەككە ئاتوم قېلىنلىقىدىكى كاربونلۇق قاتلام تۈزۈلمىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا ياساپ چىققىلى شۇنداقلا بىرىكتۈرۈپ زاپچاس قىلغىلى بولىدىكەن،ئەگەر بۇ خىل باتارىيە ئىشلىتىلسە،كەلگۈسىدە تېخىمۇ كىچىك بولغان يانفونلارنىڭ ياساپ چىقىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
باتارىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە،بۇ تۈرلۈك تېخنىكا بۆسۈشى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يانفون ۋە ماشىنىلارغا تېز سۈرئەتتە توك قاچىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇپ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېخىمۇ كىچىك ھەجىمدىكى يانفونلارنى ياساپ چىقىشقا ئىشلىتىلسە بولىدىكەن.ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى لوس-ئانژىلىس ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ماتىرىيال ئىلمى ھەم قۇرۇلۇش فاكۇلتىتىدىكى رىچارد كائىن پىروفىسسور مۇنداق دېدى:< ھازىر ئېلىكتىرون يولىدىكى ئېنىرگىيىلەرنىڭ ساقلاش بۆلىكىنىڭ توپلاشتۇرۇلۇش لايىھە ياساپ چىقىلىشىدا غايەت زور خىرىس مەۋجۇت بۇلۇپ،بۇ ھەمىشە پۈتكۈل سېستىمىنىڭ مىكرولىشىشىنىڭ يولىنى تۇسۇپ قۇيىدۇ>. ئەڭ ئاخىرىدا،بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى باتارىيە تېخىمۇ كۆپلىگەن ئېلىكتىر ئېنىرگىيىلىرىنى ئۆزىدە ساقلاپ،تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە توك قاچىلاشنى تاماملىيالايدىغان ئىمكانغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ،باتارىيىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى ئىپادە بىلدۈرۈشۈپ،كىشىلەر ھەتتا ئۆيىدىمۇ بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى باتارىيىنىڭ ياساش خىزمىتىنى تاماملىيالايدۇ دېگەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...