شىنخۇا ئاگېنتىلىقى ئونۋىرسال خەۋىرى : ئىران پايتەختى تېھران كوچىلىرىدا يادرونىڭ تەسىرىمۇ ياكى رادىئاكسىيەنىڭ تەسىرىدىن يوغىناپ كەتكەن چاشقانلار بايقالدى . ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى 4 -5 كىلوگىرام كىلىدىغان بولۇپ ، مەخسوس " مەرگەن " بۇ غايەت زور چوڭ چاشقانلارنى ئۆلتۈرۈشكە مەسئول بولدى . بۇ مەرگەن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 2000 دىن ئارتۇق ' سىمىز چاشقان " نى ئۆلتۈردى .
تېھران شەھەرلىك كومىتتىت مۇھىت مەسلىھەتچىسى ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىسمېر . كاھلان مۇنداق بىلدۈردى :" ئىران پايتەختى تېھراندا پەيدا بولغان غايەت زور چوڭ چاشقانلارنىڭ ئىغىرلىقى 4 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن ، چوڭلۇقى مۈشۈك بىلەن تەڭ . بۇ چاشقانلاردە بەلكىم گېن ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى ، ياكى ياردو رىدىئاكسىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر بۇ خىل گېن ئۆزگىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئۈچۈن 1 مىليون يىل ۋاقىت كېتىدۇ . " دىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ غايەت زور چاشقانلارغا چاشقان دورىسى بىلەن ئۆلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغان ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىدە دورىغا قارشى ئىقتىدار شەكىللەنگەن . شۇڭا مەخسوس " مەرگەن " تەكلىپ قىلىپ تېھران كوچىلىرىدىكى 2205 دانە سىمىز چاشقاننى يوقاتقان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...