ئىران يېڭى نېفىتلىكنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىدى

73 2013-02-26 10:07:22   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       ئىران ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىران شىمالدىكى ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونىدا يېڭىدىن ئۇران كانلىقىنى بايقىدى ھەمدە يېڭىدىن 16 يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  ئىران ئاتۇق ئېنېرگىيىسى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان باياناتتا: يېڭىدىن بايقالغان ئۇران كېنى ئىراننىڭ ئۇران زاپاس مىقدارىنى بۇرۇنقى 1527 توننىدىن 4400 توننىغا يەتكۈزىدۇ، يادرو ئېنېرگىيىسىنىڭ ئىراننىڭ تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ دېيىلدى، لېكىن ئۇران كېنىنىڭ كونكرېت ئورنى ھەققىدە ئىزاھات بېرىلمىدى.

  ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت 26-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە سۆھبەتلىشىدۇ، بۇ يىل ئىران بىلەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىمقى سۆھبەتتە ھېچقانداق ئىلگىرلەش بولمىغان ئىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博