ئامېرىكا ئىران بىلەن ئالماتادا قوش تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈدى

584 2013-02-27 10:34:51   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋىكتورىيە نيۇلاند يېقىندا مۇنداق دېدى: <<كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران بىلەن ئەنگىلىيە، جۇڭگو، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ تادرو سۆھبىتىدە ئامېرىكا ئىران بىلەن قوش تەرتىپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ>>. ئەمەليەتتە ئامېرىكا 2009-يىلىدىن بۇيان ئىران قوشۇلسىلا، ئالتە دۆلەت رامكىسى ئىچىدە ئىران بىلەن قوش تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. نيۇلاند يەنە مۇنداق دېدى: <<گەرچە ئۇلار بىزنىڭ تەكلىپىمىزنى ئەزەلدىن قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ قېتىم يەنە مۇشۇ تەكلىپنى بەردۇق. بىز ھېلىھەم شۇنداق دەپ قارايمىزكى، ئىختىلاپنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلش تامامەن مۇمكىن>>.

   ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئالتە دۆلەت 26-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا دائىرلىرى يېقىندىن بۇيان ئېراننىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالتە دۆلەت بىلەن <<ئەستايىدىل ۋە مايەتلىك>> سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى، شۇندىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇلارغا بېرىۋاتقان جازانى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىران ھازىرغىچە بۇ ئالتە دۆلەت بىلەن ئۈچ قېتىم سۆھبەتلىشىپ بولدى، لېكىن بۇ سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى.ئىران يادرو پىلانىنى توك تارقىتىش ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى، بىراق غەرب ئەللىرى ئىراننى <<يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەقىقىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ>> دەپ قارىدى.

   فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لارىيو نيۇلاند بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: <<كېلەر ھەپتە ئالماتادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىران بىلەن ئەنگىلىيە، جۇڭگو، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سۆھبىتىدە نەتىجە يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن>>. خەلقئار ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتى 21-فېۋرال ئېلان قىلغان دوكىلاتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: ئىران ھازىر ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتىغا يېڭى بىر ئەۋلاد مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ بولغان، بۇ ئىراننىڭ <<خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتى>>نى يەنە بىر قېتىم ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ھال<<كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ>>، ئىران <<خاتا يول>>دا داۋاملىق كېتىۋاتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博