ئوباما 9-ئايدا روسىيىدە زىيارەتتە بولۇپ G20يېقىنىغا قاتنىشىدىكەن

26 2013-03-04 09:54:38   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جۇڭشىن تورى 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرى،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ يىل 9-ئايدا روسىيىدە زىيارەتتە بولىدىكەن ،سانتپېتىربورگدا ئۆتكۈزىلىدىغان G20يېقىنىغا قاتنىشىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوباما يەنە 6-ئايدا شىمالى ئىرېلاندىيىدىكى G8يېغىنىدا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرىشىدىكەن .

ئامېرىكا ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە ئوباما بىلەن پۇتىن 1-چىسلا تېلىفۇندا پىكىرلەشكەن بولۇپ سۈرىيە ۋەزىيىتى ۋە روسىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەن .باياناتتا دېيىلىشىچە ،ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە بىرلىككە كەلگەن بولۇپ ،زورلۇق توقۇنۇشىنى تېزىدىن ئاخىرلاشتۇتۇش ،سىياسىي ئۆتكۈنچى دەۋرنى باشلاش كېرەك دېگەن .

روسىيە زۇڭتۇڭ ئاخپارات ئىدارىسىنىڭ سۈپەتلىشىچە ،بۇ قېتىمقى تېلىفۇندا پىكىرلىشىش <قۇرۇلۇش خارەكتىرىگە ئىگە>،ئىككى تەرەپ روسىيە ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ پۈتۈن يەر شارى مۇقىملىقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ ،ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا مەنپەئەتلىشىش ھەمكارلىقىنى تەرەقىي قىلدۇرىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە پۇتىن ئالاھىدە تىلغا ئالغىنى ،روسىيە ئامېرىكا ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر ئىگە بولغان يۇشۇن كۈچىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ سودا ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىشنى تەكلىپ قىلغان .

ئىككى تەرەپ يەنە سۈرىيە ،ئېران ،چاۋشىيەن،ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبا مۇداپىيە كۆرۈش پىلانى قاتارلىق مەسىللەردە زىچ ھەمكارلىشىشىنى پۈتۈشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博