2018-يىلى « قۇياش ئىلھامى» پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر جۈپ ئەر-ئايال قۇياش سېستىمىسىغا سەپەر قىلىدىكەن

272 2013-03-01 09:40:06   xinhuanet.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەنگىليە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مىليۇنىر بايۋەتچىسى، دۇنيا تۇنجى ھاۋا بوشلۇقىنى ساياھەت قىلغۇچى دەنىس. دىتو شۇ كۈنى " قۇياشتىكى ئىلھام " پىلانىنى باشلىغان. ھەم 2018-يىلى 1-ئايدا بىر جۈپ ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئايالنى قۇياشقا ئەچىقىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى نەپەر ئىزدەنگۈچىلەر قۇياشنى ئايلىنىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىندىغانلىقىنى جاكارلىغان.

   بۇ قېتىملىق ئۇچۇشتا، ئىككى ئادەم ئىگىزلىكى 4.3 مېتىر، كەڭلىكى 3.7 مېتىر كېلىدىغان تار ئالەم كېمىسى ئىچىدە بىر يېرىم يىل تۇرىدىكەن، ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىر توننىدىن ئارتۇق سۇسىزلاندۇرۇلغان يىمەكلىك، 28 كىلوگىرام قەغەز قاتارلىقلار ئىكەن.

   نامزاتنىڭ شەرتى چۇقۇم تەلەپكە ئۇيغۇن بۇلىشى، يەنى بالا تۇغۇپ باققان بۇلىشى كېرەك دېگەن. چۈنكى ئۇزۇن مەزگىللىك رادىئاتسىيەگە ئۇچىراشنىڭ خەتىرى پەرزەنىت قالدۇرشىغا تەسىر ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن دېگەن.

   نېمە ئۈچۈن بىر جۈپ ئەر-ئايالنى تاللايدۇ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، بۇ پىللاننى تۈزگۈچى باش تېخنىك تەيبو، توي قىلىپ بولغان بىر جۈپ بۇ ئۇزۇن ساياھەت سەپىرىدە ھېسىيات جەھەتتىن بىر بىرىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بىرەلەيدۇ. ئاستا-ئاستا يەر شارىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا بۇنداق تەسەلىيگە ئۆز-ئارا تېخىمۇ مۇھتاج بۇلىدۇ دېگەن. ئۇ يەنە تۇللۇقلاپ " بىز ئىنسانلار ۋەكىلى بولغان بىر ئەر بىر ئايالغا مۇھتاج " دېگەن.

   " قۇياشتىكى ئىلھام" پىلانىدىكى چۈشەنچىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم قاچىلانغان ئالەم كېمىسى قۇياشنى 500 كۈن ئايلىنىدىكەن، لېكىن قۇياشقا قونمايدىكەن. بۇ قېتىملىق ۋەزىپىنىڭ پۇلى 620 مىليۇن يۈەندىن بىر مىليارد 250 مىليۇن يۈەنگە چىققان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博